ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 161|ئىنكاس: 4

مېۋىلىك دەرەخلەردىكى چىرىش كېسىلىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1315
تىللا
1278
شۆھرەت
1981
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 09:54:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇرسەن: باغۋەنچىلىكتە زۆرۈرىي بىلىم (1-7) گىچە يوللىنىپ توختاپ قاپتۇ، تۆۋەندە مەن بىرنى تەۋسىيە قىلاي


مىۋىلىك دەرەخلەردىكى چىرىش كىسىلىنىڭ ئۇنىۋىرسال ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى  
ئاپتور:  hiyalqi

چىرىش كىسىلى يەنە قوۋزاق چىرىش كىسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، رايۇنىمىزغا كەڭ تارقالغان بۇلۇپ ، ياڭاق نەشپۈتكە زىيان سېلىشتىن تاشقىرى يەنە ئالما ، شاپتۇل ، ئۈرۈك قاتارلىق مىۋىلىك دەرەخلەرگە زىيان سالىدۇ .

Iكىسەللىك ھالىتى

چىرىش كىسەللىگىنىڭ كىسەللىك ھالىتى نەم چىرىش تىپلىق ۋە قورغاق چىرىش تىپلىق دەپ ئىككى خىل بۇلىدۇ .

1.نەم چىرىش تىپلىق

بۇ يەنە يارا تىپلىق چىرىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، كۆپىنچە 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە پەيدا بۇلىدۇ ،5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىلىدۇ ، باش ئەتىيازدا كىسەللىك شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىلىدە كىسەللىك داغلىرى تۇتۇق قۇڭۇر ( قارامتۇل ) رەڭلىك ھۆلسىمان ھالەتتىكى چوڭ داغ بۇلۇپ ، كىسەللىك ئورنى ئازراق ئىششىغان ھالەتتە بۇلىدۇ، بارمىقىمىز بىلەن باسساق قىزغۇچ قارامتۇل ( قىزغۇچ جىگەررەڭ )شىرنىسىمان سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ ، ئۇنىڭ تاتلىق تەمى ياكى ھاراق تەمى بۇلىدۇ، كىسەللەنگەن قوۋزاق  تۇقۇلمىلىرى  چىرىپ ، قوۋزاق قەۋىتى نابۇت بۇلىدۇ .

2. قورغاق چىرىش تىپلىق  

بۇ يەنە شاخ قۇرۇش تىپلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، 7-ئاينىڭ باشلىرىدا پەيدا بۇلىدۇ ، تېمپۇراتۇرىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ ، كىسەللىك داغ تۇقۇلمىلىرىدىكى سۇ مىقدارى تىز سۈرئەتتە پارغا ئايلىنىدۇ ، تۇشۇغۇچى تۇقۇلمىلار نابۇت بولغانلىقى سەۋەپتىن ، سۇ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش توختاپ قېلىپ ، كىسەللىك داغلىرى قۇرۇپ قاغجىراپ كىتىدۇ ، سۇسىزلانغان دائىرە كېڭەيگەنسىرى ،  كىسەللىك داغلىرى تەدرىجى يامراپ ، تىز سۈرئەتتە پۈتكۈل شاخنىڭ قۇرۇپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

II پەيدا بۇلۇش شارائىتى

كىسەللىك مىكروبى ( پاتوگىن ) كىسەللەنگەن تۇقۇلمىلاردا قىشنى ئۆتكۈزىدۇ ، باش ئەتىيازدا دەرەخ سۇيۇقلۇقلىرى ھەرىكەتلەنگەن چاغدا كىسەللىك مىكروپلىرى ھەرىكەتلىنىشكە ۋە يۇقۇشقا  باشلايدۇ ،بىراق كىسەللىك مىكروبلىرى بىر خىل ئاجىز پارازىت مىكروبى بولغاچقا ، بىۋاستە پارازىت ئىگىسى تىنىگە ( يەنى مۇشۇ دەرەخ تىنىگە ) يۇقۇپ كىرەلمەيدۇ ، پەقەت سوغۇقتىن زەخمىلەنگەن ، كىسەل ھاشارەتلەردىن زەخمىلەنگەن ، چاتاشتىن زەخمىلەنگەن يارا ئېغىزلىرى ئارقىلىق يۇقىدۇ . رايۇنىمىزدا تۆۋەن تىمپۇراتۇرىدا سوغۇقتىن زەخمىلىنىش چىرىش كىسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەپ بۇلۇپ ، كۆپىنچە مەركىزى غول ۋە ئاساسى شاخلاردا پەيدا بۇلىدۇ ، ( كىچىك شاخ ) يان شاخلاردا بىر قەدەر ئاز پەيدا بۇلىدۇ ، ئاساسى شاخ ۋە غوللارنىڭ كۈنگەي تەرىپىدە بىر قەدەر كۆپ كىسەللىك بۇلىدۇ ، تەسكەي تەرىپىدە بىر قەدەر ئاز پەيدا بۇلىدۇ ، غولنىڭ شاخ ئايرىيدىغان قىسمىدا ئاسان كىسەللىك پەيدا بۇلىدۇ ، ئەتىياز پەسلىدە 3-ئايدىن 5-ئايغىچە كىسەللىك ئەڭ كۆپ يۈز بىرىدۇ ، ئۇنىڭدىن قالسا 6-7 ئايلاردا كۆپ پەيدا بۇلىدۇ ، 9-ئاينىڭ ئاخىرلىدا بۇ كىسەللىك ھەرىكەتتىن توختايدۇ .شۇڭلاشقا قىش پەسلى سوغۇق زىيىنىدىن مۇداپىئە كۈرۈش ئەڭ مۇھىم تەدبىر . ئۇندىن باشقا چىرىش كىسەللىگىنىڭ ئېغىر يىنىكلىگى باشقۇرۇش پەرۋىش تەدبىرلىرى بىلەنمۇ  زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ ، ئەگەر چاتاش زىيادە ئېغىر بولسا ، ئۇغۇتلاش يىتەرلىك بولمىسا ، تۇپراق بەك سېغىز بولسا ، سۇ چىقىرىش ياخشى بولمىسا ، دەرەخ قۇۋۋىتى ئاجىز بولسا ، تۆۋەن تىمپۇراتۇرا ، يۇقىرى نەملىك ، يۇقىرى تىمپۇراتۇرا ، يەر ئاستى سۇ ئۇرنىنىڭ يۇقىرى بۇلۇشى ، نامۇۋاپىق سۇغۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چىرىش كىسەللىگىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

III ئالدىنى ئېلىش داۋالاش تەدبىرلىرى

چىرىش كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا سۇ ئۇغۇت باشقۇرۇشىنى كۆچەيتىش ، دەرەخ قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش ، يۈكنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ، مىۋىلىك دەرەخلەرنى شەكىلگە كەلتۈرۈشتە چاتاشنى ئاساس قىلىش ، ھەرگىزمۇ شاخ كىرىش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق ، كىسەللىك مىكروبلرى بار باغلارغا نىسبەتەن قوغداش خاراكتىرلىك مىكروپ ئۆلتۈرگۈچى پۈركۈش ، كىسەللىك داغلرىنى بايقىغان ھامان ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش ، داۋالاشنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بۇلۇشنى ، كىچىك ۋاقتىدىلا داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك .

(Ⅰ )فىزىكىلىق  مىخانىكىلىق ئالدىنى ئېلىش

قوۋزاقتىكى كىسەللىك داغلىرىنى قىرىپ چىقىرىۋېتىش

1. يىنىك دەرىجىدە قىرىش : قوۋزاقنى قىرغان چاغدا ينىك دەرىجىدە قىرىش ئارقىلىق شەكىللىنىش قەۋىتى ئىچىدىكى بىرىكتۈرگۈچى تۇقۇلمىلارنىڭ زەخمىلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك ، بۇ خىل ئۇسۇلدا دەرەخ تىنىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى تىز بۇلىدۇ.

2.ئېغىر دەرىجىدە قىرىش : پۈتكۈل قوۋزاق قەۋىتى زىيانغا ئۇچرىغان چاغدا بارلىق كىسەل داغلرىنى قىرىپ چىقىرىۋېتىش ، ھەمدە ياغاچلىق قىسمى ئۈستىدىكى چىرىگەن ئۇرۇننى يىنىك قىرىش كېرەك ، قىرغان چاغدا چۇقۇم كىسەللىك داغلرىنىڭ تۆت ئەتراپىنى تۇلۇق ئېلىۋېتىش ، قوۋزاقنى 0.5~1 سانتىمىتىرغىچە ئېلىش كېرەك ، يانتۇ كىسىش كېرەك .

3. چىرىش كىسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىمكانقەدەر چوڭ دائىرلىك ، چۇڭقۇر قوۋزاق قىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك ، ئەگەر يارا ئېغىزى بەك چوڭ ، ھەم بەك كۆپ بۇلۇپ كىتىپ ،  ياخشى دىزىنفىكسىيە قىلىنمىسا تېخىمۇ چوڭ تارقىلىش ۋە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

(Ⅱ) دېھقانچىلىق تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش

1. پەرۋىشنى كۈچەيتىش ، باغ ئىچىدە سۇ توختاپ قالماسلىققا دىققەت قىلىش ، ئورگانىك ئۇغۇت ۋە كالىي فوسفۇرلۇق ئۇغۇت لار بىلەن ئۇغۇتلاشنى كۈچەيتىپ دەرەخ قۇۋۋىتىنى ياخشىلاش ، مۇۋاپىق چاتاش .

2.ئەتىيازلىق ( قىشلىق ) چاتاش  بىلەن بىرلەشتۈرۈپ دەرەخ غۇلىنى ئاقارتىپ  ، قۇياش نۇرىنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلىنىش ، ھاشارەت زىيىنى جاراھەت ئېغىزلىرىنى ئازايتىش ئارقىلىق  كىسەللىك مىكروپلىرىنىڭ دەسلەپكى يۇقۇپ كىرىش يۇلىنى  تىزگىنلەش .

3. باغ بەرپا قىلغاندا تۇپرىقى مۇنبەت ، تۇپراق سۈپىتى قۇمساڭغۇ ئەت بولغان ، يەر ئاستى سۈيى ئورنى تۆۋەن بولغان ئۇرۇننى تاللاش كېرەك .

4.ئۇلاش ئورنىنى يۇقىرى كۆتىرىش كېرەك ، ئۇلاش ئورنى بەك تۆۋەن بولغاندا ئۈششۈشى ئېغىر بۇلىدۇ ، ( ئۇلاش ئورنى بەك يۇقىرى بۇلۇپ كەتسە قەۋەتلەرگە بۈلۈپ چاتاپ باشقۇرۇشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ ، شۇڭا تۆۋەن ئۇرۇندىن ئۇلىغاندا ئۇلىغان كۆچەتلەرنى كۈمۈپ قىشتىن چىقارساق بۇلىدۇ ، بۇلۇپمۇ ياڭاق كۈچىتى ) ، شالاڭ ئۆتكۈزۈشچان تىپلىق مۇداپىئە ئورمان بەلبېغى بەرپا قىلىش ، مۇۋاپىق سۇغۇرۇش ( تېيىز سۇغىرىش ، سۇنى توختىتىپ قويماسلىق ) .

5. چىرىش كىسىلى يامغۇر سۈيى ئارقىلىق تارقىلىدۇ ، 3 يىلدىن يۇقىرى دەرەخلەرگە  سۇ ئۆتكۈزمەس قىر سېلىش ئارقىلىق كىسەللىك مىكروپلىرىنىڭ سۇغارغان چاغدا يۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ .دەل –دەرەخلەر ئۆچەككە كىرىشتىن ئىلگىرى دەرەخ غۇلى ئۆستىدىكى كونا قوۋزاقلارنى قىرىپ بىر يەرگە يىغىپ توپلاپ كۆيدۈرىۋېتىش كېرەك .

Ⅲ خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش

1. چاتاش ئېغىزىنى ۋە قوۋزاق قىرغاندىكى يارا ئېغىزىنى دىزىنفىكسىيە قىلىپ ئاسراشقا دىققەت قىلىش ، قوۋزاق قىرغاندىن كىيىن 5-10 باۋمىي گىرادۇسلۇق ھاك-گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنى سۈرتۈپ ،سۇلياۋ بىلەن تېڭىش كېرەك .

2.سوغوقتا ئۈششۈگەن ئۇرۇننىڭ سىرتىغا 农歇   نىڭ 100-200ھەسسە سۇيۇقلۇقىنى بىۋاستە سۈرتۈش كېرەك ، قوۋزاق قىرمىسىمۇ بۇلىدۇ .

3.چىرىش كىسىلىنىڭ كىسەللىك دېغىنى ياغاچلىق قىسمىغىچە يەتكۈزۈپ قىرغاندىن كىيىن ئاۋال 菌毒清  نى سۈرۈش ، ئارقىدىن 843康复剂 نىڭ ئەسلى ئىرىتمىسىنى سۈرۈش ، ئارقىدىن سۇلياۋ بىلەن تېڭىش كېرەك ، بۇخىل ئۇسۇلنىڭ  كىسەللىك ئورنىنىڭ بىرىكىشى تىز ، قايتا قوزغالماسلىقتەك ئالاھىدىلىكلىرى بار .

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
528
تىللا
619
شۆھرەت
774

تۆھپە ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 11:24:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  سىزگە  مۇشۇنىڭغان  ئوخشاش  ئەمەلىي بلىملەنى  كۆپرەك  يوللىشىڭىزنى  ئۈمىد  قىلىمەن

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
346
تىللا
238
شۆھرەت
453
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 14:30:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى قوشۇپ قوياي

ئالمىنىڭ چىرىش كىسىلى ( يارا تىپلىق )  ) 1-رەسىم )

قورغاق چىرىش تىپلىق  (2-رەسىم )



قورغاق چىرىش تىپلىق ئاساسلىقى مەركىزىي غولدا كۈرۈلىدۇ  ( 3-رەسىم )



قورغاق چىرىش تىپلىقئاساسلىقى مەركىزىي غول ، ئاساسى شاخلاردا كۈرۈلىدۇ .(4-رەسىم )






نەشپۈت غۇلىدىكى چىرىش كىسلى ۋىروسلىرىنىڭ پارازىت كۈچى بىر قەدەر ئاجىز ئادەتتىكىچە بۇلدۇ ( 5-رەسىم )

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
346
تىللا
238
شۆھرەت
453
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 14:32:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارا كىسەللىك ۋىروسلىرىنىڭ تۈرلىرى
 pathogens causing canke
ئۈسۈملۈك تىنىدىكى قىسمەن قىسمەن تۇقۇلمىلارنىڭ چىرىشىنى ، نابۇت بۇلۇشىنى شۇنداقلا ئىدىق قەۋىتىنىڭ ئۈسۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كىسەللىك ۋىروسلىرى ( باكتىرىيىلىرى ) . ئۈسۈملۈكلەرنىڭ چىرىش كىسىلى ئادەتتە غولدىكى قوۋزاقلاردا پەيدا بۇلىدۇ ، مىۋە ۋە شاخ ئۇچىلىرىدىمۇ پەيدا بۇلىدۇ .
چىرىش كىسەللىگى ۋىروسلىرىنىڭ كۆپىنچىىسى پارازىت ياشاش كۈچى ئاجىز بولغان ھەقىقى ۋىروسلاردۇر ، دائىم كۈرۈلىدىغانلىرىدىن نىكتىرىيە ئۇرۇقدىشىدىكى ئۇچۇق قىزىل رەڭلىك نىكتىرىيە باكتىرىيىسى قاتارلىق تۈرلىرى بار . بۇ ۋىروسلار كۆپ خىل كەڭ يۇپۇرماقلىق دەرەخلەر ياكى چاتقاللارنىڭ غول ۋە شاخ قوۋزاقلىرىدىكى كىسەللىك مەنبەسىدۇر . ئۈسۈش مەزگىلىدە كىسەللەنگەن ئۇرۇندا ئاچ قىزىل رەڭلىك بۈلۈنگۈچى سىپورا تۈۋىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ ، كۈز پەسلىدە سىپورا تۈۋىدە قېنىق قىزىل رەڭلىك سىپورا خالتا قاپچۇقى پەيدا بۇلىدۇ . كىسەللىك ۋىروسلىرى ئۇرۇقلۇق تىنى ياكى ئۇزۇقلانغان زەمبۇرغ يىپچىسى ھالەتتە كىسەللەنگەن تۇقۇلمىلاردا قىشتىن ئۈتىدۇ ، ئىككىنچى يىلى ئەتىياز پەسلىدە سپورا ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ ھەمدە شامال ، يامغۇر ،ھاشارەت قاتارلىقلار ئارقىلىق پارازىت ئىگىسى ( دەرەخنىڭ ) يارا ئېغىزى، ھەرىدەلگەن ئۇرۇنغا يۇقىدۇ ، بۇ ئارقىلىق قايتا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . نىكتىرىيە ۋىروسلىرى ئالما ۋە باشقا دەرەخ غولىنىڭ چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ ، ئۇ جىنسسىز جەريان ئارقىلىق ئورغاقسىمان زەمبۇرغ تىپلىق بۈلۈنگۈچى سپورىلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ . مۇشۇ ئۇرۇقداشنىڭ يېرىم ئېنىق تىپلىق زەمبۇرغ كەنجى تىپى ، ئورگان سىپورىلىقلار ئەترىتىدىكى تىرەك يارا قاپلىق سپورىسى قاتارلىقلارمۇ تىرەك دەرىخىنىڭ غول چىرىش كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ .
چىرىش كىسەللىگى ۋىروسلىرى ئۈسۈملۈككە يۇققاندىن كىيىن ، كۆپىنچە يارا كىسەللىگىنىڭ ھالىتىنى دەرھال ئىپادىلىمەستىن يۇشۇرۇن ھالەتتە يۇقىدۇ .دەرەخ سۇسىزلانغاندا ياكى ئۈسۈشى ئاجىزلىغان چاغدا ، ئاندىن چىرىش كىسەللىگى داغلىرىنى پەيدا قىلىدۇ ، داۋالاش ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلمىغان شارائىت ئاستىدا ، يارا يىلمۇ – يىل كىڭىيىدۇ ، ھەتتا غول شاخلارنىڭ ئۈزۈلۈشى ياكى ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ۋىروس ( باكتىرىيە ) خاراكتىرلىك چىرىش كىسىلى ئاساسەن ئاپېلسىن چىرىش كىسىلى كىسەللىگى ۋىروسىدا بۇلىدۇ ، گرام مەنفى بۇيىلىدىغان، ھاۋاپەرەس قىسقا تاياقچە باكتىرىيسى ، يەككە قامچا تۈكتە ئۈسىدۇ ، كاپسۇلا ( قاپچۇق پەردىسى ) بۇلىدۇ ، بىخ سپورىسى بولمايدۇ ، ھەرىكەتلىنىدىغان تىمپۇراتۇرىسى 20ـ 30 سىلسىيە گىرادۇسقىچە بۇلىدۇ ، كىسەللەنگەن يۇپۇرماق تۇقۇلمىلىرى ئىچىدە بىر نەچچە ئاي ياشىيالايدۇ ، قۇياش نۇرىدا ئاشكارىلىنىدۇ ، ھەمدە ئىككى سائەتتە ھاياتىي كۈچىنى يۇقىتىدۇ .دەسلەپتە باكتىرىيە ئېلىپ يۈرىيدىغان تۇقۇلمىلارغا يۇقىدۇ ، ئادەتتە يۇمران تۇقۇلمىلارنىڭ يارا ئېغىزى ياكى ھاۋا تۈشۈكچىلىرى ئارقىلىق ئاپېلسىننىڭ غول ، شاخ ، مىۋە ۋە يۇپۇرماقلىرىغا يۇقىدۇ ، 4-6 كۈنگىچە بولغان ۋاقىتتا چىرىش كىسەللىگى ھالىتى كۈرۈلىدۇ ، كىسەللەنگەن تۇقۇلمىلاردىن ئاققان سۇيۇقلۇقلار شامال ، يامغۇر ، ھاشارات ۋە باشقا تىگىشىش ئارقىلىق قايتا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئۇندىن باشقا مىجىئان تاياقچە باكتىرىيىسى پەمىدۇرنىڭ چىرىش كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
كارانتىن قىلىشقا دىققەت قىلىش ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ، يارىلىنىشتىن ساقلىنىش ، يارا ئېغىزىنىڭ بىرىكىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، دۇرا بىلەن داۋالاش ھەمدە بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار چىرىش كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى دائىملىق ئۇسۇلدۇر .

شەكىللىنىش قەۋىتى
خەنزۇچە نامى : 形成层
ئىنگىلىزچە  نامى :  cambium
باشقا نامى : تالا تۇمۇرلۇق شەكىللىنىش قەۋىتى  (vascular cambium)
ئېنىقلىمىسى : ئەۋرىشىم قىسىم ( پوست قىسىم ) بىلەن ياغاچلىق قىسمى ئوتتۇرىسىدىكى يان بۈلۈنگۈچى تۇقۇلمىلىرى
ئىشلىتىلىدىغان پەنلەر : ماتىرىيال ئىلمىي تېخنىكىسى ( بىرلەمچى پەن ) ، تەبىئىي ماتىرىياللار ( ئىككىلەمچى  پەن ) ، ياغاچ ماتىرىياللىرى ( ئۈچلەمچى پەن ) ، ئۇمۇمىي بايان ( تۆتلەمچى بەن ):
مۇندەرىجە
ئىدىق شەكىللىنىش قەۋىتى ( 木栓形成层 )
   


شەكىللىنىش قەۋىتى
cambium   
كۆپلۈك شەكلى  cambiumsياكى cambia  .
تالا تۇمۇرلۇق شەكىللىنىش قەۋىتى (维管形成层) ۋە  ئىدىق شەكىللىنىش قەۋىتى (木栓形成层)دەپ بۈلۈنىدۇ .ئادەتتە يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر ۋە قوش پەللىلىك ئۇسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز ۋە غۇلىدا بۇلىدۇ ، ياغاچلىق قىسمى بىلەن پوست قىسمى ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل بۈلۈنگۈچى تۇقۇلمىلاردىن ئىبارەت . شەكىللىنىش قەۋىتى ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۈلۈنىشى ئارقىلىق ، توختىماستىن يېڭى ياغاچلىق قىسىم ۋە پوست قىسىم چىكىلىگى ( ئەۋرىشىم قىسىم )  پەيدا بۇلىدۇ ، بۇ ئارقىلىق يىلتىز ۋە غوللار توختىماستىن توملايدۇ ، شەكىللىنىش قەۋىتى ھۈجەيرىلىرى  ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن ئىككى چوڭ تۈرگە بۈلۈنىدۇ : ئۇرچۇقسىمان ئىپتىدائى ھۈجەيرىلەر ۋە شولىسىمان ئىپتىدائى ھۈجەيرىلەر . ياغاچ غوللۇق ئۇسۈملۈكلەرنىڭ قاۋۇل ئىگىز بۇلۇشىدىكى سەۋەپ دەل شەكىللىنىش قەۋىتىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر : ئەكسىچە سامان غوللۇق ئۇسۈملۈكلەر پاكار كىچىك بۇلىدۇ ، بۇ دەل شەكىللىنىش قەۋىتىنىڭ بولمىغانلىقىدىندۇر .
ئالدىدا ئېيتىلغان ھۈجەيرىنىڭ ئىككى ئۇچى ئۇچلۇق ، ياپىلاق تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك ، ھۈجەيرە يادروسى كۆپىنچە ئىللىپىسسىمان ياكى بۆرەك شەكىللىك بۇلىدۇ ، ستوپلازما بىر قەدەر شالاڭ بۇلىدۇ ، روشەن بولغان چوڭ ۋاكولا ۋە تارقاق ھالەتتىكى كىچىك ۋاكولا بۇلىدۇ ، ھۈجەيرە دىۋارى ( ھۈجەيرە پوستى ) قاراپ رادىئوس بويلاپ ماڭغان ئارىلىق قىلىن بۇلىدۇ ، ھۈجەيرە دىۋارى ( ھۈجەيرە پوستى)دا  يېڭىدىن ئۆسكەن ھۈجەيرە پوستى تۈشۈكچىسى بۇلىدۇ .
شولىسىمان ئىپتىدائى ھۈچەيرىلەر ئاساسى جەھەتتىن دىگۈدەك تەڭ رادىئوسلۇق  بۇلىدۇ ، ئۇلار ئادەتتە نىپىز پوستلۇق تۇقۇلما ھۈجەيرىلىنىڭ ئالاھىدىلىگىگە ئىگە بۇلىدۇ .
شەكىللىنىش قەۋىتىنىڭ پائالىيىتى سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ، ئىسسىق بەلباغ دەل دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىنىش قەۋىتى  ئەتىياز پەسلىدىن باشلاپ ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ ، ئاساسلىقى پىرىكلىنال بۈلۈنۈش (平周分裂) ئېلىپ بارىدۇ ، ئىچىگە ۋە سىرتىغا قارىتا يېڭى ھۈجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدۇ ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىككىلەمچى ياغاچلىق قىسمى ۋە ئىككىلەمچى پوست قىسمىنى شەكىللەندۇرىدۇ . قىش پەسلى شەكىللەنگەن ئىپتىدائى ھۈجەيرىلەر ئۇيقۇ ھالىتىدە بۇلۇپ ، كىلەر يىلى ئەتىياز پەسلىدە ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ ، ھەمدە شۇ يىلى يەنە قايتا تەكرارلىنىدۇ .بۇ خىل پەسىل خاراكتىرلىك ئۈسۈش بولغانلىقتىن غولنىڭ توغرا كەسمە يۈزىدە يىل ھالقىسى شەكىللىنىدۇ .
ئۇسۈملۈكلەرنىڭ ياغاچلىق قىسمى بىلەن پوست قىسمى چىكىلىگى ئەۋرىشىم قىسمى ) ئوتتۇرىسىدا بۈلىنىشى كۈچلۈك بولغان بىر قەۋەت ھۈجەيرىلەر بۇلىدۇ ، بۇلار يىلتىز بىلەن غولنىڭ ئىككىلەمچى قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۇرىدۇ . نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا شەكىللىنىش قەۋىتى پەقەت بىر قەۋەت ھۈجەيرە بۇلۇپ ، ئىپتىدائى ھۈجەيرىلەر دەپ ئاتىلىدۇ ؛ بىراق ئەمىلىيەتتە ئىپتىدائى ھۈجەيرىلەر بىلەن تېخى بۈلۈنمىگەن  بالا ھۈجەيرىلەرنى پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى تەس  ، شۇڭلاشقا ئادەتتە شۇ نەچچە قەۋەت ھۈجەيرىلەر ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ شەكىللىنىش قەۋىتى ياكى شەكىللىنىش قەۋىتى بەلبېغى دەپ ئاتىلىدۇ . شەكىللىنىش قەۋىتى ئوتتۇرا ئۇق يۆلىنىشىگە قاراپ بۆلىنىشىدىن يېڭى ياغاچلىق قىسىم ھۈجەيرىلىرى شەكىللىنىدۇ ، سىرتقا قارىتا بۈلىنىشىدىن يېڭى پوست قىسمى چىكىلىگى ئەۋرىشىم قىسمى ) ھۈجەيرىلىرى شەكىللىنىدۇ . شەكىللىنىش قەۋىتى بۈلۈنمىگەن قىسىمدىن كىلىدۇ ، بىراق تۆرەلمە خاراكتىرلىك تىز ئۈسۈش ۋە بۈلۈنۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ھۈجەيرىلەرنى ساقلاپ قالىدۇ ، ساقايتقۇچى تۇقۇلمىلارنىڭ ئىچىدىمۇ شەكىللىنىش قەۋىتى شەكىللىنىدۇ .
ئىدىق شەكىللىنىش قەۋىتى  (木栓形成层)
ئىدىق شەكىللىنىش قەۋىتى ئاساسلىقى  قوۋزاقنى كۆرسىتىدۇ ، شەكىللىنىش قەۋىتىنىڭ پائالىيىتى تۈپەيلىدىن ياغاچ غوللۇق ئۈسۈملۈكلەرنىڭ غۇلى ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز توملاپ ئۈسەلەيدۇ . ياغاچلىق قىسمى بىلەن سۇ مىقدارى ئانئورگانىك تۇزلارنىڭ تۇشۇلۇشى مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ ، قوۋزاق قىسمى چىكىلىگى بىلەن ئورگانىك ماددىلارنىڭ تۇشۇلۇشى مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ .

ساقايتقۇچى توقۇلما
خەنزۇچە نامى : 愈伤组织
ئىنگىلىزچە نامى : callus;calli(复)
ئېنىقلىمىسى : ئەسلىدىكى ئۈسۈملۈك تىنى يارىلىنىشقا ئۇچرىغان چاغدا يارا ئېغىزى ئەتراپىدا شەكىللىنىدىغان تۇقۇلما . ھازىر كۆپىنچە ئۈسۈملۈك تىنىنىڭ بىر قىسمىنى كىسىپ ئېلىپ تەركىبىدە  ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ۋە سىتوكىنىن (细胞分裂素) مول بولغان ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقى ئىچىدە  قۇيۇپ  يىتىشتۈرگەن ، ئۈسۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىغان تۇقۇلما كاللىگىنى كۆرسىتىدۇ .
پەندە قوللىنىشى : ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى  ئىلمى ( بىرلەمچى پەن ) ، ھۈجەيرە يىتىشتۈرۈش ۋە ھۈجەيرە قۇرۇلۇشى ( ئىككىلەمچى پەن ) .
ساقايتۇچى تۇقۇلما ( (callus)  ئەسلىدە ئۈسۈملۈك تىنىدىكى مەلۇم قىسمى يارىلىنىپ غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغاندىن كىيىنكى يارا سىرتقى يۈزىدە يېڭىدىن شەكىللەنگەن تۇقۇلمىلارنى كۆرسىتەتتى . ئۇ جانلىق بولغان نىپىز دىۋارلىق ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن ، ئۈسۈملۈك تىنىنىڭ ھەرقانداق ئەزاسى ئىچىدە ھەرخىل تۇقۇلمىلارنىڭ تىرىك ھۈجەيرىلىرى بۇلىدۇ .
قىسقىچە بايان


تاماكا ساقايقۇچى تۇقۇلمىلىرىنى قاراڭغۇدا يىتىشتۈرۈش ( 7-رەسىم )
ئۈسۈملۈك تىنىنىڭ يارىلانغان قىسمى ، ساقايتقۇچى تۇقۇلمىلارنىڭ ياردىمىدە ساقىيىپ بىرىكەلەيدۇ ؛ ئۇلاقچىلىقتا ئۇلاق ئاستى بىلەن بەگىنىڭ بىرىكىشى ، يېڭى ئۆسكەن تالا تۇمۇر تۇقۇلمىلىرىنىڭ ئۇلاق ئاستى ۋە بەگىنى ئۆز ئارا ئۆتۈشتۈرگەنلىكىدىن بۇلىدۇ . قەلەمچە قىلىشتا ، كىسىك ئېغىزىدىكى ساقايتقۇچى تۇقۇلمىلار تۇراقسىز بىخ ۋە تۇراقسىز يىلتىزغا بۈلۈنگەنلىگىدىن ، مۇكەممەل ئۈسۈملۈك تىنىنى شەكىللەندۈرىدۇ . ئۈسۈملۈكنىڭ ئەزا ، تۇقۇلما ، ھۈجەيرىلىرى  تەندىن ئايرىلىپ يىتىشتۈرۈش ئېىلىپ بېرىلغاندا ، شارائىت مۇۋاپىق بولسا ساقايتقۇچى تۇقۇلمىلارنى ئۆستۈرۈپ چىقالايدۇ ، ئۇنىڭ يۈز بىرىش جەريانى : سىرتقا تىكىلگەن تىرىك ھۈجەيرىلەر  外植体中的活细胞  قوزغىتىلىش ئارقىلىق ، ئۇنىڭ يۇشۇرۇنۇپ تۇرغان ئۇمۇمىي ئىقتىدارى ئەسلىگە كىلىدۇ ، ھەمدە بۈلۈنگۈچى ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىدۇ ، ھەمدە تۇغۇندى ھۈجەيرىلەر نىپىز دىۋارلىق تۇقۇلمىلار( پارېنخىما) غا پارچىلىنىدۇ ھەمدە ساقايتقۇچى تۇقۇلمىلارنى شەكىللەندۇرىدۇ . ئۈسۈملۈكنىڭ ئەزا ، تۇقۇلما ، ھۈجەيرىلىرى  تەندىن ئايرىلىپ يىتىشتۈرگەندە شەكىللەنگەن ساقايتقۇچى تۇقۇلمىلار ، بەلگىلىك شارائىت ئاستىدا ئەزالارنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىلھاملاندۇرۇپ قايتا ئۈسىدۇ ياكى تۈرەلمە ھالەتتىكى تەنچىدىن پۈتۈن ئۈسۈملۈك تۈپىنى  شەكىللەندۇرىدۇ .

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
520
تىللا
293
شۆھرەت
734
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 15:35:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرىش كىسىلى يەنە قوۋزاق چىرىش كىسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، رايۇنىمىزغا كەڭ تارقالغان بۇلۇپ ، ياڭاق نەشپۈتكە زىيان سېلىشتىن تاشقىرى يەنە ئالما ، شاپتۇل ، ئۈرۈك قاتارلىق مىۋىلىك دەرەخلەرگە زىيان سالىدۇ .

Iكىسەللىك ھالىتى

چىرىش كېسەللىكىنىڭ كېسەللىك ھالىتى نەم چىرىش تىپلىق ۋە قورغاق چىرىش تىپلىق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ .

1.نەم چىرىش تىپلىق

بۇ يەنە يارا تىپلىق چىرىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، كۆپىنچە 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە پەيدا بولىدۇ ،5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ ، باش ئەتىيازدا كېسەللىك شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىلىدە كېسەللىك داغلىرى تۇتۇق قوڭۇر ( قارامتۇل ) رەڭلىك ھۆلسىمان ھالەتتىكى چوڭ داغ بولۇپ ، كېسەللىك ئورنى ئازراق ئىششىغان ھالەتتە بولىدۇ، بارمىقىمىز بىلەن باسساق قىزغۇچ قارامتۇل ( قىزغۇچ جىگەررەڭ )شىرنىسىمان سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ ، ئۇنىڭ تاتلىق تەمى ياكى ھاراق تەمى بولىدۇ، كىسەللەنگەن قوۋزاق توقۇلمىلىرى چىرىپ ، قوۋزاق قەۋىتى نابۇت بولىدۇ .

2. قورغاق چىرىش تىپلىق

بۇ يەنە شاخ قۇرۇش تىپلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، 7-ئاينىڭ باشلىرىدا پەيدا بولىدۇ ، تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ، كېسەللىك داغ توقۇلمىلىرىدىكى سۇ مىقدارى تىز سۈرئەتتە پارغا ئايلىنىدۇ ، توشۇغۇچى توقۇلمىلار نابۇت بولغانلىقى سەۋەبتىن ، سۇ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش توختاپ قېلىپ ، كېسەللىك داغلىرى قۇرۇپ قاغجىراپ كېتىدۇ ، سۇسىزلانغان دائىرە كېڭەيگەنسېرى ، كېسەللىك داغلىرى تەدرىجىي يامراپ ، تىز سۈرئەتتە پۈتكۈل شاخنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

II پەيدا بولۇش شارائىتى

كېسەللىك مىكروبى ( پاتوگىن ) كىسەللەنگەن توقۇلمىلاردا قىشنى ئۆتكۈزىدۇ ، باش ئەتىيازدا دەرەخ سۇيۇقلۇقلىرى ھەرىكەتلەنگەن چاغدا كېسەللىك مىكروبلىرى ھەرىكەتلىنىشكە ۋە يۇقۇشقا باشلايدۇ ،بىراق كېسەللىك مىكروبلىرى بىر خىل ئاجىز پارازىت مىكروبى بولغاچقا ، بىۋاسىتە پارازىت ئىگىسى تىنىگە ( يەنى مۇشۇ دەرەخ تىنىگە ) يۇقۇپ كىرەلمەيدۇ ، پەقەت سوغۇقتىن زەخىملەنگەن ، كېسەل ھاشارەتلەردىن زەخىملەنگەن ، چاتاشتىن زەخىملەنگەن يارا ئېغىزلىرى ئارقىلىق يۇقىدۇ . رايونىمىزدا تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا سوغۇقتىن زەخىملىنىش چىرىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ ، كۆپىنچە مەركىزى غول ۋە ئاساسى شاخلاردا پەيدا بولىدۇ ، ( كىچىك شاخ ) يان شاخلاردا بىر قەدەر ئاز پەيدا بولىدۇ ، ئاساسى شاخ ۋە غوللارنىڭ كۈنگەي تەرىپىدە بىر قەدەر كۆپ كېسەللىك بولىدۇ ، تەسكەي تەرىپىدە بىر قەدەر ئاز پەيدا بولىدۇ ، غولنىڭ شاخ ئايرىيدىغان قىسمىدا ئاسان كېسەللىك پەيدا بولىدۇ ، ئەتىياز پەسلىدە 3-ئايدىن 5-ئايغىچە كېسەللىك ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدۇ ، ئۇنىڭدىن قالسا 6-7 ئايلاردا كۆپ پەيدا بولىدۇ ، 9-ئاينىڭ ئاخىرلىدا بۇ كېسەللىك ھەرىكەتتىن توختايدۇ .شۇڭلاشقا قىش پەسلى سوغۇق زىيىنىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئەڭ مۇھىم تەدبىر . ئۇندىن باشقا چىرىش كېسەللىكىنىڭ ئېغىر يىنىكلىگى باشقۇرۇش پەرۋىش تەدبىرلىرى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ، ئەگەر چاتاش زىيادە ئېغىر بولسا ، ئوغۇتلاش يېتەرلىك بولمىسا ، تۇپراق بەك سېغىز بولسا ، سۇ چىقىرىش ياخشى بولمىسا ، دەرەخ قۇۋۋىتى ئاجىز بولسا ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ، يۇقىرى نەملىك ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ، يەر ئاستى سۇ ئورنىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ، نامۇۋاپىق سۇغۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چىرىش كېسەللىكىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

III ئالدىنى ئېلىش داۋالاش تەدبىرلىرى

چىرىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا سۇ ئوغۇت باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش ، دەرەخ قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش ، يۈكنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ، مېۋىلىك دەرەخلەرنى شەكىلگە كەلتۈرۈشتە چاتاشنى ئاساس قىلىش ، ھەرگىزمۇ شاخ كىرىش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق ، كېسەللىك مىكروبلىرى بار باغلارغا نىسبەتەن قوغداش خاراكتېرلىك مىكروب ئۆلتۈرگۈچى پۈركۈش ، كېسەللىك داغلىرىنى بايقىغان ھامان ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش ، داۋالاشنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بولۇشنى ، كىچىك ۋاقتىدىلا داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك .

(Ⅰ )فىزىكىلىق مېخانىكىلىق ئالدىنى ئېلىش

قوۋزاقتىكى كېسەللىك داغلىرىنى قىرىپ چىقىرىۋېتىش

1. يېنىك دەرىجىدە قىرىش : قوۋزاقنى قىرغان چاغدا يېنىك دەرىجىدە قىرىش ئارقىلىق شەكىللىنىش قەۋىتى ئىچىدىكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلارنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك ، بۇ خىل ئۇسۇلدا دەرەخ تىنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تىز بولىدۇ.

2.ئېغىر دەرىجىدە قىرىش : پۈتكۈل قوۋزاق قەۋىتى زىيانغا ئۇچرىغان چاغدا بارلىق كېسەل داغلىرىنى قىرىپ چىقىرىۋېتىش ، ھەمدە ياغاچلىق قىسمى ئۈستىدىكى چىرىگەن ئورۇننى يېنىك قىرىش كېرەك ، قىرغان چاغدا چوقۇم كېسەللىك داغلىرىنىڭ تۆت ئەتراپىنى تۇلۇق ئېلىۋېتىش ، قوۋزاقنى 0.5~1 سانتىمېتىرغىچە ئېلىش كېرەك ، يانتۇ كېسىش كېرەك .

3. چىرىش كىسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىمكانقەدەر چوڭ دائىرىلىك ، چوڭقۇر قوۋزاق قىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك ، ئەگەر يارا ئېغىزى بەك چوڭ ، ھەم بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ، ياخشى دېزىنفېكسىيە قىلىنمىسا تېخىمۇ چوڭ تارقىلىش ۋە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

(Ⅱ) دېھقانچىلىق تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش

1. پەرۋىشنى كۈچەيتىش ، باغ ئىچىدە سۇ توختاپ قالماسلىققا دىققەت قىلىش ، ئورگانىك ئوغۇت ۋە كالىي فوسفورلۇق ئوغۇت لار بىلەن ئوغۇتلاشنى كۈچەيتىپ دەرەخ قۇۋۋىتىنى ياخشىلاش ، مۇۋاپىق چاتاش .

2.ئەتىيازلىق ( قىشلىق ) چاتاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ دەرەخ غولىنى ئاقارتىپ ، قۇياش نۇرىنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلىنىش ، ھاشارات زىيىنى جاراھەت ئېغىزلىرىنى ئازايتىش ئارقىلىق كېسەللىك مىكروبلىرىنىڭ دەسلەپكى يۇقۇپ كىرىش يولىنى تىزگىنلەش .

3. باغ بەرپا قىلغاندا تۇپرىقى مۇنبەت ، تۇپراق سۈپىتى قۇمساڭغۇ ئەت بولغان ، يەر ئاستى سۈيى ئورنى تۆۋەن بولغان ئورۇننى تاللاش كېرەك .

4.ئۇلاش ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك ، ئۇلاش ئورنى بەك تۆۋەن بولغاندا ئۈششۈشى ئېغىر بولىدۇ ، ( ئۇلاش ئورنى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە قەۋەتلەرگە بۆلۈپ چاتاپ باشقۇرۇشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ ، شۇڭا تۆۋەن ئورۇندىن ئۇلىغاندا ئۇلىغان كۆچەتلەرنى كۆمۈپ قىشتىن چىقارساق بولىدۇ ، بولۇپمۇ ياڭاق كۆچىتى ) ، شالاڭ ئۆتكۈزۈشچان تىپلىق مۇداپىئە ئورمان بەلۋېغى بەرپا قىلىش ، مۇۋاپىق سۇغۇرۇش ( تېيىز سۇغىرىش ، سۇنى توختىتىپ قويماسلىق ) .

5. چىرىش كېسىلى يامغۇر سۈيى ئارقىلىق تارقىلىدۇ ، 3 يىلدىن يۇقىرى دەرەخلەرگە سۇ ئۆتكۈزمەس قىر سېلىش ئارقىلىق كېسەللىك مىكروبلىرىنىڭ سۇغارغان چاغدا يۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .دەل –دەرەخلەر ئۈچەككە كىرىشتىن ئىلگىرى دەرەخ غولى ئۈستىدىكى كونا قوۋزاقلارنى قىرىپ بىر يەرگە يىغىپ توپلاپ كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك .

Ⅲ خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش

1. چاتاش ئېغىزىنى ۋە قوۋزاق قىرغاندىكى يارا ئېغىزىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ ئاسراشقا دىققەت قىلىش ، قوۋزاق قىرغاندىن كىيىن 5-10 باۋمىي گىرادۇسلۇق ھاك-گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنى سۈرتۈپ ،سۇلياۋ بىلەن تېڭىش كېرەك .

2.سوغۇقتا ئۈششۈگەن ئورۇننىڭ سىرتىغا 农歇 نىڭ 100-200ھەسسە سۇيۇقلۇقىنى بىۋاسىتە سۈرتۈش كېرەك ، قوۋزاق قىرمىسىمۇ بولىدۇ .

3.چىرىش كېسىلىنىڭ كېسەللىك دېغىنى ياغاچلىق قىسمىغىچە يەتكۈزۈپ قىرغاندىن كىيىن ئاۋۋال 菌毒清 نى سۈرۈش ، ئارقىدىن 843康复剂 نىڭ ئەسلى ئېرىتمىسىنى سۈرۈش ، ئارقىدىن سۇلياۋ بىلەن تېڭىش كېرەك ، بۇخىل ئۇسۇلنىڭ كېسەللىك ئورنىنىڭ بىرىكىشى تىز ، قايتا قوزغالماسلىقتەك ئالاھىدىلىكلىرى بار .

(تۈگىدى )
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-9 02:37 , Processed in 0.091987 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش