ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 515|ئىنكاس: 8

مىكروسوفت ئۇيغۇرچە ئېلخەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
397
تىللا
606
شۆھرەت
751
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 19:13:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلوگىمدىكى باشقا تېمىغا بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئىنكاس چۈشۈپتۇ، قارىغاندا Outlook توغرىسىدا تېما يازمىسام بولمىغۇدەك، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسنى مۇشۇ تېمىغا يېزىڭلار، رەھمەت!

يېقىندا مىكروسوفت شىركىتى Outlook نى ئېلان قىلىپ، Hotmail بىلەن خوشلاشماقچى بولۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مىكروسوفتنىڭ بۇ يېڭى مەھسۇلاتى Google شىركىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتى ئۈچۈن رىقابەتلىشىش دەپ قارىماقتا. بۇ يىل 6-ئايدا، Hotmail نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇستەقىل خېرىدارلىرى 324 مىليون، Yahoo نىڭ 290 مىليون، Gmail نىڭ 278 مىليون بولغان.

يېڭى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى – Windows 8 نى ئېلان قىلىش ۋاقتى يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندا، شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى مىكروسوفت شىركىتى 16 يىلدىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان Hotmail ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتىدىن ۋاز كەچتى. مىكروسوفت بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېلان قىلغان ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتىنىڭ ماركىسى Outlook.com بولۇپ، دۇنيادىكى ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالىدا ئەڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇۋاتقان، ئىشخانا ئېلېكتىرونلۇق خەت يۇمشاق دېتالى Outlook بىلەن ئىنتايىن يېقىن كېلىدۇ.

Outlook.com دىكى ئاساسلىق ئۆزگىرىش تۆۋەندىكىدەك:
ئۇ Hotmail غا قارىغاندا تېخىمۇ ئاددىي، تېز بولۇپ، Hotmail دىكى كىشىلەر، كالېندار، SkyDrive قاتارلىق مۇرەككەپ تاللانمىلارنى چىقىرىپ تاشلىغان. يەنە Gmail.com ،LinkedIn ۋە Facebook دىكى كىشىلەرنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۆلەت ئىچىدىكى شىنلاڭ مىكرو بىلوگى، …قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور ھېساباتلىرى بىلەن ئۇلىنالايدۇ.

يېقىن كەلگۈسىدە Outlook.com دا، Skype نىڭ سۈرەتلىك سۆزلىشىش ئىقتىدارى بىرلەشتۈرۈلىدۇ، مىكروسوفت يەنە دېيىشىچە خەت-ئالاقە قىلغاندا كىشىلەرنى زېرىكتۈرىدىغان ئېلانلار ئاز بولىدىكەن. ئەگەر بۇنى مىكروسوفت ئىشخانا دېتالى Office بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

ئەڭ مۇھىم ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، Outlook.com دا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تىللار قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە راۋان خەت-ئالاقە قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان بۇ ئۇيغۇرچە ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتىنى ئىشلەتمەسلىكىمىزگە ھېچقانداق باھانە قالمىدى. بۇ خەۋەرلەرنى باشقا مۇنبەرلەردىمۇ تەشۋىق قىلىپ قويۇڭلار.

بەزى سەۋەب تۈپەيلىدىن ئارايۈز تەرجىمىسىدە بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەرنىڭ سادىر بولۇشى مۇقەررەر، كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىكلەرنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىڭ.

سىناش ئۈچۈن http://www.outlook.com بېسىپ كىرىڭ، ئۈستىدىكى چىشلىق چاقنى بېسىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تىللاردىن «ئۇيغۇرچە»نى تاللاپ ساقلاڭ. ئاندىن بارلىق كۆزنەكلەرنى بىرمۇبىر ئېچىپ، سىز بايقىغان زور خاتالىقلارنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىڭ. ھېچبولمىغاندا، ئارايۈز تىلىنى ئۇيغۇرچە تەڭشەپ ئىشلىتىپ بېقىڭ، مەھسۇلاتىمىزنى ئۇيغۇرچە ئىشلىتىدىغانلارمۇ بار ئىكەن دەپ قالسۇن. رەھمەت!

مەنبە ؛ نۇر تورى

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
Intil  ياخشى: 5
  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 00:28:05

Rank: 4

تۆھپە
191
تىللا
303
شۆھرەت
331
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 00:12:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇرادەر مەندىن تېز چىقىپ كېتىپسىز ئەمەسمۇ . مەن تېخى بايام كۆرۈپلا ئىنتىلغا چاپلاپ قوياي دىگەن قارىسام سىز يوللاپ بوپسىز .
مېنىڭ ئادىرىسىم uyghuri@outlook.com خەت يېزىپ قوياسىلەر . ھە راس ئانا تىلىمىزنى تېخمۇ ئومولاشتۇرۇش ئۈچۈن  بىر مىنوت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ سىزمۇ بىر ئىسىم ئىلتىماس قىلىپ قويۇڭ  .   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-4 00:14  

Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17276
تىللا
21575
شۆھرەت
30052

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 00:29:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرسىڭلار بۇنىڭدا ئۇيغۇرچە ئېلخەت يوللاش ھەققىدە دەرس ئىشلەپ قويۇڭلار.
ھازىرچە تەڭشەش ئۇسۇلىنى رەسىمدىن كۆرگەچ تۇرۇڭلار

بۇنى بېسىپ رەسىمنى ئايرىم بەتتە كۆرۈڭ
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
45
تىللا
79
شۆھرەت
66
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 10:02:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدا خەت نۇسخىسىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن قانداق تەڭشەش كىرەك مۇشۇ ھەقتە تەلىم بەرسەڭلار

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
397
تىللا
606
شۆھرەت
751
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 10:48:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghuri يوللىغان ۋاقتى  2012-8-4 00:12
ھەي بۇرادەر مەندىن تېز چىقىپ كېتىپسىز ئەمەسمۇ . مەن تېخ ...

مەن تىزىملىتىپ بولۇپ ئاندىن يوللىغان  uyghur007@outlook.com مانا .

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
397
تىللا
606
شۆھرەت
751
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 10:51:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللىغان ۋاقتى  2012-8-4 00:29
بىرسىڭلار بۇنىڭدا ئۇيغۇرچە ئېلخەت يوللاش ھەققىدە دەرس ...

خەت نۇسقىسىنى قەيەردىن تەڭشىدىڭىز ؟
Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5288
تىللا
4139
شۆھرەت
8967

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 11:29:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ خەتلىرى مىنىڭ كومپىيۇتېرىمدا نورمال چىقمىدى، خېلى تەڭشەپ باقتىم، ئەلكاتىپنىڭ ئىكران خەت نۇسقىسى بولسا كىرەك، ئاخشام نۇرقۇتتا كۆرۈپلا كىرىپ تېزىملىتىپ قويانتىم، koinlun@outlook.com بۇ مىنىڭكى.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
397
تىللا
606
شۆھرەت
751
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 13:43:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Koinlun يوللىغان ۋاقتى  2012-8-4 11:29
بۇنىڭ خەتلىرى مىنىڭ كومپىيۇتېرىمدا نورمال چىقمىدى، خې ...

مەن خەت توركۆرگۈمنىڭ خەت نۇسقىسىنى ‹‹ ئەلكاتىپ تور ›› تەڭشەپ قويدۇم خەتلە ئىنتايىن چىرايلىق چىقتى .



QQ截图20120804134327.png
xawkat521   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1272
تىللا
1315
شۆھرەت
2177

ئاكتىپ تەشۋىقات تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 14:06:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Koinlun يوللىغان ۋاقتى  2012-8-4 11:29
بۇنىڭ خەتلىرى مىنىڭ كومپىيۇتېرىمدا نورمال چىقمىدى، خې ...

سىز ھاياتكەنسىز ھە ؟ ئۇزۇن بۇپتۇ سىزنى كۆرمىگلى نەلەگە نىم ئىشلار بىلەن ئالدىراش بۇلۋاتسىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-12 06:10 , Processed in 2.307653 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش