تورنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بىلوگلارمۇ ھازىرقى تور ساھەسىدىكى زور كۈچكە ئايلاندى. تېخى مىكرو بىلوگ بارلىققا كەلگىلى ئۇزاق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دىيارىمىزغا كېلىشى ئىلگىرى ۋاقىتلاردىكى تور تېخنىكىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە قارىغاندا تېز بولدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مىكرو بىلوگ توردا يېڭىچە ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈپ سۆزلىرىنىڭ قىسقا، مەزمۇنىنىڭ مىغىزلىق، تېتىملىق بولىشى بىلەن يېڭىچە تور مۇھىتنى ئېلىپ كەلدى.
بۇندىن بىرەر يىل ئىلگىرى قارلۇق شىركىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «گۈدۈك» مىكرو بىلوگى تېزلا تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى. لېكىن ئەينى چاغدا قارلۇق شىركىتى «گۈدۈك» مىكرو بىلوگىنى سىناق قىلىپ ئاچقان بولۇپ، ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، سىناق مۇددىتى توشۇپ ۋاقىتلىق تاقالغانىدى. ئەمدى
2012-يىلى 06-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 00:00 دە گۈدۈك مىكرو بىلوگى رەسمىي ھالدا سىرتقا ئېچىۋېتىلمەكچى.
گۈدۈك مىكرو بىلوگى ئادرىسى: http://www.Guduk.com
تېما مەزمۇنى ئۆزلەشتۈرۈلۈپ يېزىلدى.
ئەسلى تېما: http://qawandazlar.blogbus.com/logs/132934486.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا osmanturpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-11 13:06
|