ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 205|ئىنكاس: 1

سالامەتلىككە زىيانلىق بولغان 9خىل ئۇخلاش ئادىتى[تەرجىمە] [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
520
تىللا
293
شۆھرەت
734
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 17:52:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سالامەتلىككە زىيانلىق بولغان 9خىل ئۇخلاش ئادىتى
تەرجىمە قىلغۇچى  abida

   1. ياستۇق ھەددىدىن زىيادە ئېگىز بولۇش


   فىزئولوگىيىلىك نۇقتىنەزەردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياستۇق 8 ‏-‏‏-12 سانتىمېتىرغىچە ئارىلىقتا بولسا مۇۋاپىق. بەك پاكار بولۇپ قالسىمۇ ئوڭايلا "بويۇنغا يەل تۈرۈپ قالىدۇ ياكى مىڭىگە ئېقىپ بارىدىغان قان ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىپ، ئىككىنچى كۈنى باش قىززىش، قاپاق ئىششىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نەپەس يوللىرىنىڭ راۋانلىقىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ئوڭايلا خورەك تارتىدىغان قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇزۇن مۇددەت ياستۇقنى ئېگىز قويۇپ ئۇخلىغاندا بويۇن قىسمى نورماللىقىغا تەسىرى بولۇشى ياكى دوك بولۇپ قېلىش مۇمكىن.

   2. قولىنى ياستۇقنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئۇخلاش
   ئۇخلىغاندا ئىككى قولنى ياستۇقنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئۇخلىغاندا، قان ئايلىنىشقا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ئىككى قول ئۇيۇشۇش، كۆيۈشۈپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت، يەنە قورساق ئىچى بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى "قايتما ئېقىملىق قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى" نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئۇخلىغاندا ئىككى قولنى ياستۇق ئاستىغا قويۇپ ئۇخلىماسلىق كېرەك.

   3. يوتقان بىلەن بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلاش

   

   يوتقان بىلەن بېشىنى چۈمكىۋالغاندا، ئوڭايلا نەپەسلىنىش قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇنىڭ بىرگە نەپەسلەنگەندە ئۆزى چىقارغان كاربون تۆت ئوكسىدنى سۈمۈرىۋالىدۇ، بۇنداق بولغاندا سالامەتلىككە ئېغىر زىيانلىق. بوۋاقلاردا بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتى كۆرۈلسە تېخىمۇ بولمايدۇ، بولمىسا تۇنجۇقۇپ قېلىش خەتىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

   4. ئاغزىنى ئېچىپ نەپەسلىنىش
   ئاغزىنى يۇمۇپ ئۇخلاش بولسا ھاياتىي كۈچنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسسۇل، ئېغىزنى ئېچىپ ئۇخلىغاندا چاڭ-توزاننى سۈمۈرىۋېلىپلا قالماستىن يەنە كاناي، ئۆپكە ۋە قوۋرۇغىنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىتىشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى بۇرۇن بىلەن نەپەسلەنگەن ياخشى، بۇرۇن ئىچىدىكى تۈكچىلەر بىر قىسىم چاڭ-توزانلارنى توسۇپ قالالايدۇ، بۇرۇن بوشلۇقى سۈمۈرۈلۈپ كىرگەن ھاۋا ئېقىمىنى ئىللىتىپ بېرىدۇ، بۇ سالامەتلىككە پايدىلىق.

   5. شامال بار تەرەپكە يۈزلىنىپ ئۇخلاش
   ئادەم ئۇخلىغان ۋاقىتتا، بەدەننىڭ مۇھىت ئۆزگىرىشىگە بولغان ماسلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئوڭايلا شامالداپ ئاغرىپ قالىدۇ. قەدىمكىلەر شامال تۈرلۈك كېسەللەرنىڭ ئانىسى دەپ قارىغان. شۇڭا ئۇخلايدىغان جاي چوقۇم شامال ئېغىزىدىن يىراق بولۇشى، كارىۋات بىلەن دېرىزە ۋە ئىشىكنىڭ ئارىلىقى يىراقراق بولۇشى كېرەك.

   6. ئولتۇرۇپ ئۇخلاش

   

   بىر قىسىم كىشىلەر تاماق يەپ بولۇپ، سافاغا يۆلىنىپ، چاي دەملەپ ئىچكەچ تېلېۋېزور كۆرۈۋېتىپلا ئۇخلاپ قالىدۇ، مۇشۇنىڭ ئۆزى ئىككىنچى چوڭ يوشۇرۇن ئاپەت! چۈنكى ئولتۇرۇپ ئۇخلىغاندا يۈرەك رېتىمى ئاستىلاپ، قان تومۇرلار كېڭىيىپ، ھەر قايسى ئەزالارغا ئېقىپ بارىدىغان قان ئازلاپ كېتىدۇ، يەنە كېلىپ ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىمۇ قان بىلەن تەمىنلەشكە ئېھتىياجلىق بولغاچقا، مىڭىگە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكنى كۈچەيتىپ، باش قېيىش، قۇلاق غوڭۇلداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  7. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئاچچىقلىنىش
  ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چېچىلغاندا، يۈرەك سوقۇش ۋە نەپەسلىنىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇخلىيالماسلىق كېلىپ چىقىدۇ.

   8. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بەك تويۇنۇپ تاماق يېيىش


   ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بەك كۆپ تاماق يەۋەلغاندا، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش بېسىمى ئارتىپ، يېمەكلىك بىلەن لىق تولغان ئاشقازان چوڭ مىڭىنى غىدىقلايدۇ. مىڭىنىڭ غىدىقلىنىشى بىلەن ئادەم ئۇيقۇغا تېز كىرىشەلمەيدۇ .

   9. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چاي ئىچىش
   چاي يوپۇرمىقىدا كوففىئېن قاتارلىق مېنرال تەركىبلەر بار بولۇپ، بۇ خىل تەركىب مەركىزى نېرۋىنى غىدىقلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇخلىيالماسلىق كېلىپ چىقىدۇ.
      

     مەنبە: شىنخۇا تورى

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
202
تىللا
533
شۆھرەت
477
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 01:37:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇقۇملاركەن ،يەنىمۇ دىققەت قىلمىساق  بولماپتۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-9 06:27 , Processed in 0.219059 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش