ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 2551|ئىنكاس: 8

ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش توغرىسىدا ئىزدىنىش

تۇرسۇنجان سۇلتان

كىرىش سۆز


     مەزكۇر ماقالىنى يېزىشتىكى ئاساسلىق مۇددىئا ۋە بۇ ماقالىدە يېتىش مەقسەت قىلىنغان نىشان، ئۇيغۇر تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىش ئىشلىرىدا لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە زۆرۈر بولۇشىدىكى دەلىللىرىنى كۆپ تەرەپتىن تەھلىل قىلىپ، خەلقىمىزدە يېقىندىن بۇيان شەكىللىنىپ قالغان «لاتىن يېزىقى» توغرىسىدا سۆز بولۇنسىلا، بۇ «يېزىق ئۆزگەرتىش» نىڭ بىشارىتى ياكى ئالامەتلىرى دەيدىغان كۆز قاراشلارغا توغرا جاۋاب تېپىپ بېرىشنى ئويلاشتىم.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىمىز (ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى كونا يېزىقىمىز) نىڭ پەن-تېخنىكا، مائارىپ، نەشرىياتچىلىق، كومپيۇتېر-ئۇچۇر قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزىنىڭ رولىنى ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، رايونىمىزدا كومپيۇتېر ۋە تور يېڭىدىن قوللىنىلىۋاتقان چاغلاردا، يېزىقىمىزنى كومپيۇتېردا ۋە تور تېخنىكىسىدا بىرتەرەپ قىلىش ئىشلىرىنىڭ بىر قسىم قۇلايسىزلىقلارغا يولۇقىشى سەۋەبلىك، بىر مەزگىل لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادە قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا سەۋەب بولغانلىقى، بۇ لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھەلىرىنىڭمۇ نىشانى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىش بولماستىن، بەلكى يېزىقىمىزنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرلىكتە. گەرچە، ھازىر يېزىقىمىز ھەممە ساھەلەردە توسالغۇسىز ئىشلىتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ساھەلەردە ئۇيغۇر تىلىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەپ كۆرسىتىشكە مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق بايان قىلمىغاندا، يەنىلا «يېزىق ئۆزگەرتىش» ياكى «يېزىق ئىسلاھ قىلىش» دېگەن يامان قالپاقنىڭ كېيىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار.
بۇ ماقالىدە، مەن ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان يېزىقنىڭ قايسى كەسىپلەر بويىچە، قايسى دائىرە ئىچىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تىرىشتىم. مەسىلىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىن سۆزلەشكە توغرا كەلدى، چۈنكى مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ھەل قىلىنىشىنى كونكرېت دەلىل ۋە مىساللار بىلەن ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمىگىنىمدە، ماقالە يەنىلا بىر قىسىم مۇھىم ۋە ئىنچىكە مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلمەي قېلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم.
ماقالىدە، ئۇيغۇر خەلقى تارىختا ئىشلەتكەن ئۈچ چوڭ يېزىقنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈش، ئەڭ مۇھىمى بۇ ئۈچ چوڭ يېزىقنىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرىنىڭ كۆپلىكىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، يەنى قەدىمكى تۈرك يېزىقىنىڭ ئوڭدىن-سولغا يېزىلىدىغان بۇغۇم ۋە تاۋۇشلار بىرىكمىسىدىن ئىبارەت ئېلىپبەلىك يېزىق ئىكەنلىكى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى گەرچە ئۈستىدىن-ئاستىغا تىك قىلىپ يېزىلسىمۇ، بۇ يېزىقتا ھەرپلەرنىڭ باش، ئوتتۇرا، ئاياغ شەكلىدە كېلىپ، بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ يېزىلىشىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىختىن بۇيان ئومۇمەن ئوڭدىن-سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى گەرچە ئەرەب يېزىقىدىن ئىسلاھ قىلىنىپ كېلىنگەن يېزىق بولسىمۇ، خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن تارىخلاردىن بۇيانقى يېزىق ئىشلىتىش ئەنئەنىسىگە بەكمۇ يېقىن بولغانلىقتىن، مىڭ يىللاردىن بۇيان بىزگە ئانا يېزىقىمىزدەكلا ئۆزلۈشۈپ، خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تونۇتۇش بىلەن بىرگە، ھازىرقى يېزىقىمىزدا ھەل قىلىپ كېتەلمەيدىغان يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى پاكىتلارلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈپ، بۇلارنى ھەل قىلىش چارىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئاساسى نىشان قىلىندى.
يەنە، مەزكۇر ماقالىنى يېزىشقا سەۋەب بولغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى، يېقىندىن بۇيان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى توغرىسىدا توردا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ماقالىلەرنى كۆرۈپ ئوقۇپ قالدىم. بىر قىسىم كىشىلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئا»، «ئە»، «ئې»، «ئى»، «ئو»، «ئۇ»، «ئۆ»، «ئۈ» لاردىن ئىبارەت سەككىز سوزۇق تاۋۇش ھەرىپى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئ» (ھەمزە) نى قالدۇرۇۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، يۇقىرىدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى كومپيۇتېردا كىرگىزگەندە «ئ» (ھەمزە) بىلەن «ا»، «ە»، «ې»، «ى»، «و»، «ۇ»، «ۆ»، «ۈ» ھەرپلىرىنى بىرىكتۈرۈپ كىرگۈزۈلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ئىككى كۇنۇپكا بېسىلىدىغانلىقى، شۇڭا، «ئ» (ھەمزە) قالدۇرۇۋېتىلسە، سەككىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ ھەربىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەرپلەرنى بىرلا كۇنۇپكا بىلەن كىرگۈزگىلى بولارمىش، بۇ ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. يەنە بىرسى، ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچىلاشتۇرۇش تەرەپدارلىرىنىڭمۇ بىر قىسىم ماقالىلىرى ۋە مۇنازىرىلىرىمۇ ماڭا تەسىر قىلدى، ئەڭ ئېچىنارلىقى لاتىن ھەرپلىرى، سىرىل ھەرپلىرى، خەلقئارا فونېتىك ئېلىپبەسىدىكى ھەرپلەردىن خالىغانچە ئېلىپ بىرىكتۈرۈپ چىقىلغان لايىھەلەرنىڭ ھازىرقى كۈنىمىزدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە بۇ توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىلەرمۇ كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ.
گەرچە مەن كەسپىي تىلشۇناس بولمىساممۇ، ئۇزۇن يىللىق كومپيۇتېر كەسپى ھاياتىمدا ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىش ئىشلىرى ئۈستىدە ئىزدەندىم، ھەمدە بىر تۈركۈم خەت نۇسخىلىرىنى ياساپ چىقىپتىمەن، بۇ جەرياندىمۇ ھەر قايسى دەۋرلەردىكى يېزىقلىرىمىزنى تىلشۇناسلىق، تارىخ نۇقتىسىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىشىمگە ۋە تەتقىق قىلىشىمغا توغرا كەلدى، ھەم بىر قىسىم تەجرىبىلەرنى توپلىدىم. شۇنىڭ بىلەن، ئۆزۈمنىڭ توپلىغان تەجرىبىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ «ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى لاتىنچە ئىپادىلەش توغرىسىدا ئىزدىنىش» دېگەن بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ خىل زۆرۈرلۈكنى خېلى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن بولساممۇ، بىر قىسىم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مۇھىمى تەتقىقات ۋە تەجرىبىمىز پۈتمەي تۇرۇپ، ئالدىراقسانلىق قىلغاندا، خەلق ئارىسىدا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويماسلىقنى ئويلاپ بۇ توغرىسىدا يەككە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان بولسام، ئەمدى بۇ ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن، بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان يولداشلارنىڭمۇ مەلۇم جەھەتلەردىن پايدىلىنىشىغا كېرەك بولۇر دېگەن ئۈمىدتە ماقالىگە تۇتۇش قىلدىم.
ماقالىدە بايان قىلىنماقچى بولغان ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى لاتىنچە ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا، مەن ئاساسلىقى 1991- يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى» ۋە 2000- يىلى ئوتتۇرىغا چىققان «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» ۋە 2008- يىلى ئوتتۇرىغا چىققان «ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھەسى» قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاقلىق بارلىقىنى، بۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ تەدبىقلىغاندا، ئاخىرقى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شۇڭا، ماقالىنىڭ كونكرېت قىسىملىرىغا، بۇ ئۈچ خىل يېزىق ۋە لايىھەلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە كەمچىللىك تەرەپلىرىدىنمۇ ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغاندا، بۇلاردىكى كەمچىللىك دەپ قارالغان تەرەپلەرنى ئاكتىپ ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىرقانچە تەرتىپ ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق بايان قىلدىم.
كۆپ تەرەپلىمىلىك تەتقىق قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئەھمىيىتىمۇ كۆپ، مەسىلىلەرگە كۆپ نۇقتىدىن نەزەر سالغىلى ۋە پىكىر يۈرگۈزگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ماقالىنىمۇ مەن كۆپ نۇقتىلاردىن يېزىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ماقالىدە، قەدىمكى يېزىقلار، دىئالىكىت ۋە شىۋىلەر توغرىسىدىكى بايانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەتتى. بۇ بەلكىم پىكىرنى تارقاقلاشتۇرۇپ، بىزنى ئەسلى مەزمۇندىن چەتنەتكۈزۈپ، يەتمەكچى بولغان نىشاندىن يىراقلاشتۇرۇۋەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق مەن ئويلايمەنكى، ھازىرقى ۋاقىتتا، بولۇپمۇ يېزىق تەتقىقات خىزمىتىمىزدە تالاش-تارتىش بولىۋاتقان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن، تەخىرسىز ھالەتتە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلمىغاندا، ئوقۇرمەننىڭ كاللىسىدا ئالغان جاۋابىدىن، قويغان سوئالى كۆپ بولۇپ كەتسە، بۇنىڭ كۆپ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، شۇڭا قانچىكى كەڭرەك ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ يازالىسام، شۇنچە كېڭەيتىپ ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىشقا تىرىشتىم.
ماقالىنىڭ ھەجىمى چوڭ بولغانلىقى، ماقالە كۆپلىگەن جەدۋەل ۋە رەسىملىك چۈشەندۈرۈشلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ماقالىدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى تور بەتكە تولۇق يوللىغىلى بولمىدى. شۇڭا، يۇقىرىدىكى «كىرىش» سۆز قىسمى بېرىلىپ، قالغان مەزمۇنلار PDF شەكلىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، بۇنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن تەمىنلەندى:



(دىققەت: يۇقىرىدىكى ئۇلانمىدىن بىۋاستە بېسىپ چۈشۈرگىلى بولمىسا، مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، تۆتىنچى قۇردىكى «ئۇلانمىنى باشقىچە ساقلاش (K)...» دېگەن تاللاشنى بېسىپ، كومپيۇتېرغا چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ)



(ئەسكەرتىش: ماقالە بىلەن قوشۇپ پىرىسلانغان يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن يەنىلا، يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۇسۇل بىلەن چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ).

يۈك بولىقىنى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، yeziq-maqale.rar ناملىق پىرىسلانغان ھۆججەتنى، rar ياكى zip فورماتلىق پىرىس ھۆججەتلىرىنى يېزىش يۇمشاق ماتېرىيالى ئارقىلىق پىرىستىن يەشكەندىن كېيىن، يېشىلگەن مۇندەرىجە ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ھۆججەت چىقىدۇ:

yeziq-heqqide.pdf — مەزكۇر ماقالىنىڭ PDF نۇسخىسى.
editor — كۆپ ئىقتىدارلىق يېزىق تەھرىرلىگۈچ.
input — ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان لايىھە بويىچە يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق ماتېرىيالى (سىناق نۇسخا).
يۇقىرىدىكى ئىككى يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈلىشى ماقالىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا تونۇشتۇرۇلغان، شۇڭا ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ماقالىدە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئىشلىتىڭ.

باھالاش

3

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-7-10 13:48:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمشاق دىتالنى ئالدىراشلا بىر قۇر كۆرۈپ- سىناپ باقتىم، سىلەرمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار

مەنبە http://v.youku.com/v_show/id_XNDI1NzQ0Nzg4.html
تۈركچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتمايلا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن,
ۋاقتى: 2012-7-11 10:40:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىسلىكنى كۆرۈپ چىقتىم دېتال ئىنتايىن ياخشى ياسېلىپتۇ.
ئىقتىدارلىرى uyghuredit قا ئوخشاپ قالىدىكەن.
ۋاقتى: 2012-7-11 12:00:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىرگۈزگۈچنى مەنمۇ ئىشلىتىپ باقتىم. گەرچە قوش ھەرپلەر قىسقارتىلغان بولسىمۇ، ئەمما بەلگىلەرنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن Shift, Ctrl, Alt قاتارلىق ئۈچ كۇنۇپكىنى بىرلىكتە بېسىش لازىمكەن.
ئېدىتورنىڭ ئىقتىدارلىرى ئاساسەن يۇلغۇن بىلەن ئوخشاش، ئەمما كېڭەيتىلگەن رايۇندا تەتۈر كۆچۈرۈش ئىقتىدارى يوقكەن.
(يۇلغۇننىڭ مەن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىقتىدار كېڭەيتىلگەن رايۇندا تەتۈر كۆچۈرۈش، ئەمما بۇ ئىقتىدارنىڭ تېز كۇنۇپكا بۇيرۇقى بولمىغاچقا، مۇشۇنىڭمۇ Ctrl+C دېگەنگە ئوخشاش بۇيرۇقى بولسا، چاشقىنەك چېكىش مەشغۇلاتى ئازراق ئازلايتتى دەپ ئويلايتتىم) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rinat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-11 12:03  

ۋاقتى: 2013-6-13 01:12:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« editor — كۆپ ئىقتىدارلىق يېزىق تەھرىرلىگۈچ» تە ئازراق مەسىلە بارتى يەنى ئېچىپ ئىملا تەكشۈرگەن doc ھۆججەتنى ساقلىمايدۇ، باشقا نامدا ساقلىساقمۇ يەنىلا ساقلىمايدۇ ( بىرەر ئەسكەرتىشمۇ يوق ) .
ۋاقتى: 2014-1-1 04:23:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى ياخشى دىتال بوپتۇ ، مەن ئۇزۇندىن بۇيان uyghuridet نى ئىشلىتىۋاتقان  ، بۇ دېتال ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ
مېڭىپتۇ ،   ،   ھىس قىلغانلىرىم  ، uyghuridet تا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا دېتال كۆرۈنمە يۈزىدىكى خەتلەر ناھايىتى چىرايلىق
نورمال كۆرۈنەتتى بۇ دېتالنى win7 غا قاچىلغاچقا شۇنداقمىكى fonts قا بارىلىق خەت نۇسقىسىنى قاچىلساممۇ دېتال كۆرۈنمە يۈزى يەنىلە نورمال ئەمەس           
رەسىمگە تارتىپ بوشلۇققا يوللاپ قويدۇم
                                               http://user.s6.qzone.qq.com/454647203/infocenter
ۋاقتى: 2014-1-1 04:36:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالپ ئەپەندىم مېنڭچە بۇ دېتالغا بارلىق يازمىنى رەسىم ھالەتتە ساقلىغىلى بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ،
چۈنكى يېقىندن بۇيان ئۈنۈمدار ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە يوللانغان ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرچە يېزىقتا بولىۋاتىدۇ
ئۇيغۇرچە فونت قاچىلانمىغان يانفونلاردا ماقالە ۋە مەزمۇنلارنى ئوقۇش بەكلا تەسكە توختاتىدۇ ، بولۇپ مۇ ئاندىرويىت 4.0 دىن
تۆۋەن نەشىرلىك تېلفۇنلارغا فونت قاچىلاش ھەقىقەتەنمۇ مۈشكۈل بىر ئىش بولماقتا بۇ دېتالغا يازغان ماقالىنى بىۋاستە رەسىم سىزىش
ۋە ياكى چ چ نىڭ رەسىم كىسىش قۇرالىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ بىۋاستە رەسىم ھالەتتە ساقلىغىلى بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى
ئويلۇشۇپ بېقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن !
ۋاقتى: 2014-3-28 16:22:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋالاي..... رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-9-21 20:10:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دوسلار مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-10 02:13 , Processed in 0.175435 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat