ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 287|ئىنكاس: 7

ئىملاجان بىلەن ئىنكاس گۈل ( ساتىرا )     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1315
تىللا
1279
شۆھرەت
1981
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 12:44:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىملاجان بىلەن ئىنكاس گۈل

ئاپتورى: نىمجان

  ( ساتىرا )



بىركۈنى ئېنتىرنتنىڭ دۇنياسىدا ،
قايسىبىر    مۇنازىرە  سەيناسىدا .
شىكايەت قىلغان ئىمىش ئىككى دەرتمەن ،
توردىكى كەچۈرمىشلەر توغرىسىدا .
مىچىلداپ ھال ئېيتىپتۇ  ئىنكاس ئاۋال :
بولدىغۇ شۇكۈنلەردە  نەرقىم پاخال .
تەر تۆكۈپ يازسا بىرسى ئىسىل تېما ،
سايرىشىپ شاتۇتىلار  قىلدى ئۇۋال .



مۇنبەرگە ئېزىپ - تېزىپ كىرەمدىكىن ،
يارايسىز، ياخشى ...، دەپلا يۈرەمدىكىن .
ئەجرىگە باشقىلارنىڭ ھۆرمەت قىلىپ ،
تەپەككۇر قىلىپ باقسا  ئۆلەمدىكىن  ؟
ئىنكاس دەپ يازار تېخى قوچاقلارنى ،
ئوينىتىپ توقماق ، بېگىز ، پىچاقلارنى .
بىھۇدە ئازار بېرىپ باشقىلارغا ،
تېرىيدۇ زىدىيەتلىك چاتاقلارنى .



يازمىسا بولمامدىكىن يازالمىسا ،
يېزىشنى ئۈگۈنۈشتىن يالتايمىسا .
ئىنكاسنى كۆڭۈل قويۇپ يېزىڭ دېسە ،
غوتۇلداپ ، ئادەمگە سەت ئالايمىسا .
ئىككى-ئۈچ ئىسىم قويۇپ بىر جېنىغا ،
قىستۇرۇپ گۇپپاڭچىنى ھەم يېنىغا .
ھېلى ئوڭ ، ھېلى تەتۈر گەپ ئوينىتىپ ،
قىلمىسا  تەخسىكەشلىك يېقىنىغا .

مېغىزلىق ، ئەھمىيەتلىك بولسا ئىنكاس،
دوستانە ئىناقلىققا تولسا ئىنكاس .
زارلىنىپ يۈرمەس ئىدىم مەنمۇ بۇنچە ،
مۇنبەرگە قىزىل گۈلدەك قونسا ئىنكاس !




ئىنكاس گۈل جىم بولۇپتۇ  ئولۇغ تىنىپ ،
ساپ ھاۋادىن نەپەس ئاپتۇ قېنىپ - قېنىپ.
تەسەللى بېرىپ شۇئان ھاياجاندا ،
ئىملاجان گەپ باشلاپتۇ غەزەپلىنىپ :



نىزامدۇر ئىملا دېگەن تىل - يېزىققا ،

تىل - يېزىق شەرت ئەمەسمۇ ھاياتلىققا .
بەزىلەر مېنى قەستەن بوزەك ئېتىپ ،
قالدىمغۇ شۇ كۈنلەردە خاپىلىققا .
بىرسى مېنى ئويناشقاندەك يېزىۋاتقان ،
بىرسى يەنە يېزىپ تۇرۇپ ئېزىۋاتقان .
چېكىت، پەش... بەلگىلىرىم بولۇپ سەرسان ،
ئۆزىنى غېرىپ- يېتىم سېزىۋاتقان ...



ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرچە خەت يازالمىسا ،
يازسىمۇ ، سۆز- جۈملىلەر  باغلانمىسا .
ماڭىمۇ ، ئۆزىگىمۇ ھۆرمەت قىلسا ،
نە بولۇر يۈرەك - باغرىم داغلانمىسا .
ئىملانى چوڭ بىلىدۇ ئۆزگە مىللەت ،
ئىملاسىز خەت يېزىشتۇر بىزدە ئىللەت .
تاپقاندەك ئىنسان ئەخلاق بىلەن زىننەت ،
يېزىقمۇ تاپار ئىملا بىلەن قىممەت .




بەزىلەر بۇ ھېكمەتنى بىلمەمدىكىن ،
بىلسىمۇ مېنى كۆزگە ئىلمامدىكىن ؟
ئېنتىرنېت  دۇنياسىدا  يېزىقىمىز،
سازايى بولسا خىجىل بولمامدىكىن ؟
دېگۈم بار شۇڭا  دوستۇم دىققەت قىلىڭ ،
مەن ئەمەس ، ئۆزىڭىزگە ھۆرمەت قىلىڭ .
دېسىڭىز : قوغداي ئۇيغۇر يېزىقىمنى  ،
كەمىنە ئىنكاسجاننى ئۈلپەت قىلىڭ !!!

_ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _
    ئەھمىيىتى ۋە رولى بارلىق ئۇيغۇر ۋە مۇنبەر، ئونىۋېرسال تور بەتلەرگە بولىدۇ دەپ قاراپ، ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىزلا كۆچۈرۈپ كېلىندى. ئاپتور نارازى بولسا ئۇچۇر قايتۇرغاي، دەرھال ئۆچۈرىلىدۇ. ئاپتورنىڭ بۇ ئىككى خىل مەسىلىنى بۇنداق يېقىشلىق ھەم تېتىملىق شەكىلدە بىزگە تەمىن ئەتكىنى ئۈچۈن كۆپ تەشەككۇر! ئىملاجان ۋە ئىنكاسگۈللەر يەنە يىغلاپ قالمىسۇن !




مىسرانىمدىن
1

باھا خاتىرىسى

ablkim 实名认证 

مۇشاۋۇر

ئابلىكىم

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
659
تىللا
923
شۆھرەت
1181

ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 12:54:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسرانىمدا كۆرگەن بۇ تېمىنى.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
50
تىللا
335
شۆھرەت
196
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 18:15:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك بەلەن يېزىلىپتۇ، نەق ئېلىپبەنى چالا ئوقۇپ، چالا يازىدىغانلارغا، ۋە يەنە ئىنكاس يازدىم دەپ قىلچە ئەھمىيىتى يوق ياكى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان بىرەر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا تاشلىيالمايدىغانلارغا قاتتىق بىر ئەسكەرتىش بولۇپتۇ.
ھەممىمىز ئانا تىل-يېزىقىمىزنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى، ئۆزىمىزنىڭ قەدىر قىمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلايلى!!!

Rank: 4

تۆھپە
171
تىللا
208
شۆھرەت
257
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 19:11:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداقمۇ ياخشى يېزىلىپتىغۇ بۇ شئېر ...........
alm+soft   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1799
تىللا
1416
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 19:40:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا .
باشقا توربەتتىن ئالغاندىكىن بۇ يازمىنىڭ مەنبەسەىنى ئەسكەرتىشېڭىز كىرەك ئىدى.

باھا سۆز

tawlan12  ئاستىدا «مىسرانىمدىن» دىن دەپ بارغۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 19:46:09
ئەخلاقنى سېتىپ بايلىق سېتىۋالما !!!!!
ئەركىنلىكنى سېتىپ ھوقۇق سېتىۋالما  !!!!!!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1315
تىللا
1279
شۆھرەت
1981
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 19:45:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablkim يوللىغان ۋاقتى  2012-6-28 12:54
مىسرانىمدا كۆرگەن بۇ تېمىنى.

ياخشىكەن، شۇڭا مەنمۇ شۇ يەردىن تەۋسىيە قىلدىم.

دەلىللەنگەن

ھەقىقەت

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1163
تىللا
6403
شۆھرەت
1929

ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 19:18:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن .
alm+soft   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1799
تىللا
1416
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 11:11:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alm+soft يوللىغان ۋاقتى  2012-6-28 19:40
توغرا .
باشقا توربەتتىن ئالغاندىكىن بۇ يازمىنىڭ مەنبە ...

مەن كونكېرىت ئادىرېسىنى دەۋاتىمەن .
ئەخلاقنى سېتىپ بايلىق سېتىۋالما !!!!!
ئەركىنلىكنى سېتىپ ھوقۇق سېتىۋالما  !!!!!!!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-12 03:17 , Processed in 0.093161 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش