- توردا
 - 254 سائەت
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2012-11-6
 - تىزىملاتقان
 - 2011-4-10
 - شۆھرەت
 - 1334 
 - تىللا
 - 880 
 - تۆھپە
 - 806 
 - ھوقۇقى
 - 40
 - جۇغلانما
 - 4689
 - ئالبوم
 - 1
 - بلوگ
 - 0
 - خاتىرە
 - 0
 - يازما
 - 335
 - تېما
 - 82
 - نادىر
 - 0
 - ھەمبەھر
 - 0
 - UID
 - 2061
  
 
 
 
   
- تۆھپە
 - 806 
 - تىللا
 - 880 
 - شۆھرەت
 - 1334 
  
 | 
 
 
ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەننىڭ نېمىگە پايدىسى ؟  
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ،  ھازىر چەتئەل  تىلى ئۆگىنىش بىر دولقۇنغا  ، مودىغا ، دەۋىر ئېھتىياجىغا ئايلاندى . مېنىڭچە بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال ، جەمئىيەتنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى . بۇ ھەم بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 21-ئەسىردىكى دەۋىر  تەقەززاسىغا قايتۇرغان ئانچە-مۇنچە ئىنكاسىمىز بولسا كېرەك .  ئانا تىلىنىلا بىلىپ باشقا مىللەت تىللىرىنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ  كۈنى  ھازىرلا ئەمەس ، بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ تەسلىشىدۇ .     
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە  چەتئەل تىلى ئۆگىنىدىغانلار  ۋە ئۆگىنىۋاتقانلار  ئەڭ كۆپ  ساننى ئىگەللىسە كېرەك . شۇنچىۋالا تىل تەربىيلەش  كورسلىرىغا قارىسىڭىز  تىزىپ قويغاندەك مىغ-مىغ ئادەم . خۇددى كوچىدىكى ئادەملەرنىڭ  ھەممىسى كورسقا كىرىۋالغاندەك . شۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى .  يۈزدە 90 %  سىتۇدېنت ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ئىنگلىزتىلى  ئۆگىنىپ باقىدۇ . ئەڭ كامىدا يېڭى  ئۇقۇم ياكى كامبىرىج  ئىنگلىز تىلىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى بولسىمۇ تۈگىتىدۇ .   ئەمما شۇلاردىن قانچىسى شۇ تىلنىڭ نېنىنى يىگۈدەك بولالايدۇ ؟  شۇلاردىن  نىمە زادى نېمە ئۈچۈن چەتئەل تىلى ئۆگىنىسىز ؟چەتئەل تىلى ئۆگەنگەننىڭ نېمىگە پايدىسى ؟  دەپ سورىسىڭىز ھەر خىل  جاۋابلارنى بېرىشى مۇقەررەر .  ئوقۇغۇچىلارنىڭ  شەنبە-يەكشەنبە ، دەرستىن سىرتقى قىممەتلىك ئارام ۋاقتلىرىنى چىقىرىپ   تىل ئۆگىنىشتىكى مۇددىئاسىنى مۇنداق بىر قانچە سەۋەپكە يىغىنچاقلاش  مومكىن .  
1.  ھازىرقى دەۋىر ئۇچۇر دەۋرى ، ئېچىۋىتىلگەن دەۋىر . تىل ئۆگىنىش ھازىرقى زۆرۈرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زۆرۈرى . شۇڭا چوقۇم مەلۇم خىل چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش كېرەك .  بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە خىزمەت ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۆگىنىمەن .  
2. ئۆيدىكىلەرنىڭ ،  ئاتا-ئانامنىڭ زورى بىلەن ئۆگىنىمەن .  
3. بىكار تۇرساممۇ تۇرىدىكەنمەن ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ،كورسلاردا  يېڭى دوست تۇتۇش ئۈچۈن  ئۆگىنىمەن .  
4. راستىنى ئېيتسام ، نىمە ئۈچۈن ئۆگىنىۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . باشقىلار ئۆگىنىۋىتىپتۇ ، شۇڭا مەنمۇ ئۇلاردىن قالماي ، مودا ئۈچۈن  دەپ ئۆگىنىمەن .  
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيتقاندەك " ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلاش  قانداقتۇر جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىك ئەمەس  ، بەلكى جەمئىيەت تەقەززاسىنى ئەمدى تونۇپ يەتكەنلىكىڭىز ، خالاس "  .  ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەن ئادەم ئايغا چىقىپ كەتمەيدۇ ، ئۆگەنمىگەن ئادەممۇ ئاچ قېلىپ ئۆلمەيدۇ . ئەمما بۇ يەردە مۇنداق  بىر مەسىلە بار . ئۇ بولسىمۇ ، ياشاش . ياشىغاندىن كىيىن ئوبدانراق  ئادەمدەك  ياشاش . سۆرەلمە پالازدەك سۆرۈلۈپ ئەمەس ، باشقىلارغا يېتىشىپ بىللە ياشاش ، ھەتتا ئۇلارنى باشلاپ مېڭىش .  تىل ئۆگىنىشمۇ  شۇنداق . ئۆگىنىش ، ئۆگەنگەندىن كىيىن راۋرۇس ئۆگىنىش .  بولمىسا شۇ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە قاراتقان ۋاقىت ، سەرپ قىلغان ئىقتىساد ۋە زېھنىي كۈچنى باشقا قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى ، دەرھال ئۈنۈم  بېرىدىغان ، جانغا ئەسقاتىدىغان باشقا كەسىپ-ھۈنەر ئۆگىنىشكە قاراتقان تۈزۈك . چۈنكى ئۆزىنىمۇ باقالماي ئاچ  يۈرۈپ ، دەۋىر بىلەن بىللە مېڭىش ئۈچۈن زادى ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىمەن دېيىش ئەخمىقانىلىق .    شۇنچىۋالا ۋقىت ، پۇل ۋە زېھنىي كۈچنى بەرگەنگە چۇشلۇق  ھاسىلاتقا ئېرىشمەسلىك ، ئېرىشىشنىمۇ كۈتمەسلىك ئادەمنى ئېچىندۇرماي قالمايدۇ .   
شۇڭا ھازىرقى ئىنگلىز تىلى(ياكى باشقا چەت تىلى) ئۆگىنىۋاتقانلارغا دەيدىغىنىمىز ، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىڭ ، ئەمما راۋرۇس ئۆگىنىڭ . قارغۇلاچە  ئەمەس ، مەلۇم مەقسەت-مۇددىئا بىلەن ياخشى ئۆگىنىڭ .  شۇندىلا ئۆگەنگىنىڭىزنىڭ نېنىنى يىيەلەيسز . 
  
 |   
 
  
 |