- توردا
- 83 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-31
- تىزىملاتقان
- 2010-8-13
- شۆھرەت
- 718
- تىللا
- 555
- تۆھپە
- 377
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 2491
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 118
- تېما
- 20
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 225
- تۆھپە
- 377
- تىللا
- 555
- شۆھرەت
- 718
|
كومپىيوتىر ئەسلى نۇرمال ئىدى. دوستۇمنىڭ ئاساسى ماشىنىسىنى (主机)ئىكرانغا چېتىپ سىستىما قاچىلاپ بىرىپ، يەنە ئەسلىدىكى ئۆزەمنىڭكىنى چاتقان ئىدىم. شۇندىن بۇيان كومپىيوتىر غەلىتە بولۇپ قالدى. كىسەللىك ئالامىتى تۈۋەندىكىچە:
1.ئالامىتى: كومپىيوتىرنى توكقا چېتىپ قوزغاتقاندىن كىيىن، ئاساسى ماشىنا خۇددى ئىلگىركىدەكلا نۇرمال قوزغالغاندەك كۈرۈنىدۇ، cpu
نىڭ شامالدۇرغۇچىمۇ نۇرمال، مەنبە شامالدۇرغۇچىمۇ نۇرمال ، ئاساسى ماشىنا ئاللىقاچان قوزغالغاندەكلا بىلىنىدۇ ،بىراق ئىكرانغا سىگىنال بارمايدۇ. ئىكراننىڭ سىملىرى نۇرمال چېتىلغان. تاكى توكنى ئۈزگىچە ياكى ئېچىش كۇنۇپكىسىنى ئۇزۇن بېسىپ مەجبۇرى تاقىۋەتكىچە مۇشۇنداق تۇرىدۇ.
2.ئالامىتى: يۇقارقىدەك ئەھۋال داۋاملىشىۋاتقاندا ئېچىش كۇنۇپكىسىنى ئۇزۇن بېسىپ مەجبۇرى تاقىۋېتىپ، قايتا قوزغاتسام يەنىلا ئاساسى ماشىنا خۇددى ئىلگىركىدەكلا نۇرمال قوزغالغاندەك كۈرۈنىدۇ، cpuنىڭ شامالدۇرغۇچىمۇ نۇرمال، مەنبە شامالدۇرغۇچىمۇ نۇرمال ،بىراق ئىكرانغا سىگىنال بارمايدۇ. بۇ ئەھۋال 10سىكىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشقاندىن كىيىن ئاپتۇماتىك توكنى ئۈزۈپ كومپىيوتىرنى تاقايدۇ، ئاندىن 5سىكىنۇت ئەتراپىدا يەنە قايتىدىن قوزغىتىدۇ، يەنە 10سىكىنۇت ئەتراپىدا قوزغىلىش داۋاملاشقاندىن كىيىن، يەنە ئاپتۇماتىك توكنى ئۈزۈپ كومپىيوتىرنى تاقايدۇ، ئاندىن 5سىكىنۇت ..... مانا مۇشۇنداق قايتىلىپ داۋاملىشىۋېرىدۇ، بۇ ئەھۋال تاكى مەن توكنى ئۆزىۋەتكىچە داۋاملىشىدۇ، بۇجەرياندا ئىزچىل ئىكرانغا سىگىنال بارمايدۇ. توكنى ئۈزۈپ قايتا توكقا چېتىپ قوزغاتسام 1-ئالامەت ئاندىن 2-ئالامەت.... ئىشقىلىپ مۇشۇنداق ئالامەت.
3-ئالامىتى: يۇقارقى ئەھۋاللارغا ئاساسەن كومپىيوتىرنىڭ قاتتىق دىتالىدىن مەسىلە كۈرۈلگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغانىدىم،بىراق ئون قېتىمغا يېقىن سىناش داۋامىدا تۇيۇقسىز نۇرمال قوزغىلىپ كەتتى. ھەممە ئىش نۇرمال . تاكى مەن كومپىيوتىرنى تاقىۋەتكىچە. كومپىيوتىرنى تاقاپ قايتا ئاچسام يەنە شۇ نەچچە قېتىمدا بىرقېتىم نۇرمال قوزغىلىدۇ، بولمىسا يۇقارقىدەك.
مەن سىموسنىڭ مېيىنى ئېلىپ قايتا سالدىم، نۇرمال قوزغالدى، ئىككىنچى قېتىم قوزغاتقاندا يەنە شۇ ئەھۋال. بارلىق قاتتىق دىتالنى تازىلاپ قايتىدىن قۇراشتۇردۇم، نۇرمال قوزغالدى، ئىككىنچى قېتىم قوزغاتقاندا يەنە شۇ ئەھۋال.
بۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ باققانلار بولساڭلار تەجرىبەڭلارنى ئايىمىغايسىلەر! |
|