ئەسلى ماۋزۇسى: ئۆچەكتىكى كارتىڭىزنى ئۆلتۈرۈڭ!
ئاپتورى: baqka
ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن، ھەر بىرىمىزنىڭ بىر قانچە بانكا كارتىسى ئىشلەتكەنلىك تارىخىمىز بولىدۇ. بەلكىم يۈتكەن ياكى ئۇنتۇلغان سەۋەپ بىلەن، ھازىر ئىشلەتمەيۋاتقان كارتىلىرىمىز بولۇشى مۇمكىن، بىراق بانكىدا بۇ كارتا بىزنىڭ نامىمىزدا مەۋجۇت تۇرۇۋاتقان بولسا، بۇنداق كارتىلار ئۈچەكتىكى كارتىلار دەپ ئاتىلىدۇ.
بىر قىسىم بانكىلار، بانكا كارتىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ھېچقانداق يىللىق ھەق ئالمايدۇ، بەزىلىرى كارتا ئۈچۈن يىلدا 2 يۈەن دىگەندەك پۇل تۇتىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىر قىسىم بانكىلارمۇ كارتا ئۈچۈن يىللىق ھەق ئېلىشنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. تېخىمۇ خەتەرلىك بولغىنى، بانكا ئىناۋەت خاتىرىسىنىڭ باھالاش تۈرىگە كارتا يىللىق پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرغان- تاپشۇرمىغانلىقىنى كىرگۈزمەكچى بولۇۋېتىپتىمىش، بۇنداق بولغاندا، مەسىلەن، سىز ئۇنتۇپ قالغان ئۆچەكتىكى كارتىڭىز ئىچىدە ھېچقانداق پۇل قالمىغان بولسا، يەنە ئىككى- ئۈچ يىل ئۆتسىلا سىز ئەمەلىيەتتە بانكىغا كارتا مۇلازىمىتى ھەققىگە قەرىزدار بولۇپ قالغان بولىسىز دىگەن گەپ، ئەگەر بۇ سىزنىڭ بانكا ئىناۋەت خاتىرىڭىزگە تەسىر كۆرسەتسە، سىز پۈتۈن دۆلەت ئىچىدە ھەر قانداق بانكىدا ئىناۋەتكە چېتىلىدىغان مۇلازىمەتتە ئاۋارىچىلىققا دۈچ كېلىسىز.
ئەگەر، ئۆچەكتىكى كارتىڭىز بارلىقى ئېسىڭىزدە بولسا، ياكى جەزىم قىلالمىسىڭىز، بىر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ، گۇمانلاشقان بانكىلارنىڭ ھەممىسىگە كىرىپ، كىملىك نومۇرىڭىزغا تەۋە قانچە كارتا بارلىقىنى سۈرۈشتۈرىسىز، ئارتۇقلىرىنى تىزىملاشتىن چىقىرىۋەتسىڭىز (ئۆلتۈرۈۋەتسىڭىز) لا، كېيىنكى ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلىسىز. ئەگەر، داۋاملىق ئىشلىتىشنى قارار قىلسىڭىز، ھېچ بولمىسا كارتىنى قۇرۇتۇپ قويماي ھېچ بولمىسا 20 يۈەنلىك سۇغىرىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
قوشۇمچە خەۋەرلەر:
سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ تور بانكىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر تور بانكا بولۇپ باھالانغان.
جۇڭگو بانكىسىنىڭ مەلۇم ئۆلكىدىكى مەلۇم شۆبىسى، زور مىقداردىكى كارتىلارنىڭ تور بانكىسىنى ئىگىسى خەۋەر تاپمىغان ئەھۋال ئاستىدا توپ ئېچىۋەتكەن، ھەتتا، بۇ تور بانكىنىڭ ئۇچۇرى كارتا ئىگىسىنىڭ ئۇچۇرى بىلەن ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، تور بانكىسىنى ئىشلىتىشكە، قايتا ئېچىشقا ئامالسىز قويغان.
پوچتا بانكىسى، ھازىرچە باشقا ئورۇندا پۇل ئالسا رەسىمىيەت ھەققى ئالمايدىغان بانكا ھېساپلىنىدۇ.
يەنە قوشۇمچە:
كارتىڭىزنىڭ ئىچىگە بىر يۈەن سېلىپ قويۇپ 10يىل ياندا ساقلىسىڭىزمۇ بانكىنىڭ ساداقەتمەن چوڭ مۇئامىلدارى بولۇپ كېتىشىڭىز ناتايىن لېكىن ئوتتۇرچە ئامانەت قالدۇقىڭىز مىلىيون نىڭ ئۈستىدە ئايلىنىپ تۇرسا نەچچە ئايغا قالمايلا بانكىنىڭ VIPسىغا ئايلىنىسز .
ئادەتتىكى دىبىت كارتىلىرىنى خالىغان ۋاقىتتا ھېسابتىن ئۆچۈرەلەيسىز ، ئامانەتنىڭ ئۈچ پىرىنسىپىدا ئېنىق بار .
كارتا بېجىرگەندە ئەگەر ئۇزۇن ئىشلىتىشنى ئويلىمىساڭلار قوشۇمچە كەسپىلىرىنى ئامال بار ئاچقۇزماڭلار ، كۆپ ھاللاردا نۇرغۇن بانكىلار قوشۇمچە كەسىپنى ئاپتوماتىك داۋاملىشىدىغان قىلىپ ئېچىۋېتىدۇ، ئەمەلىياتتە بۇمۇ بانكىنىڭ بىر كىرىمى. |