ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1057|ئىنكاس: 0

ۋاقتىڭىزنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتلارنى ئەسلەپ باقساق ، بىزنىڭ ھەر كۈنى مۇقىم بولغان   ئەتىگەنلىك ئۆگىنىش ، دەرسكە چىقىش ، كەچلىك مۇزاكىرە ، تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتىمىز بار . بۇ ۋاقىتلار ئاساسەن ئوقۇتقۇچىمىز تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بېرىلگەن . شۇڭا ئەركىن پائالىيەت قىلىشقا ۋاقتىمىز يەتمەيدۇ . بۇنىڭ ياخشى تەرىپى بىر كۈنلۈك ۋاقتىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆگىنىشكە سەرىپ قىلالايمىز .
ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ، ھەممە ئىشلار ئۆزگىرىدۇ . ئوخشاش ئەتىگەنلىك ئۆگىنىش ، دەرسكە چىقىش ، كەچلىك مۇزاكىرە ، تاپشۇرۇق ئىشلەشلەر بىلەن ئالدىراش ئۆتىمىز . ئەمما كەچتە ئولتۇرۇپ بۈگۈن نېمە ئىشلارنى قىلدىم دەپ ئەسلەيدىغان بولساق ھېچنىمە قىلمىغانلىقىمىزنى بايقايمىز . چۈنكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ، سىنىپ مەسئۇلىمىز بىزنىڭ كەينىمىزدىن يۈرۈپ يۇقارقى ئىشلارنى قىلىشقا سۈيلەيدۇ . ئەمما ئالىي مەكتەپتىچۇ ؟ يۇقارقىلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ . ئەمما ھېچكىم سۈيلىمەيدۇ ، سۈيلەشكىمۇ ۋاقتى يوق .
ئالىي مەكتەپكە چىققان ستۇدېنتلاردىكى ئۇمۇميۇزلۈك قاراش ، ئەگەر بىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ھالىتىمىزنىڭ يېرىمىچىلىك تىرىشالىغان بولساق بۈگۈنكى بۇ ئەھۋالدا بولماستۇق . ئەمما بىز ئەمدى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس . ئۆگىنىش ئەمدى  بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ پۈتۈن قىسمى ئەمەس .  ئەمدى بىز  دەرىستىن سىرتقى نۇرغۇن  پائالىيەتلەرگە  قاتنىشىشىمىز كېرەك ، ئىشلەپ پۇل تېپىشىمىز كېرەك ، كورسلارغا قاتنىشىپ تىل ، كومپىيۇتېر ئۆگىنىشىمىز  كېرەك . ئەمما ھەممىگە يېتىشىپ بولغىلى بولامدۇ ؟ قانداق قىلغاندا ۋاقتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ ؟  تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىڭ .
1. ھازىرقى ئۆگىنىش ئادىتىڭىزنى چۈشىنىڭ
ھازىرقى ھالىتىمىزنى ، تۇرۋاتقان ئورنىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ نەگە ، قانداق بېرىشنى بىلەلىشىمىز تەس . ھەر كۈنى كەچ بۈگۈن نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز ئەسلەپ  بېقىڭ . ئەگەر ئەسلىيەلمىسىڭىز يېنىڭىزدا كىچىك بىر خاتىرە ۋە قەلەم ئېلىپ يۈرۈشنى ئۇنتۇماڭ . نېمە ئىشلارنى قىلغان بولسىڭىز مۇۋاپىق ۋاقىت تېپىپ يېزىپ مېڭىڭ . ئىككى ھەپتىلەردىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ ئۆگىنىش ئادىتىڭىزنى ھېس قىلالايسىز .
2. بىر سائەت دەرىسكە قاتناشقان بولسىڭىز ئىككى سائەت تەكرار قىلىڭ .
بۇ ئاڭلىماققا ئاسان ، ئەمما  بەك مۇھىم ، ھەم ئاسانلا سەل قارىلىدىغان نۇقتا. ئالىي مەكتەپتىكى دەرىسلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ . بىر سائەتتە  نۇرغۇن نەرسىلەر سۆزلىنىدۇ . شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە چۈشەنگەندەك قىلغان بىلەن تەكرار قىلمىسىڭىز ئېسىڭىزدىن ئاسانلا كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار تولۇق ئوتتۇرىنىڭكىدەك يېنىڭىزدىلا ئەگىپ يۈرمەيدۇ . شۇڭا كۆپرەك ئۆزىڭىزگە تايانمىسىڭىز ، تەكرار قىلمىسىڭىز  بولمايدۇ . مۇشۇ ئادەتنى بالدۇرراق يېتىلدۈرۋالسىڭىز ئىمتىھاندىن بۇرۇنلا ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز .
3. ئۇزۇن مەزگىل بېسىپ ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلماسلىق كېرەك .
نۇرغۇنلىرىمىز دەرس يوق ۋاقىتلاردا بالدۇر كىرىپ ، كەچ قايتىپ دېگۈدەك تەكرار قىلىمىز . بۇ ئەلۋەتتە توغرا . ئەمما ئارلىقتا چوقۇم دەپ ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك . بىرەر سائەتتە  بىرەر قېتىم ئون مىنۇت ئارام ئالسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
4. بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ھالىتىڭىزنى تېپىڭ .
بەزەنلىرىمىز كەچتە ، باشقىلار ئۇخلاپ بولغاندا ئۆگىنىش قىلىشقا ئادەتلەنگەن . چۈنكى مۇھىت جىمجىت . يەنە بەزەنلىرىمىز تاڭ سەھەردە ئۆگىنىشكە ئادەتلەنگەن . چۈنكى بۇ ۋاقىت كاللا ئوچۇق ، سەگەك ۋاقىت . مەيلى قايسىلا ۋاقىت بولمىسۇن ، ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ۋاقىتنى تاللاپ ، مۇشۇ ۋاقىتتا  ئەڭ مۇھىم ، تەس ئىشلارنى قىلىڭ .
5.ساقلاش ئىچىدە ۋاقىت ئىسراپ قىلماسلىقنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك .  
ئاپتوبۇس ساقلاش ، دوستلارنى ساقلاش ، كېيىنكى سائەتلىك دەرىسكە كىرگۈچە ساقلاش بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ . قارىماققا يەككە ۋاقىت بىرلىكى قىسقا ، شۇڭا ئاسانلا سەل قارىلىدۇ . ئەمما مۇشۇ ۋاقىتلارنى يىغىپ كەلسەك نۇرغۇن ۋاقىت بولىدۇ . ئاپتوبۇس ساقلىغان ياكى دوست-بۇرادەرلەرنى ئىختىيارسىز ساقلىغان 5-6 مىنۇتلاردىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىغىلى بولىدۇ . يېنىڭىزدا ئىنگلىز تىلى سۆزلۈك كارتىسى ، فورمۇلا ، مۇھىم جۈملە ...دېگەندەكلەرنى ئېلىۋالسىڭىز مۇشۇ ۋاقىتتا پايدىسىنى كۆرىسىز .
6. ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈڭ .
مۇشۇ بىر يىلدا ، مۇشۇ مەۋسۈمدە ، بۇ ئايدا سىز قايسى ئىشلارنى قىلماقچى ، قانداق مۇھىم ئىشلار بار ؟ جىددىي ھەم مۇھىم ئىشلار قايسىلار ؟ جىددىي ئەمما مۇھىم بولمىغان ئىشلار ، مۇھىم ، ئەمما جىددىي بولمىغان ئىشلار قايسىلار ؟  جىددىي ھەم مۇھىممۇ بولمىغان ئىشلار قايسىلار مۇشۇلارنى رەت تەرتىپى ، ۋاقىت تەرتىپى ، مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە تۈرگە ئايرىپ جەدۋەل تۈزۈڭ . ۋاقتىڭىزنىڭ ئۈنۈمىنى خېلى يۇقىرى كۆتۈرەلەيسىز .
ئەسلى مەنبەسى:http://www.bektur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=105
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 22:34 , Processed in 0.132512 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat