- توردا
- 283 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-14
- تىزىملاتقان
- 2011-2-16
- شۆھرەت
- 1187
- تىللا
- 930
- تۆھپە
- 661
- ھوقۇقى
- 40
- جۇغلانما
- 4261
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 296
- تېما
- 15
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 1671
- تۆھپە
- 661
- تىللا
- 930
- شۆھرەت
- 1187
|
ئەمەلىيەتتە ھېكايە دەپ كىتىشكىمۇ بولمايدۇ.بۇگۈن بىشىمدىن ئۆتكەن ئىشنى دەپ باققۇم كەپ قالدى.
بۈگۈن ئىمتىھان سەۋەبى بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچىمنى ئىزدەشكە توغرا كىلىپ قالدى.مەكتەپ پۈتۈپ 2-3يىلغىچە مۇئەللىم بىلەن ئالاقە قىلىپ باقمىغان ،سەۋەبى شۇكى بىرىنجىدىن مەكتەپ ئورنى يۈتكىلىپ كىتىپ ئارىلىق بەكلا يېراق بوپ كەتتى.ئىككىنجىدىن تېلىفون نومۇرى ئۆزگىرەپ كىتىپتۇ.ئۈچۈنجىدىن بۇرۇن مۇئەللىم بىلەن بەكمۇ يېقىن ئەمەس لېكىن ئوقۇتقىچىلارغا ھۆرمىتىم بار ئىدى.شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىمنىڭ تېلىفون نومۇرىنى بىر چۈشتىن بۇرۇن ئىزدەپ تاپتىم ۋە تېلىفون قىلدىم. تۆۋەندە مەن ۋە ئوقۇتقۇچىمنىڭ تېلىفوندا سۆزلەشكەندىكى قىسقىچە دىئالوگلىرى:(مۇئەللىمنى قىسقارتىپ ئا، ئۆزۈمنى ب دەپ ئالدىم)
ئا: ۋەي!
ب:ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم!
ئا:كىم سەن!
ب:مۇئەللىم مەن پالانچى يىلدا پۈتتۈرگەن پالانچى سېنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى، سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز ئابلىكىم.
ئا:ھە، نىمە ئىش؟!
ب:ئۆي ئىچى تېنىچلىقمۇ ؟ خىزمەتلىرىڭىز ئالدىراشمۇ مۇئەللىم.ئۇزۇن بولدى سىلى بىلەن ئالاقە قىلالماي بەك سەت ئىش بولدى.
ئا: ھەر ھالدا ياخشى.نىمە ئىش بىلەن تېلىفون قىلىشىڭ؟
ب:مۇنداق ئىش ئىدى مۇئەللىم:
......
(نىمە ئىش بىلەن ئىزدىگىنىمنى قىسقارتىۋەتتىم،چۈنكى بەزى شەخسىي مەخپىيەتلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بوپ قالدى)
..... شۇڭا سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بارمۇ يوقمۇ بىلمىدىم.بولسا سىزگىمۇ قولايلىق مەكتەپكىمۇ گەپ كەلمەيدىغان قىلىپ مۇشۇ ئىشىمغا بىر ھەمكارلاشقىلى بولامدۇ بولمامدۇ بۇنى بىلمىدىم .شۇڭا سىز بىلەن ئەھۋال سورىغاچ بىر بىلىپ باقاي دىگەن مەقسەتتە بۇ تېلىفوننى قىلىشىم ئىدى.(ھازىر بىزدە شۇنداق كىسەل يۇققان ئوخشايدۇ،ئىش بولمىسا ئىزدەپ تېلىفون قىلمايدىغان،ماڭىمۇ يۇققان چېغى)
ئا: ياق...ياق...بولمايدۇ ،بولمايدۇ.....بۇ ئىش پەقەتلا بولمايدۇ! كىم سەن زادى؟!
ب: مۇئەللىم مەن ئابلىكىم.
ئا:بولمايدۇ ،بولمايدۇ.....بولدى خوش
ب: سەت ئىش بولدى مۇئەللىم سىزنى ئاۋارە قىلىپ قۇيۇپتىمەن. ماقۇل ئەمىسە كېيىنچە ئەھۋال سوراپ تېلىفون قىلارمەن.
.........تېلىفوننى مۇئەللىم قۇيۇۋەتتى.
سۆزلىرى بەكلا توڭ، مۇئامىلىسى بەكلا قۇپال تەگدى،شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم.ئەگەر ئىشى ئالدىراش بوپ قىلىپ مەن بىئەپ ۋاقتىدا تېلىفون قىلىپ قويغان ئوخشايمەن دەپ ئۆزۈمدىن ئاغرىندىم ۋە مۇئەللىمگە سەل ئېچىندىم. ئەگەر ھەقىقەتەن ئالدىراش بوپ قىلىپ ۋاقتى يوق بولسا چىرايلىقچە ھازىر ئالدىراش ئىدىم بىئەپ ۋاقتىدا تېلىفون قىلىپ قاپسەن،كېيىنچە تېلىفون قىل دىگەن بولسا. ئىشىم پۈتمىگەن ھالاتتىمۇ مىڭلارچە مىننەتدار بولغان ئىدىم.لېكىن ئوقۇتقۇچۇمنىڭ توڭ گەپلىرى ۋە ئەڭ ئاددىي سالاملىشىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانلىرى مېنى بەكلا چۆچۆتتى.بۇرۇن مەن ھۆرمەتلەيدىغان مۇئەللىم قەيەرگە كەتكەندۇ؟!راستىنى دىسەم مەن مۇئەللىمنى بۇنچىۋالا ئۆزگىرەپ كىتەر دەپ ئويلىماپتىمەن.بەلكىم ئەتراپتىكى مۇھىت ،خىزمەت بىسىمى قاتارلىقلار مۇشۇنداق قىلىپ قويغان چېغى.
شۇزامان مەنمۇ تېلىفوننى قويدۇمدە، بىر جۈملە سۆز كاللامدا چاقماقتەك پەيدا بولدى ۋە كىنو لېنتىسىدەك ئۈتۈشكە باشلىدى.
«مىنى ئۆزەڭدىن باشقىغا مۇھتاج قىلىمىغىن!»
|
|