- توردا
- 4336 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-8
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 30012
- تىللا
- 21532
- MSN
- intil.biz@hotmail.com
- تۆھپە
- 17236
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 106614
- ئالبوم
- 2
- بلوگ
- 86
- خاتىرە
- 14
- يازما
- 7802
- تېما
- 1216
- نادىر
- 4
- ھەمبەھر
- 31
- UID
- 10
- تۆھپە
- 17236
- تىللا
- 21532
- شۆھرەت
- 30012
|
توردىن تاپقان جاۋاپلار
چايان چاققاندا ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش، زۆرۈر بولسا زەھەر قايتۇرىدىغان دورا-ئۇكۇللارنى ئىشلىتىپ تەننىڭ ساق-سالامەتلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.ئەگەر تۇرۇۋاتقان ئۆيىڭىز چايان كۆپرەك چىقىدىغان يەردە بولسا مۇشۇ زەھەرلىك ھاشاراتلارنىڭ چېقىپ زەھەرلەپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلارنى ئۆيىڭىزدە زاپاس ساقلاپ قويۇش تەكلىۋىنى بېرىمىز. ئەگەر دوختۇرخانىغا يىراق تاغلىق رايۇن ياكى چەترەك يېزىلاردا بولسا ھېچ ئىلاج قىلالماي زەھەرلىنىپ ئويلىمىغان خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوشۇمچە يەرلىك ئۇسۇللاردىن بىر قانچىنى توردىن ئىزدەپ تەرجىمە قىلىپ ياكى مەزمۇنىنى رەتلەپ قويدۇم. تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۈنۈملۈك تەجىرىبىلىرى، يەرلىك رېتسىپلار بولسا يەنە داۋاملىق ئورتاقلاشساق. ئۇيغۇر تېبابىتىدە چايان چاققاندا كەرەپشە(چىڭسەي)يېيىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپتۇ. بۇ ھۆكۈمنىڭ قانچىلىك ئىلمىيلىكى بارلىقىدىن خەۋرىم يوق ئەمما ھەركىم بولسا ساق سالامەت بولغاي دەپ ھەر ئېھتىمالغا قارشى پايدىلانسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم.
1.ئەگەر چايان چېقىۋالسا دەرھال شۇ چايان چاققان تەرەپنىڭ يۈرەككە يېقىن قىسمىدىكى پۇت ياكى قولنىڭ بېغىشىنى ياكى پاقالچاق دېگەندەك قىسىملىرىنى يىپ بىلەن چىڭ باغلاپ قويۇش ، ئاندىن لوڭقا قويۇش ياكى سۈت تارتقۇچ( تۇغۇتلۇق ئاياللار ئىشلىتىدىغان سۈت سۈمۈرگۈچ ئەينەك شىپىرىس)تا چايان زەھىرىنى تارتىپ چىقىرىۋېتىش ئاندىن سوپۇن سۈيىدە يۇيۇپ بېرىش، ئارقىدىن 5%لىك سۇدا سۈيى ئېرىتمىسىدە شۇ چاققان جاينى يۆل قىلىش، ھەرگىزمۇ يود ياكى ھاراققا ئوخشاش غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە سۇيۇقلۇقلارنى سۈرمەسلىك كېرەك.
2.يەرلىك ئۇسۇلدىن بىرسى توڭ ئۈزۈمنى (كۈزدە پىشىدىغان تېخى تولۇق چېكىلمىگەن توڭ ئۈزۈم) سىقىپ سۈيىنى بىرەر ئەينەك بوتۇلكىغا ئېلىپ، ئاغزىنى ھىم ئېتىپ سالقىن يەردە ئېلىپ قويۇڭ. ئاندىن شۇنى چايان چاققان يەرگە سۈرتسىڭىزمۇ ھەم بىر نەچچە قۇشۇق ئىچسىڭىزمۇ زەھەر قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش رولى بار.
3.سۇدا سۈيىنى ياكى توغرىغى سۈيى بىلەن چايان چاققان يەرنى يۇيۇپ بېرىڭ ياكى چىلاڭ.
4. پاقا يۇپۇرمىقىدىن بىر تۇتام، سېمىز ئوتتىن بىر تۇتام، يالپۇزدىن بىر تۇتام ئېلىپ( ھەممىسىڭ يۆل، يېڭى ۋاقتى بولسۇن) ئۇششاق چاناپ چايان چاققان يەرگە تېڭىپ قويسا، ياكى مامكاپنى چاناپ قويسىمۇ بولىدۇ.
5.تۇز بىلەن سامساقنى ئۇششاق چاناپ ئارىلاشتۇرۇپ چايان چاققان يەرگە چېپىش كېرەك
~~~~~~~~~~~~~
1. چايان چېقىۋالغان يەرگە سۆگەت گۈلىنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى سوقۇپ تېڭىپ بېرىش. (بۇ خىل ئۇسۇلنى خوشنىمىز دەپ بەرگەن، ئەمما ماڭا ئۈنۈم قىلمىدى)
2. چايان چېقىۋالغان يەرگە دەرھال چىش پاستىسى سۈركەش. (بۇ ئۇسۇل سىناقتىن ئۆتكەن. بۇنى كىم دەپ بەرگىنى ئېسىمدە يوق. ئەمما راست ئۈنۈمى بولغان)
3. چايان چېقىۋالغان يەرگە دەرھال ۋەلسىپىتنىڭ ئىچ كامىرىنى(ئىچ دەي) تېشىلىپ قالسا يەملەيدىغان كېلى(رېزىنكە شېلىمى) دەيدىغان نەرسىنى سۈركەش.(بۇنى خوشنىمىز دەپ بەرگەن. شەخسەن ئۆزۈم سىناپ ئۈنۈمىنى كۆرگەن. ئاغرىقنى بەش مىنۇت ئىچىدە توختاتقان ئىدى)
~~~~~~~~~~~~~~~
|
|