- توردا
- 15 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-7-25
- تىزىملاتقان
- 2011-1-1
- شۆھرەت
- 87
- تىللا
- 89
- MSN
- boraoghli@hotmail.com
- تۆھپە
- 73
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 347
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 11
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 1216
- تۆھپە
- 73
- تىللا
- 89
- شۆھرەت
- 87
|
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم قېرىنداشلار! بەرىكەتلىك رامىزان ئېيىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. شەپقىتى چەكسىز ئاللاھقا تۈگىمەس ھەمدۇ-سانالار بولسۇنكى بىزگە كۆپ مەرھەمەتلەرنى قىلىپ بۇ كۈنگە ئۇلاشتۇردى، بەك كۆپ نېئمەتلەرنى بەردى. ئىگىمىزدىن قەلبىمىزنى ئىلىملەر بىلەن تولدۇرىشىنى داۋاملىق ھەق يولىدا قىلىشىنى تىلەيمەن.
خېلىدىن بېرى مۇنداق بىر خيالىم بار ئىدى: ھازىر تولا بالىلار تېلفوندا ياكى كومپيوتېردا ئويۇن ئويناشقا ئامراق. بىكار ۋاقتىنى شۇ ئويۇنلار بىلەن ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ. لېكىن قاراپ باقساق ئۇلار ئويناۋاتقان ئويۇنلارنىڭ بەزىلىرى ياخشى بولسىمۇ بەزىلىرى بالىلارنى زەھەرلاپ قويىۋاتىدۇ.
مەقسىتىم، كومپيوتېر تىلىنى ياخشى بىلىدىغان بالىلار ئارىمىزدا ئاز ئەمەس، ۋاقىت يار بەرسە مۇنداق بىر ئويۇن پروگراممىسى ئىشلەپ باقسا: يەنى ئۇ ئويۇن ئادەتتىكىدەك ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ ئوينايدىغان ئويۇن بولۇپ ئادەتتىكى ئويۇنلاردىن پەرىقى شۇكى ئۇنىڭدىكى توسالغۇلار، مۇكاپاتلار نومۇر بىلەن ئەمەس "ساۋاپ"، "گۇناھ"لار بىلەن ئۆلچەنسە، ئاخىردا يېتىدىغان مەنزىل مۇكاپات بالدىقىغا چىقىش چىقالماسلىق ئەمەس "جەننەت" ياكى "دوزاخ" دەپ ئاتالغان يەرگە ئېرىشىش ئېرىشەلمەسلىك بولسا، ياكى ئالغان نەتىجىسىگە قاراپ بەختلىك بەختسىز دەپ ئايرىلسا، ئويۇننىڭ قىيىنلىقى نىسبەتەن يۇقىرى بولسا، بالىلار جەننەتكە ئېرىشىش ياكى بەخىتلىك بولۇش ئۇچۈن ئويۇننى كۆپ تەتقىق قىلىپ نۇرغۇن قېتىم ئوينىغان بولاتتى. مەسىلەن، بىز بۇرۇن تولا ئوينايدىغان ئويۇنلاردىن مارىيو نىڭ ئويۇنىنى ئەسلەپ باقساق بولىدۇ. قەھرمان مارىيو ئويۇن باشلىنىش بىلەن پەللىگە قاراپ ماڭىدۇ، يولدا نۇرغۇن توسالغۇلار بولىدۇ، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش بىز تۈزىدىغان ئويۇندا ھاكاۋۇرلۇق، مەنمەنچىلىك، يالغانچىلىق، ئاچكۆزلۈك...دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان توسۇقلار بولسا؛ مارىيو يەنە نۇرغۇن نومۇر ئالىدىغان، ئۆزىنى كۈچەيتىغان موگو، گۈل دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئوچرىشىدۇ، بىز ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئورنىغا بىرەر ياخشىلىق قىلغان مەنزىرىنى كىرگۈزسەك: مەسىلەن يولدا بىر ئوتۇن ياكى ئەينەك پارچىسى بار، ئوينىغۇچى ئۇنى بىر چەتكە ئېلىپ قويسا نومۇر بېرىلىدۇ ياكى دەرىجىسى ئۆستۈرىلىدۇ دېگەندەك. ئۈستىدە نومۇر ھېسابلايدىغان يېرى بار، "ئالغان نومۇرى" دېگەننىڭ ئورنىغا "ساۋاپ" دەپ يازساق، "خاتالىقى" دېگەننىڭ ئورنىغا "يامان قىلغىنى" ياكى "گۇناھ" دەپ يازساق ئاخىردا جەملىنىپ ساۋاپ كۆپ بولسا ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ جەننەتكە ئېرىشسە، ئىككىنچى ئۆتكەلدىن ئۆتەلىسە تېخىمۇ دەرىجسى يۇقىرى جەننەتكە ئېرىشسە، ئۆتەلمىسە "ھەي بالا، گۇناھىڭىز كۆپ ئىكەن، دوزاختىن ساقلىنىڭ" دېگەندەك ئۇچۇرلار چىقسا...
مانا بۇلار مېنىڭ ساددا شېرىن خىيالىم... مۇشۇنداق بىر ئويۇن پروگراممىسى تۈزۈپ چىقالىساق ئۇ يالغۇز بىر ئويۇن بولۇپ قالماستىن بىر كىتاپ، بىر مەكتەپكە ئايلىنالىغان بولاتتى. ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ ئىپتىدائىي ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىپ لايىھەلەپ چىققان ئويۇن پروگراممام. لېكىن تەپەككۇرى مەندىنمۇ كۈچكۈك نۇرغۇن دوستلار بار، ئويۇننى مۇشۇ پىرىنسىپ بويىچە تۈزەلىسەك ئويۇن قائىدىسىنى ئەسكەرتىدىغان يەرلەرگە، يولدا ئۇچرايدىغان توسالغۇ، مۇكاپاتنى ئەسكەرتىدىغان يەرلەرگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇناسىپ ھەدىسلىرى ئارقىلىق ئېنىقلىما بېرىپ بالىلارنىڭ ئىشنىڭ ماھىيىتىگە يېتىشىگە ياردەم بەرسەك دېگەن ئۈمۈدۈم بار. نىيەت قىلساقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.ئويۇننىڭ ئىسمىنى ئويلىشىپ ئۈلگۈردۈم:
باتۇر قۇتلۇقجان، بەختلىك بالا... دېگەندەك ئىسىملار بوپ قالىدۇ.
ئەمدى قالغان گەپلەر قولىدىن ئىش كېلىدىغان بالىلارنىڭ ئىرادىسىدىلا قالدى، رامىزان كۈنلىرىمىزنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزەيلى، تەسەۋۋۇر قوشالايدىغانلار تەسەۋۋۇر قوشساق(ياخشى بولغان)، ئىش قوشالايدىغانلار ئىش قوشساق چوقۇم قىلىپ كېتەلەيمىز. شۇنداق بىر پروگرامما ۋۇجۇتقا كەلسە دادا ياكى ئاكا بولغۇچى پەرزەتلەرنى ھەم خۇش قىلىش ھەم تەربىيلەش مەقسىتىگە ئېرىشەلەيتتى. "كىلە، بالام، ماۋۇ ئويۇننى تەڭ ئوينايلى!" دەپ بىرلىكتە ئوينىغاچ نېمىنىڭ ياخشى ئىش، نېمىنىڭ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى سەبىيلىرىمىزگە كىچىكىدىن تارتىپ ئويۇن ئوينىغاچ ئۆگەتسەك دەپ ئويلىدىم. خىياللىرىم پىشىپ يېتىلگەندەك ھېس قىلىپ تولىمۇ ئالدىراقسانلىق بىلەن بۇ ئورگىنال يازمامنى مىسرانىمدىلا يېزىپ پۈتتۈردۈم. ئەگەر توغرا كۆرسەڭلار كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشپ شۇنداق پروگرامما ياساپ بالىلارنى رازى قىلايلى.
بۇ تەسەۋۋۇر پەقەت مېنىڭ ئالدىراڭغۇ كاللامدىلا چىقتى، بۇنىڭدىنمۇ ياخشى تەسەۋۋۇرلار بولسا تېخىمۇ ياخشى. لېكىن مەقسەت بىرلا بولۇش كېرەك.
جىمىي ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. بارىلىق ياخشى ئىشلار ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن! |
|