- توردا
- 559 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-19
- تىزىملاتقان
- 2011-10-18
- شۆھرەت
- 2459
- تىللا
- 1330
- تۆھپە
- 1479
- ھوقۇقى
- 80
- جۇغلانما
- 8307
- ئالبوم
- 2
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 575
- تېما
- 82
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 3235
- تۆھپە
- 1479
- تىللا
- 1330
- شۆھرەت
- 2459
|
ئۆز كۆزۈمنىڭ كۆرگىنى.
مەلۇم خەنزۇچە مەكتەپتەپنىڭ (تولۇقسىز ۋە تولۇق بىر گەۋدە قىلىنغان مەكتەپ) مىللىي ئاشخانىسىدا ئىشلەيدىغان نەۋرە ئىنىم بىلەن كۆرۈشمىگىلى خېلى بوپقالغان ئىدى. ئالدىنقى كۈنى (14_ چىسلا) كۆرۈشۈپ كىلىش ئۈچۈن ئوقوغۇچىلارنىڭ كەشلىك تاماقنى بېرىپ بولىشىغا ئۈلگۈرۈپ ئىزدەپ كىردىم. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىملىكنى تىزىملاپ نىمە ئۈچۈن كىرگىنىمنى قاچان چىقىپ كىتىدىغانلىقىمنى يىزىپ خاتىرلىۋالدى.
ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن سىرىتقا چىقىپ تاماق يەپ كىرىپ ياتىقىدا (مەكتەپ ئاشخانىسى يىنىدا ئىدى.) ناھايىتى قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق، كەشلىك مۇزاكىرە ۋاقتىمۇ توشۇپ ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىغا قايتىپ كىرىشتى، ئۇزۇن ئۆتمەي ياتاق چىرىغىمۇ ئۆچۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ ئىچى تىمتاسلىققا چۆمدى. بىر ۋاقىتتا قارىسام سائەت 11 بوپقاپتۇ.
_مەن ماڭاي ئۇكام كەش بوپكەتتى، يوقاپ كەتمەي سەنمۇ ئىزدەپ تۇر مىنى...
_نىمانداق بالدۇ ماڭىسەن سائەت ئەمدى تېخى 11 بولدى، بىردەم ئولتۇرىلى، سەل تۇرۇپ مەن سىنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويىمەن...
_بولدى سەنمۇ ئارام ئال ئەتە سە تۇرۇپ ئىشلەيسەن ئەمەسمۇ؟ قارا بېيجىڭ ۋاقتى 1 بولدى ، شىنجاڭ ۋاقتى 5 بىلەن ئورنۇڭدىن تۇرمىساڭ ئوقوغۇچىلار ئاچ قالىدۇ، بولدى ئاپىرىپ قويۇشۇڭنىڭ بىھاجەت، مەن ماڭاي...
دىگەندەك گەپلەر بىلەن مىڭىشقا تەييارلىنىۋاتاتتىم، توساتتىن پوڭ! قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ جىمىپ قالدۇق ۋە دېرىزىدىن قارىدۇق.
قىزلارنىڭ ياتاق بىناسى ئىككى بولۇپ بىر بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى، بىر يان تەرىپى ئىگىز رىشاتكىلار بىلەن توسۇلغان يەنە بىر يان تەرىپى بولسا ياتاق باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقۇرشىدا ئىدى. بىر بىنانىڭ كەينى تەرىپى ئۇنىڭ ياتىقىنىڭ دىرىزىدىن يانتۇ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بىرىنجى قەۋەت دېرىزە تۆمۈر بىلەن قاپلانغان قالغانلىرىدا يوق ئىدى.
مەكتەپ ئىچى چىراقلىرىدا ئەتراپ خېلى ئىنىق ئىدى. قارىساق بىنا ئاستىدا بىر قىز، قىز ئالدىدا يوتقان تۇراتتى، كەينى_كەينىدىنلا 3_ قەۋەتتىكى دېرىزىدىن بىر كۆرپە ۋە ياستۇق چۈشتى ھەمدە بىر قىز بىشىنى دېرىزىدىن چىقىرىپ پەستىكى قىز بىلەن خەنچە بىر نەچچە ئېغىز سۆزلەشتى.
ئارلىقىمىز 50 مىتىرچە بولسىمۇ خەنچە بىلمىگەچكە ئارىسىدىن خەنچە تېز دىگەنلا گىپىنى چۈشىنىپ بۇلار خەنلەر ئوخشايدۇ دەپ ھىس قىلدىم.
ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇلارنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي قاراپ تۇردۇق، ئاستىدىكى قىز يوتقان_كۆرپىلەرنى ئۈستى_ئۈستىگە رەتلەپ سالدىدە ئۈستىگە قاراپ ئۇيغۇرچە سەكرە بولە سەكرە دىگىنىنى ئاڭلاندى.(دىمەك بۇلارنىڭ ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكى ئەمدى مەلۇم بولدى.) ئۈستىدىكى قىز بولسا دىرىزىدىن سىرتىغا چىقىپ بولغانىدى. كۆرۈپلا قورقۇپ كەتتىم، 3_ قەۋەت ئەمەس 2_قەۋەتتىن سەكرەشمۇ خېلى ئوغۇل بالىلارنى تىتىرتىدىغان ئىگىزلىك ئىدى. ئاۋۇ قىزدا 3_قەۋەتتىن سەكرىيەلىگىدەك جۈرئەت بارمىدۇ؟ ئەنسىرەش ئىچىدە قىزىقىپ قاراپ تۇراتتىم. ئاستىدىكى قىزنىڭ زورلىشى ئالدىرتىشى ۋە مەدەت بىرىشى ئارقىسىدا ئۈستىدىكى قىز سەكرەشكە تېخىمۇ ئىنتىلدى.
شۇنداق ئويلاپ قالدىم. ھەر بىر ئىنسان ئەقىل ئىگىسىدۇر، بىر كىشى قاراپ تۇرۇپ ماۋۇ پوقنى يە دىسە ، ئاۋۇ ئوتقا سەكرە دىسە كىم سەكرەيدۇ دەيسىز؟؟؟ مىنىڭچە ئاستىدىكى قىزنىڭ زورلىشى ئالدىرتىشى ۋە مەدەت بىرىشىدىنمۇ مۇھىمراق بىر كۈچ ئۇ قىزنى 3_ قەۋەتتىن سەكرەشكە ئۈندەۋاتقاندەك قىلاتتى. (ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ ھەربىر مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ قەلبىنى ئىمان نۇرى بىلەن يورۇتقىن!)
تەخمىنەن 10 مىنۇتلارچە ئىككىلىنىشتىن كىيىن ئۇ قىز ئاخىرى غايەت زور بىر كۈچنىڭ قۇدىرتى بىلەن سەكرىدى.
دىگەندەك پەستىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا چۈشتىدە ئورنىدىن تۇرالماي پۇتىنى تۇتقىنىچە ئولتۇرۇپ بوش ئاۋازدا يىغلىغىلى تۇردى.
پۇتى سۇنغانمىدۇ؟ چىقىپ كەتكەنمىدۇ؟ قايرىلىپ كەتكەنمىدۇ؟ قاتتىق چۈشۈپ كەتكەنمىدۇ؟؟؟... دىگىندەك سوئاللار مىنى چىرمىۋالدى.
خېلى بولدى ئۇرنىدىن تۇرمىدى يەنە بىر قىز بولسا سەكرىگەن قىزنىڭ بىردەم پۇتىنى تۇتۇپ بىردەم ئەتراپىدا ئايلىنىپ دىگەندەك قىلىپ ئاخىرى يوتقان_كۆرپىلەرنى كۆتۈرۈپ بىنا كەينىگە ئۆتۈپ كەتتى.
نەۋرە ئۇكام ئېغىز ئېچىپ: توۋا ماۋۇ قىزلانى تېلكامىرانىڭ ئۇدۇلىدىلا ئولتۇردىيا، قارىسام راسلا شۇنداق 20 مىتىرچە قارشى تەرەپتە تېلكامىرانىڭ غۇۋا قىزىل چىرىغى يىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىن بىلىشىمچە سەكرىگەن ياتاق تولۇق 3_ يىللىقنىڭ ئىكەن.
_تېلكامىرانى كۆرمىدىمۇ يا؟
_مۇشۇ مەكتەپتە 3 يىل ئوقۇپ كۆرمەي قالارمۇ؟ كۈندۈزى بۇيەردىن 10 قىتىم ئۆتسەڭ 8 قىتىم كۆزۈڭگە چىلىقىپ تۇرىدۇ.
شۇ تاپتا ھىلىقى قىز كىلىپ دوستىنى يۆلىگىنىچە مەكتەپ ئارقا مەيدانى تەرەپكە قاراپ ئاستا ئاستا قەدەملار بىلەن يۈرۈپ كەتتى.
_ ئۇتەرەپتىن مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ كەتكىلى بولامدۇ؟
_ بىر نەچچە يەردىن چىقىپ كەتكىلى بولىدۇ.
_ ئۇلار نەگە ماڭغاندۇ؟؟؟؟
ئۇلارنىڭ كەينىدىن قاراپ خېلى بىرۋاققىچە ئۈن تىنسىز تۇرۇپ كەتتۇق.
سائەت 12 گىمۇ ئاز قاپتۇ. مەن ماڭماقچى بولدۇم. ئۇ مىنى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئېچىقىپ قويۇشقا بىللە ماڭغان پۇرسەتتە مەكتەپنىڭ تۈزۈمىنى سورىدىم.
مەكتەپ بولسا شەھەردىن بىۋاستە باشقۇردىغان نوختىلىق مەكتەپ بولۇپ ھاراق ئىچكەنلەرنى ياكى ياتاققا بىركۈن كىرمىگەنلەرنى مەكتەپتىن قالدۇرۋىتىش ئارقىلىق چارە كۆردىكەن.
_ ئۇلار زادى نەگە ماڭغاندۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyflash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-24 01:01
|
|