ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 394|ئىنكاس: 0

[iPhone] (خوش خەۋەر) كاراok خالىغان جايدا ئىيتالايسىز. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

jesur   [ئىشەنچلىك ئەزا] 

باشقۇرغۇچى

ئالاھىدە خادىم

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1582
تىللا
1094
شۆھرەت
3429

تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 15:19:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئەزالار ؛
مەزكۇر تىما ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىغا يوللانغان ، سەيناغا پەقەت مەزمۇنىلا يوللاندى . چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ئەسلى تىمىدىن كۆرۈڭ .

ئەسلى تىما ئادرىسى : http://www.xjmac.com/mac/forum.p ... &extra=#pid4770


مەن يىقىندىن بىرى ئايفۇندا karaok  ئىيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا نۇرغۇن ئىزدەندىم . شۇ سەۋەپلىك ئۇيغۇرچە قۇلۇپلۇق ئىكران ئۇسلۇبىنىڭ داۋامى توختاپ قالدى .

ئاخىرى بۇ ئىشنىڭمۇ ئاخىرى چىقتى . مەن ھەممىڭلارغا خۇشاللىق بىلەن شۇنى ئىيتىمەنكى : ئايفۇندا karaok  ئىيتىشقا تامامەن بولىدۇ .
بۇ تىمىنىڭ كۆرۈش ھوقۇقىنى ساتمايمەن . ئەمما تىمىدىكى مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈشلەرنى ئەزالارنىڭلا كۆرەلىشى ئۈچۈن ،پەقەت 5تەڭگىدىن ساتىمەن . بۆلۇپ پىرىسلىغانلىرىنى بولسا پەقەت بىرتەڭگىدىن ساتىمەن . بۇنىڭغا قايىل بولمىساڭلار بولماس . (چۈنكى بەزى نۇمۇسسىز كۆچۈرمىكەشلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تامغىسىز تىمىلارنى كۆچۈرۈشكە شۈنچىلىك خۇشتار بوپ قاپتۇ . بۇلارنىڭ ئاسانلا بۇ يازمىنى باشقا تور بىكەتلەرگە يوللىماسلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرمەن).

مەن ھازېر ئۆزۈم سىناپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن ئەپلىرىمنى سىلەرگە تۇنۇشتۇرىمەن .

1- Kar sing (تولۇق ئىسمىنى چۈشۈرگەندىن كىيىن بىلەلەيسىز)   بولۇپ بۇ ئارقىلىق سىزنىڭ ipod قويغۇچىڭىز ئىچىدىكى تەييار بەنزۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ساپ ئاۋازىڭىزدا ناخشا ئىيتىپ ، بىرلىكتە ئاۋاز ئىلىش مەخسىدىگە يىتەلەيسىز . بۇ ئەپ ھەقسىز . سىغىمى 2 مىگابايتتىن ئارتۇق . بۇ ئەپنى قاچىلاپ ئۆزىمىزنىڭ مىللىچە ئۇسلۇپتىكى ناخشىلىرىمىزنى بىمالال ئىيتالايسىز . (ئەپنىڭ تولۇق ئىسمىنى چۈشۈرگەندىن كىيىن بىلەلەيسىز ، بولمىسا ھەممىلا كىشى چۈشۈرمەي تۇرۇپ بىلىۋالىدۇ .ھەتتا ئەزا بولمىغانلارمۇ شۇنداق .)
ئەمسە چۈشۈرۈڭ -

سىزگە بەنزۇ كىرەك بولسا ئۇدۇن karaok قانىلىغا كىرىڭ .


2- son  (تولۇق ئىسمىنى چۈشۈرگەندىن كىيىن بىلەلەيسىز) بولۇپ ، بۇنىڭ ھازېر چىققان نەشرىدە پەقەت بىرخىل مۇزىكا ھەقسىز تەمىنلەنگەن بولۇپ ، باشقا مۇزىكىلارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن جەمىئي  48 دوللار كىتىدۇ . بۇ ئەپنىڭ يامان يىرى شۇكى ، ئاۋازىڭىزنى قانداقلا چىقىرىڭ . ئەپ ئۆزىدە بار بولغان ئىقتىدار بىلەن ئاۋازىڭىزنى ھەرخىل چىقىرىپ بىرىدۇ  قايتارمىلىرىنى ئۆزى تەڭشەپ ئىيتىدۇ يەنە ئاۋاز دىگەننى كارامەت چىقىرىدۇ مەسىلەن رەپ ئىيتقان ۋاقىتتىكىدەك،ھەم ھەرخىل ئۈنۈمنى مەخسۇس ئۈن ئىلىش زالىدا ئالغاندەك ...... ۋەھاكازالار .

بۇنىڭ كىيىن سىتۋالدىغان مۇزىكىلىرىڭىز ئارسىدا ، بوللىۋود ناخشا ئۇسلۇبى ، رەپ ئۇسلۇبى ، hip-hop ئۇسلۇبى ........ ھەتتا ئاتنۇشكامۇ بار .
بۇ ئەپنى قاچىلىغاندىن كىيىن پۇلىڭىز بولمىسا باشتىن ئاخىرى پەقەت بىرلا مۇزىكىغا ناخشا ئىيتىپ ئولتۇرارسىزمۇ ؟ 48 دوللار دىگەن خەلىق پۇلدا 300 كوي ئەتراپىدا بولىدۇ . قانداق قىلىش كىرەك .
-ئامال يوق .
- راستىنلا ئامال يوقما ؟
- قورقماڭ ، يەنە شۇ ئۇستازلار ئامال قىلىپ قويغان بۇنىڭغا .....
مۇشۇ كۇلۇپتا ھەم ئىنتىل سەيناسىدا ئالمىنىڭ ھەقلىق ئىقتىدارىنى ھەقسىز ئىشلىتىش ناملىق مەن يوللىغان ، پاسىبان كۇلۇبىدىن ئىلىنغان بىر يازما بار . شۇ يازمنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقسىڭىزلا 300 كوي ئەمەس 3 تىيىن كەتمەيدۇ .......
قىنى ئەمسە سىزگە ئامەت تىلەيمەن .
چۈشۈرۈش ئادرىسى :


3- بۇ ئەڭ ياخشى بىرى . ئىسمى ldd (تولۇق ئىسمىنى چۈشۈرگەندىن كىيىن بىلەلەيسىز) بۇ ئەپ تىخىمۇ پەيزى ئىچىدىكى 12 خىل مۇزىكا ئارقىلق خالىغان بىر مىللەتنىڭ خالىغان ناخشىسىنى ئىيتالايسىز . ئەڭ يامان تۆت ئىقتىدارى بار .
بىرى ئاۋازىڭىزنى ئاپتۇماتىك سۈزىدۇ .
ئىككىنجىسى ئۇدار قوشۇشقا ،  ئۇدارنى تىز ۋە ئاستا قىلىشقا بولىدۇ .
ئۈچىنجىسى ئىيتقان ناخشىڭىزنىڭ ئاۋازىنى ھەرخىل چىقىرىدۇ ، مەسىلەن: زال ئىچىدە ئىيتقان ئاۋاز ، قوش ئاۋاز دىگەندەك ......... يەنە ناخشىڭىزنىڭ ئارسىغا ئىسقىرتقان ئاۋاز ۋە چاۋاك ئاۋازى قوشقىلىمۇ بولىدۇ .
تۆتىجىسى . ئۆزىڭىزنى بىۋاستە سىنغا ئىلىپ تۇرۇپ ناخشا چولپىنى بولالايسىز .
چۈشۈرۈش ئادرىسى :



4-sing (تولۇق ئىسمىنى چۈشۈرگەندىن كىيىن بىلەلەيسىز) دورىمۇچۇق ئائىلىسىگە تەۋە ھاشى بوۋاي (روژېستوۋا بوۋاي) بولۇپ ، ئىيتقان قىسقا سۆزلۈك ۋە قىسقا جۈملىلىك ناخشىلارنى بەك پەيزى كاراok قىلىپ بىرىدۇ . قايتارما دىگەنلەرنى ئۆزى توغىرلايدۇ ....... ئاساسلىق ئىككى خىل ئۇسلۇبى بار بولۇپ ، خالىغان رەپ تۈسىنى ئالغان شوخ ناخشىلارنى ئىيتىشقا ماس كىلىدۇ . ھەركەتلىرى بەك ئوماق بۇ بوۋاينىڭ ............
چۈشۈرۈش ئادرىسى :


پىرىستىن يىشىش پارولى : www.xjmac.com-jesur
ياخشىلىقنى ئاخىرغىچە قىلمىقىم زۆرۈر . ئەگەر ئىككىنجى ئەپنىڭ ھەقلىق تەڭكەش مۇزىكىلىرىنى پەقەت چۈشۈرەلمىسەڭلار . مەن يوللاپ بىرىمەن . ئەمما بۇنى قاچىلىغىلى بولامدۇ يوق بىلمەيمەن . تەلىپىم شۇكى يەنىلا ئۆزىڭىز قول سىلىپ چۈشۈرۈڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-12 06:31 , Processed in 0.071248 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش