ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 182|ئىنكاس: 1

شېئىرى رېتسىپلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1556
تىللا
1239
شۆھرەت
2562
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 12:32:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىترەك كىسىلى
بەلغەم ئىشىپ كىتىپ تۇتقاندا تىترەك،
مۇناسىپ دورىدىن ئىچكۈزگەن خوپراق.
سەۋەبى مەي ياكى جىمائدىن بولسۇن،
مەي بىلەن جىمائدىن بولسۇنلار يىراق.

ئەزالارنىڭ لىپىلدىشى
ئەزا لىپىلداش گەر كۆرسە يۈزنى،
لىپىلدىغان يەرگە باس قىزىتىپ تۇزنى.
بۇنىڭ بىلەن كەتمىسە بەدەن پاكلىغى،
ھەبىب كەر يار قىلسۇن شۇ زامان ئۆزنى.

پەي تارتىش
بەدەندە پەي تارتىشنى قوزغىسا بەلغەم،
ئازابىڭ ئاشىدۇ،راھەت بولار كەم.
بەدەننى تازىلا ئۇنداق قىلمىساڭ،
ئېغىرلىشار كىسەل ئورنىغا مەھكەم.

كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ ئىششىشى
كۆز گىرۋىكى قېلىنلاپ ئىششىسا پات-پات،
پايدىلىق بىر سۈزنى مەندىن ئالغىن ياد.
سېمىز ئوت ياپرىقى ،تۇخۇم ئېقىنى،
قوشۇپ كۆزگە چاپلا،دەرد بولار بەرباد.

كۆز بۈرجىگىنىڭ ئىششىشى
كۆز بۈرجىگى ئىششىپ ئېچىلمىغان ئان،
ئۇنى«غەزەپ»دىيىشەر ئەي سېخى ئىنسان.
ماش ئېزىپ ئۆستىگە قويۇلسا ئەگەر،
ئۈمىد باركى،داۋا بولار شۇ زامان.

مەيدە ئاغرىقى
قوزغالغاندا يەلدىن مەيدە ئىللىتى،
سۆزۈمنى ئاڭلىغىن ،جىنىڭ ھۆرمىتى.
پەرھىز قىلدۇر ئۈگرە ،يەسىمۇقلاردىن،
بەرگىن راۋاج بىلەن دىنار شەربىتى.

مەيدە ئىششىش
مەيدە ئىششىش ئۈچۈن سەۋەپ بولسا قان،
قان ئالدۇر،باسمىسۇن سېنى ھاياجان.
ماددىسى بولغاندا باشقا خىلىت ئەگەر،
«تازىلاش»دەپ بىلگىن داۋاسىن ھەر ئان.

قان قۇسۇش
قان قۇسۇش قوزغىسا قورقۇنىچ ۋە غەم،
سۆز ئېيتاي ،سۆزۈمنى ئاڭلىغان بىردەم.
مىرت دېنى شەربىتى ،ئەرەب يىلىمى،
سوقۇلغان كەھرىبا بىلەن ئىچ ھەردەم.

ھىق تۇتۇش
«تولۇش»تىن ھىق تۇتۇش كىمگە بولسا يار،
دورا ئۆچۈن ئۇنىڭغا بۇيرۇماق دەركار.
بوشالغۇچى بولسا ھىق تۇتۇش ئەگەر،
داۋالاشتىن كەچكىن،بەرمىگىن ئازار.

جىگەر ئىششىش
جىگەرنىڭ ئىششىشىغا سەۋەپ بولسا قان،
قان ئالسا ئاندىن نەپ يېتەر بىگۇمان.
باشقا خىلىت سەۋەبى بولسا،سۈرگىدىن،
ئىچكىن تەندىن كېسەل قوغلىنار شۇ ئان.

جىگەر زەئىپلىگى
جاندىن سەبرىڭ ئالسا جىگەر زەئىپى،
زىرىق شەربىتىدىن تېپىلۇر نەفى.
توخۇ گۈشى،مىغىز ،يەنە ئاناردىن،
يېسەڭ ھاسىل بولار بۇ ئىللەت دەفئى.

ھەزىمنىڭ بۇزۇلۇشى
ھەزىم بۇزۇلۇشتىن يۈز بەرسە زەخمەت،
بۇيرۇغىن سەپەر قىلىپ چەكسۇن رىيازەت.
جىگەر زەئىپلىكى بولسا سەۋەبى،
قۇۋۋەت بەرگۈچىدىن يېسۇن ھەر ۋاقىت.

ئىسىتقا (سېرىق سۇ كىسەللىگى)
ھەر كىمدە ئىسسىتقا ئىللىتى ئاشسا،
سۇ ئىچمەي تۆگىنىڭ سۈتىدىن يۇتسا.
مۇيەسسەر بولمىسا داۋا ئۈچۈن بۇ،
بولىدۇ تۈگىلەر ئىچىدە ياتسا.

سېرق كىسەللىگى
سېرىق بولۇپ سەبرى كەتسە ھەر بىر ئەر،
مۇۋاپىق يۇسۇندا قەيگە سۈرگى بەر.
توخۇ گۆشى ،نۇقۇت ۋە يەنە قېتىق،
ھەمدە ئانار سۈيىن توختاتماستىن بەر.

تال ئىششىقى
تال ئىششىقىغا گىرىپتار بولسىڭىز،
قابىز نەرسىلەردىن ئەيلەڭىز پەرھىز.
كابول كۇچۇلىسى ئىچىڭ،سىركەنجىۋىل بىلەن،
تەن دۇرۇسىتلۇق پەيزى ھاسىل بولار تىز.

ئىچ سۈرۈش تەدبىرى
ئىچ سۈرگەندە دورىغا بولساڭ گەر مۇھتاج،
سوغۇق يەلدىن قاچقىن،بۇ ياخشى ئىلاج.
سوغۇق سوغا چۈشمە ،سەۋەبى تېنىڭ،
ساقلىق تىپىپ ،سىھەت باشقا بولسا تاج.

ئۈچەي يارىسى
ئۈچەي يارىسىدىن ،ئەي يۈرىكى داغ،
كۈنلىرىڭ تۈن بولسا مىسالىكى داغ.
كېسەل تۈنى كېتەر ئەگەر ئەنجىبار،
شىربەتتىن تاپساڭۇ،ياندۇرساڭ چىراغ.

بۇۋاسىر (گېمۇرۇي)
بۇۋاسىر رەنجىدە تەبىبى ھازىق،
تاۋۇز ۋە ئانارنى كۆرىدۇ لايىق.
«سافىن»دىن قان ئالار ،توخۇ ۋە ئۈگرە،
ھەمدە زىرىق سۈيىنى كۆرەر مۇۋاپىق.

بۆرەك تىشى
بۆرەك ئىچىدە ئەگەر مەۋجۈت بولسا تاش،
نەيزىدەك سانجىلسا ،قالمىسا بەرداش.
ئوغرى تىكەن سۈيىنى تەك كۈلى بىلەن،
باھاردا ئىچىلسا ساقلىققا يولداش.

بۆرەك ئىششىقى
بۆرەك ئىششىسا ئەسلا تارتمىغىن تەشۋىش،
ئىدرەك ئەھلى تۇتقان كەبى تۇتقىن ئىش.
ماددىسى قان بولسا ياكى باشقا خىلىت،
بەدەندىن قوغلىبان لازىم پاك قىلىش.

دوۋساق تېشى
ئەھۋالىڭ قىينىسا دوۋساقتا سەنگى،
جېنىڭغا غەم يېتەر يېڭىدىن -يېڭى.
بۇ دەرتنى داۋالاش ئۈچۈن تىۋىپقا،
ھەجەرەل ياخۇرنىڭ يوق ئەسلى تېڭى.

دوۋساق قىچىشىش
دوۋساق قىچىشىشى يۈز بەرگەندە غەم،
قوبول قىل سۆزۈمنى جان دەپ سەن بۇ دەم.
تەلىپىڭ داۋادىن ھاسىل بولغۇسى،
ئېشەكنىڭ سۈتىدىن ئىچسەڭ دەممۇ-دەم.

سۈيدۈكنىڭ تامچىلاپ كېلىشى
سۈيدۈك تامچىلاشقا بولساڭ گىرىپتار ،
ئاندىن دىلىڭ بولسا ھەم غەمكىن ،ھەم تار.
داۋا كېرەك بولسا «ئىترىفىل»دىن يەنە،
يادىڭدىن چىقارما بۇ سۈزنى زىنھار.

قىينىلىپ سىيىش
سۈيدۈكى تۇتۇلۇپ ،كىشى بولسا خار،
سوغۇق مىزاج ئاڭا دەلىلدۇر ئاشكار.
ئەرمەن ساداسىدىن سۈيدۈك يولىغا،
قويۇلسا ،ئىچىلىپ سىھەت بولۇر يار.

ئورنىغا سىيىپ قويۇش
ئۇيقۇدا سىيمەكلىك بولسا ئادىتىڭ،
پەرھىز قىل كام بولسۇن يېگەن تامىقىڭ.
سەھەردە بىر دانە ،كەچتە بىر دانە،
«بەرشىشا»يېمەككە بولسۇن ئادىتىڭ.

جىنسى زەئىپلىك
زەئىپلىكتىن بولساڭ دىلخەستە ۋە خار،
جىمائ ئۈچۈن بەختىڭ بولمىسا.
دىلىڭ تاماق تارتسا قوچقاچ مىڭىسى،
كەپتەر تۇخۇمىدىن يېگەيسەن تەكرار.

بەل ئاغرىقى
بەل ئاغرىقىنى پەيدا قىلغاندا بەلغەم،
كېسەلگە سۈرگىنى ئەيلىگىن ھەمدەم.
ئېغىر يۈك كۈتۈرۈپ يۆز بەرگەن بولسا،
گۈل يىغى سۈركىسە نەپ قىلۇر ئول دەم.

ماخاۋ
كىمگە يەتسە ئەگەر ماخاۋ ئىللىتى،
بۇ دەرتتتىن قۇتۇلماق بولسا نىيىتى.
قان كۆپ بولغاندا ،تومۇردىن قان ئال،
ئەپتىمۇن قاينىتىپ بەر،شۇ چارىسى.

تەمرەتكە
ئەي تەمرەتكىدىن ئويغا قالغان زات،
خەستە تەنگە ئىللەت قويغان بولسا ئات.
خەردەلۇ سىركىدىن ئاڭا سۈركىسەڭ،
سىھەتلىك باغىدىن تاپىسەن نىجات.

قوتۇر
قوتۇر زەخمىتىدىن دىلىڭ بولسا تار،
ھاممامغا بېرىشىڭ لازىمدۇر تەكرار.
ساپلىق ماتاسىنى ئىزدە دائىما،
ئەمما قولۇڭنى ئۈز ئىشرەتتىن زىنھار.

ئەزالار قىچىشىش
قايسى ئەزا بولسۇن يۈز بەرسە قىچىشىش،
يېتەر ئاندىن ساڭا تىنىمسىز تەشۋىش.
ھەسەل،شاراپ،ھالۋا،پىستە مەغزىدەك،
سەپرا كەلگۈچىدىن كېرەكتۇر قېچىش.

دانىخورەك
دانىخورەك كىمنىڭ يۈزىنى بۇزار،
خەستە دىلى كېسەل غېمىدىن توزار.
ئىچىنى تازا قىلىپ سىركە ،سىيادان،
سۈركىسە ئىللەتنىڭ يىپىنى ئۈزەر.

كۆپ تەرلەش
كۆپ تەرلەشتىن دائىم چەككۈچى ئەلەم،
يامان بولسا ھالىڭ ئاندىن دەممۇ-دەم.
چىققان تەر ئەگەردە بەدبۇي بولمىسا،
غۇرا سۈيى،سەندەل سۈركە ئاشۇ دەم.

قولتۇق پۇراش
قولتۇقۇڭ پۇرىسا سۈرگى ئىچ دەرھال،
ئالما بىلەن بېھى بەرگىدىن سۇ ئال.
تۇتىيا ،مۇرتەككە قوشۇپ سۈركىگىن،
قۇتۇلۇپ يۈرىكىڭ بولىدۇ خۇشھال.

ئوتتا كۆيۈش
ئوت بىلەن كۆيگەندە قول ياكى ئاياق،
ياكى باشقا ئەزا كۆيۈپ قالغان چاغ.
كافۇر ئېزىپ سىزكە سىلىپ مۇز بىلەن،
سوۋۇتۇپ سۈركىگىن ئاڭا بالدۇرراق.

چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشى
ئەسلىنى ئۆزگەرتسە چاچ بىلەن ساقال،
داۋاغا يىتىشنى كىم قىلسا خىيال.
ھۆللۈكتىن ئۆزگىنى يېمىسە ئەسلا،
ساقىيىپ تېز كۈندە بولىدۇ خوشال.

چاچ يېرىلىش
چاچلىرىڭ يېرىلسا ،بولساڭ خەستە ھال،
سۆز ئېيتاي ئاڭلاشنى ئەيلسەڭ خىيال.
سېمىز ئوت شىرنىسى ياخشى داۋادۇر،
مەستىكى بىلەن قوشۇپ سۈركىسەڭ دەرھال.

زىيادە سېمىزلىك
زىيادە سىمىزلىكنىڭ بولسا ئىللىتى،
ئېيتقىنىنى قىلساڭ تۈگەر زەخمىتى.
مۇناسىپ ئەمەس بۇ دەرت ئۈچۈن مەئىشەت،
قەدەھ ئۈچۈن يازغىل«بىزارلىق خىتى».

چايان چېقىش
چايان چېقىۋالسا ،بولساڭ بىخەۋەر،
تېنىڭدىن پۈتۈنلەي ھالاۋەت كېتەر.
قەستىڭ ساقلىق بولسا سامساق بىلەن تۇز،
سۈركىسەڭ مەقسىدىڭ قولۇڭغا تېگەر.

ئەقلىڭ بولسا ئۆزنى يولغا سالارسەن ،
كاتتامۇ -كىچىكمۇ سۆزۈم ئالارسەن.
چايان چاقسا قايسى رەڭدە بولمىسۇن،
كەرەپشىنى يېسەڭ ئۆلۈپ قالارسەن.

ھەرە چېقىش
كىمنى چاقسا ھەرە،بولساڭ رەھنامە،
تۈزەلسۇن دېسەڭ گەر چاققان ھامانە.
ئىسپەغۇل بەر،يەنە ئىسكەنجىۋىل بەر،
سىركە قۇيقاسىدىن كۆيدۈرگىن ئەمما.

غالجىر ئىت چىشلەش
غالجىر ئىت چىشلىسە بەدەننى بەك ئوي،
بۇ دەھشەتتىن باسار سېنى خىيال-ئوي.
سامساق ئەز،تەك كۈلى ھەمدە سىركىنى،
ئۆزئارا قوشقىن -دە،ئاشۇ جايغا قوي.

زەھەرلەر داۋاسى
زەھەر ئىچىپ جېنىڭ بولغاندا بىھال،
غەم ئاستىدا تېنىڭ بولۇر پايمال.
قۇتقۇزۇشقا تېۋىپ ئۈچۈن كۇپايە،
مۇھەللەستىن ئەگەر بەرسەم بىر مىسقال.تىترەك كىسىلى
بەلغەم ئىشىپ كىتىپ تۇتقاندا تىترەك،
مۇناسىپ دورىدىن ئىچكۈزگەن خوپراق.
سەۋەبى مەي ياكى جىمائدىن بولسۇن،
مەي بىلەن جىمائدىن بولسۇنلار يىراق.

ئەزالارنىڭ لىپىلدىشى
ئەزا لىپىلداش گەر كۆرسە يۈزنى،
لىپىلدىغان يەرگە باس قىزىتىپ تۇزنى.
بۇنىڭ بىلەن كەتمىسە بەدەن پاكلىغى،
ھەبىب كەر يار قىلسۇن شۇ زامان ئۆزنى.

پەي تارتىش
بەدەندە پەي تارتىشنى قوزغىسا بەلغەم،
ئازابىڭ ئاشىدۇ،راھەت بولار كەم.
بەدەننى تازىلا ئۇنداق قىلمىساڭ،
ئېغىرلىشار كىسەل ئورنىغا مەھكەم.

كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ ئىششىشى
كۆز گىرۋىكى قېلىنلاپ ئىششىسا پات-پات،
پايدىلىق بىر سۈزنى مەندىن ئالغىن ياد.
سېمىز ئوت ياپرىقى ،تۇخۇم ئېقىنى،
قوشۇپ كۆزگە چاپلا،دەرد بولار بەرباد.

كۆز بۈرجىگىنىڭ ئىششىشى
كۆز بۈرجىگى ئىششىپ ئېچىلمىغان ئان،
ئۇنى«غەزەپ»دىيىشەر ئەي سېخى ئىنسان.
ماش ئېزىپ ئۆستىگە قويۇلسا ئەگەر،
ئۈمىد باركى،داۋا بولار شۇ زامان.

مەيدە ئاغرىقى
قوزغالغاندا يەلدىن مەيدە ئىللىتى،
سۆزۈمنى ئاڭلىغىن ،جىنىڭ ھۆرمىتى.
پەرھىز قىلدۇر ئۈگرە ،يەسىمۇقلاردىن،
بەرگىن راۋاج بىلەن دىنار شەربىتى.

مەيدە ئىششىش
مەيدە ئىششىش ئۈچۈن سەۋەپ بولسا قان،
قان ئالدۇر،باسمىسۇن سېنى ھاياجان.
ماددىسى بولغاندا باشقا خىلىت ئەگەر،
«تازىلاش»دەپ بىلگىن داۋاسىن ھەر ئان.

قان قۇسۇش
قان قۇسۇش قوزغىسا قورقۇنىچ ۋە غەم،
سۆز ئېيتاي ،سۆزۈمنى ئاڭلىغان بىردەم.
مىرت دېنى شەربىتى ،ئەرەب يىلىمى،
سوقۇلغان كەھرىبا بىلەن ئىچ ھەردەم.

ھىق تۇتۇش
«تولۇش»تىن ھىق تۇتۇش كىمگە بولسا يار،
دورا ئۆچۈن ئۇنىڭغا بۇيرۇماق دەركار.
بوشالغۇچى بولسا ھىق تۇتۇش ئەگەر،
داۋالاشتىن كەچكىن،بەرمىگىن ئازار.

جىگەر ئىششىش
جىگەرنىڭ ئىششىشىغا سەۋەپ بولسا قان،
قان ئالسا ئاندىن نەپ يېتەر بىگۇمان.
باشقا خىلىت سەۋەبى بولسا،سۈرگىدىن،
ئىچكىن تەندىن كېسەل قوغلىنار شۇ ئان.

جىگەر زەئىپلىگى
جاندىن سەبرىڭ ئالسا جىگەر زەئىپى،
زىرىق شەربىتىدىن تېپىلۇر نەفى.
توخۇ گۈشى،مىغىز ،يەنە ئاناردىن،
يېسەڭ ھاسىل بولار بۇ ئىللەت دەفئى.

ھەزىمنىڭ بۇزۇلۇشى
ھەزىم بۇزۇلۇشتىن يۈز بەرسە زەخمەت،
بۇيرۇغىن سەپەر قىلىپ چەكسۇن رىيازەت.
جىگەر زەئىپلىكى بولسا سەۋەبى،
قۇۋۋەت بەرگۈچىدىن يېسۇن ھەر ۋاقىت.

ئىسىتقا (سېرىق سۇ كىسەللىگى)
ھەر كىمدە ئىسسىتقا ئىللىتى ئاشسا،
سۇ ئىچمەي تۆگىنىڭ سۈتىدىن يۇتسا.
مۇيەسسەر بولمىسا داۋا ئۈچۈن بۇ،
بولىدۇ تۈگىلەر ئىچىدە ياتسا.

سېرق كىسەللىگى
سېرىق بولۇپ سەبرى كەتسە ھەر بىر ئەر،
مۇۋاپىق يۇسۇندا قەيگە سۈرگى بەر.
توخۇ گۆشى ،نۇقۇت ۋە يەنە قېتىق،
ھەمدە ئانار سۈيىن توختاتماستىن بەر.

تال ئىششىقى
تال ئىششىقىغا گىرىپتار بولسىڭىز،
قابىز نەرسىلەردىن ئەيلەڭىز پەرھىز.
كابول كۇچۇلىسى ئىچىڭ،سىركەنجىۋىل بىلەن،
تەن دۇرۇسىتلۇق پەيزى ھاسىل بولار تىز.

ئىچ سۈرۈش تەدبىرى
ئىچ سۈرگەندە دورىغا بولساڭ گەر مۇھتاج،
سوغۇق يەلدىن قاچقىن،بۇ ياخشى ئىلاج.
سوغۇق سوغا چۈشمە ،سەۋەبى تېنىڭ،
ساقلىق تىپىپ ،سىھەت باشقا بولسا تاج.

ئۈچەي يارىسى
ئۈچەي يارىسىدىن ،ئەي يۈرىكى داغ،
كۈنلىرىڭ تۈن بولسا مىسالىكى داغ.
كېسەل تۈنى كېتەر ئەگەر ئەنجىبار،
شىربەتتىن تاپساڭۇ،ياندۇرساڭ چىراغ.

بۇۋاسىر (گېمۇرۇي)
بۇۋاسىر رەنجىدە تەبىبى ھازىق،
تاۋۇز ۋە ئانارنى كۆرىدۇ لايىق.
«سافىن»دىن قان ئالار ،توخۇ ۋە ئۈگرە،
ھەمدە زىرىق سۈيىنى كۆرەر مۇۋاپىق.

بۆرەك تىشى
بۆرەك ئىچىدە ئەگەر مەۋجۈت بولسا تاش،
نەيزىدەك سانجىلسا ،قالمىسا بەرداش.
ئوغرى تىكەن سۈيىنى تەك كۈلى بىلەن،
باھاردا ئىچىلسا ساقلىققا يولداش.

بۆرەك ئىششىقى
بۆرەك ئىششىسا ئەسلا تارتمىغىن تەشۋىش،
ئىدرەك ئەھلى تۇتقان كەبى تۇتقىن ئىش.
ماددىسى قان بولسا ياكى باشقا خىلىت،
بەدەندىن قوغلىبان لازىم پاك قىلىش.

دوۋساق تېشى
ئەھۋالىڭ قىينىسا دوۋساقتا سەنگى،
جېنىڭغا غەم يېتەر يېڭىدىن -يېڭى.
بۇ دەرتنى داۋالاش ئۈچۈن تىۋىپقا،
ھەجەرەل ياخۇرنىڭ يوق ئەسلى تېڭى.

دوۋساق قىچىشىش
دوۋساق قىچىشىشى يۈز بەرگەندە غەم،
قوبول قىل سۆزۈمنى جان دەپ سەن بۇ دەم.
تەلىپىڭ داۋادىن ھاسىل بولغۇسى،
ئېشەكنىڭ سۈتىدىن ئىچسەڭ دەممۇ-دەم.

سۈيدۈكنىڭ تامچىلاپ كېلىشى
سۈيدۈك تامچىلاشقا بولساڭ گىرىپتار ،
ئاندىن دىلىڭ بولسا ھەم غەمكىن ،ھەم تار.
داۋا كېرەك بولسا «ئىترىفىل»دىن يەنە،
يادىڭدىن چىقارما بۇ سۈزنى زىنھار.

قىينىلىپ سىيىش
سۈيدۈكى تۇتۇلۇپ ،كىشى بولسا خار،
سوغۇق مىزاج ئاڭا دەلىلدۇر ئاشكار.
ئەرمەن ساداسىدىن سۈيدۈك يولىغا،
قويۇلسا ،ئىچىلىپ سىھەت بولۇر يار.

ئورنىغا سىيىپ قويۇش
ئۇيقۇدا سىيمەكلىك بولسا ئادىتىڭ،
پەرھىز قىل كام بولسۇن يېگەن تامىقىڭ.
سەھەردە بىر دانە ،كەچتە بىر دانە،
«بەرشىشا»يېمەككە بولسۇن ئادىتىڭ.

جىنسى زەئىپلىك
زەئىپلىكتىن بولساڭ دىلخەستە ۋە خار،
جىمائ ئۈچۈن بەختىڭ بولمىسا.
دىلىڭ تاماق تارتسا قوچقاچ مىڭىسى،
كەپتەر تۇخۇمىدىن يېگەيسەن تەكرار.

بەل ئاغرىقى
بەل ئاغرىقىنى پەيدا قىلغاندا بەلغەم،
كېسەلگە سۈرگىنى ئەيلىگىن ھەمدەم.
ئېغىر يۈك كۈتۈرۈپ يۆز بەرگەن بولسا،
گۈل يىغى سۈركىسە نەپ قىلۇر ئول دەم.

ماخاۋ
كىمگە يەتسە ئەگەر ماخاۋ ئىللىتى،
بۇ دەرتتتىن قۇتۇلماق بولسا نىيىتى.
قان كۆپ بولغاندا ،تومۇردىن قان ئال،
ئەپتىمۇن قاينىتىپ بەر،شۇ چارىسى.

تەمرەتكە
ئەي تەمرەتكىدىن ئويغا قالغان زات،
خەستە تەنگە ئىللەت قويغان بولسا ئات.
خەردەلۇ سىركىدىن ئاڭا سۈركىسەڭ،
سىھەتلىك باغىدىن تاپىسەن نىجات.

قوتۇر
قوتۇر زەخمىتىدىن دىلىڭ بولسا تار،
ھاممامغا بېرىشىڭ لازىمدۇر تەكرار.
ساپلىق ماتاسىنى ئىزدە دائىما،
ئەمما قولۇڭنى ئۈز ئىشرەتتىن زىنھار.

ئەزالار قىچىشىش
قايسى ئەزا بولسۇن يۈز بەرسە قىچىشىش،
يېتەر ئاندىن ساڭا تىنىمسىز تەشۋىش.
ھەسەل،شاراپ،ھالۋا،پىستە مەغزىدەك،
سەپرا كەلگۈچىدىن كېرەكتۇر قېچىش.

دانىخورەك
دانىخورەك كىمنىڭ يۈزىنى بۇزار،
خەستە دىلى كېسەل غېمىدىن توزار.
ئىچىنى تازا قىلىپ سىركە ،سىيادان،
سۈركىسە ئىللەتنىڭ يىپىنى ئۈزەر.

كۆپ تەرلەش
كۆپ تەرلەشتىن دائىم چەككۈچى ئەلەم،
يامان بولسا ھالىڭ ئاندىن دەممۇ-دەم.
چىققان تەر ئەگەردە بەدبۇي بولمىسا،
غۇرا سۈيى،سەندەل سۈركە ئاشۇ دەم.

قولتۇق پۇراش
قولتۇقۇڭ پۇرىسا سۈرگى ئىچ دەرھال،
ئالما بىلەن بېھى بەرگىدىن سۇ ئال.
تۇتىيا ،مۇرتەككە قوشۇپ سۈركىگىن،
قۇتۇلۇپ يۈرىكىڭ بولىدۇ خۇشھال.

ئوتتا كۆيۈش
ئوت بىلەن كۆيگەندە قول ياكى ئاياق،
ياكى باشقا ئەزا كۆيۈپ قالغان چاغ.
كافۇر ئېزىپ سىزكە سىلىپ مۇز بىلەن،
سوۋۇتۇپ سۈركىگىن ئاڭا بالدۇرراق.

چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشى
ئەسلىنى ئۆزگەرتسە چاچ بىلەن ساقال،
داۋاغا يىتىشنى كىم قىلسا خىيال.
ھۆللۈكتىن ئۆزگىنى يېمىسە ئەسلا،
ساقىيىپ تېز كۈندە بولىدۇ خوشال.

چاچ يېرىلىش
چاچلىرىڭ يېرىلسا ،بولساڭ خەستە ھال،
سۆز ئېيتاي ئاڭلاشنى ئەيلسەڭ خىيال.
سېمىز ئوت شىرنىسى ياخشى داۋادۇر،
مەستىكى بىلەن قوشۇپ سۈركىسەڭ دەرھال.

زىيادە سېمىزلىك
زىيادە سىمىزلىكنىڭ بولسا ئىللىتى،
ئېيتقىنىنى قىلساڭ تۈگەر زەخمىتى.
مۇناسىپ ئەمەس بۇ دەرت ئۈچۈن مەئىشەت،
قەدەھ ئۈچۈن يازغىل«بىزارلىق خىتى».

چايان چېقىش
چايان چېقىۋالسا ،بولساڭ بىخەۋەر،
تېنىڭدىن پۈتۈنلەي ھالاۋەت كېتەر.
قەستىڭ ساقلىق بولسا سامساق بىلەن تۇز،
سۈركىسەڭ مەقسىدىڭ قولۇڭغا تېگەر.

ئەقلىڭ بولسا ئۆزنى يولغا سالارسەن ،
كاتتامۇ -كىچىكمۇ سۆزۈم ئالارسەن.
چايان چاقسا قايسى رەڭدە بولمىسۇن،
كەرەپشىنى يېسەڭ ئۆلۈپ قالارسەن.

ھەرە چېقىش
كىمنى چاقسا ھەرە،بولساڭ رەھنامە،
تۈزەلسۇن دېسەڭ گەر چاققان ھامانە.
ئىسپەغۇل بەر،يەنە ئىسكەنجىۋىل بەر،
سىركە قۇيقاسىدىن كۆيدۈرگىن ئەمما.

غالجىر ئىت چىشلەش
غالجىر ئىت چىشلىسە بەدەننى بەك ئوي،
بۇ دەھشەتتىن باسار سېنى خىيال-ئوي.
سامساق ئەز،تەك كۈلى ھەمدە سىركىنى،
ئۆزئارا قوشقىن -دە،ئاشۇ جايغا قوي.

زەھەرلەر داۋاسى
زەھەر ئىچىپ جېنىڭ بولغاندا بىھال،
غەم ئاستىدا تېنىڭ بولۇر پايمال.
قۇتقۇزۇشقا تېۋىپ ئۈچۈن كۇپايە،
مۇھەللەستىن ئەگەر بەرسەم بىر مىسقال.تىترەك كىسىلى
بەلغەم ئىشىپ كىتىپ تۇتقاندا تىترەك،
مۇناسىپ دورىدىن ئىچكۈزگەن خوپراق.
سەۋەبى مەي ياكى جىمائدىن بولسۇن،
مەي بىلەن جىمائدىن بولسۇنلار يىراق.

ئەزالارنىڭ لىپىلدىشى
ئەزا لىپىلداش گەر كۆرسە يۈزنى،
لىپىلدىغان يەرگە باس قىزىتىپ تۇزنى.
بۇنىڭ بىلەن كەتمىسە بەدەن پاكلىغى،
ھەبىب كەر يار قىلسۇن شۇ زامان ئۆزنى.

پەي تارتىش
بەدەندە پەي تارتىشنى قوزغىسا بەلغەم،
ئازابىڭ ئاشىدۇ،راھەت بولار كەم.
بەدەننى تازىلا ئۇنداق قىلمىساڭ،
ئېغىرلىشار كىسەل ئورنىغا مەھكەم.

كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ ئىششىشى
كۆز گىرۋىكى قېلىنلاپ ئىششىسا پات-پات،
پايدىلىق بىر سۈزنى مەندىن ئالغىن ياد.
سېمىز ئوت ياپرىقى ،تۇخۇم ئېقىنى،
قوشۇپ كۆزگە چاپلا،دەرد بولار بەرباد.

كۆز بۈرجىگىنىڭ ئىششىشى
كۆز بۈرجىگى ئىششىپ ئېچىلمىغان ئان،
ئۇنى«غەزەپ»دىيىشەر ئەي سېخى ئىنسان.
ماش ئېزىپ ئۆستىگە قويۇلسا ئەگەر،
ئۈمىد باركى،داۋا بولار شۇ زامان.

مەيدە ئاغرىقى
قوزغالغاندا يەلدىن مەيدە ئىللىتى،
سۆزۈمنى ئاڭلىغىن ،جىنىڭ ھۆرمىتى.
پەرھىز قىلدۇر ئۈگرە ،يەسىمۇقلاردىن،
بەرگىن راۋاج بىلەن دىنار شەربىتى.

مەيدە ئىششىش
مەيدە ئىششىش ئۈچۈن سەۋەپ بولسا قان،
قان ئالدۇر،باسمىسۇن سېنى ھاياجان.
ماددىسى بولغاندا باشقا خىلىت ئەگەر،
«تازىلاش»دەپ بىلگىن داۋاسىن ھەر ئان.

قان قۇسۇش
قان قۇسۇش قوزغىسا قورقۇنىچ ۋە غەم،
سۆز ئېيتاي ،سۆزۈمنى ئاڭلىغان بىردەم.
مىرت دېنى شەربىتى ،ئەرەب يىلىمى،
سوقۇلغان كەھرىبا بىلەن ئىچ ھەردەم.

ھىق تۇتۇش
«تولۇش»تىن ھىق تۇتۇش كىمگە بولسا يار،
دورا ئۆچۈن ئۇنىڭغا بۇيرۇماق دەركار.
بوشالغۇچى بولسا ھىق تۇتۇش ئەگەر،
داۋالاشتىن كەچكىن،بەرمىگىن ئازار.

جىگەر ئىششىش
جىگەرنىڭ ئىششىشىغا سەۋەپ بولسا قان،
قان ئالسا ئاندىن نەپ يېتەر بىگۇمان.
باشقا خىلىت سەۋەبى بولسا،سۈرگىدىن،
ئىچكىن تەندىن كېسەل قوغلىنار شۇ ئان.

جىگەر زەئىپلىگى
جاندىن سەبرىڭ ئالسا جىگەر زەئىپى،
زىرىق شەربىتىدىن تېپىلۇر نەفى.
توخۇ گۈشى،مىغىز ،يەنە ئاناردىن،
يېسەڭ ھاسىل بولار بۇ ئىللەت دەفئى.

ھەزىمنىڭ بۇزۇلۇشى
ھەزىم بۇزۇلۇشتىن يۈز بەرسە زەخمەت،
بۇيرۇغىن سەپەر قىلىپ چەكسۇن رىيازەت.
جىگەر زەئىپلىكى بولسا سەۋەبى،
قۇۋۋەت بەرگۈچىدىن يېسۇن ھەر ۋاقىت.

ئىسىتقا (سېرىق سۇ كىسەللىگى)
ھەر كىمدە ئىسسىتقا ئىللىتى ئاشسا،
سۇ ئىچمەي تۆگىنىڭ سۈتىدىن يۇتسا.
مۇيەسسەر بولمىسا داۋا ئۈچۈن بۇ،
بولىدۇ تۈگىلەر ئىچىدە ياتسا.

سېرق كىسەللىگى
سېرىق بولۇپ سەبرى كەتسە ھەر بىر ئەر،
مۇۋاپىق يۇسۇندا قەيگە سۈرگى بەر.
توخۇ گۆشى ،نۇقۇت ۋە يەنە قېتىق،
ھەمدە ئانار سۈيىن توختاتماستىن بەر.

تال ئىششىقى
تال ئىششىقىغا گىرىپتار بولسىڭىز،
قابىز نەرسىلەردىن ئەيلەڭىز پەرھىز.
كابول كۇچۇلىسى ئىچىڭ،سىركەنجىۋىل بىلەن،
تەن دۇرۇسىتلۇق پەيزى ھاسىل بولار تىز.

ئىچ سۈرۈش تەدبىرى
ئىچ سۈرگەندە دورىغا بولساڭ گەر مۇھتاج،
سوغۇق يەلدىن قاچقىن،بۇ ياخشى ئىلاج.
سوغۇق سوغا چۈشمە ،سەۋەبى تېنىڭ،
ساقلىق تىپىپ ،سىھەت باشقا بولسا تاج.

ئۈچەي يارىسى
ئۈچەي يارىسىدىن ،ئەي يۈرىكى داغ،
كۈنلىرىڭ تۈن بولسا مىسالىكى داغ.
كېسەل تۈنى كېتەر ئەگەر ئەنجىبار،
شىربەتتىن تاپساڭۇ،ياندۇرساڭ چىراغ.

بۇۋاسىر (گېمۇرۇي)
بۇۋاسىر رەنجىدە تەبىبى ھازىق،
تاۋۇز ۋە ئانارنى كۆرىدۇ لايىق.
«سافىن»دىن قان ئالار ،توخۇ ۋە ئۈگرە،
ھەمدە زىرىق سۈيىنى كۆرەر مۇۋاپىق.

بۆرەك تىشى
بۆرەك ئىچىدە ئەگەر مەۋجۈت بولسا تاش،
نەيزىدەك سانجىلسا ،قالمىسا بەرداش.
ئوغرى تىكەن سۈيىنى تەك كۈلى بىلەن،
باھاردا ئىچىلسا ساقلىققا يولداش.

بۆرەك ئىششىقى
بۆرەك ئىششىسا ئەسلا تارتمىغىن تەشۋىش،
ئىدرەك ئەھلى تۇتقان كەبى تۇتقىن ئىش.
ماددىسى قان بولسا ياكى باشقا خىلىت،
بەدەندىن قوغلىبان لازىم پاك قىلىش.

دوۋساق تېشى
ئەھۋالىڭ قىينىسا دوۋساقتا سەنگى،
جېنىڭغا غەم يېتەر يېڭىدىن -يېڭى.
بۇ دەرتنى داۋالاش ئۈچۈن تىۋىپقا،
ھەجەرەل ياخۇرنىڭ يوق ئەسلى تېڭى.

دوۋساق قىچىشىش
دوۋساق قىچىشىشى يۈز بەرگەندە غەم،
قوبول قىل سۆزۈمنى جان دەپ سەن بۇ دەم.
تەلىپىڭ داۋادىن ھاسىل بولغۇسى،
ئېشەكنىڭ سۈتىدىن ئىچسەڭ دەممۇ-دەم.

سۈيدۈكنىڭ تامچىلاپ كېلىشى
سۈيدۈك تامچىلاشقا بولساڭ گىرىپتار ،
ئاندىن دىلىڭ بولسا ھەم غەمكىن ،ھەم تار.
داۋا كېرەك بولسا «ئىترىفىل»دىن يەنە،
يادىڭدىن چىقارما بۇ سۈزنى زىنھار.

قىينىلىپ سىيىش
سۈيدۈكى تۇتۇلۇپ ،كىشى بولسا خار،
سوغۇق مىزاج ئاڭا دەلىلدۇر ئاشكار.
ئەرمەن ساداسىدىن سۈيدۈك يولىغا،
قويۇلسا ،ئىچىلىپ سىھەت بولۇر يار.

ئورنىغا سىيىپ قويۇش
ئۇيقۇدا سىيمەكلىك بولسا ئادىتىڭ،
پەرھىز قىل كام بولسۇن يېگەن تامىقىڭ.
سەھەردە بىر دانە ،كەچتە بىر دانە،
«بەرشىشا»يېمەككە بولسۇن ئادىتىڭ.

جىنسى زەئىپلىك
زەئىپلىكتىن بولساڭ دىلخەستە ۋە خار،
جىمائ ئۈچۈن بەختىڭ بولمىسا.
دىلىڭ تاماق تارتسا قوچقاچ مىڭىسى،
كەپتەر تۇخۇمىدىن يېگەيسەن تەكرار.

بەل ئاغرىقى
بەل ئاغرىقىنى پەيدا قىلغاندا بەلغەم،
كېسەلگە سۈرگىنى ئەيلىگىن ھەمدەم.
ئېغىر يۈك كۈتۈرۈپ يۆز بەرگەن بولسا،
گۈل يىغى سۈركىسە نەپ قىلۇر ئول دەم.

ماخاۋ
كىمگە يەتسە ئەگەر ماخاۋ ئىللىتى،
بۇ دەرتتتىن قۇتۇلماق بولسا نىيىتى.
قان كۆپ بولغاندا ،تومۇردىن قان ئال،
ئەپتىمۇن قاينىتىپ بەر،شۇ چارىسى.

تەمرەتكە
ئەي تەمرەتكىدىن ئويغا قالغان زات،
خەستە تەنگە ئىللەت قويغان بولسا ئات.
خەردەلۇ سىركىدىن ئاڭا سۈركىسەڭ،
سىھەتلىك باغىدىن تاپىسەن نىجات.

قوتۇر
قوتۇر زەخمىتىدىن دىلىڭ بولسا تار،
ھاممامغا بېرىشىڭ لازىمدۇر تەكرار.
ساپلىق ماتاسىنى ئىزدە دائىما،
ئەمما قولۇڭنى ئۈز ئىشرەتتىن زىنھار.

ئەزالار قىچىشىش
قايسى ئەزا بولسۇن يۈز بەرسە قىچىشىش،
يېتەر ئاندىن ساڭا تىنىمسىز تەشۋىش.
ھەسەل،شاراپ،ھالۋا،پىستە مەغزىدەك،
سەپرا كەلگۈچىدىن كېرەكتۇر قېچىش.

دانىخورەك
دانىخورەك كىمنىڭ يۈزىنى بۇزار،
خەستە دىلى كېسەل غېمىدىن توزار.
ئىچىنى تازا قىلىپ سىركە ،سىيادان،
سۈركىسە ئىللەتنىڭ يىپىنى ئۈزەر.

كۆپ تەرلەش
كۆپ تەرلەشتىن دائىم چەككۈچى ئەلەم،
يامان بولسا ھالىڭ ئاندىن دەممۇ-دەم.
چىققان تەر ئەگەردە بەدبۇي بولمىسا،
غۇرا سۈيى،سەندەل سۈركە ئاشۇ دەم.

قولتۇق پۇراش
قولتۇقۇڭ پۇرىسا سۈرگى ئىچ دەرھال،
ئالما بىلەن بېھى بەرگىدىن سۇ ئال.
تۇتىيا ،مۇرتەككە قوشۇپ سۈركىگىن،
قۇتۇلۇپ يۈرىكىڭ بولىدۇ خۇشھال.

ئوتتا كۆيۈش
ئوت بىلەن كۆيگەندە قول ياكى ئاياق،
ياكى باشقا ئەزا كۆيۈپ قالغان چاغ.
كافۇر ئېزىپ سىزكە سىلىپ مۇز بىلەن،
سوۋۇتۇپ سۈركىگىن ئاڭا بالدۇرراق.

چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشى
ئەسلىنى ئۆزگەرتسە چاچ بىلەن ساقال،
داۋاغا يىتىشنى كىم قىلسا خىيال.
ھۆللۈكتىن ئۆزگىنى يېمىسە ئەسلا،
ساقىيىپ تېز كۈندە بولىدۇ خوشال.

چاچ يېرىلىش
چاچلىرىڭ يېرىلسا ،بولساڭ خەستە ھال،
سۆز ئېيتاي ئاڭلاشنى ئەيلسەڭ خىيال.
سېمىز ئوت شىرنىسى ياخشى داۋادۇر،
مەستىكى بىلەن قوشۇپ سۈركىسەڭ دەرھال.

زىيادە سېمىزلىك
زىيادە سىمىزلىكنىڭ بولسا ئىللىتى،
ئېيتقىنىنى قىلساڭ تۈگەر زەخمىتى.
مۇناسىپ ئەمەس بۇ دەرت ئۈچۈن مەئىشەت،
قەدەھ ئۈچۈن يازغىل«بىزارلىق خىتى».

چايان چېقىش
چايان چېقىۋالسا ،بولساڭ بىخەۋەر،
تېنىڭدىن پۈتۈنلەي ھالاۋەت كېتەر.
قەستىڭ ساقلىق بولسا سامساق بىلەن تۇز،
سۈركىسەڭ مەقسىدىڭ قولۇڭغا تېگەر.

ئەقلىڭ بولسا ئۆزنى يولغا سالارسەن ،
كاتتامۇ -كىچىكمۇ سۆزۈم ئالارسەن.
چايان چاقسا قايسى رەڭدە بولمىسۇن،
كەرەپشىنى يېسەڭ ئۆلۈپ قالارسەن.

ھەرە چېقىش
كىمنى چاقسا ھەرە،بولساڭ رەھنامە،
تۈزەلسۇن دېسەڭ گەر چاققان ھامانە.
ئىسپەغۇل بەر،يەنە ئىسكەنجىۋىل بەر،
سىركە قۇيقاسىدىن كۆيدۈرگىن ئەمما.

غالجىر ئىت چىشلەش
غالجىر ئىت چىشلىسە بەدەننى بەك ئوي،
بۇ دەھشەتتىن باسار سېنى خىيال-ئوي.
سامساق ئەز،تەك كۈلى ھەمدە سىركىنى،
ئۆزئارا قوشقىن -دە،ئاشۇ جايغا قوي.

زەھەرلەر داۋاسى
زەھەر ئىچىپ جېنىڭ بولغاندا بىھال،
غەم ئاستىدا تېنىڭ بولۇر پايمال.
قۇتقۇزۇشقا تېۋىپ ئۈچۈن كۇپايە،
مۇھەللەستىن ئەگەر بەرسەم بىر مىسقال.



مەنبە: يور دۇنياسى
بىلسەم يازىمەن، بىلمىسەم سورايمەن

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
66
تىللا
71
شۆھرەت
86
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 17:07:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ؟ قالتىس شېئىركەن بۇ..............
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-9 06:29 , Processed in 0.133146 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش