- توردا
- 797 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-30
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 5400
- تىللا
- 3060
- تۆھپە
- 3254
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 18241
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 1127
- تېما
- 523
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 5
- UID
- 176
- تۆھپە
- 3254
- تىللا
- 3060
- شۆھرەت
- 5400
|
1. يۇيۇنغاندا سۇپۇننىڭ ئورنىغا چىش پاستىسى ئىشلەتسىڭىز ، بەدىنىڭىزدىكى كىرلەرنى تازلاش مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز ھەم ئۆزىڭىزنى سالقىن ھېس قىلسىز .
2. ياز كۈنى بەدەنگە ئاسانلا ئىسسىقلىق ئۆرلەپ قالىدۇ . بۇنداق ۋاقىتتا سىز ئىسسىقلىق ئۆرلىگەن ئۇرۇننى ئىلمان سۇدا يۇيۇپ تازىلىغاندىن كىيىن شۇ ئۇرۇنغا چىش پاستىسىنى سۈرۈپ قويسىڭىز ، ئىسسىقلىق يوقاپ كېتىدۇ .
3. مەلۇم ئۇرۇن كىچىك دائىرىدە سۈركىلىپ يارىلىنىپ ، بەزى جايلار ئىششىپ قالغاندا ، يارا ئېغىزىغا ئازراق چىش پاستىسى سۈرۈپ قويسىڭىز ئاغرىق پەسەيتىش ، قان توختىتىش ، ئىششىقنى يىنىكلىتىش رولى بولغاندىن سىرت يەنە يارا ئېغىزىنىڭ يىرىڭداپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
4. پاشا ، ھەرە ، چايان ، سەكسەنپۇت قاتارلىق ھاشارەتلەر چېقىۋالغاندا ، يارا ئېغىزىغا چىش پاستىسى سۈرۈپ قويساق ، قىچىشىش ، ئاغرىق توختىغاندىن سىرت يەنە ئىششىقمۇ تېز يانىدۇ .
5. ئەرلەر ساقال ئالغاندا ، سۇپۇننىڭ ئورنىغا چىش پاستىسى ئىشلەتسە بولىدۇ . چۈنكى چىش پاستىسى تەركىبىدە ئىيونلۇق تۇز بولمىغانلىقتىن ، تېرىنى غىدىقلىمايدۇ ، ھەم مازغىپىمۇ مول ، شۇنداقلا ھىدىمۇ ناھايىتى خۇشبۇي بۇلۇپ ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ .
6. ياز كۈنلىرى ئادەم بەدىنىگە ئاسانلا تەمرەتكە چىقىپ قالىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا شۇ ئۇرۇننى پاكىز يۇيۇپ ، سۈرتىۋەتكەندىن كىيىن چىش پاستىسىنى سۈرۈپ قويساق ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ .
7. ياز كۈنلىرى بەزى كىشلەرنىڭ پۇت پۇراش كېسىلى قوزغىلىپ قالىدۇ ، بۇنداق ۋاقىتتا ئاسپىرىننى ئېزىپ ، چىش پاستىسىغا ئارلاشتۇرۇپ، پۇتقا سۈرۈپ قويساق ، قىچىشىشنى توختىتىپ ، مىكروپ ئۆلتۈرىدۇ .
8. ياز كۈنى ئادەم كۆپ تەرلەيدۇ ، كۆڭلەكنىڭ ياقا ، يەڭلىرى ئاسان داغ بولىدۇ ھەم بۇ تەر داغلىرىنى يۇيۇپ چىقىرىش تەسكە توختايدۇ ، بۇ ۋاقىتتا شۇ ئۇرۇنغا ئازراق چىش پاستىسى سۈرۈپ ئۇۋۇلاپ يۇيۇۋەتسىڭىزلا تەر داغلىرى چىقىپ كېتىدۇ |
|