تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

تۇنجى قېتىملىق Visual Basic بىلىمى مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى

يوللىغۇچى: adminbiz| يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-1 02:18| كۆرۈلۈشى: 190| ئىنكاس سانى: 11

ئىنتىل سەيناسى ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال پروگراممىچىلىقىنى قوللاش، كەڭ  Visual Basic ھەۋەسكارلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا مەدەت بىرىش ئۈچۈن  تۇنجى قېتىملىق « Visual Basic بىلىملىرى مۇسابىقىسى» نى 2010- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى باشلىغان ئىدۇق.
2010- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى «VB مۇسابىقىسىغا قاتناشقان ئەسەرلەرنى باھالاشقا قاتنىشىڭ» دېگەن تېما ئارقىلىق راي سىناش ئېلىپ بېرىلدى.  بۈگۈن راي سىناش ۋاقتى توشتى.
مۇسابىقە نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:

1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى:
[مۇسابىقە]مەن «دانىشمەن»نى قانداق ياسىدىم؟
سەھىپە:Visual Basic, يوللىغۇچى: Nida , كۆرۈش : 38, ئىنكاس : 7, يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-20
2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى:
[مۇسابىقە] VBدا پىنيىن تاپقۇ ياساش   سەھىپە:Visual Basic, يوللىغۇچى: mars36 , يوللانغان ۋاقتى: 2010-8-20
3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى:
VB مۇسابىقىسىگە (قوش تىللىق پىروگرامما)  سەھىپە:Visual Basic, يوللىغۇچى: ibrat , كۆرۈش : 4, ئىنكاس : 1, يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-
ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى:
مۇسابىقىگە ئەڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان، ئەسەر يوللاشقا ئەڭ تىرىشقان ۋە بۇ مۇسابىقە پائالىيىتىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلغان alsuyar  
ئۇستاز Bihlan  ئەپەندىمنىڭ    vbمۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى باھالاش پىكىرى  دە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئىپادە بىلدۈردى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
ئىنتىل سەيناسىنىڭ قۇرغۇچىسى «ئىنتىل» ئەپەندىمنىڭ بۇ مۇسابىقىنى خالىس ئۇيۇشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنداقلا، بارلىق ماھىرلارنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسى بىلەن، كۆپچىلىك ئاخىرىدا باھالاپ چىققان ئالدىنقى ئۈچ ئەزاغا «بىخلان Visual Basic 6.0 ئوقۇتۇش دەرسلىكى (جەمئىي ئىككى قىسىم)» نى مۇكاپات سۈپىتىدە سوۋغا قىلىمەن، شۇنداقلا، مۇسابىقىگە ئەڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان، ئەسەر يوللاشقا ئەڭ تىرىشقان ۋە بۇ مۇسابىقە پائالىيىتىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلغان alsuyar ئەپەندىگىمۇ (خالىسا) بىر نۇسخا سوۋغا قىلىمەن.

بىز يۇقارقى تۆت نەپەر توردىشىمىزنىڭ بۇقېتىمقى مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئاۋاز قوشقان بارلىق بىلىم سۆيەر تورداشلارغا كۆپتىن- كۆپ تەشەككۈر ئىيتىمىز شۇنداقلا بارلىق تورداشلارنىڭ ئۆز بىلىمىنى ئەلدىن ئايىماي تېخىمۇ ياخشى بىلىملەر بىلەن تورداشلارنى تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى پەقەت تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش بولۇپ ھەرگىزمۇ تورداشلارنىڭ بىلىم ۋە ساپاسىنىڭ مۇتلەق باھاسى ھېساپلانمايدۇ. مەيلى مۇكاپاتلانغانلار بولسۇن ۋە مەيلى مۇكاپاتلانمىغانلار بولسۇن ھەممىمىز داۋاملىق تىرىشىدىغانلا بولساق تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتالىشىمىزدا گەپ يوق.
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەربىرىمىز بىر كىشىلىك ھەسسە قوشايلى !
~~~~~~~~~~~~
ئاخىرىدا مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ بانكا ھىساۋاتتتىكى ئىسمى، ھېساپ نومۇرى قاتارلىق ، ئېلخەت ئادرىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى  yolyar@qq.com غا يوللاپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

كامالى ئىھتىرام بىلەن :

ئىنتىل سەيناسى

2010- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى

يېڭى ئىنكاسلار

Nida 4  كۈن ئالدىدا
پاھ، مەن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپتىمەن-دە! بۇنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. VB6.0 ھەققىدە بىرەر ئېلكىتاب تۈزۈش ئويۇم بار بولسىمۇ ھەمدە بۇ ئويۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشقا كىرىشكىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ (2009-يىلىنىڭ بېشىدىلا باشلىغان ئىدىم)، ئەمما ۋاقتىمنىڭ قىسلىقىدىن بۇ ئىشنى دەسلىپىدىلا تاشلاپ قويغان ئىدىم. بۇ مۇسابىقە باشلىنىپ خېلى ئۇزۇنغىچە مۇسابىقىغە قاتنىشىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدىم، كېيىن مۇسابىقىنىڭ بەكمۇ سۇس كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى سىناپ بېقىش ھەمدە مۇسابىقە كەيپىياتىنى ئازراق بولسىمۇ كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى نەتىجىگە ئېرىشكەن ماقالىنى ئالدىراش-تېنەشلا (بىر كېچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ) يوللىغان ئىدىم. ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە، سەينادىكى خولۇم-خوشنىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپتۇ. دېمەكچىكى، ئادەم تىرىشسىلا ھەرقانداق ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالىغۇدەك. كۆپچىلىكنىڭ بەرگەن باھاسىغا رەھمەت. بۇ مۇكاپات مېنىڭ زىممەمدە يەنە بىر يۈكنى كۆپەيتىدىغاندەك قىلامدۇ-نېمە؟! بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   Nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-10-1 03:37  

alsuyar 4  كۈن ئالدىدا
ئىنتىل ئەپەندىم ، بىخلان ئەپەندىم ، ئۇمۇدىيە ئەپەندىمنىڭ بۇ مۇسابىقىنى ئوتكۇزۇپ بەرگەنلىكىگە ۋە مەندىن باشقا ماھىرلارنىڭمۇ ياخشى  ئاۋاز قوشقانلىقىغا رەھمەت !!!
ئالدىنقى ئۇچ نەپەر ماھىرلارنىڭمۇ بۇندىن كىيىن سەينادىكى باشقا تورداشلار بىلەن بىرگە ئۇيغۇر پىراگىرامىچىلىقى ئۇچۇن ئۇزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ يېڭى بىلىملىرىنى دەرسلىك قىلىپ يوللاپ قۇيۇشنى ئۇمۇد قىلىمەن .  بۇندىن كىيىن تورداشلار بىلەن (بىلمىگەننى سوراش ، بىلگەننى بىلدۇرۇش ) مەقسىتىدە ئورتاق بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بۇلىدىكەنمىز بىزمۇ يېڭى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۇرەلەيمىز .  مەن بىخلان ئەپەندىمنىڭ قىممەتلىكى دەرسلىكىگە ئىرىىششنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمىگەن ئىدىم . بىخلان ئەپەندىمنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە رەخمەت ئېيتىمەن .
ھەم يەنە بىر ئەپسۇسلىنالىق ئىش، ئۈمۈدىيە ئەپەندىم تۇزگەن  ("  Visual Basic 2008 دەرسلىكى " ) دەرسلىكى بۇلۇپ قالدى .  
گەرچە مۇسابىقە تۇگىسىمۇ ، بىزنىڭ بۇ يولدا ئىزدىنشىمىز تۇگەپ قالمىسۇن !!! بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   alsuyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-10-1 09:32  

بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   alsuyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-10-1 09:34  

sada 4  كۈن ئالدىدا
تاشلىغان بىلەت سانىغا ئاساسەن تىزىپتۇ دە!
wolkan0995 4  كۈن ئالدىدا
مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن، بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق دەرىسلىكلەر ئۈزۇلۇپ قالمىسا.
irpan 4  كۈن ئالدىدا
مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن ئېرىشمىگەن تورداشلارنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا جۈرئەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تەبرىكلەيمەن.نەتىجىگەئېرىشكەنلەرمۇ مۇشۇ نەتىجە بىلەن بولدى قىلماي تېىخمۇ تىرشىپ بۇنىڭدىمۇ ياىشى نەتىقىلەرنى قولغا كەلتۇرشىنى .ئەسەرلىرى باھالىنالمىغانلارنىڭ  بەل قويىۋەتمەي كىينكى مۇسابىقە ئۈچۈن تىرىششىنى ئۆمىد قىلىمەن.
ibrat 4  كۈن ئالدىدا
مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن ماھېرلارنى (ئاغزاكى بولسىمۇ) بىر تەبرىكلەپ قوياي دەپ تورغا چىقسام كىم بىلسۇن؟ مەنمۇ ئۈچىنچى دەرىجىگە تىزلىپتىمەن، بۇنى ئۇخلاپ چۈشۈمدىمۇ كۆرمىگەن ئېدىم، بۇ مۇسابىقنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا ‹vb مۇسابىقىسى توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم› نى يازسام ئۈممىدىيە ئەپەندىم گەپ ئارسىدا ‹مۇسابىقە دىگەندە ھەممە ئادەم نەتىجىگە ئېرىشىۋەرمەيدۇ....› دىگەنگە ئوخشىغان بىر گەپنى قىلغان ئىدى، ئىنتىل ئەپەندىم بولسا ‹بۇ قىتىم ئۆزىڭىزنى سىناش پۇرسىتىگە ئىگە بولىسىز..... › دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى، يەنە مەن نامىنى تىلغا ئېلىپ ئۈلگۈرمىگەن بەزى بىر تورداشلارمۇ ھەرخىل گەپلەرنى قىلدى، مەيلى كىم نىمدىسۇن ئۇلارنىڭ گىپى ماڭا ئېلھام بولدى، نەتىجىدە زادى بىر ئىش قىلىپ بىقىش كىرەك دىگەن ئىدىىيە بىلەن ئەنە شۇنى يوللىغان ئېدىم، باشتا سۈرۈتلىك ھەم ئاۋازلىق دەرىس ئىشلىمەكچى بولدۇم، تەييارلىقىمنى پۈتكۈزۈپ بولغاندىن كىيىن مىكرافۇننى ئاغزىمغا توغۇرلىغان ھامانلا ئاۋازىمنى دات بىسىپ قالغاندەك پەقەت تىلىم گەپكە كەلمىدى، تەمتىرەپ قالدىم، ئاغزىممۇ ئۆزۈمگە بوي سۇنىدىغاندەك ئەمەس...... شۇنىڭ بىلەن چۈشۈندۈرىشىنى ھەربىرقۇر كودنىڭ يىنىغالا يىزىپ قويغانتىم......
(راس گەپنى قىلغاندا سەۋيەرىمنىڭ تۆۋەن بولىشى تۈپەيلىدىن بىر ھەپتىدىن جىقراق ۋاقىت كەتتى،) ئاخىر پۈتتى، پۈتكەندىن كىيىنمۇ يوللايمۇ يوللىمايمۇ؟ دەپ بەك ئىككىلەندىم، ئىنتىل ئەپەندىمدىن مەسلەھەت سورىدىم، (سەينانى پاخاللاشتۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرگەنتىم، ھەم يازغان كودنىڭ پىروگرامما قائىدىسىگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىمۇ بىر مەسلە ئېدى....) كىم بىلسۇن؟ ئىنتىل ئەپەندىم، ‹مەن vb بىلمەيمەن، يوللاۋەرمەمسىز؟› دىدى، ئاخىر يوللىدىم،
بىخلان ئەپەندىمنىڭ ‹VB مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى باھالاش پىكىرى› چىقىشىغا بىرمۇ بىر كۆزيۈگۈرتۈپ ئوقۇشقا باشلىدىم، ئۇكىشى:‹ سىڭدۈرگەن ئەجىر   توغۇرسىدا توختىلىپ: تەييار قىلىپتىن پايدىلنىپ ئۆزگەرتىپ ياسالغان، ھەرھالدا ئىزدىنىش روھى بار، قىزىققۇچىلار ئىشىلىتپ كۆرسە بولىدۇ.....› دەپتىكەن، بۇمۇ ماڭا ناھايتى چوڭ ئېلھام بولغانتى، كۆڭلۈمدە: مەن چوقۇم مۇكاپاتقا ئېرشەلمەيمەن، لىكىن شۇنداقتىمۇ تۇنجى قىتىم بىرەر نەرسىنى ياسىيالىدىم، بۇندىن كىيىن چوقۇم ئۆزى ئاددى بولسىمۇ چۈشۈنىشلىك ھەم قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى تۈزۈپ سەيناغا يوللاپ تۇرارمەن  دەپ ئويلىغانتىم،
مانا ئەمدى مۇكاپاتقا ئېرىشىپتىمەن، ‹بىخلان ئەپەندىمنىڭ ئىككى قىسىملىق vb دەرىسلىكى بىلەن مۇكاپاتلىندىغانلىقىمنى ئاڭلاپ مۇنداق بىر ئىش ئېسىمگە كەپ قالدى:
2009-يىلى 11-ئايدا vb نى ئۈگىنىشنى باشلىماقچى بولدۇم، لىكىن قەيەردىن باشلاپ ئۈگىنىشنى بىلمىگەچكە بىرقانچە كۇرۇس ھەم توربەتلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرىغا تېلفۇن قىلدىم، ئاردا مەلۇم بىركىشى ئۆزىدە دەرىسلىك بارلىقىنى ئېيىتتى، شۇنىڭ بىلەن كۆرشىپ سىتىۋالدىم، لىكىن چاتاق يىرى بۇ vb دەرىسلىكى ئاران ئۈچ تۆت قىسىم بولۇپ مەن تۈزۈك پايدىلىنالمىدىم، كىيىن بىلدىمكى بۇ بىخلان ئەپەندىمنىڭ سىناق تەرىقىسىدە تارقاتقان دەرىسلىكى ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىخلان ئەپەندىمدىن ھەقىقى نۇسخسىنى سىتىۋالماقچى بولدۇم، ئىككى قىسىم دەرىسلىككە 150 يۈەن باھا قويدى، ئۇنى بىر كومپىيوتېرغا بىر قىتىم قاچىلاپ ئىشلەتكىكلى بولاتتىكەن، قايتا قاچىلىسا يەن تىزىملىتىش نومۇرى سورايدىكەن، مەن ئۆزۈمنىڭ كومپىيوتېرىمنىڭ يوقلىقىنى تورخانلاردا تورغا چىقىدىغانلىقىمنى دىگەندە شۇنىسى مەلۇم بولىدكى، :ئەگەر ئەھۋال شۇنداق بولسا بۇنىڭغىمۇ ئامال باركەن، يەنى ئۇنىڭ يەنە بىرخىل نۇسقىسىنى سىتىۋالسام تورخانلاردىمۇ بارماق دىسكىدىن پايدىلىنىپ دەرىسلىكىنى كۆرەلەيدىكەنمەن، لىكىن ئۇنىڭ باھاسى 180 يۈەن ئىكەن، (ئەۋەتىپ بىرىش ھەققى ئۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ بىخلان ئەپەندىم بىلەن تەڭ تۆلەيدىكەنمىز) ئەنە شۇچاغدا شۇ 180 يۈەنمۇ يوق ئىدى، ھەم بىرىنچى قىتىم سىتىۋالسام بۇنداق چىقتى، پۇلنىغۇ بىرەرسىدىن قەرىز ئېلىپ بولسىمۇ تاپارمەن، لىكىن يەنە قاملاشمىسا قانداق قىلارمەن دەپ ئويلىدىم، شۇنىڭ بىلەن بخلان ئەپەندىم بىلەن باھا تالىشىشقا باشلىدىم.......

دەل 11 ئاي بولغان بۈگۈنىكى كۈندە مەن ئارزۇ قىلغان شۇ دەرىسلىكىنى ماڭا سوۋغا قىلىدىكەن، بۇنىڭدىن خۇشال بولماي تۇرالامدىم، (ئەينى ۋاقىتتا بخلان ئەپەندىم تېلفۇننى ئالغاندا ‹بۇمۇ بىر قويمىچىمدىۇ؟› دەپ ئەنسىرگەنتىم، تولىمۇ خىجىلمەن، ئەسلى ئۇ بىر ئۇيغۇر پىروگراممىچىلىقىغا تۆھپە قوشىۋاتقان ئۇستازكەن ئەمەسمۇ؟)
گىپىمنى مۇشۇ يەردە ئاخرلاشتۇراي، مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۈر توربەتنىڭ جاپاكەش قۇرغۇچىلىرىغا، ئۇيغۇر كومپىيوتېرچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلارغا ھەم شۇنداقلا مىنى قوللىغان بارلىق قىرىنداشلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن......
Atush 4  كۈن ئالدىدا
نەتىجىگە ئىرىشكەن ماھىرلارنى تەبرىكلەيمەن، مۇبارەك بولسۇن!
ئۇستازلارنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئىنتىل سەيناسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ بۇرۇنقى ھالىتىگە تىزرەك يىتىشىنى ئۇممۇد قىلىمەن.
yolum 3  كۈن ئالدىدا
مۇكاپاتلانغان ۋە مۇكاپاتلانمىغان بارلىق مۇسابىقە ئەھلىنى تەبرىكلەيمەن !
مۇكاپات پەقەت بىر ۋاستە، مۇھىمى بىلىم ئىگەللەش ۋە ئۇنى ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىش.
Intil 3  كۈن ئالدىدا
مۇكاپاتلانغانلار مۇمكىن بولسا سودا- سانائەت بانكىسىدىكى ھېساۋات نومۇرۇڭلار ، ئىسمىڭلار ۋە تېلفۇن نومۇرۇڭلارنى مۇشۇ سەينادا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بەرسەڭلار.
sada ئۈلۈشكۈن  02:17
بىخلان دەرىسلىكىنى بۇرۇن سىتىۋىلىپ كىيىن قاتتىق دىسكا بۇزۇلۇپ ئالماشتۇرغاندىن كىيىن ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان ،بىخلان ئەپەندى بىلەن ئالاقىلاشسام دەرىسلىك ساتقان كىشىگە بىرىپ دەڭ دەپ گەپنى ئۈزگەنىدى.قايتا سىتىۋىلىشنى بىر ئويلىشىپ كۆرسەم بولامدۇ نىمە؟
BiLiMYaR ئۈلۈشكۈن  19:12
ئاۋال مۇكاپاتقا ئىرىشكەن نامزاتلارنى تەبرىكلەيمەن . ئۈستىدە دىيىلگىنىدەك مۇكاپات پەقەت بىر ۋاستە  بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق تورداشلارنىڭ بۇ توغىرىسىدىكى بىلىمىنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بىخلان دەرىسلىكىنى بۇرۇن سىتىۋىلىپ كىيىن قاتتىق دىسكا ...
sada يوللانغان ۋاقتى  2010-10-3 02:17


بۇنىڭدا گۇناھنى باشقىلاردىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ، قىممەتمۇ ئەمەس ،بىر نۇسخا سىتىۋىلىڭ (ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوللايلى،مۇشۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالچىلىقى تەرەققىي قىلىدۇ ۋە تېخىمۇ يۈكسىلىدۇ)

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-5 00:05.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.