ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 587|ئىنكاس: 10

قەشقەر ھېيتگاھ خاتىبى ئابدۇقادىر قارىھاجىم ۋاپات بولدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
3254
تىللا
3060
شۆھرەت
5400

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 20:49:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەر ھېيتگاھ خاتىبى ئابدۇقادىر قارىھاجىم ۋاپات بولدى
قەشقەر خەلقىنىڭ ئاتا سۈپەت ئۇستازى، بۇلبۇلدەك خۇش-ناۋا ئاۋازى، يۈرەكلەرنى ئەزگۈدەك مۇڭ قۇرئان قىرائىتى بىلەن مۇسۇلمانلار جامائىتىگە تونۇلغان مەشھۇر قارى،دىننىي ئۆلىما،جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر قارىھاجى رامىزاننىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 3 ئەتراپىدا 72 يېشىدا قەشقەردە ۋاپات بولدى. بۈگۈن ئەتتىگەن بامداتتىن كىيىن ھېيتگاھ جامائەسىدە مىيىت نامىزىنى ئوقۇدۇق. مىيىت نامىزىغا كەلگەن ئادەملەر ھېيتگاھ جامەئەسى ئىچى، ئالدى مەيدان، نور بېشى يان تەرەپكە لىق تولغان بولۇپ ھەممە ئادەمنىڭ كۆزلىرىدە ياش لېغىرلايتتى. ئۇستازنىڭ مېيىتىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان ئەل-جامائەت ھېيتگاھ مەيدانىدىن يولغا چىقىپ ياۋاغ بىلەن تۈمەن دەريا كۆۋرىكىدىن ئۆتۈپ پىيادە قەۋرىستانلىققا ئىلىپ باردى. مېيىتنى ئۇزۇتۇپ ماڭغان ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن ساپما كەش، ئاياق، پايپاقلار چۈشۈپ قالسىمۇ يالاڭئاياق كېتىۋاتقان ئادەملەر توپىغا قاراپ خەلقىمىزنىڭ ئۇستازغا قانچىلىك ھۆرمىتى بارلىقىنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس.ھاياتلىقىدا ئۇستازنىڭ ئارقىسىدا نامازغا تۇرغان قەلبلەر ئوقۇلىۋاتقان ئايەتلەرنىڭ سىرلىق كۈچىدىن لەرزىگە كىلەتتى. مەناسىنى چۈشەنمىسىمۇ كۆزلەر ئىختىيارسىز نەملىشەتتى.مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئابدۇلباسىت، ئابدۇراھمان سۇدەيس، شۇرەيىم، ئەلغەمدى دېگەن كاتتا قارىيلىرى بولغىنىدەك ئابدۇقادىر قارىھاجى ئۇيغۇرلارنىڭ كاتتا قارىيسى ئىدى.
مەرھۇمنىڭ ھايات كۆرۈنۈشلىرى:











مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ كەمتەرلىكى،ئەخلاق -پەزىلىتى ،دىندىكى كامالىتى بىلەن قەشقەر خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن زات ئىدى،
ئاللاھ ئۇستازغا كاتتا مەرھەمەت ئاتا قىلسۇن!ئۇ ھايات ۋاقتىدا قەشقەر خەلقىگە ئاتا،ئۇستاز بولۇپ،نۇرغۇن پەتىۋالارنى يوقاتقان،خەلقنى توغرا يولغان يېتەكلىگەن داڭلىق ئۆلىما ئىدى،ئۇنىڭ ۋاپات بولۇشى خۇسۇسەن دىيارىمىزغا نىسبەتەن ئىسلام چىرىقىنىڭ قاتتىق تەۋرىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەمدى،مەرھۇمنىڭ دەپنە مۇراسىمىدىكى داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمىنى كۆرۈپ باقايلى،قەشقەر شەھىرى بۈگۈن تەۋرەپ كەتكەن ئىدى،بۇ زاتنىڭ ھايات ۋاقتىدا بېسىپ ئۆتكەن ئىش-ئىزلىرى ،ياراتقان ئىلمىي نەتىجىلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە قوشقان تۆھپىسى كىشىلەر قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ!
مەڭگۈ ئەستىن چىقماس داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىم كۆرۈنۈشى:



















بۇقىتىم ئەقىللىق قىرىنداشلىرىمىز ھەرخىل ئاماللارنى قىلىپ مەسجىدنىڭ ئاچقۇچىنى بەرگىلى ئۇنمىدى ،نامازنى چۈشۈرۈپلا مەسجىد ئىچىقسا ماشىنىغا سالىمىز دەپ تۇرۋالغان كىيىن قىرىنداشلىرىمىز توپلۇشۇپ ئۈنلۈك توۋلاپ ماڭدى . مەرھۇمنى مەسجىدتىن تۇپراق بىشىغا بارغىچە 4يەردە ئالدىنى توسۇپ ماشىنىغا سالىمىز دەپ تۇرۋالدى لىكىن قىرىنداشلىرىمىز يەنە بوشاشماي قەتتىلىك بىلەن ماڭدى . جەمئىي ماڭغان يول ئاز بولغاندا 5 كىلومىتىر كىلىدۇ . چوڭ يولنى شۇنداق ئىگەللەپ ماڭدۇقكى بۇ قىتىملىق ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىلىشى ھەرقانداق مۇسۇلمانلارنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.مەرھۇمغا جەننەت ئىنئامى تىلەيمىز!
تېمىنىڭ كېلىش مەنبەسى:تور دۇنياسىدىن يىغىپ رەتلەندى

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
397
تىللا
373
شۆھرەت
588
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 22:08:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۇيغۇرۇمغا يەنە بىر مۇسىبەت يىتىپتۇ،ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن.
قىيىن ئىش يوق ئالامدە،كۈڭۈل قويغان ئادەمگە!!
ibrat 实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1348
تىللا
1525
شۆھرەت
2357

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 23:54:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنىى كەمپىرىم بىلەن مىنىڭ نىكايىمنى ئوقۇپ قويغان موللام شۇكەن!!!
گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن!

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
230
تىللا
445
شۆھرەت
457
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 00:06:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ مەرھۇمغا ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنى بىرىپتۇ، ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي(ئامىن)

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
57
تىللا
66
شۆھرەت
67
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 10:53:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي(ئامىن)

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
543
تىللا
635
شۆھرەت
800

تۆھپە ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 18:23:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.اللاھ   ياتقان يېرىنى  جەننەت  قىلغاي
turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2985
تىللا
3003
شۆھرەت
5529

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 22:35:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.اللاھ   ياتقان يېرىنى  جەننەت  قىلغاي
turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2985
تىللا
3003
شۆھرەت
5529

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 22:35:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.اللاھ   ياتقان يېرىنى  جەننەت  قىلغاي

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
63
تىللا
125
شۆھرەت
109
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 23:19:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولغاي،  امن،    رەھمەتلىكنىڭ مىيىت نامىزى   ھىيىت نامىزىدەك شۇنداق كۆپ جامائەت  بىلەن ئوقۇلدى،ئۇلۇغ اللاھ ھەممىمىزگە شۇنداق ئۇلۇغ ئاي،ئۇلۇغ كۈنلەردە ،شۇنداق كۆپ جامائەت بىلەن ناماز تىپىپ كىتىشكە نىسىپ قىلغاي،  امن.

دەلىللەنگەن

ھەقىقەت

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1163
تىللا
6403
شۆھرەت
1929

ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 22:03:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئۈستىدىكى سۈرەتنى ئاجايىپ ماھىرلىق بىلەن كىرىشتۈرۈپتۇ .
alm+soft   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1795
تىللا
1410
شۆھرەت
2560
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 22:36:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ كىشنىڭ نامىنى قاغىلقتا تۇرۇپمۇ ئاڭلىغان .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-11 20:18 , Processed in 0.118844 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش