ئۇيغۇر
ئوتتۇرا گۈللۈك باشلانغۇچ مەكتىپى 80 يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلىدى. X- W0 W2 D) G: G$ T
پەيزاۋات ناھىيىسىنىڭ گۈللۈك يېزا ئوتتۇرا گۈللۈك باشلانغۇچ مەكتىپى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى 80 يىللىق قۇتلۇق خاتىرە كۈنىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزدى.خاتىرلەش پائالىيتى دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلاش،مەكتەپنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەسلەش،تۆھپىكار ئۇستاز ۋە مائارىپ سۆيەر ئاتا-ئانىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش،ئەدەبىيات-سەنئەت نۇمۇرلىرىنى ئورۇنلاش، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش بويىچە جانلىق ئېلىپ بېرىلىپ 1500 دىن ئارتۇق ھەر ساھەدىن كەلگەن ئەزىز مېھمان، ئوتتۇرا گۈللۈك ۋە ئاياغ گۈللۈك كەنىتتىن كەلگەن ئاتا- ئانىلار، 176 نەپەر سەبى غۇنچىنىڭ ھاياجىنىنى قوزغىدى. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى مېھمانلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى، بۇ پائالىيەتكە يېزا رەھبەرلىرىدىن گۈللۈك يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى ۋەنجۈن، يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى قۇربانجان سىيىت، يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئابلىكىم قادىر قاتارلىقلار، مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرىدىن ناھيىلىك مائارىپ خىزمەت كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مۇختەر تۇرسۇن، ناھيىلىك سۇ ئىدارىسىدىن ئوتتۇرا گۈللۈك كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن شۈ زوڭمىڭ قاتارلىق يولداشلار قاتناشتى، پەيزاۋات ناھيىلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەمەت راخمان، ناھيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئابدۇۋەلى راخمان، پەيزاۋات ناھيىلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇۋېلى ئابلىمىت، ناھيىلىك دۆلەت زىمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قېيۇم راخمان قاتارلىق ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان، پېنسىيىگە چىققان 200 دىن ئارتۇق كىشى ئانا مەكتىپىگە بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلەپ خاتىرە-بويۇم، لەۋھە تەقدىم قىلدى.ئوقۇتقۇچىللىرىغا ئۆزقولى بىلەن دوپپا كەيگۈزۈپ، شارپا ئارتىپ قويدى.بۇ يىل 6-ئايغىچە گۈللۈك يېزىلىق پارتكۇم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 150 مىڭ يۈەن چىقىرىشى، يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا گۈللۈك كەنت، ئاياغ گۈللۈك كەنت، تىجارەتچى، مېھرىبان ئاتا-ئانىلارنىڭ 100 مىڭ يۈەن بىلەن خالىسانە ئەمگەك كۈچى چىقىرىشى ئارقىلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش،كۆكەرتىش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى شارائىتى ئالاھىدە ياخشىلانغان ئوتتۇرا گۈللۈك باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قۇتلۇق كۈنىدە « ئىتتىپاقلىق- كۈچ»، «مائارىپ-ئالتۇن ئاچقۇچ»، « بىلىم-خورىماس بۇلاق» كۈچلۈك نامايەن بولۇپ 31 مىڭ 200 يۈەن نەق پۇل ياردىمى قوبۇل قىلىندى.
$ O$ ~8 x) ]0 o$ P5 o9 Z. M1 z, _ ئازاتلىقتىن ئىلگىرىكى ئاتۇشتا مەمتېلى ئەپەندى باشچىلىقىدىكى يېڭىچە مائارىپنىڭ تەسىرىدە 1934-يىلى قۇرۇلغان ئوتتۇرا گۈللۈك باشلانغۇچ مەكتىپى 2014-يىلغىچە 1788 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەربىيلەپ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، تۆھپىسى ۋە قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن مائارىپ سېپىدىكى چولپان يۇلتۇزغا ئايلاندى. # ~$ d. c9 t! A1 } X
چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |