- توردا
- 4350 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-13
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 30074
- تىللا
- 21589
- MSN
- intil.biz@hotmail.com
- تۆھپە
- 17292
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 106867
- ئالبوم
- 2
- بلوگ
- 86
- خاتىرە
- 14
- يازما
- 7818
- تېما
- 1216
- نادىر
- 4
- ھەمبەھر
- 31
- UID
- 10
- تۆھپە
- 17292
- تىللا
- 21589
- شۆھرەت
- 30074
|
ozhal
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان سەنئىتىدىكى يىگانە پىشىۋا . چالغۇچىلارنىڭ ئۈستازى دەپ تەرىپىلەنگەن غىجەك پىرى . ۋە خەلقىمىزنىڭ قەلبىنى زىلىزىلىگە سالغان « قەدىردان ئاتام » « تەكىلىماكاندىكى چۈش » « مۇھتاج قىلمىغىن » « ھىكىم ھەسەنگە مەرسىيە » قاتارلىق ۋەكىللىك ناخشىلىرى ۋە غىجەك بىلەن ئۇنتۇلماس كۈيلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلىقنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان . 12 مۇقامنىڭ موزىكىسىنى ئورۇنلاش جەھەتتە مىسىلسىز تەسىرگە ئىگە دۇنياۋى سەۋىيىگە ئىگە سەنئەت ئۇستازى كومپازىتۇر ئەكرەم ئۆمەر (غىجەك) 2012- 6 ئاينىڭ 2- كۇنى سەھەردە بىيجىڭدا 48 يىشىدا تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى .
~~~~~~~~~~~~~
قوشۇمچە: ئەكرەم ئۆمەرنىڭ‹‹باھاردىكى غېجەك ساداسى››مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
2009- 01- 12 17:07 شىنجاڭ گېزىتى
شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك مۇزىكانتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى ئەكرەم ئۆمەرنىڭ يالغۇز كىشىلىك مۇزىكا كېچىلىكى ‹‹باھاردىكى غېجەك ساداسى›› 2 – يانۋار كەچتە شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئەكرەم ئۆمەر 1963 – يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ زەمىن يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1978 – يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتىپىنىڭ غېجەك كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان. 1998 – يىلى شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كەلگەن. ئەكرەم ئۆمەر 30 يىللىق سەنئەت ھاياتىدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاپتونوم رايون، مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مىللىي مۇزىكا مۇسابىقىلىرى ۋە سەنئەت كۆرەكلىرىدە كۆپ قېتىم 1 – دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ‹‹قەدىردان ئاتام››، ‹‹ياتلاشماڭلار ئۇرۇغ – تۇغقانلار››، ‹‹ئاماننىسا››، ‹‹ئايەم خاسىيىتى››، ‹‹توي ئوينايمىز ئاي شارىدا››، ‹‹تەكلىماكاندىكى چۈش›› قاتارلىق مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغان. ئۇ ئىجاد قىلغان مۇزىكا ئەسەرلىرىدىن، ‹‹قەدىردان ئاتام››، ‹‹بەختىيار زامان›› ۋە ‹‹ئۇزۇن چاچلىق قىز›› قاتارلىقلار ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرەكلىرىدە 1 –، 2 – دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆزى 2007 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر كەسپىي پەن – تېخنىكا خادىمى›› (3 – دەرىجە)، 2008 – يىلى ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان ‹‹مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس›› بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى ئۇيۇشتۇرغان بۇ كېچىلىكتە، ئەكرەم ئۆمەر 30 يىللىق سەنئەت ھاياتىدا توپلىغان ئەڭ نادىر مۇزىكىلىرىنى غېجەك بىلەن ئاجايىپ يۇقىرى ماھارەتتە ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ ‹‹كۈيسۆيەر›› ئوركېستىرى، شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى ئوركېستىرى، ‹‹سابا›› ئانسامبىلى مۇزىكا ئەترىتى ئۇ ئورۇندىغان مۇزىكىلارغا تەڭكەش بولدى. كېچىلىكتە يەنە دىلنار ئابدۇللا، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، چىمەنگۈل قادىر، مەمەتئىمىن ئەمەت، غالىپجان غوپۇر، گۆھەر ھوشۇر قاتارلىق ناخشىچىلار ئېيىتقان ناخشىلار ‹‹خەلق›› سارىيىنى زىلزىلىگە سالدى. ھاياجانلانغان تاماشىبىنلار ھەر نومۇر ئارىلىقىدا سەھنىگە چىقىپ، ئەكرەم ئۆمەر بۇ تالانتلىق مۇزىكانتقا گۈلدەستىلەرنى تۇتتى، تون كىيدۈردى، سوۋغىلارنى تەقدىم قىلدى.
مەنبە http://www.xjtsnews.com/normal/c ... /content_143583.htm |
|