- توردا
- 265 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-7
- تىزىملاتقان
- 2010-11-5
- شۆھرەت
- 1289
- تىللا
- 1096
- تۆھپە
- 656
- ھوقۇقى
- 40
- جۇغلانما
- 4581
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 251
- تېما
- 60
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 755
- تۆھپە
- 656
- تىللا
- 1096
- شۆھرەت
- 1289
|
زولۇق يېيىش
روزا، تاڭ ئاتقاندا باشلىنىدۇ. شەرقتە، ئاسمان بىلەن يەر بىرلەشكەن ئۇپۇق سىزىقىدىكى يۇرۇقلۇق، تاڭنىڭ ئاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا ئىمساك ۋاقتى (زولۇق يېيىشنى توختىش ۋاقتى) دېيىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«... . تاڭنىڭ ئاق سىزىقى قارا سىزىقىدىن سىلەرگە نىسبەتەن ئېنىق ئايرىلغانغا قەدەر يەڭلار ۋە ئىچىڭلار[1]. ئاندىن كېيىن روزىنى كېچىگە[2] قەدەر تاماملاڭلار...»[3]
ئىمساكتىن بۇرۇن يېيىلگەن تاماققا زولۇق تامىقى دېيىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زولۇق يەڭلار. چۈنكى زولۇقتا بەرىكەت باردۇر.»[4]
زونى ئاخىرقى ۋاقتىغىچىلىك كېچىكتۇرۈش، ئىفتارنى بولسا كېچىكتۈرمەستىن ۋاختىدا قىلىش سۈننەتتۇر.
----------
[1] - ئۇپۇق، ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ بىرلەشكەن يېرى. ئەتىگىنى كۈن چىقىش تەرەپتە يورۇقلۇقنىڭ ئۇپۇق سىزىقىنى بويلاپ سوزۇلۇشقا باشلىشى بىلەن ئىمساك ۋاقتى كىرىدۇ. بۇ سائەتتە ئۇپۇققا قارىغان كىشى بىلەن ئۇپۇق ئارىسىدىكى يەر قارا سىزىققا ئوخشاش بولىدۇ. ئاسماننىڭ يۈزى يورۇشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇپۇق سىزىقى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. روزا تۇتىدىغان كىشى بۇ سائەتتىن ئېتىبارەن يېمەك- ئىچمەكنى توختىتىشى لازىم. بۇ، بامدات نامىزىنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتىدۇر.
[2] - «كۈن كىرىپ كەتكەنگە قەدەر...» تۈز يەرلەردە كۈن يۈزىنىڭ ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئاستىغا چۈشۈشى بىلەن كۈن كىرىپ كەتكەن بولىدۇ. ئېگىز- پەس يەرلەردە بولسا، كۈن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن شەرق ئۇپۇقىدا قاراڭغۇلۇقنىڭ باشلىشىنى كۈتۈش كېرەك.
[3] (بەقەرە سۈرىسى، 2/187)
[4] (بۇخارىي، سەۋم، 20؛ مۇسلىم، سىيام، 45.)
مەنبە: مۇسۇلمانلار تورى
ئەسكەرتىش:
زولۇق ھەققىدىكى باشقا ھەدىسلەردە بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش ئۈچۈن بولسىمۇ زوغا قوپۇش كېرەكلىكى، چۈنكى زولۇقتا بەرىكەت بارلىقى بىلدۈرىلىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا زوغا قوپۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىبادەت دېيىشكە بولىدۇ.
زوغا ئورنىمىزدىن تۇرغاندا مۇمكىن قەدەر تەھەججۈد نامىزى ئوقۇشىمىز تېخىمۇ ياخشى. |
|