ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 228|ئىنكاس: 2

ئەشۇنداق دىتالمۇ بارمىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تۆھپە
31
تىللا
49
شۆھرەت
32
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 12:48:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىرلىك دوسىتلار بىز ھەممىمىز دىگۇدەك دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىنى خۇددى ئانا تىلىمىزنى ئۈگەنگەندەك راۋان ئۈگۈنۈشنى ھەم شۇ ئارقىلىق خەنزۇلار بىلەن بولغان خىزمەت، سودا ھەم ھەرخىل ئىجتىمائى ئالاقىلەردە بىمالال ئالاقە قىلىش ئارقىلىق ئىناق ئىتتپاق دوستانە بولغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىشنى ئارزو قىلساقمۇ لىكىن خەنزۇ تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوتتورسىدا ناھايتى چوڭ پەرىق بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇتىلى، ئۇيغۇر تىلىدەك 32 ھەرىپتىن تۈزۈلمىگەچكە ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر يىڭى شەيئى بايقالسا بىر يىڭى خەت ئىجات قىلىنغان بولغاچقا بىز ھەرقانچە تىرىشساقمۇ بۇ دوستلارنىڭ تىلىنى راۋان ئۈگۈنۈش ئارزۇيىمىزغا يىتەلمەيۋاتىمىز.
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم بىز تىل جەھەتتىن قىينىلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە خەنزۇ تىلىنى ئۇيغۇر تىلىغا، ئۇيغۇر تىلىنى خەنزۇ تىلىغا راۋان تەرجىمەقىلىدىغان بىرەر مۈكەممەل تەرجىمە سىستىمىسى بارمىدۇ؟ تىل جەھەتتىن ئىزدىنىۋاتقان دوسىتلارمۇ خىلى كۆپ مىنىڭچە بولغاندا ھەرخىل تىللار ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك دەۋىردە مۇنداق سىستىما باردۇ دەپ ئويلايمەن. مەن مۇنداق دىسەم ماڭا دوسىتلار ھەرخىل لوغەتلەرنى تەۋسىيە قىلىشىڭلار مومكىن مەنمۇ بىر تىل مەستانىسى ھەرخىل تىللارنى ئۈگۈنۈشكە قىزىقىمەن. مەنمۇ نۇرغۇن لوغەتلەرنى توردىن چۈشۈرۈپ پايدىلىنىۋاتىمەن. لىكىن ھىچقايسىسى خەنزۇچە تىكىست، جۇملە قاتارلىق ئۇزۇن-ئۇزۇن ئۈزۈندىلەرنى، ماقالە قاتارلىق چوڭ ھەجىمدىكى ماتىرياللارنى ئۇيغۇرچىغا،ئۇيغۇرچە تىكىست، جۇملە قاتارلىق ئۇزۇن-ئۇزۇن ئۈزۈندىلەرنى، ماقالە قاتارلىق چوڭ ھەجىمدىكى ماتىرياللارنى خەنزۇچىغا راۋان، ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىپ بىرەلمەيدىكەن.
شۇڭا دوسىتلارنىڭ ھەقلىق ھەم قىممەت بولسىمۇ جوملىلەرنى ۋە تىكىست ، ماقالە، ئوبزور، داستان قاتارلىق چوڭ ھەجىمدىكى ماتىرياللارنى ئوز-ئارا ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا،خەنزۇچىنى ئۇيغۇرچىغا راۋان ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىپ بىرىدىغان تەرجىمە سىستىمىسى نى تەۋسىىيە قىلىشىڭلارنى سورايمەن. تىل ئۈچۈن قانچىلىك پۈل كەتسىمۇ مەن بۇنىڭغا رازى.
(ئەسكەرتىش: قەدىرلىك دوسىتلار سۆزنى سۆزگە، خەتنى خەتكە تەرجىمە قىلىدىغان لۆغەتلەرنى تەۋسىيە قىلىمغايسىزلەر، مۇنبەر باشلىقلىرى ئىمكان قەدەر مىنىڭ بۇ تېمامنى ھەرۋاقىت كۆرىلىدىغان تېما قىلىپ قويساڭلار، بۇ جەھەتتە دوسىتلار داۋاملىق ئىزدەنسە دىگەن ئۆمىتتە مەن.)

باھا سۆز

mars36  خەنزۇچە خەت ۋە خەنزۇ تىلى توغرىلىق پاكىتسىز بىلجىرلىماڭ!!!  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 16:37:56
mars36   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
637
تىللا
1175
شۆھرەت
1241

شەرەپ تىرىشچان

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 16:41:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق خام خىيالدىن نېرى بولۇڭ. كۆرمىگەنمۇ، مۇشۇ سەينادا نەچچە قېتىم سورالدى بۇ، ئۇنداق دېتال يوق، دەپ جاۋاب بېرىپ ھاردۇق. ئۆتۈنەيلى، بۇنداق دېتال ئۇچۇرىنى يەنە 2 يىلغىچە سورىمىساڭلارمۇ بولىۋېرىدۇ (ئەمەلگە ئېشىپ بولالمايدۇ).
يۇمشاق تۈگۈلگەن مۇشت ياش سۈرتۈشكە يارايدۇ
xawkat521   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1272
تىللا
1311
شۆھرەت
2175

ئاكتىپ تەشۋىقات تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 20:09:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز googleنىڭ تەرجىمانىغا ئوخشاش دىمەكچىمۇ ...؟  مەنمۇ شۇنداق بۇلۇشىنى ئۈمۈدقىلىمەن ...ئۇيغۇرچە- ئىنگىلىسچە ئۇيغۇرچە - ئەرەپچە پارىسچە دىگەندەك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-9 02:08 , Processed in 0.091042 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش