ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 220|ئىنكاس: 2

ماكانىمىز مىكرو بىلوگىدىن خوش-خەۋەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تۆھپە
23
تىللا
14
شۆھرەت
14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 02:53:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنتىل مۇنبىرىدىكى بارلىق قېرنداشلار ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا ماكان پەن - تەتقىقات مەركىزى نامدىن چوڭقۇر سالامىمنى يوللايمەن ھەم ئىشلىرىڭلارغا چەكسىز بەركەت تىلەيمەن.سىلەرنىڭ كۈچلۈك قوللاپ قۇۋەتلىشىڭلار نەتىجىسدە ماكانىمىز تورى ۋە ماكان پەن-تەتقىقات مەركىزىمىز ماكانىمىزغا خاش بولغان ماكانىمىز مىكرو بىلوگىنى تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق.

مىكرو بىلوگ بىر خىل يېڭىچە ئۇچۇر تارقىتىش سۇپىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا سىز ھەرخىل گەپلەرنى، رەسىملەرنى، فىلىملەرنى يوللاش ئارقىلىق ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھەر ۋاقىت يېڭىلاپ تۇرغىلى بولىدۇ. مىكرو بىلوگنىڭ ئالاھىدىلىكى 140 ھەرىپ ئارقىلىق مۇئەييەن مەقسەت-مۇددىئانى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە 140 ھەرىپ بىلەن ئىپادىلەش بەلگىلىك ئىقتىدارنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىكرو بىلوگ سۇپىسى twitter مىكرو بىلوگى بولۇپ، مەزكۇر مىكرو بىلوگ بىلوگگىر (blogger) نىڭ قۇرغۇچىسى ئېۋان ۋىليامىس (Evan Williams ) تەرىپىدىن 2006-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. Twitter نىڭ مەنىسى خۇددى قۇچقاچنىڭ <<ۋىچىر-ۋىچىر>>لىغىنىدەك ئاۋازنىڭ ئېنگىلىز تىلىدا ئىپادىلىنىشىدۇر. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مىكرو بىلوگ تور دۇنياسىدا يېڭىچە ئىنقىلابنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ بولسىمۇ 140 ھەرىپ  ئارقىلىق <<ھەر بىر كىشى ئۆز ئۆز ئاۋازىنى ياڭرىتىش، ھەر بىر كىشى دىققەتكە سازاۋەر بولۇش دەۋىرى>> نى ئېلىپ كەلدى.

مىكرو بىلوگ تېخى يېقىندىلا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا يېتىپ كەلدى. <<گۈدۈك >>، <<نورۇز >>... قاتارلىق ئۇيغۇرچە مىكرو بىلوگ سۇپىسى قۇرۇلۇپ تېزلا تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. تېخى ئەلكۈيى مۇ مۇنبەرگە مىكرو بىلوگ ئىقتىدارىنى يېقىندىلا قوشتى. يېقىندىلا مىكرو بىلوگنى بىلوگ بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن ئېدى. بۇنىڭ بىلەن بىلوگ قۇرغۇچىلىرى ياكى توربىكەت قۇرۇچىلىرى ئۆزىنىڭ بىلوگ ۋە توربەتلىرىگە <<بىلوگ ئاسقۇسى>> ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى <<مىكرو بىلوگ>> ئارقىلىق تېخىمۇ تېز ۋە تېتىملىق قىلىپ ئىپادىلىگىلى بولىدۇ ۋە تورداشلار بىلەن بولغان ئارلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

Twitter مىكرو بىلوگى قۇرۇلغاندىن بۇيان Facebook دەك (Facebook نىڭ ئىقتىدارى دۆلىتىمىزدىكى رېن رېن (人人网) تورىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ) ئەڭ ئىلغار ئالاقە تورىنىڭ دىققىتىنى تارىتتى. ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى BBC ۋە CNN دەك مىدىئا ۋاستىلىرىنىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ Twitter دا ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگلىرىنى قۇردى.

ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەندە قىسقىغىنە ئۇچۇر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا قىسقا مۇددەت ئىچىدە تارىلىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا بېن لادىننىڭ يېقىنقى خەۋىرى Twitter تارىخىدىكى يوللانغان ئۇچۇر قېتىم سانىدا ئەڭ يۇقىرى 3 رېكورتنىڭ بىرى بولۇپ قالدى...

مىكرو بىلوگ مانا مۇشۇنداق ئۇچۇرچانلىقى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى تىكلىدى ۋە ھەر بىر كىشى بىر مىدىئا ۋاستىسىلىق رولىنى ئوينايدىغان شەكىلنى ياراتتى. ئەلۋەتتە سىز كىشىلىك تۇرمۇشقا بولغان قىممەت قارىشىڭىزنى ۋە دانالارنىڭ ھېكمەتلىرىنى، ئۆزىڭىزگە تەسىر قىلغان ئىشلار ۋە تۇرمۇشتىكى ئۇچرىغان ئىشلار، كۈندىلىك تۇرمىشىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى يۈزبەرگەن ئىشلار ۋە ئۆزىڭىزنىڭ يۈرەك سۆزلىرى قاتارلىق ئۆزىڭىز خالىغان نەرسىنى يوللاپ باشقىلار بىلەن بەھىرلىنەلەيسىز ۋە باشقىلارنىڭمۇ يولۇققان قىززىقارلىق ئىشلىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگە ئېگە بولالايسىز. مەيلى كومپىيوتېردا ئىشلىتىڭ ياكى تېلىفونىڭىزدا ئىشلىتىڭ سىز ھەر ۋاقىت ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلالايسىز.

  ئۇيغۇرچە مىكرو بىلوگلاردىكى ئەزالارنىڭ سانى كۆپەيگەندە <<تارقىتىش>> مەشغۇلاتى ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان باشقىلارنىڭ مەزمۇنلىرىنى ھەم تەڭ بەھىرلىنەلەيسىز ھەمدە ساقلىۋالالايسىز.

سىزمۇ مىكرو بىلوگ ھاياتىڭىزنى باشلىدىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا سىزمۇ بۇ يېڭىچە تۇرمۇشتىن بەھىرلەنگەيسىز!
قېنى دوستۇم دەرھال ئەزا بۇلۇڭ دوسلار سىزنى ساقلاپ قالدى.
ماكانىمىز مىكرو بىلوگ ئادىرسى:www.makanimiz.com/blog
ماكان پەن-تەتقىقات مەركىزى
1

باھا خاتىرىسى

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
154
تىللا
507
شۆھرەت
403
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-9 07:57:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشتىن يەنە بىرسى مەيدانغا كىلىپتۇ، تىرىشچانلىغىڭىزغا رەھمەت...

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
75
تىللا
116
شۆھرەت
100
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 11:17:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىشكەن...مەنمۇ ئازىرلا ماكانىمىزدىن ئورۇن تاپاي ئەمىسە....داۋاملىق قوللايمىز....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-8-22 08:10 , Processed in 0.079661 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش