ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 239|ئىنكاس: 3

[Android] زامانىم ئەپ بازىرى QQ توپى قۇرۇلدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
639
تىللا
882
شۆھرەت
1156

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 21:38:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

<<زامانىم ئەپ بازىرى>> توغرىسىدا كۆپ سۆزلىمىسەممۇ بۇ يازمىنى كۆرگەنلەر ئاساسەن بىلىسىلەر. ھازىر <<زامانىم ئەپ بازىرى>> دا ئۇيغۇرچە بولغان ئەپلەرنىلا چىقىرىۋاتىمىز. خەنزۇچە، ئېنگلىزچە ئەپلەرنى چىقارمىدۇق. ئۇيغۇرچە يۇنىكود ئاساسىي رايوندا ياسالغان ۋە تەرجىمە قىلىنغان ئەپلەرنى داۋاملىق چىقىرىمىز.

ھازىر دىيارىمىزدا ئاندرويىد خېلى ئومۇملىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرچە بولغان ئەپ بازىرىنىڭ يوق بولۇشىدەك بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر <<زامانىم ئەپ بازىرى>> ياساپ چىقىلغان ئىدى. بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىمىسەممۇ بولىدۇ.



بۇ QQ توپىنى قۇرۇشتىكى مەقسەت:

كۆپچىلىك بىلەن <<زامانىم ئەپ بازىرى>> توغرىسىدا بىۋاستە پىكىر ئالماشتۇرۇش، تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ۋە ئۇيغۇرچە ئەپلەر توغرىسىدا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مەزكۇر <<زامانىم ئەپ بازىرى QQ توپى>> قۇرۇلدى.

زامانىم ئەپ بازىرىنى بىرلىكتە تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەزمۇنىنى تېخىمۇ مول قىلىش ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

كۆپچىلىك بۇ QQ توپىدا ئۇيغۇرچە ئەپلەردىن ئۆز - ئارا پايدىلانسا، <<زامانىم ئەپ بازىرى>> توغرىسىدا ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرسا بولىدۇ.

كۆپچىلىك ئۆزلىرى ياسىغان ۋە تەرجىمە قىلغان ئاندرويىد ئۇيغۇرچە ئەپلىرىنى <<زامانىم ئەپ بازىرى>> غا چىقىرىشنى ئويلىسا مەزكۇر QQ توپى ئارقىلىق يوللاپ بەرسە ياكى Shahdiyar@Gmail.com ئېلخەت ساندۇقىغا يوللاپ بەرسە بولىدۇ.


بۇ QQ توپىدا ئۇيغۇر ئاندرويىد پروگراممېرلىرى ۋە ھەۋەسكارلار ئۆز - ئارا ئۇيغۇرچە ئاندرويىد ئەپلىرى توغرىسىدا نورمال پىكىر ئالماشتۇرسا بولىدۇ. زامانىم ئەپ بازىرى توغرىسىدا مەزكۇر QQ توپىدا بىۋاستە خەۋەر بېرىلىدۇ.



توپ قائىدىسى:
1. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمىگە قارشى مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنى يوللاشقا بولمايدۇ.
2. مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتېردىكى مەزمۇنلارنى يوللاشقا بولمايدۇ.
3. ئالدامچىلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش، قۇترىتىش خاراكتېرىدىكى، ئىتتىپاقسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەزمۇنلارنى يوللاشقا بولمايدۇ.
4. خۇراپىي، سېرىق، بىدئەت، تېرورلۇق ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنى يوللاشقا بولمايدۇ.
5. باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىدىغان، ئىختىلاپ پەيدا قىلىدىغان مەزمۇنلارنى يوللاشقا بولمايدۇ.
6. توپقا كىرگەندە باشقا شىركەت ياكى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ نامى بىلەن تىزىملاتسىڭىز، شۇ شىركەت ياكى ئىدارە-ئورگان ئىنكاس قىلغان ئەھۋالدا توپتىكى ئىسمىڭىزنى دەرھال ئۆزگەرتىۋېلىشىڭىز تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئۇنداق بولمىسا توپتىن چىقىرىۋېتىلىسىز.
7 توپقا مەزمۇن يوللىغاندا سەلبىي مەنىلەردىكى (ئەخلاقسىز، مەدەنىيەتسىز) ناخشا-مۇزىكا، فىلىم، خاتىرە... مەزمۇنلار چوقۇم ساغلام بولۇشى كېرەك. ئەگەر مەسىلە چىقسا توپتىن چىقىرىۋېتىلىسىز.
8. باشقا ئىشلار بولسا باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. باشقۇرغۇچىنىڭ توپتىكى ئىسمى: Shahdiyar
دىققەت: كىرىشتىن بۇرۇن يۇقارقى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ چىقىڭ ۋە ئەمەل قىلىڭ. ئەگەر توپقا كىرسىڭىزلا يۇقارقى كېلىشىمنامىگە ئەمەل قىلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر يۇقارقى كېلىشىمنامىگە ئەمەل قىلالمىسىڭىز كىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.



توپ نومۇرى: 58859668

توپ ئىسمى: Zamanim Apps

ئىزاھاتى: Zamanim Ep Baziri

قۇرغۇچى تور بېتى: www.shahdiyar.com

زامانىم تورى: www.zamanim.net

زامانىم ئەپ بازىرى ئەڭ يېڭى نەشىرى: 3.0

چۈشۈرۈش ئورنى: http://shahdiyar.com/korush.asp?mid=725
تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا Shahdiyar@Gmail.com غا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
قوللىغىنىڭىزلارغا كۆپ رەھمەت!

1

باھا خاتىرىسى

bostan305   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1056
تىللا
777
شۆھرەت
1741

تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 22:20:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا مىنىڭمۇ مۇشۇ توغرىسىدا بىلىملەرنى ئۈگەنگۈم بار ئۇنداق بولسا بىر تىزىملىتاي
بىلىم ئۈگۈنۈش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز!!!!!!!!
كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم، سۇ بۇلايمۇ يىلتىزمۇ؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1467
تىللا
1297
شۆھرەت
2431

تەشۋىقات تۆھپە ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 23:04:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ.             
                              

Rank: 2

تۆھپە
22
تىللا
15
شۆھرەت
9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 00:19:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ ! لىكىن توپقا قۇشۇلاي دىسەم تۇشۇپ قاپتۇ  ئەمەسمۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-9 14:48 , Processed in 0.273411 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش