- توردا
- 5 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-24
- تىزىملاتقان
- 2010-10-26
- شۆھرەت
- 56
- تىللا
- 61
- تۆھپە
- 53
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 232
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 6
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 694
- تۆھپە
- 53
- تىللا
- 61
- شۆھرەت
- 56
|
Windows VISTA غا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغاندا، دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھاياجانلانغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى مەن 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى جىن نىڭ خانىم ئۈرۈمچىگە كەلگەندە خەۋەر تاپقان ئىدىم، شۇ كۈنى كەچتە بۇ خۇشخەۋەرنى ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىدە ئېلان قىلدىم، ئارقىدىنلا Windows ئۈچۈن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ياسىغان مۆمىن ساقال دېگەن تورداشلارغا بىراقلا تونۇش بولۇپ كەتتى. بۇ سىستېمىنىڭ سىناق نۇسخىسىنى قاچىلاپ، Uighur (ئۇيغۇر) دېگەن خەتنى تۇنجى كۆرگىنىمدە، بىلىك مۇنبىرىدە Windows VISTA دىكى تەسىراتىمنى ئېلان قىلغان ئىدىم. نۇرغۇن تورداشلارمۇ سىناش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى، تۇنجى قوشۇلغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى يەنى Microsoft Uighur ھەققىدە تەكلىپ-پىكىر يوللاندى. ئاساسلىق تەكلىپ-پىكىر ھەرپلەرنىڭ كىچىك بولۇپ قېلىشى ئىدى، ئەمما، رەسمىي نۇسخىسىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ئۇچۇردىمۇ خاتالىقلار كۆرۈلدى.
Windows 7 نىڭ سىناش خىزمىتى تېخىمۇ كەڭ ئېلىپ بېرىلدى. دىيارىمىزدىكى تور بېكەتلەردە بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار بېرىلدى. ئاساسلىقى كىرگۈزگۈچ، چېسلا فورماتى، ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش، ئۈرۈمچى ۋاقتى قاتارلىق مەسىلىلەر دوكلات قىلىندى. لېكىن، يېڭىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغاندىن باشقا ئۆزگەرتىش بولمىدى. ئەسلىدىكى خاتا كىرگۈزگۈچ شۇ پېتى ساقلاپ قېلىندى. پۈتۈن دۇنيا بويىچە سىناشقا قاتناشقانلار 800 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
مىكروسوفت شىركىتى بۇ يىل 2-ئايدا ئاشكارلىغاندەك، Windows 8 ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 109 تىلدا تارقىتىلىدۇ. 2-ئاينىڭ 29-كۈنى Windows 8 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى رەسمىي ئېلان قىلىندى. 3-ئاينىڭ 1-كۈنى مىكروسوفت (جۇڭگو) شىركىتىدىكى مەسئۇل خادىم تېلېفون قىلىپ، بۇ يەردىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى ۋە كەلگۈسىدىكى بازار ئىستىقبالىنى ئالاھىدە سورىدى. گەرچە مەن نەچچە كۈن بۇرۇن «Windows 8 نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟»-دەپ بىلوگىمدا ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇشۇ بىلوگدىكى تورداشلارنى دەۋەت قىلىپ باقساممۇ، ئەمما، ھېس قىلىشىمچە بۇ قىزغىنلىق ئىلگىرىكى Windows نىڭ سىناق نۇسخىسى تارقىتىلغاندەك، بىرەر يېرىم تال خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغان ۋاقىتتىكى قىزغىنلىقتىن ئانچە يۇقىرى ئەمەستەك بىلىندى. بۇ قېتىم يېڭىدىن قوشۇلغان «ئۇيغۇرچە ئېلېپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش» ئىقتىدارى، ھىجرىيە كالېندارىغا ئائىت بىرەر ئىنكاسنىمۇ كۆرمىدىم. بىز بايقىغان چېسلا فورماتى، ھىجرىيە كالېندارى، قۇلۇپ ئېكرانىدىكى خاتالىقلار دەرھال دوكلات قىلىندى. ھازىر خاتالىقلارنى تۈزىتىش باسقۇچىغا كىردى، ئۇزۇنغا قالماي Windows 8 RTM نەشرى ئېلان قىلىنىدۇ ھەمدە زاكاز بەرگەن داڭلىق ماركىلىق كومپيۇتېرلارغا ئالدىن قاچىلىنىدۇ. ئۇ چاغدا، كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىش مۇمكىن بولمايدۇ. يەنە نەچچە يىل ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە يەنە پۇرسەت بار، ئىمكانىيەت بار. بۇ قېتىم سىناش دوكلاتىنى تاپشۇرۇش ئىلگىرىكى قېتىمغا پەقەت ئوخشىمايدۇ، بىز ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىناش ئىشلىرىغىمۇ قاتنىشىۋاتقان بولغاچقا، تەكلىپ-پىكىرلەرنى مەسئۇل خادىمغا بىۋاسىتە بېرەلەيمىز، ئۇلار بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلالايمىز ھەم تۈزىتىپ بېرەلەيمىز. ناۋادا، بىزمۇ ئالدىدىن نەچچە 10 مىڭ نۇسخا زاكاز بېرەلىسەك، مەخسۇس نۇسخىسىنى ياساپ بېرىشى ئېنىق. ئۆز پىكىرلىرىنى مۇشۇ يەردە قالدۇرسىمۇ، ھەر قايسى تور بېكەتلەردە ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلسىمۇ بولىدۇ. ئېكران كۆرۈنۈشى چوقۇم بولۇشى كېرەك، كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىدا پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت!
مەنبە:ئالىم ئەھەت بلوگى |
|