- توردا
- 5 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-26
- تىزىملاتقان
- 2012-7-4
- شۆھرەت
- 28
- تىللا
- 31
- تۆھپە
- 30
- ھوقۇقى
- 15
- جۇغلانما
- 122
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 5
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 4757
- تۆھپە
- 30
- تىللا
- 31
- شۆھرەت
- 28
|
بەك ئېشىپ كىتىپتۇ ، مەن تۇنۇيدىغان مىڭكوخەنلەر ئوغۇل بۇلامدۇ قىز بۇلامدۇ بۇنداق چەكتىن ئاشۇرۋەتىكىدەك گەپ قىلمايدۇ .ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولغىنىدىن پەخىرلىنپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ. بەكرەك چۈشۈنۇپ باقسىڭىز ئۇلارنىڭ مىللەتكە بولغان قارىشى ئۇيغۇرچە ئوقۇغان بالىلارغا قارىغاندا كۈچلۈك كىلىدۇ .‹‹ مىڭكوخەن بىز›› دەپ بىر توربەت بۇلىدىغان ھازىر بارمۇ يوقمۇ بىلمىدىم ، شۇنداق ياخشى تېملاردا سۆھبەت ئېلىپ باراتتى .ئىككى -ئۈچ يىل ئالدىدا ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردە ئۇيغۇردىكى ئىللەتلارنى سۆككەن بولسا ، بۇلار ئۇيغۇرلاردىكى ياخشى مەدىنيەت توغرىسدا سۆھبەت قىلاتتى . تور توختىغان مەزگىللەردە بۇ تورمۇ تاقىلىپ قالدىغۇ دەيمەن .ھازىر ئىزدەپ باقسام تاپالمىدىم . بىر ھەرقانچە ئۆگەنسەكمۇ شۇ بالىلاردەك خەنلەرنىڭ ئىنچىكە تىلىنى ئۆگۈنۇپ بۇلالمايمىز .ھازىر كۆپىنچە مىڭكوخەن بالىلار ئۇيغۇرچە يېزىش ۋە ئوقۇشنى ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنىۋاتىدۇ ، ئەڭ ئاددىسى بىر مىڭكوخەن قىزبالا(ئۇيغۇرچە چوتلا ئۇخمايدىغان ،ئاتا ئانىسىمۇ مىڭكوخەن ئىكەن ) ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگەنگىسى بارلىغىنى ئېيتقاندا ، ئۇنىڭغا قۇلۇمدىن كىلىشچە ياردەم قىلغان ئىدىم ھازىر يامان ئەمەس بۇلۇپ قالدى .شۇڭا تورداشلار بۇ ئاچچىق كىنايىگە تولغان ئەسەردىن ئىلھاملىنىپ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەي قۇلۇڭلاردىن كىلىشىچە ياردەم قىلىڭلار . مەسىلەن بەيدۇدىن ئىزدەپ باقساڭلار 民考汉吧دىگەن بەتتە بىر مىڭكوخەن بالىنىڭ يازمىسى بار ئىكەن خەنزۇچە بىلسەڭلار ئۇقۇپ بېقىڭلار :
SALAM!太高兴了,我要常驻这里,我是维吾尔族是个真正的民考汉(所谓不真正的就是“民变汉”),希望交到更多民考汉朋友,醒悟过来想学习母语的同胞我更是非常欢迎!我会非常耐心的助一臂之力 mirzaban
شۇڭلاشقا ھازىرقى مەسىلە چەتكە قېقىش ئەمەس بەلكى ئۇلارغا ياردەم قىلىش .يات مىللەتنىڭ تىلىدا ئوقىغانلىقى ئۇچۇنلا ئۇلارغا بىر تەرەپلىمە قارىساق ياخشى بولمايدۇ ، ھەممىمىز بىر قېرىنداش ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىمىزگە ئازار بەرمەيلى قېرىنداشلار .... |
|