تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

قاچىلانغان سىستىمىنىڭ بىرنى سۈكىۋىتىشتىن ياردەم؟

يوللىغۇچى: anjur| يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-26 12:07| كۆرۈلۈشى: 59| ئىنكاس سانى: 3

مەن يېقىندا كومپىيوتىردىن ئازراق كاشىلا كۈرۈلۈش سەۋەپلىك  قايتىدىن سىستىما قاچىلاشقا مەجبۇر بۇلۇپ قاچىلىغان ئىدىم،  ئۈزۈمنىڭ دىقەتسىزلىكىدىن بىرىنچى قېتىم قاچىلىغان سىستىما تۇلۇق قاچىلانمىدى دەپ، سىستىمىنى يەنە بىر قېتىم قاچىلاپتىمەن،،(تەڭشەيدىغان يەرلىرىگە دىقەت قىلماي)
شۇنىڭ بىلەن سىستىمىنى قاچىلاپ بۇلۇپ ،كومپىيوتىرنى قايتا قوزغۇتۇپ ئۈزۈم داۋاملىق ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دىتاللارنىڭ ھەممىسىنى تۇلۇق قاچىلاپ ، بىخەتەرلىك سىستىمىسىنىمۇ تۇلۇق قاچىلاپ كومپىيوتىرنى قايتا قوزغاتسام ،قوزغالغان ۋاقىتتا قايسى سىستىمىنى ئىشلىتىسىز دىگەن ئۇچۈر چىقىۋالدى،،،شۇنىڭ بىلەن بىرنى تاللاپ قوزغاتقان ئىدىم،قوزغاتقان سىستىمام ،مەن ھەممە يۇمشاق دىتاللارنى تۇلۇق قاچىلاپ بولغان سىستىما ئىكەن ،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ كارىم بولماي ئىشلىتىۋەرگەن ئىدىم ،،ھە راسىت: ئىككى سىستىما بارلىقىنى سەزگەن ۋاقتىمدا سىستىما ئۆزلىگىدىن د رايۇنغا قاچىلىنىپتىكەن ،مەن ئۈزۈمچە د رايۇندىكى سىستىمىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنىڭ ئۈچۈرىۋەتسەملا بۇلىدىغۇ دەپ ، د رايۇندىكى سىستىمىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى ئۇدۇللا يۇيىۋەتكەن ئىدىم .
ئەمدى ھازىرچۇ دىگەندە : بەزى يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلەتكەندە  س  دىسكىدىكى بوشلىقنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ،بۇرۇن نورمال قىلغىلى بۇلىدىغان مەشخۇلاتلارنى نورمال قىلىغىلى بولماي ماڭا ئاۋارچىلىق ئەكەلدى.
مىنىڭ قاچىلىغان سىستىمام،،،يېرىم سائەتتە قاچىلىنىدىغان سىستىما،،
ئەمدىكى ھەل قىلىدىغان مەسىلە:؟
قانداق قىلغاندا مەن ھازىر ئىشلتىۋاتقان سىستىمىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا،ئىشلەتمەي ئۇرۇن ئىگەللەپ تۇرغان سىستىمىنى سۈكىۋەتكىلى بۇلىدۇ؟
ئىككىچى،: ئەگەر نورمال سۈكىۋەتكىلى بولسا ،ھازىر ئىشلىتىۋاتقان سىستىما بىلەن ئىشلەتمەيۋاتقان سىستىمىنى قانداق پەرىقلەندۈرۈپ سۈكىۋىتىش،،،،
كومپىيوتىر ئۇستىللىرى ،شۇنداقلا ئىتىل تورنى قۇرغۇچى ئاتامانلارنىڭ ئازغىنە ۋاقتىنى چىقىرىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى  مۇنبەرگە ياكى مۇشۇ تىما ئاستىغا يوللاپ قويسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن،

مىنىڭچە بۇنداق مەسىلە ئانچە كۆپ يۈزبەرمەسلىكى مۈمكىن ، شۇنداقتىمۇ ماڭا ئوخشاش بىلم سەۋىيەسى چەكلىك تورداشلارنى بۇ مەسىلىگە ئۇچرىمايدۇ دەپ قارىغىلى بولمايدۇ........
ياردىمىڭلارنى ئايىماسلىغىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن!

يېڭى ئىنكاسلار

irpan ئۈلۈشكۈن  19:10
WINPE ئارقىلىق سېستىغاكىرىپ D دىسكىدىكىنى يۇيىۋەتسىڭىز بولىدۇ
qeqnus ئۈلۈشكۈن  22:26
سىز ئىشلەتمەكچى بولغان سېستىما قايسى رايۇندا ؟ سىز ‹ مېنىڭ كومپىيۇتېرىم -我的电脑› نىڭ خاسلىقىغا ( 属性)كىرىپ كورۇپ بېقىڭ :

ئاندىن  كومپىيۇتېرنى قوزغاتقاندا چىققان  - قايسى سېستىمىدىن قوزغىتىسىز ؟ دىگەن تۈردىكى مۇناسىۋەتلىك سېستىما ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىۋېلىپ سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ ، زادى قايسىسىدىن قوزغىلىدىكەن ؟(ئادەتتە C:/ دىن قوزغىلىشى مۇمكىن ...)
ئەگەردە سىز ئىشلەتمەكچى بولغان سېستىمىدىن قوزغالغان بولسا يەنى سىز ئىشلەتمەكچى بولغان سېستىما C:/ دىسكىدا بولغان بولسا ئاۋال D:/ دىسكىدا لازىملىق ماتىرياللار بولسا ئۇنى باشقا دىسكىغا يۆتكەڭ ، ئاندىن WIN-PE دىن كىرىپ ( GHOST-XP لاردا بار .) D:/ دىسكىنى فورماتلىۋەتسىڭىز (格式化)بولىدۇ ؛فورماتلاشتىن بۇرۇن كېرەكلىك ماتىرياللارنى يۆتكەشنى ئۇنۇتماڭ ...
مەنمۇ ھىچ نەرسە بىلمەيمەن ، ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ، سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ ؛
Intil ئۈلۈشكۈن  23:00
ئاۋال يۇقۇرىدا دېگگن ئۇسۇلدا يوقۇتىدىغان سىستېما بار دىسكىنى فورماتلاڭ. ئاندىن كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ   我的电脑  غا ئوڭنى چىكىپ 属性دىن 高级دىن 启动和恢复故障 دىن 设置’ نى بېسىڭ 系统启动’ دىكى 编辑’ نى باسسىڭىز  تۆۋەندىكى مەزمۇن بار ھۆججەت ئېچىلىدۇ.  بۇنىڭدا سىز دېگەن ئىككى سىستېما تىزىملىكى بار قايسىنبى يوقاتماقچى بولسىڭىز شۇ قۇرنى ئۆچۈرۈپ ساقلاشنى بېسىپ تاقاپ قايتا قوزغىتىڭ.
  1. [boot loader]
  2. timeout=30
  3. default=multi(0)disk(0)rdisk(0)partition(1)\WINDOWS
  4. [operating systems]
  5. multi(0)disk(0)rdisk(0)partition(1)\WINDOWS="Microsoft Windows XP Professional" /noexecute=optin /fastdetect
  6. multi(0)disk(0)rdisk(0)partition(2)\WINDOWS="Microsoft Windows XP Professional" /noexecute=optin /fastdetect
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-28 03:39.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.