تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

VB مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى باھالاش پىكىرى

يوللىغۇچى: Bihlan| يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-26 21:51| كۆرۈلۈشى: 177| ئىنكاس سانى: 13

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!

«ئىنتىل سەيناسى» تور بېكىتى ئۇيۇشتۇرغان «VB دا پىروگرامما لايىھىلەش ۋە ئۇنىڭ دەرسلىكى» مۇسابىقىسى بۈگۈن ئاياغلىشىپ، جەمئىي 22 پارچە ماقالە-ئەسەر بۇ مۇسابىقىگە «ئەسەر» سۈپىتىدە يوللاندى، مەن «ئىنتىل» ئەپەندىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن بۇ مۇسابىقىنى باھالاشقا ئاز بولسىمۇ ئۆزۈمنىڭ پىكىرىنى قويماقچىمەن.

مەن ئالدى بىلەن بارلىق مۇسابىقە قاتناشقۇچىلىرىنى ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق ئەزالارغا رەھمەت ئېيتىمەن.

تۆۋەندە بەرگەن باھالارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ شەخسى كۆز قارىشى بولۇپ، بۇ پەقەت بىرلا ئۆزۈمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇڭا «ناچار» باھالاپ قويغان «ئەسەر» ئىگىلىرىنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەلۇم ئەسەرنى باھالاشتا چوقۇم باھالاش ئۆلچىمى بولۇشى كېرەك، ئىنتىل ئەپەندى باھالاش شەرتىنىڭ «قوللىنىشچان دېتالنى ياساش ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈش دەرسلىكى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى، مەن گەرچە «ماھىرلار»نىڭ ئەمگىكىگە باھا بېرىشكە لايىق بولمىساممۇ، ھەر ھالدا ئۇزۇن يىللىق پىروگرامما لايىھىلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىم بىلەن ئۆز ئالدىمغا باھالاش پىكىرى بېرىمەن، تورداشلار ۋە «ماھىرلار» بۇ پىكىرلىرىمنى پەقەت كۆرۈپ قويسىلا بولىدۇ، ھېچقانداق باھالاش ئاساسى قىلىۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مېنىڭ باھالاش شەرتىم تۆۋەندىكى بىرنەچچە تۈرلۈك بولىدۇ:
1. ئىنتىل ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتكىنى بويىچە، «قوللىنىشچان دېتال» ئىقتىدارىنى باھالاش
2. شۇ ئەسەرنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش دەرسلىكى يوللانغان بولۇش.
3. سىڭدۈرگەن ئەجرىنى پەرەز قىلىش (توردىن چۈشۈرگەنمۇ ياكى ئۆزى ئەجىر قىلغانمۇ دېگەندەك)
4. قوللىنىش قىممىتىنى باھالاش

يۇقارقى شەرتلەر بويىچە بۇ 22 پارچە ئەسەرگە پىكىرىمنى دەپ ئۆتەي:

1-ئەسەر: «VB دا پىنيىن تاپقۇ ياساش»
ئىقتىدارى: ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
چۈشەندۈرۈشى: ئىنتايىن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: خەنزۇچە خەت ۋە ئۇنىڭ پىنيىن ئامبىرىنى باشقىلار تەييارلىغان ئامباردىن پايدىلانغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما چۈشەندۈرۈش ۋە پىروگراممىغا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن.
قوللىنىش قىممىتى: بىر كىچىك قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

2-ئەسەر: «CD-ROM نى ئېچىش-تاقاش»
ئىقتىدارى: ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
چۈشەندۈرۈشى: تەپسىلىي ئەمەس.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: كۆپ ئەمەس، توردا تەييار مىساللار ئىنتايىن كۆپ.
قوللىنىش قىممىتى: (كود تېخنىكىسى).

3-ئەسەر: «ئارقا ئىشىكلىك پىروگرامما»
ئىقتىدارى: (نېمە مەقسەت ئىكەنلىكىنى تازا چۈشەنمىدىم)
چۈشەندۈرۈشى: تەپسىلىي ئەمەس.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: كۆپ ئەمەس.
قوللىنىش قىممىتى: (كود تېخنىكىسى)

4-ئەسەر: «QQ ئوغرىلاش قورالىنىڭ يولى ۋە پايدىلىنىش كودلىرى»
ئىقتىدارى: چالا، ئاددىي ھالەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
چۈشەندۈرۈشى: چالا.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: كۆپ ئەمەس، توردا بۇ خىل مىساللار ناھايىتى كۆپ.
قوللىنىش قىممىتى: (شۇ ئەسەرگە نىسبەتەن: ئاساسەن قوللىنىش ئىقتىدارى ھازىرلانمىغان).

5-ئەسەر: «ئاۋازلىق ھېسابلاش ماشىنىسى ياساش»
ئىقتىدارى: ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
چۈشەندۈرۈشى: يوق دېيەرلىك ياكى چالا.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: تەييار كود.
قوللىنىش قىممىتى: (قىزىققۇچىلار پايدىلانسا بولىدۇ، ئەمما ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى ئەمەس).

6-ئەسەر: «VB دا تور كۆرگۈچ ياساش دەرسى»
ئىقتىدارى: ئاددىي ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
چۈشەندۈرۈشى: ھاجەتسىز.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: كۆپ ئەمەس.
قوللىنىش قىممىتى: (كود تېخنىكىسى).

7-ئەسەر: «ئۇيغۇرچە ۋە لاتىن يېزىقىدا ئارىلاش يېزىق كىرگۈزگۈچ»
ئىقتىدارى: ئاددىي ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان (ئەمما WORD قاچىلانمىغان كومپيۇتېردا پايدىلانغىلى بولمايدۇ)
چۈشەندۈرۈشى: يوق.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: كۆپ ئەمەس.
قوللىنىش قىممىتى: (كود تېخنىكىسى).

8-ئەسەر: «كۆزنەككە پەقەت 6 دانە ساننىلا كىرگۈزۈش»
(بەكلا ئاددىي، كود تېخنىكىسى)

9-ئەسەر: «VB6.0 دە Winsock كونترولىنى ئىشلىتىش»
ئىقتىدارى: ئىككى كومپيۇتېردا ئۇلاش كودىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان
چۈشەندۈرۈشى: چالا.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: توردىن تەييار چۈشۈرگەن كود ياكى ئازراقلا ئۆزگەرتىلگەن.
قوللىنىش قىممىتى: (كود تېخنىكىسى)

10-ئەسەر: «Autorun ۋىرۇسىدىن مۇداپىئەلەنگۈچ»
ئىقتىدارى: بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس، ھەم دېسكىغا ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ئارتۇقچە مۇندەرىجە قۇرۇپ قويىدۇ.
چۈشەندۈرۈشى: چالا.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: كۆپ ئەمەس.
قوللىنىش قىممىتى: (كود تېخنىكىسى)

11-ئەسەر: «تور بەت چوتكىسى»
ئىقتىدارى: ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
چۈشەندۈرۈشى: چالا.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: ئاز.
قوللىنىش قىممىتى: قىزىقىدىغانلار پايدىلانسا بولغۇدەك. ئەمما «چوتكىلىغان» تور بېكەت مۇلازىمېتىرىغا ئېغىرچىلىق سېلىپ، ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ.

12-ئەسەر: «تور ياغاچ ئېتى ھاسىل قىلىش قورالى ياساش»
(توردىن چۈشۈرۈش ئادېرىسى يوق باھالىيالمىدىم)

13-ئەسەر: «CD-ROM نى بۇ ئۇسۇل بىلەنمۇ ئېچىپ تاقاڭ»
ئىقتىدارى: ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
چۈشەندۈرۈشى: يوق.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: بەك ئاز.
قوللىنىش قىممىتى: (كود تېخنىكىسى)

14-ئەسەر: «تىزىملاش نومۇرى ھاسىل قىلىش»
ئىقتىدارى: ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
چۈشەندۈرۈشى: چالا.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: بىرەر كۈن.
قوللىنىش قىممىتى: (كود تېخنىكىسى)

15-ئەسەر: «تور نامىنىڭ ئۇچۇرلىرى (Whois) نى تېپىش
ئىقتىدارى: ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
چۈشەندۈرۈشى: يوق.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: (توردىكى تەييار كودقۇ دەيمەن).
قوللىنىش قىممىتى: قىزىققانلار پايدىلانسا بولىدۇ ياكى كود تېخنىكىسى ئورنىدا پايدىلىنىپ كېڭەيتىۋالسا بولىدۇ.

16-ئەسەر: «مەن <دانىشمەن> نى قانداق ياسىدىم»
ئىقتىدارى: ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
چۈشەندۈرۈشى: ياخشى چۈشەندۈرۈلگەن، ئەمما تور بەت يۈزىدىلا بولغاچقا كۆرۈپ پايدىلىنىش قىممىتى سەل ئاجىز بولۇپ قالغان (WORD ھۆججەت ياكى ئەڭ ياخشىسى PDF ھۆججەتتە چۈشەندۈرۈش تەمىنلىگەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن)
سىڭدۈرگەن ئەجرى: خېلى ئەجىر سىڭدۈرگەن.
قوللىنىش قىممىتى: يوللانغان ئەسەرنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن بىۋاستە قوللىنىش قىممىتى ئاساسەن يوق، ئەمما، كېڭەيتىپ يۇمشاق دېتالغا ئايلاندۇرۇلسا جەزمەن ياخشى بىر قورال بولۇپ قالىدۇ.

17-ئەسەر: «قوش تىللىق پىروگرامما»
ئىقتىدارى: ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان (ئەمما ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە قوش تىلدا ئىكەن)
چۈشەندۈرۈشى: يوق
سىڭدۈرگەن ئەجرى: تەييار «قېلىپ»تىن پايدىلىنىپ، ئۆزگەرتىپ ياسالغان.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: ھەر ھالدا ئىزدىنىش روھى بار.
قوللىنىش قىممىتى: قىزىققانلار ئىشلىتىپ كۆرسە بولىدۇ.

18-ئەسەر: «ئاددىي كىرىم-چىقىم باشقۇرۇش سىستېمىسى»
ئىقتىدارى: (WindowsXP پاكىز قاچىلانغان مەۋھۇم كومپيۇتېردا قاچىلاپ قوزغىتىپ باقسام 2147024770 سىستېما خاتالىقى كۆرۈلۈپ قوزغالمىدى، قاچىلاش جەريانىدىمۇ سىستېما خاتالىقى كۆرۈلدى، قاچىلاش پىروگراممىسىنى تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولغۇدەك)
چۈشەندۈرۈشى: يوق.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: (كۆرۈپ باھالاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىدىم، ئەمما، «سەينا»غا يوللاپ قويغان رەسىملىرىدىن مۇۋاپىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
قوللىنىش قىممىتى: (بار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مۇسابىقە ئەسىرى بولۇش شەرتلىرىنى ھازىرلىمىغان).

19-ئەسەر: «مەكتەپ ئاڭلىتىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى»
ئىقتىدارى: (ئىجرا قىلغاندا 2147024770 نومۇرلۇق سىستېما خاتالىقى كۆرۈلۈپ قوزغالمىدى، بۇ بەلكىم WMP.DLL نىڭ، يەنى مېدىيا قويغۇچ كونترولىنىڭ مېنىڭ سىستېمامدىكى نەشر نومۇرى بىلەن ئوخشاش بولمىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، WMP.DLL نى ئىشلىتىش مېدىيا خاراكتېرىدىكى دېتاللارغا نىسبەتەن ياخشى تاللاش ئەمەس، ئەڭ ياخشىسى API فۇنكسىيىسى ئىشلىتىڭ).
چۈشەندۈرۈشى: يوق.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: (ئىجرا قىلىپ كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىدى، ئەمما ئەسلى ماقالىگە يوللىغان سۈرەتلەردىن قارىغاندا خېلى ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن)
قوللىنىش قىممىتى: ئېھتىياجلىق ئورۇنلار نورمال قاچىلاپ ئوڭۇشلۇق تەڭشىۋالسا ئىشلىتىش قىممىتى بولۇشى مۇمكىن.

20-ئەسەر: «بەيدۇدىن ئىزدەش قورالى»
ئىقتىدارى: ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان (ئەمما بۇنى سىناپ باقىمەن دەپ تور بەتكە يېزىۋاتقان بارلىق باھالاش پىكىرلىرىمنى يوقىتىۋەتتى، ئامالسىز بەزى دېتاللارنى قايتىدىن كۆرۈپ باھالاپ چىقتىم، ئىزدىگەن ۋاقىتتا نۆۋەتتە ئوچۇق بولغان IE دىن ئىزدىمەي، يېڭىدىن كۆزنەك ئېچىلىپ ئىزدىگەن بولسا ياخشى بولاتتى)

21-ئەسەر: «قاتتىق دېسكىنىڭ فىزىكىلىق نومۇرىنى ئوقۇش»
ئىقتىدارى: ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، ئەمما بىرنەچچە قاتتىق دېسكا بار كومپيۇتېردا بۇ ئۇسۇل مۇۋاپىق ئەمەس.
چۈشەندۈرۈشى: يوق.
سىڭدۈرگەن ئەجرى: تەييار كودقۇ دەيمەن.
قوللىنىش قىممىتى: (كود تېخنىكىسى)

22-ئەسەر: «سىزمۇ يۇمشاق دېتال تۈزۈڭ»
(بۇ بىر ئاددىي چۈشەندۈرۈش ئىكەن، شۇڭا باشقا باھالاش پىكىرى يوق)

=================
خوش، شۇنداق قىلىپ بۇ مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي ئەسەرلىرىنى ئۆز ئالدىمغا بىر قۇر باھالاپ چىقتىم، مەيلى مەن بەرگەن باھا قانداقلا بولمىسۇن، ئاتايىن ۋاقىت ۋە ئازدۇر-كۆپتۇر ئەجىر سىڭدۈرۈپ ئەسەر يوللىغان تورداشلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن، مۇشۇنداق ئاكتىپ روھىي ھالەت ۋە ئىزدىنىشنى داۋاملاشتۇرساقلا، باشقىلار ئۆگەنگەن نەرسىنى بىزمۇ ئۆگىنەلەيمىز ۋە باشقىلاردىن چوقۇم ئېشىپ چۈشەلەيمىز.

ئىنتىل سەيناسىنىڭ قۇرغۇچىسى «ئىنتىل» ئەپەندىمنىڭ بۇ مۇسابىقىنى خالىس ئۇيۇشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنداقلا، بارلىق ماھىرلارنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسى بىلەن، كۆپچىلىك ئاخىرىدا باھالاپ چىققان ئالدىنقى ئۈچ ئەزاغا «بىخلان Visual Basic 6.0 ئوقۇتۇش دەرسلىكى (جەمئىي ئىككى قىسىم)» نى مۇكاپات سۈپىتىدە سوۋغا قىلىمەن، شۇنداقلا، مۇسابىقىگە ئەڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان، ئەسەر يوللاشقا ئەڭ تىرىشقان ۋە بۇ مۇسابىقە پائالىيىتىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلغان alsuyar ئەپەندىگىمۇ (خالىسا) بىر نۇسخا سوۋغا قىلىمەن.

ئالدىنقى ئۈچ ئەزانى تورداشلار باھالاپ چىقسۇن، ئاندىن ئەلسۆيەر ئەپەندى بىلەن قوشۇلۇپ 4 نەپەر ماھىرىمىز تۆۋەندىكى ئادېرىستىن «بىخلان Visual Basic 6.0 ئوقۇتۇش دېتالى»نى چۈشۈرۈپ، كومپيۇتېردا ئىجرا قىلغاندىن كېيىن تىزىملاش نومۇرىنى «ئىنتىل سەيناسى»نىڭ قۇرغۇچىسى «ئىنتىل» ئەپەندىمگە ئېلخەت ئارقىلىق يوللاپ بەرسە بولىدۇ ھەمدە تىزىملاش نومۇرىنى «ئىنتىل» ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىپ تاپشۇرۇۋالسا بولىدۇ.

«يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى» تور بېكىتىنىڭ «بىخلان Visual Basic 6.0 ئوقۇتۇش دېتالى» نى توردىن چۈشۈرۈش بوشلۇقى بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. «يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى» تور بېكىتىدىكى تەشۋىقات ماقالىسى ئادېرىسى: http://php.newera.cc/show.asp?id=162

«بىخلان Visual Basic 6.0 ئوقۇتۇش دېتالى» 1-قىسىمنىڭ چۈشۈرۈش ئادېرىسى:
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/down/Bihlan_VB6.0.rar

«بىخلان Visual Basic 6.0 ئوقۇتۇش دېتالى» 2-قىسىمنىڭ چۈشۈرۈش ئادېرىسى:
http://php.newera.cc/Down/Bihlan_VB6.0_2.rar


ھۆرمەت بىلەن:
ئالىمجان ئابدۇكېرىم (بىخلان)
    • Ozhan: قوللايمەنشۆھرەت + 1 2 تىللا + 1 5 تۆھپە + 1 10
    • adminbiz: تەشەككۈرشۆھرەت + 8 2 تىللا + 8 5 تۆھپە + 10 10

يېڭى ئىنكاسلار

adminbiz 4  كۈن ئالدىدا
ئۇستاز بىخلان ئەپەندىمنىڭ بۇ مۇسابىقىنى قىزغىن قوللىغانلىقىغا تەشەككۈر ئىيتىمىز !
alsuyar 4  كۈن ئالدىدا
بىخلان ئەپەندىمنىڭ مۇسابىقىنى باھالاشقا قاتناشقىنىغا ھەم شۇنداقلا مۇسابىقىنى قوللاپ بەرگىنىڭىزگە ! ھەم مەندەك بىلىمغا تەشنا ئادەمگە ئۇزىڭىزنىڭ قان تەرىڭىز سىڭگەن كىتاپنى مۇكاپات قىلغىنىڭىزغا كوپتىن - كوپ رەخمەت .  
چاڭقىغان دىللارغا ئارام بەخىش ئەتكۇچى بۇ كىتابىڭىز  ، مەن ئۇچۇن تېپىلغۇسىز گۇھەر !!! رەخمەت سىزگە ئۇستاز بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   alsuyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-9-26 23:56  

Ummidiya 3  كۈن ئالدىدا
بىخلان ئەپەندىم مۇسابىقە ئەسەرلىرىگە بەرگەن باھاسى خېلى جايىدا (مېنىڭچە) ، بىخلان ئەپەندىمنىڭ بۇ مۇسابىقىنى  قوللىغانلىقىغا رەھمەت !
  گەرچە بېرىلگەن باھا يۇقۇرى -تۈۋەن بولغان بولسىمۇ (ھەممىلا ئەسەرنى بىرىنچى قاتارغا تىزغىلى بولمىسىمۇ)  ھەرقايسى مۇسابىقە ئەسىرى يوللۇغۇچى تورداشلارنىڭمۇ تىرىشچانلىقىغا ئەجرىگە رەھمەت . (تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاب تۇرغايسىزلەر)
sada 3  كۈن ئالدىدا
بىخلان ئۇستازنىڭ ئەسەرلەرگە پىكىر بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم،ئەمما ئەسەرلىرىمگە بولغان چۈشەندشرۈش تولۇق بولمىغانلىق سەۋەبىدىنمىكى ئاددىيلا پىكىر بىرىلىپتۇ.ئەسەرلەرنى يوللىغان ۋاقىتتا شۇ تىمىغا شۇخىل ئەسەرنىڭ قانداق رولىنىڭ بارلىقى نىمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خىلى ئىنىق چۈشەنچە بەرگەنىدىم،چۈشەنمىگەن دوسلارنىڭمۇ سوراپ تۇرىشىنى تەۋسىيە قىلغان،ئەمما سەينادا ئادەم ئاز دىگەن باھانە بىلەن كۆرۈلىشى ۋە سورالغان سۇئاللار يوق دىيەرلىك.
Intil 3  كۈن ئالدىدا
ئىنكاس قايتۇرۇش sada نىڭ تېمىسى
تەلەپ: Visual Basic تە مەلۇم قوللىنىشچان يۇمشاق دىتالنى ياساش ۋە ئۇنىڭ دەرسى  ئىدى.
« Visual Basic بىلىملىرى مۇسابىقىسى» دا بار، قايتا كۆرۈڭ.

sada 3  كۈن ئالدىدا
ئىنكاس قايتۇرۇش Intil نىڭ تېمىسى

دەرىس سۈرەتلىك بولىشى كىرەكمۇ؟
   
Sezgurboy 3  كۈن ئالدىدا
سەينادا ئادەم ئاز دىگەن باھانە بىلەن كۆرۈلىشى ۋە سورالغان سۇئاللار يوق دىيەرلىك.
sada يوللانغان ۋاقتى  2010-9-27 16:17

باھانىڭىز پۇت تىرەپ تۇرالمىغۇدەك. چۈنكى مۇسابىقە قىلىش چاقىرىقىدا چۈشەندۈرۈشنى تەپسىلىي يېزىڭ دېگگن تەلەپ ئېنىق بار ئىكەن.
sada 3  كۈن ئالدىدا
ئىنكاس قايتۇرۇش Sezgurboy نىڭ تېمىسى


    مەن باھانە تاپمىدىم!
يىزىشنى خىلى جايىدا يازدىم ....
ئەمما قەدرىنى بىلمىسە مەندە نىمە ئامال؟
Sezgurboy 3  كۈن ئالدىدا
كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ ، مۇكاپات نامزاتى ئاز، ئەسەر كۆپ ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ مەقسىتىمىز دوستلارغا بىلىم يەتكۈزۈش ئەمەسمۇ؟
بۇ مۇسابىقە بولمىسىمۇ يوللايتتىڭىز شۇ بىلىملەرنى.
irpan 3  كۈن ئالدىدا
ئۇستازلارمۇ(بىخلان،ئۈمىدىيە ئەپەندىملەرمۇ)ئەسەر يوللاپ تۇرساڭلار.مېنىڭ بىلىدىغىنىم‹‹ئۈمىدىيە جاھاننامىسى››بىلەن‹‹بىخلان asp توربەت تەرجىمە ياردەمچىسى››. پىچاقنىمۇ ئىشلەتمىسە گالشىپ قالىدۇ، ئىشلىگەن دىتاللارنىڭ ھەممىسى ئىىتىسادى قىممەت يارتىشى ناتايىن.شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر پىروگرامماچىلىقى ئۈچۈن سىلەرنىڭمۇ (ئۇستازلارنىڭ) مەسئۇليىتى بار دەپ قارايمەن(سىلەرگە ھېچقانداق ماددى مەنپەئەت يەتكۈزمىگەن بولساقمۇ)
    ھازىر توربەتلەردە بىر گەپ چىقتى‹‹ئىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار››
sada 3  كۈن ئالدىدا
ئىنكاس قايتۇرۇش Sezgurboy نىڭ تېمىسى


    مەن مۇكاپات ئۈچۈن يوللىمىدىم،نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ۋاقتىم بولسىلا مەن مۇشۇ سەھىپىگە داۋاملىق تىما يوللاشقا تىرىشىمەن!
    • Intil: قوللايمەنشۆھرەت + 8 2 تىللا + 8 5 تۆھپە + 10 10
wolkan0995 3  كۈن ئالدىدا
بىخلان ئۇستازنىڭ بەرگەن باھاسىدا ناھايتى مۇۋاپىق بوپتۇ، لېكىن باھالاش نەتىجىسىگە بېلەت تاشلاش سەل قاملاشمىغاندەك تۇيۇلدى ماڭا ، بولسا ئۇستازلار ئۆزئارا باھالاش ئارقىلىق نەتىجىسنى ئېلان قىلغان بولسا ياخشى بولار كەنتۇق.
Intil ئۈلۈشكۈن  01:04
ئىنكاس قايتۇرۇش wolkan0995 نىڭ تېمىسى
بىلەت تېمىسىغا قاراڭ، بىلەت تاشلاش بىردىن-بىر ئۆلچەم ئەمەس.

   

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-30 01:57.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.