ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 994|ئىنكاس: 4

مۇسىبەتنامە-ئارمان شىركىتىنىڭ لىدىرى ئادىل ئابلا ۋاپات بولدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2908
تىللا
2922
شۆھرەت
5386

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-30 21:44:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسبەتنامە



خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، قابىل كارخانىچى،شىنجاڭ «ئارمان» مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئادىل ئابلا ئەپەندى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەردە قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتتى.


مەرھۇم ئادىل ئابلا ئەپەندى 1965-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ (شىمىگۇ) رايونىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بۇلاقتاغ رايونىدا تاماملىغان، 1982-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1985-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە ئۈرۈمچى ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتېر ئىستانىسىسدا خىزمەت قىلغان. 1997-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئىنىسى رادىل ئابلا بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ «ئارمان» كەسپىي چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، شىركەتنىڭ باش لىدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. 2006-يىلى 2- ئايدىن 2008 – يىلى 6- ئايغىچە شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتىدا سودا- سانائەت باشقۇرۇش EMBA



ماگىستىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان.

مەرھۇم ئادىل ئابلا «ئارمان» شىركىتىنى قۇرغان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىنىسى رادىل ئابلا بىلەن بىرلىكتە «ئارمان» شىركىتىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، 10 مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن ئىش باشلاپ، «ئارمان» شىركىتىنى ئەڭ دەسلەپكى كۆلىمى 15 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر كىچىككىنە ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى دۇكىنىدىن، ھازىرقى تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 50مىلىيۇن يۈەنگە يەتكەن، ئىشچى – خىزمەتچىسى 2000 دىن ئاشىدىغان، مەھسۇلاتلىرى 200 خىلغا يەتكەن، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، پەن–تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن زامانىۋى گۇرۇھ شىركەتكە ئايلاندۇرغان.

مەرھۇم ئادىل ئابلا خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك كارخانىچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە تۇرمۇشتا ئاددى – ساددا، كىچىك پېئىل، چىقىشقاق، مېھرىبان ۋە مەرد – مەردانە ئوغلان ئىدى. ئۇ «ئارمان» شىركىتىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنى ئۆز قېرىندىشى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆز قىيىنچىلىقى دەپ بىلەتتى. نامراتلارغا، يىتىم – يېسىرلارغا، مائارىپقا ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ساخاۋەت ئىگىسى ئىدى. ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادار، ئائىلە ۋە بالا – چاقىلىرىغا كۆيۈنىدىغان، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان مەسئۇلىيەتچان ھەم غۇرۇرلۇق ئەزىمەت ئىدى.

ئەپسۇس! تولىمۇ ئەپسۇس!! شۇم ئەجەل بۇ پەخىرلىك ئوغلانىمىزنى ئارىمىزدىن تولىمۇ تۇيۇقسىز ھەم بىمەزگىل ئېلىپ كەتتى! مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى يالغۇز ئابلا ھاجىم جەمەتى ۋە «ئارمان» گۇرۇھى ئۈچۈنلا چوڭ يوقىتىش بولۇپ قالماي، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈنمۇ چوڭ يوقىتىش. شۇنداق بولغاچقا، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى شۇم خەۋەر ئەل ئارىسىدا تارقالغاندا مىڭلىغان، يۈزمىڭلىغان يۈرەكلەر مەرھۇم ئۈچۈن ھەسرەت چەكتى، ئاھ ئۇردى ۋە كۆز يېشى قىلدى.

ئەلۋىدا، پەخىرلىك ئوغلان، ئەلۋىدا قېرىندىشىمىز ئادىل ئابلا، سەن ھايات چېغىڭدا ئۆز ئەجرىڭ ۋە يۈرەك قېنىڭ بەدىلىگە تىكىلگەن ئابىدىلەر بۇ سېھىرلىك ماكاندا مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغۇسى! سېنىڭ قەلبىڭدە بىخ سۈرگەن ئارمانلىرىڭدىن بۇ سېھىرلىك ماكاندا گۈللەر ئېچىلىپ، مەڭگۈ خۇش پۇراق چاچقۇسى! سەن خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ھايات!




ئۇلۇغ ئاللاھ مەرھۇمغا جەننەت ئاتا قىلغاي!

مەنبە :    ئوكيان قامۇسى
ياخشىمۇ سىلەر قېرىنداشلار!!!
ibrat 实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1348
تىللا
1509
شۆھرەت
2349

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2010-10-1 00:27:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەربىر جان ئېگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغىسىدۇر
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
16943
تىللا
21243
شۆھرەت
29551

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-10-1 01:25:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىشى شۇ ئوخشىمامدۇ؟

ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1171
تىللا
1364
شۆھرەت
2436
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-1 11:26:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز ئاللاھىنىڭ دەرگاھىدىن كەلدۇق، يەنە ئاللاھىنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز!

دەلىللەنگەن

ھەقىقەت

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1045
تىللا
5829
شۆھرەت
1717

ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 17:41:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز قۇرۇق قول دۇنياغا كېلىپ يەنە قۇرۇق قول كېتىمىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-10-5 20:06 , Processed in 0.108336 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش