ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 266|ئىنكاس: 3

يەر تەۋرىگەندە ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟[تەرجىمە] [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1556
تىللا
1233
شۆھرەت
2562
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 11:04:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە قىلغۇچى: goodluck
1. ئەگەر ھويلا ئۆيدە بولغىنىمىزدا تۇيۇقسىز يەر تەۋرەپ قالسا، دەرھال كاۋات، ئۈستەل ياكى ئىشكاپنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىپ، يوتقان-كۆرپە قاتارلىق يۇمشاق نەرسىلەر ئارقىلىق بېشىمىزنى قوغداپ تۇرۇپ، يەر تەۋرەش توختىغان ھامان، بىخەتەر جايغا بېرىۋېلىشىمىز كېرەك. يەر تەۋرەۋاتقاندا ئەگەر ئۆگزە بېسىپ چۈشسە، مۆكۈنىۋالغان كارۋات ياكى ئۈستەل ئاستىدىن ھەرگىز مىدىرلىماسلىق كېرەك، يەر تەۋرەش توختىغىچە ساقلاش ياكى قۇتقۇزۇشنى كۈتۈش زۆرۆر.

2. ئەگەر بىنا ئۆيدە بولغىنىمىزدە يەر تەۋرەپ قالسا، بىنادىن قېچىپ چىقىشنى ئويلاشقا بولمايدۇ، چۈنكى ۋاقىت ھەرگىز يار بارمەيدۇ. ئەڭ بىخەتەر، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل: ئۆگزىنى تىرەپ تۇرىدىغان ئىككى تام ئارىسىدىكى ئەڭ كىچىك ئۆيگە كىرىۋېلىش، مەسىلەن ھاجەتخانا، ئاشخانا دېگەندەك. ئۈستەل، ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىپ ياكى ئۆينىڭ ئىچى تەرىپىدىكى تامنىڭ بۇلىڭىغا بېرىۋېلىپ بېشىنى قوغداپ تۇرسىمۇ بولىدۇ. ھەرگىزمۇ بالكون ياكى دەرىزە تۈۋىگە بېرىۋالماسلىق كېرەك.

3. ئەگەر دەرس ئاڭلاۋاتقاندا يەر تەۋرەپ قالسا، قورقۇپ كونتروللۇقنى يوقتىپ، دەرسخانىدا قالايمىقان يۈگرەپ قېچىپ چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنماسلىق كېرەك. ئىشىككە يېقىن ساۋاقداشلار تېز سۈرەتتە سىرىتقا چىقىۋالسا بولىدۇ، سىنىپ ئوتتۇرىدىكى ياكى ئىشىككە يىراق ساۋاقداشلار، دەررۇ ئۈستەل ئاستىغا كىرىۋېلىپ بېشىنى سومكىسى بىلەن ئورىۋالماقلىقى زۆرۆر. تام تەرەپتىكى ساۋاقداشلار تامغا چىڭ يېپىشىپ بېشىنى ئورىۋېلىشى زۆرۆر.  

4. ئەگەر ئۆيدىن چىقىۋالغان بولسا، ھەرگىز يەر تەۋرەش توختىغان ھامان ئۆيگە كىرىپ نەرسە ئېلىشقا ئۇرۇنماسلىق كېرەك، چۈنكى تۇنجى قېتىم تەۋرەپ بولغاندىن كېيىنم قالدۇق يەر تەۋرەش ئېھتىماللىقى يۇقىرىم قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ ئادەمگە خەۋىپى تېخىمۇ ئېغىر.

5. ئەگەر ئاممىۋى سورۇندا يەر تەۋرەپ قالسا، ھودۇقۇپ قالايمىقان يۈگۈرمەستىن، ئەڭ يېقىندىكى بىخەتەر جايغا بېرىۋېلىش كېرەك، مەسىلەن ئۈستەلنىڭ ئاستى، سەھنىنىڭ ئاستى قاتارلىق.

6. ئەگەر كوچىدىكى ۋاقىتتا يەر تەۋرىسە، ھەرگىزمۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئىچىگە، ئېگىز بىنالارنىڭ ئاستىغا، ئېلان تاختىلىرىنىڭ ئاستىغا كىرىۋالماسلىق، تار كوچا ياكى كۆۋرۈك بېېشى قاتارلىق جايلاردا تۇرماسلىق كېرەك.

7. ئەگەر يەر تەۋرىگەندە ئۆرۈلگەن قۇرۇلۇشقا قاپسىلىپ قالسا، ئامال قىلىپ كۆكرىكىنىڭ يۇقارى تەرىپىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىپ لۆڭگە ياكى كىيىم بىلەن ئېغىز بۇرنىنى ئورىۋېلىپ، ئىس-تۈتەك، چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش كېرەك.  سۇ ياكى يىمەكلىك تېپىشقا ئامال بولمايدۇ، بەدەن كۈچىنى ساقلاشقا دېققەت قىلىپ، قۇتقۇزۇشنى كۈتۈش كېرەك.

ئەسلى مەنبە: http://zhidao.baidu.com/question/267385127.html
بىلسەم يازىمەن، بىلمىسەم سورايمەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1432
تىللا
1262
شۆھرەت
2310

تەشۋىقات تۆھپە ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 01:44:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ پايدىلىق بىلىمكەن،رەھمەت سىزگە ،يەنە بولسا يوللاپ تۇرارسىز.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1190
تىللا
1138
شۆھرەت
1792
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 10:12:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يەر تەۋرىگەندە ئۈستەلنىڭ ئاستىغا مۆكۇۋالماڭ![تەرجىمە]  
تەرجىمان komu

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  قېرىنداشلار قانداق  ئەھۋالىڭلار؟ يېقىندا دىيارىمىزدا يەر تەۋرىدى، شۇڭا يەرتەۋرەشتە ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش توغۇرلۇق ماۋۇ تېمىنى يازدىم.
ئەسلى خەنزۇچە بولۇپ، مەن ئۇيغۇرچىغا بىر قىسىم يەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. تولۇق نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭلار:  [url=http://bbs.izdinix.com/%EF%BB%BFhttp://storage.live.com/items/D6 ... ename=yertewrex.doc]http://storage.live.com/items/D6 ... ename=yertewrex.doc[/url]

تۆۋەندىكىسى ، ئامرىكىدىكى ئەڭ تەجىربىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىستىن بىرى يازغان ئەسكەرتىشلەر بولۇپ كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.  ئادەتتە كىشىلەر يەرتەۋرىسە ئۈستەلنىڭ ئاستىغا كىرىۋالىدۇ، زوڭزۇيۇپ ئولتۇرىۋالىدۇ.

ئەمما بۇنداق قىلىش ئەكسىچە تولىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، خەتەرگە يولۇقۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. ئەمما "ھاياتلىق ئۈچ بۇلۇڭىنى" دىن پايدىلانسا ھايات قېلىش پۇرسىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىكەن.    1985-يىلى مىكىسىكىدىكى يەر تەۋەرەشتە قالغان بىر مەكتەپتە، ئۇستەلنىڭ ئاستىغا مۆكۈۋالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بېسىلىپ قالغان (مىجىلىپ كەتكەن). بەلكىم ئۇلارغىمۇ يەر تەۋرىگەندە ئۈستەلنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىڭلار دەپ خاتا تەلىم بېرىلگەن بولىشى مۇمكىن.


ئادەتتە يەر تەۋرەشتە ئۆي ئۆرۈلۈپ ،  ئۆي جازىلىرى ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشكەندە، تورۇسمۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە سوقۇلىدۇ، ۋە ئۇنىڭ يېىنىدىكى جايدا بىر بوشلۇق پەيدا بولىدۇ.  بۇ بوشلۇق "ھاياتلىق ئۈچ بۇلۇڭى" دېيىلىدۇ. ئەگەر جىسىم قانچە چوڭ، پۇختا بولسا، ئۇنىڭ مىجىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقى شۇنچە كىچىك بولىدۇ، بۇ بوشلۇقمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شۇڭا بۇ بوشلۇقتىن پايدىلانغان كىشىلەرنىڭ ئامان قېلىش نىسبىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.


مۇتەخەسسىس قۇتقۇزۇش تەجىربىسى جەريانىدا، ھاياتلىق ئۈچ بۇلۇڭىدىن پايدىلىنىپ قۇتۇلۇپ قالغان نۇرغۇن مىساللارنى كۆرگەن بولۇپ، تۆۋەندە بىرنەچچە مىسالنى رەسىم ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش بېرەي.






















  يەر تەۋەرەش يۈز بەرگەن چاغدا، ئەگەر ئىشىك ياكى دېرىزىدىن تىز سۈرئەتتە قېچىپ چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۈستىدىكى رەسىملەردىكىدەك ئۈستەل، سافا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ يېنىدا تۈگۈلۈپ يېتىش كېرەك.








  يۇقارىقى مىساللار ئارقىلىق قېرىنداشلار چۈشەنگەن بولىشى مۇمكىن، باشقىلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭلار.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tawlan12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-4 10:12  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1190
تىللا
1138
شۆھرەت
1792
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 10:21:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يەر تەۋرەش دەرىجىسىنى بىلىۋىلىڭ




يېقىندىن بۇيان يەر تەۋرەش كۆپىيىپ قالدى.يەر تەۋرىگەندىكى 5بال،6بال دىگەن دەرىجىلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىۋالايلى.


     يەر تەۋرەش تەۋرەش دەرىجىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ:


     ئاجىز تەۋرەش"弱震": تەۋرەش دەرىجىسى ئۈچ بالدىن كىچىك بولۇپ، ئادەتتە كىشىلەر سېزەلمەيدۇ.


     سەزگىلى بولىدىغان تەۋرەش"有感地震": 3 بالدىن 4.5 بالغىچە بولۇپ، كىشىلەر سېزەلەيدۇ، ئادەتتە بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرى يوق.


     ئوتتۇراھال تەۋرەش:   4.5بالدىن 6بالغىچە بولۇپ،ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ، ئاپەت ئەھۋالى تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى، تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئارىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.


      كۈچلۈك تەۋرەش"强震 " :ئالتە بالدىن يۇقۇرى بولۇپ،ئېغىر بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 8بالدىن يۇقىرى بولغىنى زور يەر تەۋرەش دىيىلىدۇ.


      يەر شارىدا يىلىغا بەش مىليون قېتىمدىن كۆپرەك يەر تەۋرەش يۈز بىرىدۇ، يەنى كۈنىگە نەچچە ئونمىڭ قېتىمدىن يەر تەۋرەيدۇ. ئەممە، كۆپ قىسمىنىڭ تەۋرەش دەرىجىسى كىچىك بولغاچقا ئېنسانلار سېزەلمەيدۇ.


       يەر تەۋرەش دەرىجىسى يەر تەۋرىگەندە قويۇپ بەرگەن ئېنىرگىيە مېقدارىغا ئاساسەن بۆلىنىدۇ.  مەسلەن: 6 بال يەر تەۋرىگەندە قويۇپ بېرىلىدىغان ئېنىرگىيە مېقدارى ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشىداخىيۇسىماغا تاشلىغان ئاتوم بومبىسىنىڭ قويۇپ بەرگەن ئېنىرگىيە مېقدارىغا تەڭ كىلىدۇ. يەر تەۋرەش دەرىجىسى 1 بال ئاشسا، تەۋرەشتە قۇيۇپ بېرىلگەن ئېنىرگىيە مېقدارى تەخمىنەن 32 ھەسسە كۆپىيىدۇ. 2 بال ئاشسا ئېنىرگىيە مېقدارى تەخمىنەن 1000 ھەسسە كۆپىيىدۇ. يەنى،6 بال يەر تەۋرەشنىڭ قويۇپ بىرىدىغان ئېنىرگىيە مېقدارى 32 قېتىملىق 5 بال يەر تەۋرەش قويۇپ بىرىدىغان ئومومي ئېنىرگىيە مېقدارىغا تەڭ كىلىدۇ.  7 بال يەر تەۋرەش قويۇپ بىرىدىغان ئېنىرگىيە مېقدارى  1000 قېتملىق 5 بال يەر تەۋرەش  قويۇپ بىرىدىغان ئومومي ئېنىرگىيە مېقدارى  تەڭ كىلىدۇ.  يەر شارىدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش 8.9 بال، ھازىرقى ئۆلچەمدە 9.3 بال دەپ قارىلىدۇ.


       ئەمدى يەر تەۋرەشنىڭ ئېنىرگىيە سېلىشتۇرمىسنى كۆرۈپ باقايلى.


        تەۋرەش دەرىجىسى              ئېنىرگىيە سېلىشتۇرمىسى


                 1بال                         گىرانات پارتىللىغاندىكى ئېنىرگىيەگە تەڭ


                  2بال                         2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلگەن بومبىلار


                  3.5بال                      چېرنوبىل ۋەقەسىدىكى ئېنىرگىيەگە تەڭ


                  4بال                         كىچىك تىپتىكى ئاتوم بومبىسى


                  5-6بال                     ئاتوم بومبىسى


                  7بال                         ۋەدرود بومبىسى(50 مىليون توننىلىق)


                  8بال                         تاڭشەن، ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش




ماتېرىيالدىن رەتلەندى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tawlan12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-4 10:22  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-9-9 08:13 , Processed in 0.085000 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش