- توردا
- 191 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-3
- تىزىملاتقان
- 2010-8-1
- شۆھرەت
- 2436
- تىللا
- 1364
- تۆھپە
- 1171
- ھوقۇقى
- 80
- جۇغلانما
- 7915
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 3
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 508
- تېما
- 55
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 147
- تۆھپە
- 1171
- تىللا
- 1364
- شۆھرەت
- 2436
|
ئەلۋەتتە بولىدۇ.
بەزىدە كومپيۇتېردىكى مۇھىم ماتېرىياللار ياكى شەخسى ئۇچۇرلارنى مەلۇم سەۋەپتىن ئۆچۈرىۋېتىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. بۇ چاغدا كۆپىنچىمىز ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن، ئەخلەت ساندۇقىنىمۇ تازىلىۋېتىمىز ياكى بىۋاستە Shift + Delete كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ھۆججەتنى بىراقلا ئۆچۈرىۋېتىمىز. بىراق قاتتىق دېسكىدىكى بۇ ھۆججەتلەر يېزىلغان ئورۇنغا يېڭىدىن ئۇچۇر يېزىلمىغان بولسىلا، يەنىلا FinalData، Recuva قاتارلىق خاتا ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قوراللىرىنىڭ ياردىمىدە بۇ ھۆججەتلەرنى يەنىلا تامامەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا، شەخسىيەتلىككە تاقىشىدىغان، قاتتىق دېسكىدىن ئۈزۈل-كېسىل يوقاتماقچى بولغان بۇ ھۆججەتلەرنى قانداق قىلىپ پانىي ئالەمگە مەڭگۈلۈك ئۇزاتقىلى بولىدىغاندۇ؟
RightDelete بولسا، بىر تۈرلۈك، ھۆججەتلەرنى زوراۋانلارچە ئۆچۈرەلەيدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئادەتتە ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى، قاتتىق دېسكىدىكى شۇ ھۆججەت تۇرۇشلۇق ئورۇنغا يېڭى ئۇچۇر يېزىلىشتىن بۇرۇن FinalData، Recuva قاتارلىق كەسپىي ھۆججەت ئەسلىگە كەلتۈرۈش قوراللىرىنىڭ ياردىمىدە تامامەن ئەسلىگە كەلتۈرىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما RightDelete ئارقىلىق ئۆچۈرگەن ھۆججەتلەر ئۇنداق ئەمەس، RightDelete ئارقىلىق ئۆچۈرگەن ھۆججەتلەر كومپيۇتېرىمىزدىن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈلۈك يوقىلىدۇ، يۇقاردا تىلغا ئالغان يۇمشاق دېتاللار بىلەنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ! بىر قىسىم كەسپىي ماتېرىياللار ياكى شەخسى ئۇچۇرلارنى ساقلانغان قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، RightDelete ھەقىقەتەن بىر ياخشى ياردەمچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
RightDelete نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
RightDelete بولسا بىر دانە تاق ھۆججەتتىن تەركىب تاپقان يۇمشاق دېتال بولۇپ، چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن C دېسكىدىكى Program Files مۇندەرىجىسىگە قويۇپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھۆججەتنى قوزغاتقاندىن كېيىن، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكا تىزىملىكىگە، مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈش ئىقتىدارىنى توپلاشتۇرىۋېتىش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ، مەشغۇلاتنىڭ قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن توپلاشتۇرۇپ ئىشلەتسەك بىر قەدەر ياخشى. بىراق داۋاملىق ھۆججەت ئۆچۈرمىسىڭىز ياكى ئورتاق ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېردا مۇھىم ماتېرىياللىرىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئاۋايلاپ ئىشلىتىڭ.
RightDelete نىڭ تىزىملىك چۈشەندۈرۈلىشى:
Explorer Context Menu file/folder links
مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىغا مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈش ئىقتىدارىنى توپلاشتۇرىۋېتىش
Explorer Context Menu SendTo link
مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىدىكى ئەۋەتىدىغان مەنزىل(发送连接)گە توپلاشتۇرىۋېتىش
Desktop shortcut link
ئۈستەل يۈزىگە تېزلەتمە ئايكون قۇرۇپ بېرىش
|
|