تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

Windowsتىكى ئالماشتۇرۇشقا تېگىشلىك يۇمشاق دېتاللار

يوللىغۇچى: Intil| يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-1 16:41| كۆرۈلۈشى: 84| ئىنكاس سانى: 3


ئادەتتە  98%ئۇيغۇرلار windowsتىن باشقا مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلەتمەيدۇ . شۇنداق ئىكەن Microsoftنىڭ windows سىستېمىسىغا قوشۇپ تېڭىلغان IE ، Windows Media Player ، Outlook Express ...... قاتارلىق يۇلمتاللىرىنى ئىشلىتىشكە زورلىنىدۇ ، ئەمما ئوچۇق كودلۇق ، ھەقسىز تەمىنلەنگەن ئۇلاردىنمۇ ئېسىل يۇمشاق دىتاللار بار يەردە بۇنداق " كونىراپ "قالغان يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلىتىشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟! تۆۋەندە windows تىكى 10 دانە ئالماشتۇرۇشقا تېگىشلىك يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئورنىنى ئالغۇچىلارنى تونۇشتۇرىمەن .
Mozilla FireFox
  IEنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ . مەيلى IE ئائىلىسىدىكى قايسى بىرسى بولسۇن FireFoxنىڭ ئالدىغا چىقالمايدۇ . كۆزۈتىشىمچە مەيلى IE9 بولسۇن ياكى Googel chrome بولسۇن بۇلارنىڭ FireFoxنى يېڭەلىشى بەكمۇ تەس .
  ( FireFox ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىلەرگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بۇ http://orkax.net/article/29.htm يازمىنى كۆرۈپ چىقىڭ ! )
  Notepad++
   "خاتىرە دەپتەر"نىڭ ئورنىنى ئالىدۇ . ئەلۋەتتە ئاساسلىق كۆزدە تۇتۇلغان ئوبيېكت " ياساش ، لايىھىلەش " بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار . Windowsنىڭ خاتىرە دەپتىرى پەقەتلا بىر خاتىرە دەپتەر .
  7-Zip
  Winrarنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ . خۇشاللىنارلىق يېرى Winrar سىستېمىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان ، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا 7-Zip ئىشلىتىشىمىزگە ئەرزىگۈدەك ، ئوچۇق كودلۇق ، ھەقسىز يۇمشاق دىتال بولۇپلا قالماي يەنە قوللايدىغان شەكلى مول بولغان پرېسلاش دېتالى .
  KM-player
  Windows Media Playerنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ . ھەركىمنىڭ ئۆزى ياقتۇرغان قويغۇچىلىرى بار ئەمما ئىشىنىمەنكى Windows Media Playerنى ياقتۇرىدىغان بەك ئاز ، دائىم دېگۈدەك باشقا قويغۇچلارنى ئىشلىتىدۇ . مېنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغىنىم QQplayer ، km-player ئىككىسى .
  千千静听
  ئوخشاشلا Windows Media Playerنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ . قارىغاندا Microsoft مۇ Windows Media Player نىڭ يېڭىلىنىشىغا كۆڭۈل بۆلگەندەك قىلىدۇ ، Vistsدىن كېيىنكى نەشرگە ئورۇنلاشتۇرغان Windows Media Playerنىڭ ئىقتىدارى خېلى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەن ، ئەمما يەنىلا مېنىڭچە "كەسپىيلىك " دەرىجىسىنى ھازىرلىمىغان ، يەنىلا 千千静听غا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىنىڭىز ياخشى .
  Paint.NET
  Windowsنىڭ "رەسىم تاختىسى"نىڭ ئورنىنى ئالىدۇ . بۇ بىرسىنىڭ Photoshop بىلەن بەسلەشتۈرگەن دېتالىدىندۇر . بۇ قانداقتۇر ئىقتىدار جەھەتتە Photoshotنىڭ دەرىجىسىگە يەتكەن دەپ ئېيتىشقا بولمىسىمۇ ، ھەجمى ۋە ئىقتىدارى جەھەتتە Photoshop بىلەن پەسلەشتۈرۈلگەن يۇمشاق دىتال .
  infanView
  Windowsسىستېمىسىنىڭ رەسىم كۆرۈش يۇمشاق دېتالىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ . InfanViewنىڭ ھەجمى كىچىك ، قوزغىلىشى تىز ، مەشغۇلات قىلىش قۇلايلىق ..... ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ توردا ئوخشاش تۈردىكى دېتاللارنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن مەزگىل سەركىلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە .
  Foxmail
Outlook Expressنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ . Foxmail تېڭشۈن گۇرۇھى ئاستىدىكى بىر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى .
  360بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىسى
   "بىخەتەرلىك تېمى"نىڭ ئورنىنى ئالىدۇ . ئۇنىڭ يادرولۇق ياسىغۇچىسى گەرچە باشقىلارنىڭ شىركىتىدە لۈكچەك دېتاللارنى ياساش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان ، "تېخنىكا، ماتېرىيال ئوغرىلىغان " كىشى بولسىمۇ بۇ ئەسىرى ياخشى ياسالغان "ھەقسىز" دېتال .

ئۆركەش تورى دىن

يېڭى ئىنكاسلار

cooloff ئۈلۈشكۈن  17:58
بوپقاغىدەك ......جاپا تارتقان ئوخشايسىز.
MB35 تۈنۈگۈن  00:00
مېنىڭچە 千千静听 نىڭ ئورنىغا winamp نى تەۋسىيە قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى.
turan تۈنۈگۈن  11:34
winampبۇ قانداق قويغۇچ  ئەم بى35ئەپەندى؟千千静听مۇ شۇنداق ياخشى قويغۇچقۇ؟ھازىر يېڭى چىققان نۇسخىسى يۇنىكود قوللايدىغاندىغان ئوخشايدۇ.قاچىلايدىغان ۋاقىتتا يۇنىكود دەپ چىقىدۇ!!!!

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-3 19:14.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.