- توردا
 - 367 سائەت
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2012-10-2
 - تىزىملاتقان
 - 2011-5-12
 - شۆھرەت
 - 3416 
 - تىللا
 - 1080 
 - MSN
 - 273796540
 - تۆھپە
 - 1576 
 - ھوقۇقى
 - 200
 - جۇغلانما
 - 10054
 - ئالبوم
 - 0
 - بلوگ
 - 3
 - خاتىرە
 - 8
 - يازما
 - 566
 - تېما
 - 101
 - نادىر
 - 0
 - ھەمبەھر
 - 2
 - UID
 - 2277
  
 
 
 
   
- تۆھپە
 - 1576 
 - تىللا
 - 1080 
 - شۆھرەت
 - 3416 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 | 
 
تور سودىسىغا خىلى پىشىپمۇ قاپتىكەنمەن . ئەمدى بولغاندا غەلىتە بىرچاتاققا يولۇقۇپ قالدىم . بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سەينادىكى ئۇستازلارغا مۇراجىئەت قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن .ئۇستازلارنىڭ مالال كۆرمەي كارغا كەلگۈدەك تەجىربە ساۋاقلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن . 
مەن تاۋباۋدىن بىر 32 دىيۇملۇق led تېلۋىزور سىتىۋالغان ئىدىم ، مال يىتىپ كەلگەندە مال يەتكۈزۈش ئورنىغا بىرىپ ئىمزا قويماي تۇرۇپ ، پىچەتنى ئىچىپ قارىسام مال يىتىپ كىلىش جەريانىدا خىلىلا ئازار يىگەندەك بىلىندى ، شۇنىڭ بىلەن شۇ يەردىلا توكقا ئۇلاپ باقسام ھىچقانداق ئىنكاس يوق ؛ئاندىن مۇلازىمەتچى خادىمغا ئەھۋالنى ئىيتىپ مالنى كەلگەن جايىغا قايتۇرغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىدىم . ئۇلار بۇنداق توشۇش جەريانىدا بۇزۇلغان ماللارنى تاپشۇرۋالغۇچى قول قويمىسىلا قايتۇرۋېتىدىغانلىقىنى ،خاتىرجەم كىتىۋەرسەم بولدىغانلىقىنى ئىيتتى .... 
ئەمدى بولغاندا تاۋباۋنىڭ مال قايتۇرۇش رايۇنىدا ساتقۇچى تەرەپ بىلەن دەتالاشتا قالدىم . ساتقۇچى تەرەپ دەيدۇ : مال قولۇمغا قايتىپ كەلگەن ھامان مەن پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بىرىمەن ،خاتىرجەم بول ، تېلۋىزور يۆتكەش جەريانىدا بۇزۇلغان بولسا ئۇنىڭغا مال قايتۇرۇش توشۇش ھەققى بەرمەيمىز .  پات ئارىدا ئۇلار مالنى قايتۇرۋېتىدۇ ..... -دەيدۇ . 
مەن پۇلنى ئىلىشقا ئالدىراپ مال توشۇش ئورنىغا بارسام ئۇلار :- مەيلى كىم بولسا بىر تەرەپ كىرا چىقارسا ئاندىن مالنى قايتۇردىغانلىقىنى ئىيتتى . 
مەن :- ئۇنداقتا بۇ مال كىلىش جەريانىدا بۇزۇلۇپتۇ ، بۇ مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ ، سىلەردىن مال سالغۇزسا بىخەتەر كەلمەيدىكەن . مەن ئەرز قىلىمەن .- دەپ ئىشخانىنى بىشىمغا كىيىپمۇ باقتىم . ئۇلار بولسا قەشقەر باش شىركەتتىن بۇ مالنى قايتۇرۇش بۇيرۇقى كەلمىسە مۇشۇ يەردە تۇرىۋېردىغانلىقىنى قايتا-قايتا چۈشەندۈردى .  
ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ ئاخىرىدا زىياننى مەن تارتتىم . مال ساتقۇچى ئۆز گىپىنى يورغىلتىپ مىنىڭ مال قايتۇرۇش تەلىپىمنى رەت قىلىپ كىلىۋاتىدۇ ،مەنمۇ توختىماي مال قايتۇرۇش كونۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇۋاتىمەن . بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بىرىپ قايتىش كىراسىنى بىرىپلا قۇتۇلاي دىسەم ئاز ئەمەس 150يۈئەن ئالىدىكەن. كارىم بولماي دىسەم 1500يۈئەننىڭ ئىشى ... ئەجەپ بىشىم قاتتى . 
ئۇستازلارنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jesur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 23:53   
 
 |   
 
  
 |