تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

تورخانا ئېچىش ساۋاتلىرىدىن ياردەم قىلىڭلار

يوللىغۇچى: qeqnus| يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-28 00:23| كۆرۈلۈشى: 79| ئىنكاس سانى: 4

ئۆزۈم كومپىيۇتېر ، تور دىگەنلەرگە قىزىقىشىم بولسىمۇ قورساقتا ئۇماچ يوق يەنە سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىم :
اللاھ  تىنىچ - ئامانلىقنى بەرسە  يىل بېشىدىن باشلاپ يېزىمىزدا تورخانىدىن بىرنى ئاچاي دەپ ئويلاپ قەدىمىمنى يۆتكەپ بىسمىللا دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي نۇرغۇن توساقلارغا دۈچ كەلدىم ؛
1-باشقىلاردىن ئاڭلىسام  بازار دەرىجىلىك يېزا رايۇنلىرىغا پەقەت ۋە پەقەت ئىككىلا تورخانا رەسمىيىتى بېجىرىلىكەن . ئۇندىن ئارتۇق بولسا مەدەنىيەت بازارلىرىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى رۇخسەت قىلمايدىكەن ....( نۆۋەتتە يېزىمىزدا ئىككى تورخانا نورمال تىجارەتتە ئىدى .)
مۇشۇنداق ئەھۋال بارمۇ ؟
2-يەرلىك ساقچىخانىغا يىلدا قوغداش ھەققى دەمدۇ ، نىمە ھەققى - ئىشقىلىپ ئون مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپشۇرىدىكەن ، بۇ قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ ؟
3- 30 دانە كومپىيۇتېر  ئورناتساق  تورنى قانچىلىك قىلىپ ئۇلىساق نورمال بولىدۇ ؟ ( يېزىمىدا تورخانىغا كىرىپ ئولتۇرىدىغانلاردىن تورغا چىقىدىغىنى ياكى تور ئويۇنلىرىنى ئوينايدىغىنى 60% ، تورسىز ئويۇنلارنى ئوينايدىغىنى 30% ، كىنو كۆرىدىغانلىرى 10 %  ئەتراپىدا )
4-مەدەنىيەت تارماقلىرىدىن باشقا يەنە قايسى ئورۇنلارغا قاترايمىز ؟
5- قۇشۇمچە يەنە قانداق رەسمىيەتلىرى بار ؟
تورخانا ئېچىۋاتقان ، ئېچىپ باققان ، مۇشۇ توغرىسىدا چۈشەنچىسى بار ئۇستازلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى سورايمەن ...رەھمەت ؛
( ئاچماقچى بولغان تورخانا  ئاقسۇ - كۇچا ناھىيىسىنىڭ مەلۇم بازىرىدا )

يېڭى ئىنكاسلار

Al-ak تۈنۈگۈن  11:15
ئەڭ ياخشىسى مەدەننيەت تارماقلىرىدا تونىشىڭىز بولسا تىڭتىڭلاپ بېقىڭ. ئۇلار بىر يېزىدا ئىككىدىن ئارتۇق تورخانا بولسا بولمايدۇ دىسە، ئەڭ ياخشى ئامال ئىككى تورخانىدىكىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ بېقىڭ قايسى بىرسىنىڭ تورخانىنى ساتقۇسى بار.
turpan تۈنۈگۈن  15:50
بىر يېزىدا ئىككىدىن ئارتۇق تورخانا بولسا بولمايدۇ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان .بەلكىم باشقا تورخانا خوجايىنلىرى تاپقان گەپ بولىشى مومكىن . بىرەر ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرگەن كىنىشكىڭىز بولسا ياكى تۇققانلار ئارىسىدا شۇنداق بىرسى بار بولسا ھەم ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان بولسا ،شۇنىڭ نامىدا بىجىرىڭ .مەكتەپ پۇتتۇرگەنلەرنىڭ ئىگىلىك يارىتىشىغا يا يۆلەك بولىۋاتىدۇ ،ھۆكىمەت .دېپلومنى ئېلىپ يېزا باشلىقىدىن بىر پارچە تونۇشتۇرۇش ئېلىڭ-دە ،مەدەنىيەت -تەنتەربىيە ئىدارىسىغا قاراپ چېپىڭ .
سىزگە ئاق يول تىلەيمەن !!!!
koltekin تۈنۈگۈن  23:58
ساقچىغانا 10 مىڭ يۈەن قوغداش ھەققى  ئالىدۇ دىگەن بىكار گەپ ، مەنمۇ ساقچى بىزنىڭ بۇيەردىكى تورخانا ئاچىدىغانلاردىن 10 مىڭ ئەمەس 10 يۈەنمۇ ئالمايمىز ...
turpan 8  سائەت ئالدىدا
ساقچىغانا 10 مىڭ يۈەن قوغداش ھەققى  ئالىدۇ



ھەر قانچە بولسىمۇ نامىنى «قوغداش ھەققى »دەپ پۇل ئالماس ئۇلار . «خەلىقنىڭ ساقچىسى » ئىتالىيىنىڭ  XXXXلىرىغا ئوخشاپ قالسا ئەپلەشمەس .

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-29 23:30.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.