ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 137|ئىنكاس: 1

ئىشخانا ئەخلاقى توغىرسىدا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
346
تىللا
238
شۆھرەت
453
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 23:23:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىشخانا ئەخلاقى توغىرسىدا يۈرەك سۆزۈم

ئىمىنجان ھىدايەت پاسىبانى

كۆپ يىللىق خىزمەت ئەمەلىيتىدە شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى ، مەيلى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ياكى ئادەتتىكى كەنىت كادىرى بولسۇن ، ئىشخانىدا يۈرۈش - تۇرۇش ، گەپ سۆز ، ئۆز ئارا مۇئامىلە قاتارلىقلاردا بەلگىلىك قائىدە - يوسۇن ۋە ئەدەب - ئەخلاق بىلەن ئۆزىنىڭ سۆز ھەركىتىنى چەكلەپ تۇرىشى ، كۆپچىلىككە ياخشى تەسىر بېرىشى تولىمۇ زۆرۈر . چۈنكى بۇ ئۆز نۆۋىتىدە سىزنىڭ ئومۇمى ساپايىڭىزنى كۆرسىتىدۇ .

1 - ھەر كۈنى ئەتتىگىنى ئىشقا كېلىپ خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن سالاملىشىپ ، سالامەتلىك ئەھۋالنى قىسقىچە سوراڭ . چۈنكى بۈگۈن بار ئادەم ئەتە يوق ................ ئۆلۈم قىرىغىمۇ ياشقىمۇ ھەممەيلەنگە بار . ھەم بىز بۇ خىزمەتنى مەڭگۈ ئىشلىمەسلىكىمىز مۇمكىن ..... مەڭگۈ باشلىق بولماسلىقىمىز مۇمكىن ...................... ؟؟؟؟

2 - ئىشقا كىلىپلا ئۈستەللەرنىڭ ئۈستىنى رەتلەپ ، يىغىشتۇرۇپ ۋە پاكىز سۈرۈتۈپ ، ئەخلەتلەرنى تېگىشلىك ئورۇنغا يۆتكىۋېتىڭ . دېرىزە ئىشىكلەرنى ئېچىپ . ئىشخانىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۋېتىڭ . بولمىسا سىرىتتىن كىرگەن كىشى ئىشخانىنىڭ ئىچىگە قاراپ سىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزنى تەرتىپسىز ئوخشايدۇ دەپ قېلىشى مۇمكىن .

3 - خىزمەتداشلىرىڭىز خىزمەت قىلىۋاتقاندا ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى ئىشلىرىڭىزنى يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە ھېكايە قىلىپ سۆزلىمەڭ ياكى باشقا تونۇش - بىلىشلىرىڭىزنى ئىشخانىغا باشلاپ ، ئۇلار بىلەن ئۇزاققىچە پاراڭ سالماڭ . ئۇنداق قىلسىڭىز خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ زېھنى چېچىلىپ ، خىزمىتىگە تەسىر يېتىدۇ .

4 - ئىشخانىدا شۆپۈكلۈك نەرسىلەرنى يەپ ، شۆپۈكنى قالايمىقان تاشلاش ياكى ىسرىتتىن تاماق ئەكىرىپ يېيېش بىرخىل مەدەنىيەتسىزلىك ، شۇڭا بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ

5 - كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغان چاغدا ئىشخانىڭىزدىكى ئىشىك ۋە ئۈستەل تارىتمىللىرىنى قاتتىق يېپىپ - ئىچىپ ، باشقىلارغا دوق قىلىشتىن ساقلىنىڭ .

6 - بىرەر ئىش بىلەن خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ئىشخانىسىغا كىرمەكچى بولسىڭىز ، ئىشىكنى چېكىپ ، رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن كىرىڭ . باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ .

7 - خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ سىزگە ھاجىتى چۈشۈپ قالسا ، قولىڭىزدىن كىلىشچە ياردەم قىلىڭ . ئەگەر قولىڭىزدىن كەلمىسە ، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ توغرا مەسلىھەت بىرىڭ .

8 - خىزمەتداشلىرىڭىزغا چاقچاق قىلغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا ، شەخسىيتىگە تىگىدىغان گەپ - سۆزلەرنى قىلماڭ .

9 - كىيىم - كېچەكلىرىڭىز رەتلىك ، پاكىز بولسۇن ، چاكىنا ، خىزمەت دائىرىڭىزگە ماس كەلمەيدىغان كىيىملەرنى كىيمەڭ       .       << بولۇپمۇ   خانىم قىزلار ئاياللىق نازاكىتىمنى ئىپادىلەيىتتىم دەپ يىرىم - يالىڭاچ ، كالتە - كۇسەر كىيىملەرنى كىيمەڭ . بەدەنلىرىڭىز تولۇق يۆگەلسە باشقىلار بەكرەك دىققەت قىلىشى مۇمكىن ..................................؟؟؟ >> روھلۇق ، ئوچۇق- يورۇق چىقىشقاق بولۇڭ . شۇنداق قىلغاندىلا خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيسىز .


خوتەن ۋىلايىتى گۇما - ناھىيە كىلياڭ يىزا يۇلغۇنجاي كەنىتدىن

2012 - يىل 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى  

1

باھا خاتىرىسى

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
528
تىللا
619
شۆھرەت
774

تۆھپە ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 12:10:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يېزىپسىز  بارىكاللا  ئەجرىڭىزگە  كۆپ  تەشەككۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-9 01:08 , Processed in 0.181641 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش