جۇڭشىڭنىڭ تۇنجى پاسوندىكى LTE يانفونى شياڭگاڭدا بازارغا سېلىندى
مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، جۇڭشىڭ شىركىتى بىرلەشمىسى جۇڭگو كۆچمىسى شياڭگاڭدا ئۆزى ياساپ چىققان تۇنجى 4G LTE ئەقلىيفون Grand X LTE نى ئېلان قىلغان. بۇ يانفون يەنە يەر شارىدىكى تۇنجى پاسوندىكى تاق ئۆزەكلىك لايىھەدىكى 4G LTE يانفونى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
شياڭگاڭ نۇسخىسىدىكى Grand X LTE نىڭ پارچە سېتىش باھاسى 3180 شياڭگاڭ پۇلى بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 2600 يۈەن. بۇ يانفون مۇشۇ ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى شياڭگاڭدا بازارغا سېلىنىدىغان بولۇپ، جۇڭگو كۆچمىسىنىڭ شياڭگاڭدىكى پارچە سېتىش دۇكىنىدا سېتىلىدىكەن.
Grand X LTE گە ئۇدۇل يۈزى كونۇپكىسىز، چەكمە لايىھە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشى قارىماققا ئاسۇسنىڭ «غەلىتە مەخلۇق» يانفونى تىپىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
Grand X LTE جۇڭشىڭنىڭ ئىلغار يانفون بازىرىغا قارىتا ئالغان تۇنجى قەدىمى بولغانلىقتىن، سەپلەنمە جەھەتتە، ئىنتايىن كۈچلۈك 1.5GHz لىق گالتون S4 قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ يانفونغا يەنە 4.3 ديۇيىملىق qHD ئېكران، 8 مىلىيون پىكىسېللىق ئاساسىي فوتوكامېرا ئىشلىتىلگەن، Android 4.0 سىستېمىسىنى يۈرگۈزىدۇ، يەنە 1900mAh سىغىملىق باتارىيەسى بار...
|