- توردا
- 138 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-9
- تىزىملاتقان
- 2011-7-2
- شۆھرەت
- 942
- تىللا
- 684
- تۆھپە
- 526
- ھوقۇقى
- 40
- جۇغلانما
- 3254
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 3
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 160
- تېما
- 33
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 3
- UID
- 2541
 
- تۆھپە
- 526
- تىللا
- 684
- شۆھرەت
- 942
|
سالام مۇنبەرداشلار، ئىملا خاتالىقىنى
ھەرقانداق بىر كىشى سادىر قىلمايمەن دەپ كېتەلمەيدۇ. لىكىن مۇنداق جايلاردا
ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭلارنى سۇرايمەن. بۇ تېمىنى تۇيۇقسىز ئۇچۇرتۇپ قېلىپ ، ئىنتىلدىكى قېرىنداشلارنىڭمۇ
كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن سۇندۇم. ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ تولۇق ئوقۇپ چىقارسىز.....
مۇنبەردە ئېملا خاتالىقىغا سەل قارايدىغان ئەزالارنى كۆپ ئۇچىراتتىم....ئەلۋەتتە يېڭىدىن ئەزا بولۇپ
كىرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولالماسلىقى مۇمكىن ...ئەمما ياخشىراق مەشىق قىلىپ،بۇ جەھەتتىكى كەمچىلىكلەرنى
ۋاقتىدا تۈزىتىۋالايلى..........
ئابدۇخالىق ئوغۇر مىللىتىمىز پەخرى.
(توغرىسى: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ــ مىللىتىمىز پەخرى.)
دادام ماڭا توخۇلارغا دان چىچىپ بەرگىن دىدى. (توغرىسى: دادام ماڭا:«توخۇلارغا
دان چېچىپ بەرگىن» دېدى.)
قېرىداشلىرىمغا كۆپ رەھمەت. (توغرىسى: قېرىنداشلىرىمغا كۆپ رەھمەت.)
ئىشكىم بىلەن سۆھبەت. (توغرىسى: ئېشىكىم بىلەن سۆھبەت.)
بۇ سوئاللىرىمغا كىم قاۋاپ بېرىدۇ؟ (توغرىسى: بۇ سوئاللىرىمغا كىم جاۋاب بېرىدۇ؟)
ئۇيغۇر دېگەن بىر ئىتنىڭ قوۋمنىڭ بىر ھۈجەيرىسى (توغرىسى: ئۇيغۇر دېگەن بىر
ئېتنىك قەۋمنىڭ ھۈجەيرىسى.)
ھەسەلنىڭ قېشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى چوڭ. (توغرىسى: ھەسەلنىڭ، قېرىشنىڭ
ئالدىنى ئېلىش رولى چوڭ.)
بېيجىڭدا بىر كۇچا بار... ( توغرىسى: بېيجىڭدا بىر كوچا بار...)
بەزى تورداشلىرىمىز ناھايىتى قانلىق ئىنكاس يازىدۇ. (توغرىسى: بەزى
تورداشلىرىمىز ناھايىتى جانلىق ئىنكاس يازىدۇ.)
پوختا ياسالغان ئىشكاپ ئىكەن. (توغرىسى: پۇختا ياسالغان ئىشكاپ ئىكەن.)
كالىڭىز قاتتىق ئىشلەپ قويدىكەنغۇ سىزنىڭ؟ (توغرىسى: كاللىڭىز قاتتىق ئىشلەپ
قويىدىكەنغۇ سىزنىڭ؟)
مۇشۇ تېمىنى يازغان قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. (توغرىسى: مۇشۇ تېمىنى
يازغان قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن.)
ئۈزۈم يېدىم.(توغرىسى: ئۆزۈم يېدىم)
بۈگۈندىن باشلاپ مەن بىر تىللىق ئوقۇشقا ماڭدىم. (توغرىسى: بۈگۈندىن باشلاپ
مەن بىر يىللىق ئوقۇشقا ماڭدىم.)
سالاپەتلىك ئاتلىرىمىزغا سالام. (توغرىسى: سالاپەتلىك ئاتىلىرىمىزغا سالام.)
ئېتىزغا سۇ ئىچىپ قويۇپ كەلدىم. (توغرىسى: ئېتىزغا سۇ ئېچىپ قويۇپ كەلدىم.)
قىرىشنى تىزلىتىدىغان يىمەكلىكلەر. (توغرىسى: قېرىشنى تېزلىتىدىغان يېمەكلىكلەر.)
مەن بازاردىن بالىلىرىمغا ئاياق ئالدىم. (توغرىسى: مەن بازاردىن بالىلىرىمغا ئاياغ
ئالدىم.)
مۇنبەردىكى قىزلارنىڭ سورتى بەك ئىسىلكەن. (توغرىسى: مۇنبەردىكى قىزلارنىڭ
سۈرىتى بەك ئېسىلكەن.)
مىللەتلەر نەچچە ئېرىققا بۆلىنىدۇ؟ (توغرىسى: مىللەتلەر نەچچە ئىرققا بۆلۈنىدۇ؟)
مەنبە : ماكانىمىز مۇنبىرى |
-
2
باھا خاتىرىسى
-
|