baqka
مىكروسوفت ئېخەت بېكىتى خوتمايىلنىڭ باش بېتى، Windows7 نىڭ رايون ۋە تىل تۈرىنىڭ شەكىل تۈرى ئۇيغۇر يېزىقىغا كۆرسىتىلگەن كومپيۇتېردا %50 ئۇيغۇرچە كۆرۈندى!
دۇنياۋىي بېكەتلەر پروگراممىسىدا، قىتئە، دۆلەت، رايون ۋە تىللارنى پەرقلەندۈرۈپ بەت كۆرسىتىش ئىقتىدارى بار، بۇنى مىكروسوفت ئەپ تۈزۈش قۇرالى MS Visual Studio نى ئۆگەنگەنلەر بىلىدۇ.
ئەگەر سىستېمىڭىز Windows 7 ياكى Windows 8 سىناق نۇسخىسى بولسا، ھەم كونترول يۈزى \ رايون ۋە تىل رامكىسىدىن \ شەكىل بېتىدە شەكىلنى ئۇيغۇر يېزىقىغا تاللىسىڭىز، سىستېمىڭىزغا دەرھال مىكروسوفت ئىشلىگەن UI كىرگۈزگۈچىمىز قوشۇلىدۇ (بۇ كۆزنەك 8 دە UY بولۇپ ئۆزگەرتىلگەندەك قىلىدۇ)، ھەمدە سىستېما ۋاقتى، كالېندار دەرھال ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ. ئەگەر شۇنداق تەڭشەپ قويغان بولسىڭىز، بۇ كىچىككىنە ياخشى باشلىنىشنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ، ھەمدە بارلىق كۆزنەك 7 ۋە 8 ئىشلىتىۋاتقانلارغا، شەكىلنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ، بەت يېڭىلاپ، مىكروسوفتنىڭ بەت سىستاتىسكىسىدا ئۇيغۇر يېزىقىغا دائىر سىتاتىستىكا ساننى ئاشۇرۇشقا بىر كىشلىك تۆھپەڭلارنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. (بۇ، «مەن بار! مەن بار!» دىگەنلىك..) گەرچە باشبەت ۋە ئىچكى بەتلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، بۇ ئىشنىڭ باشلىنىشى، ھەم ياش ئۈمىدلىك پروگراممېرلىرىمىزغا، مىكروسوفتنىڭ ئۇيغۇر خىزمەتچىسى بولۇپ قالىدىغان خىزمەت پۇرسىتى ئۇچۇرى، شارائىتى بارلارنىڭ تىرىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈش ئادرىسى:
1. www.hotmail.com باش بېتى، بۇ ئېخەت بېكىتى ئىنتايىن ئاز ساندىكى rtf ۋە html ھالىتىدە مەزمۇن تەھرىرلەشكە بولىدىغان، يەنى كود ئىچىگە ئۇيغۇر خەت نۇسخىسى ئىسمىنى كىرگۈزۈپ، قارشى تەرەپ كومپيۇتېرىدا بار ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىدا چىرايلىق ئوقۇشقا بولىدىغان ئېخەت ئەۋەتكىلى بولىدىغان بېكەت. تور بەت ياساشتىن خەۋىرى بارلار بۇنى سىنىيالايدۇ، مەن بۇنى بۇرۇنلا سىناپ باققان. . مىكروسوفت ئىزدەش ماتورى www.bing.com باشبېتى ئۈستىدىكى hotmail ئۇلانمىسى.
رەسىم:


|