ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 89|ئىنكاس: 2

(ساتىرىك شېئىر)ئىدارىگە چاقىمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

robot 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
700
تىللا
774
شۆھرەت
1158
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                  نۇر مۇھەممەت
سوغا سالام ئەپ كەلسەڭ, گۆش پولودا باقىمەن،
ئوتلىرىڭدا  كۈل بۇلۇپ ، سۇلىرىڭد ا ئاقىمەن.
سۇ قۇيمىسا قۇدۇققا، سۇ بەرمەيدۇ بىر چىلەك،
شۇنچىلىكنى بىلمىسەڭ، ئىدارىغا چاقىمەن.

يۆتكىلىمەن  دىيىشمە  ئارىمىزدا  توختام بار،
بىكار بولساڭ تەرمەمسەن، تېرىپ قويغان پاختام بار،
ئىسمى زاتىڭ  پۈتۈكلۈك، بىر مېتىرلىق  تاختام بار،
قىلنى پىلدەك كۆرسىتىپ، ئىدارىغا چاقىمەن.

كېتەلمەيسەن يۇرتۇڭغا، تۆت بەش يىللىق دىڭشياڭسەن،
قىش كۈنلىرى  دوخوپكا  ياز كۈنلىرى   بىڭشياڭسەن.
مەن توۋلىسام توۋلايسەن، ئۈچ مىڭ ۋاتلىق يىڭشياڭسەن،
بولالمىساڭ  شاتۇتتەك ، ئىدارىغا  چاقىمەن.

بېرىپ قالسا  ئىدارە ، مال  باھانىڭ پەرقىنى ،
ئۆستۈرىمەن شۇ چاغدا، كۇۋاڭگۇڭنىڭ نەرقىنى.
پو ئېتىشىپ يۈرگەنلەر، ئەمدى نىمە دەر قېنى،
ئىنىڭ مىنىڭ دىيىشسەڭ، ئىدارىغا چاقىمەن.

سېنىڭ، مېنىڭ دېيىشمە، ئىسسىق تاماق يىيىشمە،
رۇخسەت ئالماي مىنىڭدىن ، ئولتۇرۇپمۇ سىيىشمە.
بۇرۇت ساقال ئەپ يۈرۈش، دوپپا تۇماق كىيىشمە،
يازدا تۇماق كەيدى دەپ، ئىدارىغا چاقىمەن.

تەنتەربىيە  سايمىنى، ئايرىلمىسۇن  مەيداندىن،
رەتلىك يۈرسۈن مەكتەپتە، يۈگىرەپ كەلسۈن زەيداندىن.
گەر سۇغۇق  سۇ بولسىمۇ ، ئۈزۈلمىسۇن  چەيداندىن،
ئەگەر  بىرسىڭ  چاندۇرساڭ، ئىدارىغا چاقىمەن.

ئۈچ ۋاق پولو بەرگەندەك،  چىقسۇن تاماق تىزىمى،
ھەرۋاق تاماق ئەتكەندە،  قالسۇن گۆشنىڭ يېرىمى.
ھە! شۇ چاغدا ئاشمامدۇ، ھەممىمىزنىڭ كىرىمى،
ئەگەر ئۇنداق قىلىمىساڭ، ئىدارىغا چاقىمەن.

دەرھال كۆچۈش ئۆي تېپىپ، يۇقۇلۇشقىن مەكتەپتىن،
ياتاقلارنى  بىكارلاش ، توختاشمىغىن  ھەركەتتىن.:
چىدىمايمەن سەنلەرنىڭ، بەھىر ئالساڭ راھەتتىن،
كۆچۈشمىسەڭ  ياتاقتىن  ئىدارىغا  چاقىمەن

دەرھال كۆچۈش ئۆي تېپىپ، بۇ مەكتەپنىڭ ياتىقى،
سەن ئولتۇرۇپ دۈم چۈشسە، ئۆزگەرمەمدۇ ئاتىغى.
ئەمدى سەندەك خەق بىلەن، بۇلار كىمنىڭ چاتىغى،
يوقالمىساڭ  ئۆي تېپىپ، ئىدارىغا  چاقىمەن.

ئەمگەك قىلدۇق بىر ھەپتە، ئۇدۇللىسۇن پىلاننى،
قۇمۇرۋەتسۇن چاپسانراق، يېڭى سالغان چىلاننى.
ئارغامچىنى كۆرسۈتۈپ  قورقىتىمىز  يىلاننى،
بۇلۇشمىساڭ  گاچىدەك، ئىدارىغا  چاقىمەن.

رەتلەپ قۇيۇش ئارخىپنى، تىقىپ قۇرۇق قەغەزنى،
پەختەك قونسىمۇ ھىساپ، ئىگىز چىقار پەخەزنى.
توختىدۇ، شاكىلاپ، يىغلاپ كەتكەن مەرەزنى،
ئەگەر بىرسىڭ چاندۇرساڭ، ئىدارىغا چاقىمەن.

چىقىرىۋېتىش سىنىپتىن، ساۋادى يوق چالىنى،
سۇلاپ قويۇش ئۇرنىغا، تېپىپ بىرەر بالىنى.
بۇقا بۇزسا ئېغىلنى، ئەدەپلەيمىز كالىنى،
ماسلاشمىساڭ خىزمەتكە، ئىدارىغا چاقىمەن.

زىرىكمەستىن ئاڭلايسەن، كۈندە ئاچقان يىغىننى،
ئولتۇرىسەن ئۆلۈكتەك، قوغلاشمايسەن چىۋىننى.
قاماللايدۇ قارچۇغا، بوي بەرمىگەن تىيىننى،
بۇزساڭ يىغىن كەيپىنى، ئىدارىغا چاقىمەن.

ئۆمەك كىرسە تەكشۈرۈپ، نەچچىڭ قاچتىڭ تالاغا،
تەييارلىقىنى تەكشۈرتمەي، كىرىۋالدىڭ خالاغا.
سەن خەقلەرنى دەپ يۈرۈپ، مەن قالايمۇ بالاغا،
تەكشۈرتمىسەڭ ماتېرىيال، ئىدارىغا چاقىمەن.

ئاڭلا بىزنىڭ مەكتەپنىڭ قەرىزدار  لەقەم بار،
بايرام كەلدى  دېيىشمە، مالىيەدە  رەقەم بار.
كۆمۈرمۇ يوق ئامباردا، قۇناق شېخى بەقەم بار،
بايرام گېپى قىلىشساڭ، ئىدارىغا چاقىمەن.

ھەممە ئىشنى بۈگۈندىن، پەقەت پۇلغا باغلايمىز،
كېكىرسەكمۇ جەرىمانە، ئېلىپ گالنى ياغلايمىز.
جەرىمانىنى تۇتۇشقا، مەخسۇس ئادەم سايلايمىز،
تۆلىمىسەڭ سەن نەق پۇل، ئىدارىغا چاقىمەن.

بىلىشەمسەن باشلىقنىڭ، گېپى شۇڭا چىرايلىق،
پۇل تۇتۇشقا دەپتەرنىڭ، رېتى شۇڭا چىرايلىق.
تۇتىدىغان پۇللارنىڭ، ئېتى شۇڭا چىرايلىق،
تۇتقان پۇلنى بەرمىسەڭ، ئىدارىغا چاقىمەن_

مەنبە:  تېمىنىڭ ئەسلى ئادرېسى ئۇستازىم تور بېكىتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 22:59  

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
49
تىللا
249
شۆھرەت
153
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم بىيرۇكىرات مەكتەپ مۇدىرلىرىنى راسا سۆكۈپسىز. ھازىر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئوقۇتۇش بىلەن كارى يوق، ئۆزىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆسۈشى ئۈچۈن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بىمەنە تەلەپلەرنى قويۇپ ئوقۇتقۇچىلارنى ھەم ئوقۇغۇچىلارنى قىينايدىغان، بولۇپمۇ ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەتىگە زىيان سالىدىغان مۇدىرلىرىمىز خىلى كۆپ!

Rank: 4

تۆھپە
219
تىللا
339
شۆھرەت
415
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئېغىز گەپ:قالتىس!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-8-18 13:44 , Processed in 0.410014 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش