ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1292|ئىنكاس: 1

Gmail دە مۇنداقمۇ ئىش بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاپتورى: birhon



Gmail ھېساباتىڭىز بارمۇ؟
ئۇيغۇرچە قوللىشى، چەكسىز بوشلۇقى، مۇقىملىقى، مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئالاقە شەكلى، ھەقسىز IMAP قاتارلىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن Gmail دە بىز بايقىمىغان يوشۇرۇن ئىقتىدارلار خېلى كۆپكەن. مەسىلەن:
ئېلخەت نامىنى چەكلىك دائىرىدە خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيدىكەنسىز:
ئەگەر سىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىڭىز ugunish@gmail.com بولسا، ئۇ چاغدا، تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتسىڭىزمۇ، خەت ئوخشاشلا كېلىۋېرىدىكەن:
i.zdinish@gmail.com
iz.di.nish@gmail.com
izdinix+munbiri@gmail.com
ugunish+ezasi@gmail.com
.................... ۋاھاكازالار.
يەنى سىز ئېلخەت ئادرېسىڭىزدىكى قوللانچى نامىنىڭىزدا ھەرپلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىت (.)نى خالىغانچە قىستۇرسىڭىز بولىدىكەن. باشقىلارغا دەپ بەرگەندە خالىغان يېرىگە چېكىت قىستۇرۇپ، (چوقۇم ئۇيغۇرچە چېكىت، خەنسوچە چېكىت بولسا بولمايدۇ) دەپ بەرسىڭىزمۇ بولىدىكەن.
يەنە قوشۇش (+) بەلگىسىنى قوللانچى نامىڭىزنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ، ئۇنىڭ ئارقىغا خالىغان خەت، بەلگىنى يېزىۋالسىڭىزمۇ بولىۋېرىدىكەن.  يۇقىرىقىدەك ھەرخىل يېزىۋالسىڭىزمۇ، ئەۋەتىلگەن خەتلەر يەنىلا ugunish@gmail.com گە كېلىۋېرىدىكەن.
------------------------
تېخىمۇ ياخشى بولغىنى سىز ugunish@gmail.com دېگەن ئېلخەتنى تىزىملاتقاندا   ugunish@googlemail.com مۇ سىزنىڭ بولىدىكەن. يەنى ئەگەر ئېلخەت ئادرېسىڭىز، ugunish@gmail.com بولسا، ugunish@googlemail.com گە يېزىلغان خەتلەرمۇ ئوخشاشلا ugunish@gmail.com گە كېلىدىكەن. ھەمدە سىز يۇقىرىدىكى ئىككىسىنىڭ خالىغان بىرى ئارقىلىق، ھېساباتىڭىزغا كىرەلەيدىكەنسىز.
------------------------------------------------
بۇلارنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟
بىلگىنىمىزدەك Gmail نىڭ ئىنتايىن قولايلىق ۋە يېتىشكەن سۈزگۈچ ئىقتىدارى بار. ئەگەر سىز ئالاقە قىلىدىغانلار كۆپ بولۇپ، ھەركۈنى تاپشۇرۇۋالىدىغان ۋە يوللايدىغان خەتلەر كۆپ بولسا، ھەم بۇ خەتلەر ئوخشاشمىغان تۈر (شىركەت، گۇرۇپپا، تائىپە، مەزھەپ، گورۇھ، ئىدارە، تور، يۇرت، دۆلەت.... دېگەندەك)دىكى كىشىلەردىن كېلىپ، ئايرىم - ئايرىم رەتلەش زۆرۈرۈىيىتى تۇغۇلسا، شۇ «سۈزگۈچ» ئارقىلىق كەلگەن خەتلەرنى ئاپتوماتىك سۈزۈپ، قىسقۇچلارغا جايلاشتۇرىدىغان قىلالايسىز. مەسىلەن:
ئەگەر A ئىدارىدىن كەلگەن خەتلەرنى A قىسقۇچقا، B ئىدارىدىن كەلگەن خەتلەرنى B قىسقۇچقا ئاپتوماتىك رەتلىمەكچى بولسىڭىز، ھەم سىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىڭىز ugunish@gmail.com بولسا، ئۇ چاغدا، مۇنداق قىلىسىز.
A ئىدارىدىكى سىزگە خەت ئەۋەتىدىغان خادىملار ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى سورىغاندا، ugunish+A@gmail.com دەپ بېرىسىز (ياكى B ئىدارىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قويۇلغان خالىغان بەلگە قىستۇرۇڭ)؛ B ئىدارىدىكى خادىملارغا ugunish+B@gmail.com دەپ بېرىسىز.
شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقى ئىدارىلەر سىز بىلەن ئالاقە قىلغاندا، (ئەمەلىيەتتە) ئوخشىمىغان ئادرېسلارغا خەت ئەۋەتىدۇ.
سىز Gmail نىڭ ئىچىدە ئىككى دانە ھۆججەت قىسقۇچ (Gmail بۇنى خەتكۈچ دەپ ئاتايدۇ) قۇرىسىز. ۋە A ، B دەپ ئاتايسىز.
تەڭشەك ئورنىدىن «سۈزگۈچ» (فىلتېر) قۇرۇشنى ئېچىپ، بارلىق ugunish+A@gmail.com غا ئەۋەتىلگەن خەتلەرنى A خەتكۈچكە يىغىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويىسىز. (يەنە بىرىنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا)....
شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام.
-------------------------
بۇ ئۇسسۇل ئارقىلىق يەنە ئەخلەت خەتلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. مەسىلەن نۇرغۇن تورمۇنبەرلىرى ۋە ئەپلەر ئېلخەت كىرگۈزۈشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. كىرگۈزمىسەك تەستىقلىغىلى بولمايدۇ. ئۇ ھالدا بىز ugunish+munber@gmail.com دېگەندەك كېڭەيتىلگەن ئېلخەت نامىنى كىرگۈزۈپمۇ، شۇ مۇنبەردىن كەلگەن خەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالالايمىز ھەم تەستىقتىن ئۆتەلەيمىز. تەستىقتىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، شۇ مۇنبەر ياكى ئەپلەرنىڭ داۋاملىق ئەخلەت خەت ئەۋەتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يەنىلا سۈزگۈچ قۇرۇپ، ugunish+munber@gmail.com گە كەلگەن بارلىق خەتلەرنى ئاپتوماتىك ئۆچۈرىدىغان تەڭشەپ قويساق بولىدۇ....

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-7-13 18:22:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ بىلىملەرنى سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدىكەن، مەن بىر سىناپ بېقاي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 09:24 , Processed in 0.119128 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat