- توردا
- 14 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-2
- تىزىملاتقان
- 2012-8-22
- شۆھرەت
- 73
- تىللا
- 70
- تۆھپە
- 73
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 303
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 14
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 4981
- تۆھپە
- 73
- تىللا
- 70
- شۆھرەت
- 73
|
alzar يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 14:27
يېزا تەرەپلەردىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئويلەر ھازىر ...
سىز ئىيتقاندەك بەزى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا كاھىش ئىلىش مەجبۇرلاش خاراكتىرىنى ئالغان بولىشى مۇمكىن،لىكىن خۆتەندە مەجبۇرلانمىغان بولسىمۇ،ئالدىنقى نەچچە يىلدا ياققان قاتتىق يامغۇرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان خىلى كۆپ خەلق كاھىش ئىشلىتىش يولىنى ئۆزى ئېختىيار قىلغان،ھەتتا بۇرۇنقى ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىسىگىمۇ كاھىش ئالغانلار بار،شۇڭلاشقا لاھىيەلىگەن چىرتىيۇژلىرىمدا كاھىش بار،بىراق چىرتىيۇزدىن پايدىلانغۇچى كاھىش ئىلىش ئالماسلىقنى ئۆزى بەلگۈلىسە ئەلۋەتتە بولىدۇ.
مىنىڭ يەتمەكچى بولغان مەخسىدىم كاھىش ئىلىش مەسىلىسى ئەمەس،
يەتمەكچى بولغان مەخسىدىم :ھەر تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئايۋان سارايلىق ئۆيلەر ئاساسەن ئىسستىمالدىن قىلىۋاتقان بولسىمۇ،بىراق پەش ئايۋان ئىشلەش ئەن-ئەنىمىزدىن ۋاز كەچمىدۇق،شۇبداقلا پەش ئايۋاننى مەركەز قىلىپ ئىش قوشۇپ تىخىمۇ بىيىتتۇق،خۆتەن تەرەپلەردە ھويلا ئارامنى سىرتتىكى يولغا تەڭلەشتۈرۈپ ياكى يولدىن كۆتۈرۇپ،ھويلا بىلەن ئۆينىڭ ئىگىز پەسلىك پەرقىنى بىردىن ئۈچ پەلەمپەي پەرقلەندۈرۈپ، پەش ئايۋان ئاستىغا ئولتۇرغىلى بولىدىغان سۇپا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇملاشقان،ئۈستىدىكى بىرىنچى ئۈنۈم چىرتىيۈژىدىكىدەك،بەزەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا بولسا ،ھويلا ئارامنى يپل بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ،ئۆينى ھويلىدىن خىلى ئىگىز كۆتۈرۈپ پەش ئايۋان سۇپىسىنى رىشاتكىلاپ ئىشلەيدىغان(سوپىدا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندەك ئولتۇرغىلى بولمايدۇ)،تۇرپان تەرەپلەردە بولسا پەش ئايۋان سۇپىسى ئاستىغا گەمە ياكى يەر ئاستى ئۆيى چىقىرىدىغان، ،يەنە بەزى ئەھۋاللاردا پەش ئايۋان ئاستىنى رىشاتكىلاپ، ئىچ قىسمىغا يەنە ئولتۇرغىلى بولىدىغان سۇپا چىقىرىدغان(3-ئۈنۈم چىرتىيۈدىدىكىدەك)ئەھۋاللارمۇ بار، يۇقاردا ئىيتىپ ئۆتكىنىمدەك مەن تىخى ھىس قىلمىغان،كۆرمىگەن،بەزى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئومۇملاشقان ئەھۋال ئۇچۇرلىرىغا ئىرىشمەكچى ئىدىم،نەشىر قىلدۇرماقچى بولغان چىرتىيۇژلار توپلىمىمدا ھەر قايسى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى ئالاھىدە ئەھۋاللارنىمۇ ئويلاشماقچى ئىدىم،قارىغاندا بۇ جەھەتتە پىكىر قاتناشتۇرالايدىغان ياكى پىكىر قاتناشتۇرۇشنى خالايدىغانلار بىلەن تور يۈزىدە ئەھۋاللاشقىلى بولمايدىغاندەك! |
|