- توردا
- 14 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-2
- تىزىملاتقان
- 2012-8-18
- شۆھرەت
- 300
- تىللا
- 171
- تۆھپە
- 260
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 1126
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 95
- تېما
- 20
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 4969
- تۆھپە
- 260
- تىللا
- 171
- شۆھرەت
- 300
|
بىر تورداش مۇنداق يېزىپتۇ
ئۈندىدار سەن بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدىڭ
جەمىئەتنىڭ ئەگىشىشىگە ئەگىشىپ بىزدىكى پاراڭلىشى قۇراللىرى بەك ئېسىللىشىپ كېتىۋاتىدۇ .تىپىك مىسالى بولغان (ئۈندىدار) يەنى ۋېيشىن.
ۋېيشىن قۇرالى توردا تارقىلىپ تا ھاززىرغىچە نۇرغۇن خەۋەرلەرنى كۆرىۋاتىمىز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلاۋاتىمىز . شۇ ۋەجىدىن شۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ئۈندىدار سەن بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدىڭ
مۇنبەردىكىلەردىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ مېنىڭ .
1-ئۇندىدارنى ئىشلىتىپ ئالغان نەپلىرىڭىزنى دەپ بېرەلەمسىز ؟
2-مۇنبەردە توي قىلمىغان قىز يىگىتلەر خېلى بار ئۇنداقتا بەردەم يىگىتلىرىمىز ئۆزىڭىز سۆيگەن چىن يۈرىگىڭىزدىن ياخشى كۆرگەن مۇھەببىتىڭىزنى مۇشۇ ئۇندىدار تۈپەيلى دىلىنى رەنجىتكەن يەرلىڭىز بارمۇ يوق ؟ كەلگۈسى مىللىتىمىزنىڭ ئانىلىرى بولغان چىرايلىق قىزلىرىمىز مۇشۇ ئۈندىدار تۈپەيلى سىز ئۈچۈن يۈرۈگى دۈپۈلدەپ سوقىۋاتقان شۇ ئاقكۆڭۈل يىگىتىڭىزگە بىرەر قېتىم يۈزسىزلىك قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟ چۈنكى ئۈندىدار ئوينىغان ئادەم مەلۇم مەقسەتتە ئوينايدۇ ئەمەسمۇ ؟
3- توي قىلىپ بولغان ئاكا ھەدىلەر . سىلەرچۇ مۇشۇ ئۈندىدار تۈپەيلى ئىللىق ئائىلەڭلەرگە سوغاقچىلىق چۈشۈپ قالغان يەرلىرى بارمۇ ...؟
مېنىڭ شەخسەن پىكىرىمنىمۇ ئاڭلاپ قويۇڭلار ئەزىزلەر :
بۇ ئۈندىدار ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىقلار بەك كۆپ بەلكىم مەن بۇنى توغرا يولدا ئىشلەتەلمىگەندىمەن ياكى ئىشلىتەلىگەندىمەن ..مۇشۇ تۈپەيلى قانچە تېلفۇننى چېقىۋەتكىنىمنى ئۆزەم ھەم مۇھەببىتىمدىن باشقا ئادەم بىلمەيدۇ ..نۇرغۇن سوغوقچىلىقلار ھەم ئۇقۇشماسلىقلار ئۈزۈلمىدى ..كېيىن بىز مەسلىھەتلەشتۇق ،ئورتاقلاشتۇق ..بۇندىن كېيىن ئوينىمايدىغان بولدۇق .كېيىنچۇ ئەلۋەتتە بىزنىڭ خوشال كۈنلىرىمىز قايتىدىن باشلاندى ..ئەلۋەتتە تويلىشىدىغانغا پۈتۈشۈپ بولغان لايىقىم تۇرسا ئۇنى باشقۇرمىسام بولامدۇ ؟ ئۇ ماڭا كۆيۈنمىسە بولامدۇ ؟
ئاڭلىدىم ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ھەم ئاڭلاپلاۋاتىمىز ..مەكتەپتە چاغلاردا مەيلى قىزلىرىمىز بولسۇن مەيلى يىگىتلىرىمىز بولسۇن كۈنىگە دېمىسەكمۇ ھەپتىسىگە يەڭگۈشلەپ تۇردى . سورىدىم مەن : ئاۋۇ كۈنى ئارىلىشىۋاتقان مۇھەببىتىڭچۇ ؟ دېدىكى :ئايرىلىپ كەتتىم ۋا ماس كەلمەيدىكەنمىز .مەن يەنە سورىدىم : بىلمەيتتىڭمۇ بۇرۇن ئۇنىڭ مىجەزىنى ئۇ دېدىكى ؛نەدە يۈرۈپ بىلىمەن مەن مۇشۇ ئۈندىدار ئارقىلىق تونۇشۇپ قاپتىمەن كېچە كېچىلەپ پاراڭلىشىپ يۈرۈپ تېپىشىپ قالغان ئىدۇق كېيىن بالىلاردىن ئاڭلىسام يۇرتىدا پۈتۈشۈپ قويغان لايىقى باركەن . مانا شۇنچىلىك غاپىللققا يۈزلىنىپ كەتتۇقما بىز ؟ شۇنچىلىك سۇيۇقلىشىپ كەتتۇقما بىز ؟ بىز ئەسلى ئۇنداق ئەمەس ئىدۇق بىزدىكى مۇھەببەت قارشى ئۇنچىلىك تۆۋەن ئەمەس ئىدى ..چىن مۇھەببەتنى دەپ قان تۆككەن ئەمەسمىدۇق ؟ جەمىئەتنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ بىز بۇزۇلىۋاتىمىز .ئەڭ ئاددى مىسالى ئۇندىدار .قانچىلىك بەردەم ئوغۇللىرىمىز ئۈندىدارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قەيەرلەردە بېلىق تۇتىدىغانغا تور تاشلاۋاتىدۇ ؟ قانچىلىك مېھرىبان قىزلىرىمىز يەم ئىزدەپ يۈرۈيدىغاندۇ ؟ بىر ئەسكەرتىشىم ..قىزلىرىمىز ئوغۇللارنى كۈنلەڭلەر ،ئوغۇللىرىمىز قىزلىرىمىز نى كۈنلەڭلار(لايىقىدا تەربىۋى ئاساستا ئەلۋەتتە).
بىچارە ئۈندىدار ھەممە گۈناھنى ساڭا يۈكلەپ قويدۇم مېنى كەچۇر .چۈنكى سەن تىللاشقا سازاۋەر ئىدىڭ نېمىشقا دەپ مەندىن سوراۋاتامسەن؟ چۈنكى سەن ئوتتۇرىدا دەللالىق قىلىۋاتىسەن ..ئوغۇللىرىمىزنى بوشاشتۇرۇپ قويىۋاتىسەن ،ۋىجدانىنى يوقۇتۇشقا پۈرسەت ھازىرلاپ بېرىۋاتىسەن . قىزلىرىمىزنى تۈگەشتۈرۈپ قويىۋاتىسەن ..چۈنكى سەن ئۇلارنى تونۇشتۇرمىساڭ تونۇشمايتتى .ئەسلا تونۇشمايتتى شۇ ۋەجىدىن قىزلىرىمىز ئىپپىتىنى يوقۇتۇشقا مۇيەسسەر بولىۋاتىدۇ .قىلىدىغاننى ئۆزى قىلىپ بوپ تەغدىرىم مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ قويىدىكەن خۇددى سەن ئۇلارنىڭ تەغدىرىدەك .ئاناڭنىڭ قوڭڭىغا تەغدىرى سەن بولامسەن ؟ ئۇلارنىڭ تەغدىرى ئۆزىنىڭ قولىدا تۇرسا .بىزنىڭ خۇدايىمىز بىزگە (يارىتىش مېنىڭدىن قانداق ياشا ئۆزەڭدىن) دەپ بولغان تۇرسا .سەن ئوتتۇرىدا دەللالچىلىق رولىنى ئويناپ قالدىڭ شۇڭا مەن تىللايمەن سېنى . قارغايمەن سېنى سېنى ئىجاد قىلغان ئادەمنى كۆرسەم ئۇرىمەن تېخى .
سېنى تىللاۋەرسەم ھەممە گۇناھنى ئۆزەڭگە ئەۋالما سېنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن رولىڭمۇ با ..
1-تېلفۇن ھەققى تېجىلىپ قالدى
2-ئۇرۇق تۇغقان دوست بۇرادەرلەر ئوتتۇرىسىدا ئىزدىشپ ئۆتىشىمىزگە رول ئويناۋاتىسەن ،
3- سەن قولايلىق ئېلىپ كېلىۋاتىسەن .مەسىلەن نىيۇسكىن،ئەمىۋاي دېگەندەك سودا قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمغا بەك بەك قولايلىقلار ئېلىپ كەلدىڭ رەھمەت ساڭا .
ئەڭ ئاخىرىدا سېنىڭ زىيىنى يوق پايدىسى بار بىر قورالغا ئايلىنىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن
كەڭ تورداشلىرىمنىڭمۇ سېنى توغرا يولدا ئىشلىتىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن . |
|