ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1121|ئىنكاس: 2

ئامرىيكىغا ئۇقۇشقا بارغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك 10 ئىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىققان ۋاقىتتىن باشلاپ،ئامېرىكىدىكى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى تەتقىق قىلىش مۇتەخەسىسلىرى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەرخىل مەدەنىيەت ھەم تۇرمۇشتىكى پەرقلەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.كىشلەرنى ھەم ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا تۇرمۇشىغا ھەم مۇھىتىغا تېزدىن ماسلىشىشى ئۈچۈن مۇتەخەسىسلەر كۆپچىلىككە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغۇرلۇق مۇنداق 10پىكىرنى بەرگەن،قېنى سىزمۇ كۆرۈپ بېقىڭ!

1.يولدىكى توختىغان ماشىنىلارغا ئالدىراپ چىقماسلىق كېرەك
ئامېرىكىدا ساياھەت قىلغاندا خالىغانچە توختىغان ماشىنىلارغا چىقسا بولمايدۇ،بۇ ئامېرىكىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋال،ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان ياكى خورلاشقا ئۇچرىغان ئىشلار دائىم ئۇچراپ تۇرغاچقا،بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كىشلەر يول بويىدا قىزلارنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرسە ئاكتىپلىق بىلەن ماشىنىنى توختىتىپ،«ياخشى كۆڭۈللۈك»بىلەن ئۇلارنى ماشىنىغا چىقىرىۋالىدۇ،سىز بۇنى ھەرگىز ياخشى نىيەت بىلەن بولغان تەكلىپ دەپ ئويلىماڭ،سىز ماشىنىغا چىققاندا ئۆزىڭىزنى بۆرىنىڭ ئاغزىغا تاشلاپ بەرگەن بولىسىز،بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغاندا ماشىنىغا چىقىشنى رەت قىلىڭ.
2.بەك كەچتە مېتروغا چۈشمەڭ
نىيويوركنىڭ يەرئاستى تۆمۈر يولى بەكمۇ قالايمىقان،كېچىدە بۇ يەر بولسا قارا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ يىغىلىدىغان سورۇنى،زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغان،ئوغرى،لۈكچەك،زەھەر ئەتكەسچىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مانا بۇ يەرگە يىغىلىدۇ،پۈتكۈل كەيپىيات بەكمۇ كىشىنى سەسكەندۈرىدۇ،ئەگەر سىز ئۇقۇشماي بۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قالسىڭىز،ئىش چىققاندىن كېيىن،نىيويورك ساقچىلىرى سىزگە ھېسداشلىق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن،يەنە تېخى سىزنى ئەيبلەپ،نېمىشقا كېچىدە مېتروغا چۈشىسەن،ئۆزەڭنى تىمساھنىڭ ئاغزىغا تاشلاپ بەرگىنىڭغۇ بۇ،ئۆزۈڭدىن كۆرگىن دەيدۇ.
3.قارا تەنلىكلەرنى نېگىر دەپ ئاتىماڭ
نېگىر دېگىنىمىز ئافرىقىدىن ئامېرىكىغا قۇل قىلىدىغانلارنى ئاتايدىغان ئاتالغۇ،شۇڭا ئامېرىكىغا بارغاندا قارا تەنلىكلەرنى ھەرگىزمۇ نېگىر دەپ سالماڭ،ئاق تەنلىكلەر بىلەن پاراڭلاشقاندىمۇ شۇنداق.نېگىر دېگەن سۆزنى قارا تەنلىكلەر بەك ئېغىر ئالىدۇ،شۇڭا ئۇلارغا يەنىلا قارا دېگەن سۆزنى ئىشلىتىڭ،قارا تەنلىكلەر بۇ سۆزنى قوبۇل قىلالايدۇ.
4.«كەچۈرۈڭ I am sorry»دېگەن سۆزنى خالىغانچە ئېغىزىڭىزدىن چىقارماڭ
«I am sorry»بىلەن «Excuseme»ھەممىسى ئوخشاشلا كەچۈرۈڭ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ،لېكىن «I am sorry»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى چوڭقۇرراق،بۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئېتراپ قىلىپ ئېيتىلغان سۆزگە ئوخشايدۇ،ئەگەر مۇنداقلا تەكەللۇپ قىلىپ ئېيتىلغان سۆز بولسا،باشقىلار تەرىپىدىن گەپتە تۇتۇلۇپ قالىسىز دە،سىزگە مەنسۇپ بولىغان مەسئۇلىيتىڭىزنى سۈرۈشتۈرىدۇ.شۇڭا يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىمەستىن،گەپكە دىققەت قىلغان ياخشى.
5.كەمتەرلىك گۈزەل ئەخلاق ھېسابلانمايدۇ.
جۇڭگولۇقلار كەمتەرلىكنى گۈزەل ئەخلاق دەپ ھېسابلايدۇ،لېكىن ئامېرىكىلىقلار كەمتەرلىكنى ساختىلىقنىڭ ئورنىغا قويۇلغان ئاتالغۇ دەپ قارايدۇ،ئەگەر ئىنگىلىز تىلىنى شۇنداق ياخشى سۆزلەيدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئىنگىلىزچىسىنى ياخشى ئەمەس دېسە يەنە كېلىپ شۇ بىر جۈملىنى ناھايىتى راۋان سۆزلىسە،ئامېرىكىلىقلار ئۇنى يالغانچىلىق قىلدى،تىلى بىلەن دىلى بىر ئەمەسكەن دەپ ئويلايدۇ،ياسالمىلىق قىلدى دەيدۇ،شۇڭا،ئەگەر سىز ئامېركىلىق بىلەن بىريەردە تۇرسىڭىز،كەمتەر بولماستىن ئۆزىڭىزدە بار ئىقتىدارنى ھەقىقىي دەڭ،بىر بولسا بىر،ئون بولسا ئون دېمەڭ،كەمتەرلىشىۋالماڭ،بولمىسا يامان ئاتاققا قالىسىز.
6.ناتونۇش كىشلەر بىلەنمۇ سالاملىشىڭ
بىز يولدا كېتىۋاتقاندا،ياكى لىفىت،كارىدورلاردا ناتونۇش ئادەملەرگە ئۇچراپ قالىمىز،ئەگەر كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالسا تونىمىغاندىكىن ھەرگىز سالاملاشمايمىز،لېكىن ئامېرىكىدا بۇنداق ئەمەس،ئەگەر كۆزلەر ئۇچرىشىپ قالسا چوقۇم سالام بېرىپ كۈلۈمسىرەيدۇ،ئەگەر كۆزى ئۇچرىشىپ قېلىپ تۇرۇپمۇ قارىماسقا سېلىۋالسا باشقىلارنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان ھەم ھاكاۋۇردەك كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
7.پاراڭلاشقاندىكى تېما
ئامېرىكىلىقلارنىڭ يىغىلىشلىرىغا قاتناشقاندا،پەقەت ئۆزى قىزىقىدىغان ھەم ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان تېما ئۈستىدە پاراڭلاشسا باشقىلارنى ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ،باشقىلار بۇنداق ئادەمنى ياقتۇرمايدۇ،ئەگەر پەقەت ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك،ياكى كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك پاراڭنى سېلىپ ئۆزىنىڭكىنىلا دېسە باشقىلار بۇنداق ئادەمنى ياقتۇرمايدۇ،شۇڭا بۇنداق يىغىلىشلاردا،پاراڭلاشقاندا،ھەممە ئادەملەر ئورتاق قىزىقىدىغان ھەم كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسلەن كىنو،مۇزىكا،ساياھەت تېمىسىنى پاراڭلاشقان ياخشىراق.
8.سالاملاشقاندا بالىلىرى بىلەنمۇ سالاملىشىشنى ئۇنۇتماڭ
ئامېرىكىدا چوڭ ئادەم بىلەن كىچىك بالىلارنىڭ ھۆرمىتى ئوخشاش ئورۇندا بولىدۇ،ئەگەر ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارسىڭىز ئۇلارنىڭ بالىسى چىققاندا ئاتا-ئانىسىغا قىزغىن،بالىلىرىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلسىڭىز بۇ قاملاشمايدۇ،بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى سىزدىن رەنجىپ قالىدۇ،شۇڭا بالىلىرى بىلەنمۇ قول ئېلىشىپ،قۇچاقلىشىپ،يۈزىگە سۆيۈپ قىزغىن كۆرۈشىشى كېرەك،ئەگەر كىچىك بالا يۈزىڭىزگە سۆيۈپ قويسا،سىزمۇ چوقۇم سۆيۈپ قويۇڭ!
9.ئوخشاش جىنىسلىقلار بىللە ئۇسۇل ھەم تانسا ئوينىسا بولمايدۇ
ئامېرىكىدا ئوخشاش جىنىسلىقلار ئۇسۇل تانسا ئوينىسا بولمايدۇ،بۇ ئامېرىكىلىلار بىردەك بىلىدىغان ھەم دىققەت قىلىدىغان قائىدە،ئەگەر سىز ئۇقماي شۇنداق قىلىپ قالسىڭىز،باشقىلار ھەممىس سىزگە غەلىتە نەزەر بىلەن قارايدۇ،ياكى سىزنى ھەمجىنىس دەپ قارايدۇ،شۇڭا ئۇسۇل ئوينايدىغان يات جىنىس ھەمراھ تاپالمىسىڭىزمۇ ھەرگىز ئالدىراپ ئوخشاش جىنىسلىقلار بىلەن ئۇسۇل تانسا ئويناپ سالماڭ.
10.باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئايىغىڭىزنى سالماڭ
ئامېرىكىدا،باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئاياغ سالسا ياكى يالاڭ ئاياغ بولسا،ياۋايى ھەم قائىدە-يوسۇننى بىلمەيدىغان كۆرۈنۈپ قالىدۇ،پەقەت ھۇجرىدا ياكى قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يىگىتلەرلا  خالىغانچە سالسا بولىدۇ،ئاياللار ئەگەر ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئايىغىنى سالسا،بۇ «نېمىش قىلغۇڭ بولسا قىلە»دېگەن مەنىنى بىلىدۈرىدۇ،ئەگەر ئەر كىشى شۇنداق قىلسا خۇددى ئورمانلىقتىن چىققان ياۋايى ئادەمدەك كۆرۈنىدۇ،شۇڭا ئەر بولۇڭ،ئايال بولۇڭ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا پايپىقىڭىزنى تارتىپ يۈرمەڭ،بۇمۇ بىر ئەدەپسىزلىك،ئايىغىڭىزنىڭ بوغقۇچى يېشىلىپ كەتسە،ئاستا بېرىپ ئادەم يوق يەردە چىگىۋىلىڭ.
مەنبە:قۇتيار تورى
http://www.qutyar.com/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=2700
ۋاقتى: 2012-9-1 13:42:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئامىرىيكىدا  ئەمەس  بىزنىڭ شىنجاڭدىنمۇ قوللىنىشقا بۇلدىغان ئەدەپ -ئەخلاقلار ئىكەن.
ۋاقتى: 2012-9-3 01:53:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىركىغا قاچانمۇ چىقارمىز ؟ ئامىركىغا بارغۇچە ئۇنتۇپ قالارمىز ھەقاچان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 20:31 , Processed in 0.152186 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat