ۋولقان تور بېكىتىمىزنىڭ نامى2012-يىلى9-ئاينىڭ8-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ «ۋولقان» دىن «شەربەت» كە ئالماشتۇرۇلدى!
مەڭگۈلۈك ئادرىسىمىز:
Www.Xarbat.com ، Xarbat.com
ھازىرچە موشۇ تور نامىنى بوشلۇققا ئۇلىدۇق، بىر مەزگىلدىن كېيىن www.xarbat.net ۋە www.xarbat.biz قاتارلىق يانداشما ئىككى تور نامىنىمۇ بوشلۇققا ئۇلاپ نورمال زىيارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
بېكىتمىزنىڭ شەربەت نامىدا مەخسۇس كەسىپ ئېگىسى بېكىتىمىزدىكى avam0507 يەنى سەرقۇت تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاۋام ئەپەندى ياساپ تەييارلىغان بېكىتىمىزنىڭ ماركا رەسىمىمىز:
ئۇسلۇپ ئۆزگەرتسەك ئۇسلۇپقا ئاساسەن ماسلاشتۇرۇپ تەڭشىلىدۇ.
بېكەت لوگو:
ھەمكارداش بېكەت مەسئۇللىرىنىڭ بېكەت تۇغىمىزنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ قويۇشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمىز{:1_109:}
2011-يىلى2-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ئىشلىتىشكە باشلىغان ۋولقان نامىدىكى www.wolqan.com ، www.wolqan.cn ، www.wolqan.net قاتارلىق ئادرىسلارمۇ بوشلۇققا ئۇلاقلىق ھالەتتە بولۇپ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تور ناملىرىدىن خالىغان بىرىنى بېسىپ كىرسىڭىز قايسىسىلا بولسا ھەممىسى بىۋاستە www.xarbat.com غا ئۇلىنىپ ئېچىلىدىغان قىلىپ تەڭشەلدى.
www.wolqan.com ئادرىسىنى مەزكۇر بېكەتنى مىسقالچىلىك ئېچىش ئىمكانىيىتىمىز بولسىلا www.xarbat.com بىلەن بىرلىكتە بوشلۇققا ئۇلاپ ئىشلىتىمىز، كونا يېڭى قايسىسىنىلا بېسىپ كىرمەڭ بېكىتىمىزگە ھەرۋاقىت نورمال كىرىپ زىيارەت قىلالايسىز .www.wolqan.com بېكىتىمىزنىڭ ئۇلى، بېكىتىمىزدىكى قەدىناس ئەزالىرىمىزغا يادا بولۇپ كەتكەن نام ئەمەسمۇ.ئەمما www.wolqan.cn ۋە www.wolqan.net ئىككى تور نامىنى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ پەيدىنپەي ئەمەلدىن قالدۇرىمىز، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋاقتى ئەڭ بۇرۇن بولغاندىمۇ 2013-يىلى1-ئايدىن بۇرۇن بولمايدۇ.
بېكىتىمىزدىكى بارلىق ئولۇغ ئۇششاق، چوڭ كىچىك تورداشلارنىڭ ئۆزئارا بىر بىرىگە خەۋەر يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن بېكىتىمىزنى www.xarbat.com ۋە xarbat.com تور ئادرىسى ئارقىلىق زىيارەت قىلىشىنى ئۇقتۇرىمىز.
ۋولقانغا كۆنۈپ قالغان كۆپلىگەن تورداشلىرىمىز يېڭى نام ۋە يېڭى تور ئادرىسىغا كۆنۈپ بولالماي بىر مەزگىل ئارىسالدا بولۇپ قېلىشى، بېكىتىمىزنىڭ زىيارەت مىقدارى بىر مەزگىل چۈشۈپ كېتىشى مۈمكىن،ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ئەھۋال. شەربەت تور بېكىتىمىز شەربەت كەبى بىلىمگە ھېرىسمەن تورداشلىرىمىزغا بىلىمدىن شەربەت بېرىش، ئۈگىنىش ۋە ئۈگىتىشكە يىتەكلەشتىن ئىبارەت مەۋقەنى چۆرىدەپ ھەرۋاقىت تورداشلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.شۇڭا تورداشلارنىڭ بىزگە داۋاملىق ئىشەنسە تور بېكىتىمىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ چامى يەتكەن دائىرىدە كۈچ چىقىرىشىنى سورايمىز،رەھمەت سىلەرگە!
ئەگەر بۇرۇنقى تور نامىغا كۆنۈپ قالغان بولسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق، www.wolqan.comنى بېسىپ كىرسىڭىزمۇ ئوخشاشلا شەربەتكە كىرەلەيسىز.
باشتىن ئاخىر شوئارىمىز شۇكى:ئۈمۈدىمىز بىلىمگە چاڭقىغان قەلىبلەرگە شېرىن-شەربەت بولۇش!
بېكىتىمىزنىڭ تور نامى ئالماشتۇرۇش سەۋەبى ۋە جەريانلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى يازمىلار نەزەرىڭىزدە بولسۇن:
بېكىتىمىزنىڭ نامىنى ئالماشتۇرۇشقا قانداق قارايسىز؟
بېكىتىمىزگە تور نامى تەۋسىيە قىلىڭ!
بېكىتىمىزنىڭ يېڭى تور نامىغا بېلەت تاشلاڭ
بېكىتىمىزنىڭ نامىنى ئاخىرقى قېتىم مۇقىملاڭ
ھۆرمەت بىلەن:
شەربەت بىلىم مائارىپ تورى
2012-يىلى9-ئاينىڭ8-كۈنى |