ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 470|ئىنكاس: 7

راي: IT نى ئىشلىتىش بىزگە ماس كىلەمدۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كونا ئەزا

سەزگۈر بالا

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
964
تىللا
1215
شۆھرەت
2735

تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-23 15:41:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كۆپ قىسىم  تورداشلارغا مەلۇم بولىشى مۇمكىن.  IT دېگەن گەپ ئۇچۇر- تېخنىكا ساھەسىگە قارىتىلغان « ئۇچۇر- تېخنىكا » يەنى信息技术 -  Information Technology  نىڭ قىسقارتىلمىسى. ئەپسۇسكى بۇنى كۆپ قىسىم ئادەم « ئىت » دەپ ئوقۇيدۇ.
مەسىلەن : « ئۇيغۇر IT » دەپ يازىدىغانلارمۇ باركەن.
مەن بۇ ئاتالغۇ بىزنىڭ سۆز ئىشلىتىش ئادىتىمىزگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ شۇڭا بۇنى ئىشلەتمەيلى باشقا سۆز قوللىنايلى دەپ قارايمەن.
بىر قىسىم تورداشلار بۇنىڭغا قارىتا  «ئىلمىي ئاتالغۇ تۇرسا نېمىشقا ئىشلەتمەيمىز؟ بىلمىگەنلەر بىلىشى كېرەك» دەپ قارايدىكەن.  
مەن شۇڭا بۇ راي سىناشنى يوللىدىم. راي سىناشقىلا قاتناشسىڭىزمۇ ۋە ياكى كۆز قارىشىڭىزنى يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
(تاق تاللاش)سايلام , قاتناشقانلار

بېلەت تاشلاش ئاياغلاشتى

66.67% (2)
33.33% (1)
0.00% (0)
بۇ بېلەتلىك تېما ئاللىبۇرۇن تاقىۋېتىلگەن ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ، بېلەت تاشلىيالمايسىز
Nida 实名认证 

باشقۇرغۇچى

نىدا ئىشخانىسى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1296
تىللا
5207
شۆھرەت
2816

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-25 02:06:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق بولسا بىزمۇ ئۇيغۇرچە «ئۇچۇر-تېخنىكىسى»دېگەننى قىسقارتىپ خۇددى «ئېلېكترونلۇق خەت»نى «ئېلخەت» دېگەندەك بۇنىمۇ «ئۇچتېخ» ياكى «ئۇ.ت» دېسەك بولغۇدەكقۇ؟ (ئاۋۇ يەردە چېكىت بار جۇمۇ، «ئۇت» ئەمەس.)
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17276
تىللا
21575
شۆھرەت
30052

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-25 02:10:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچىدا قىسقارتىلغان سۆز ئارىسىغا چېكىت قويۇلمايتتى سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىكى خەتتىن قارىغاندا زىددىيەتلىك بولۇپ قالىدىغان ئىشمۇ باركەن.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
Nida 实名认证 

باشقۇرغۇچى

نىدا ئىشخانىسى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1296
تىللا
5207
شۆھرەت
2816

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-25 11:07:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ل.مۇتەللىپنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ۋ.ئى.لېنىننىچۇ؟ بۇلار ج ك پ، ج خ ئىدارىسى دېگەنلەر بىلەن پەرقلىقمىكىن.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17276
تىللا
21575
شۆھرەت
30052

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-25 11:38:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Nida نىڭ تېمىسى
ج ك پ ، ج خ ، ك گ پ، ئا ق ش  ...
بۇلاردا ھەربىر قىسقارتىلغان سۆزنىڭ ئارىسىدا بىر بوش ئورۇن بار.
ئادەم ئىسىملىرىغا چېكىت قويۇلامدۇ- يوق بۇ ھەقتە ماتىرىيال كۆرۈپ باقىلى.

   

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
945
تىللا
882
شۆھرەت
1236

شەرەپ ئاكتىپ سالاپەت پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-26 00:34:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇنى ئايتى  دەپ ئالايلى. يەنى ئۇيغۇر ئايتى ساھەسىدە دىگەندەك.
يەنە بىر كاندىدات پىكىر:
ئۇچتېخ دىسەك بولماسمىكىن،بۇنى ئۇچۇش تېخنىكىسى دەپ ماڭا ئوخشاش تەتۈر ئويلايدىغانلارنىمۇ چىقىپ قالمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ. ئۇ-ت ،ئۇ.ت،ئۇ ت دىگەنلەردىن بىرەرىنى تاللىساقمۇ بولۇدۇ.
ناۋادا سەل ئېنىقراق قىلىمىز دىسەك ئۇچۇرتېخ  دەپ ئالساق قانداقكىن؟؟؟؟؟؟؟؟ياكى ئۇتېخ دىسەكچۇ؟
ئىشقىلىپ بۇمۇ بىر ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ئاتالغۇكەن.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
945
تىللا
882
شۆھرەت
1236

شەرەپ ئاكتىپ سالاپەت پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-26 01:21:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ مۇشۇ ئېلخەت دىگەنگە ئازراق پىكرىم بار....دىسەم بولارمۇ؟\
مېنىڭچە بۇنىڭ توغرىسى تورخەت بولۇشى كېرەك.بۇ خەتنى تور بولمىسا كۆرگىلى بولمايدۇ...
لېكىن ئېلخەت دىگەننىڭ دائىرىسى بەك كەڭرى بولۇپ قالامدىكىن. ئۇ يالغۇز تورخەت نىلا ئەمەس ،بارلىق ئېلېكترونلۇق نەشىردىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،ئۇ تور بولۇش بولماسلىقى بىلەن كارى يوق،لېكىن بىز دەۋەتقان خەتنى پەقەتلا توردىلا يازغىلى،كۆرگىلى،ئەۋەتكىلى بولۇدۇ،شۇڭا بۇ يەردىكى ئەجەللىك سۆز توربولۇدۇ،.شۇڭا تكۋەندىكىدەك پىكرىم بار....
مەنا جەھەتتىن:
ئېلخەت بەك كەڭرى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تورخەت بولسا دەل مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ.
  سۆز تۈزۈلىشى جەھەتتىن:
ئېلخەت ‹-ئېلېكترونلۇق+خەت   دىن تۈزۈلگەن. يەنى بىرىنجى سۆزنىڭ بىرىنجى بوغۇمىنى ئېلىپ ،ئىككىنجى سۆزنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ ياسالغان.
ئادەتتە قائىدىسى مۇنداق بولۇدىغۇ دەيمەن
مەسىلەن: ئەين +ئەك(ئەت(قىلىش،ئېتىش مەنىسىدىكى سۆز،مەسىلەن تاماق ئەت،دەرىزەنى ئەت دىگەندىكى)بولۇشىمۇ مۈمكىن) =ئەينەك. ئەينەك دىگىنىمىز ئۆز ئەينى كۆرسىتىدىغان،ياكى ئۆز ئەينى كۆرىدىغان نەرسىغۇ.ناۋادا ئەينەت بولغان  بولسا ئەينەن قىلىپ بەر دىگەن مەنىسى تېخىمۇ ئېنىق چىقارتى.
تورخەت=تور+خەت  بولۇپ ئىككى دانە تۈپ سۆزنىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسالغان.
مەسىلەن: مۈشۈك+ئېيىق=مۈشۈكئېيىق. ھەرە+قۇش=ھەرەقۇش.ئاپتاپ+پەرەس=ئاپتاپپەرەس.گال+ئاستۇق=گالاستۇق ،يەنى گالغا ئاستۇق.جاي+ناماز=جايناماز،يەنى ناماز ئۇقۇيدىغان يەر ،جاي مەنىسىدە. دىگەندەكلەر..بۇ خىلدىكى ئۇسۇلدا ياسالغان سۆزلەر تىلىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ،ھەم قوللۇنىلىشى بىرقەدەر كەڭرى بولغان ئۇسۇلدۇر.
سۆزلەرنىڭ تەۋەلىكىدىن قارىغاندا:
ئېلېكترونلۇق چەتتىن كىرگەن سۆز،  خەت بىزچە سۆز.
تور ۋە خەت ئىككىلىسىلا بىزچە سۆز.
بۇ جەھەتتىن سېلىشتۇرساق،ئېلخەت چەتتىن كىرگەن سۆز بىلەن ئۆز سۆزىمىزنىڭ بىرىكمىسى.يەنى قوش تىل تەۋەلىككىگە ئىگە سۆز.
تورخەت  بولسا ئۆز سۆزلىرىمىزدىن تۈزۈلگەن.
خۇلاسە:
ساپلىق دەرىجىسى : تورخەت 100% ، ئېلخەت 50%
مەنا ئېنىقلىق دەرىجىسى : تورخەت 100%، ئېلخەت 50%
سۆز ياسىلىش ئۇسلوبىنىڭ  دەرىجىسى:تورخەت 100%،ئېلخەت50%
يەنە بىر ئەسكەرتىش ئەل سۆزنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ ئېل بولۇدۇ. مەسىلەن : ئەل ،ئېلىمىز،ئېلى ......بۇلار بىلەن ئېل (ئېلېكترون نىڭ باش بوغۇمى)ئوتتۇرىسىدا  مەنا جەھەتتىن ئىختىلاپ بولۇپ قالامدۇ قانداق؟؟؟؟؟
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17276
تىللا
21575
شۆھرەت
30052

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-26 14:57:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Nida نىڭ تېمىسى
بۈگۈن مەكتەپتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سوراپ بىلگىنىم:
ئۇيغۇرچىدا قىسقارتىلغان سۆز ئارىسىغا تىنىش بەلگۈسى قويۇلمايدىكەن. ئادەم ئىسىملىرى بولسا سىز يازغاندەك چېكىت بىلەن ئايرىلىدىكەن.

ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-12 06:38 , Processed in 0.141424 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش