ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 409|ئىنكاس: 0

كىنوتۇۋا جۇمھۇرىيىتى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرىئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

44

يازما

606

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
145 سەر
تۆھپە
189 سەر
تىللا
83 دانە
جەۋھەر
0 دانە
3d تۇۋا جۇمھۇرىيىتى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرى 2 f, X6 _% S' ]' _' j
  
$ K4 @+ L" l* J' t# p; F5 z$ l- T' j. a! T; x
9 c1 J0 i- W- j
5 o0 I3 ~3 F0 W3 i8 V
- v( y4 a9 ]+ p* D4 ~6 T$ E
"Tuva Online" ئىنتېرنېت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇۋا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تۇۋانىڭ تېرە-خول كۆلىگە جايلاشقان قەدىمكى ئۇيغۇر "پور-باجىن" قەلئەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ۋە كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قەلئە جايلاشقان جايدىن قىرغاققىچە بولغان ئارىلىقتا 1250 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا كۆۋرۈك سېلىپ، قۇرۇقلۇق بىلەن قەلئە نى تۇتاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.' u! ~' r" \, Z1 p- J4 Q- @, P
"تۇۋا ئونلايىن" ئىنتېرنېت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قەلئەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن چوڭ كۆلەملىك بىر ئارخېئولوگىيە ئەترىتى تەشكىللەپ، ئومۇمىي يۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭغا موسكۋا ۋە تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىملىرى ئىشتىراك قىلىدىكەن. ئۇيغۇر قەلئەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھىسى موسكۋادا مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، سىياسىيونلار، ئالىملار ۋە ساياھەت ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بىردەك ھالدا مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەرىپلەشكەن.
1 o2 t' y$ V# j) ^; Y5 O1 Cقەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسى تۇۋانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تېرە-خول كۆلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كەڭلىكى 211 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 240 مېتىر كېلىدۇ. قەلئە سېپىلى ۋە باشقا خارابىلەر بىراز ياخشى ساقلىنىپ قالغان.3 \! ]/ e! ]! m  w% O; z

  [. Y8 D/ `/ y/ @9 e" a" B# aئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش
" i3 E3 s/ N' ~7 p4 x5 C
4 s. A) `0 N5 d3 S' ~مەزكۇر قەدىمكى ئۇيغۇر شەھەر قەلئەسى تۇنجى قېتىم 1891 –يىلى رۇس مۇزېيشۇناسى دمىترىي كىلېمېنتس تەرىپىدىن تېپىلغان. 19 57-1963-يىللىرى بۇ قەلئە ئۈستىدە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە بۇددا ھەيكەللىرىنىڭ پارچىسى، قاچا-قومۇچ ۋە باشقىلار تېپىلغان. ئالىملار بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن مەزكۇر قەلئەنىڭ بەلكى بۇددا ئىبادەتخانىسى بولغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان.  J  j4 H- c& |
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى مەزكۇر قەلئەنىڭ 8-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر قاغانلىقىغا تەۋە ئىكەنلىكى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى مويۇنچۇر تەرىپىدىن تەخمىنەن 746- 759-يىللىرى ئەتراپىدا قۇرۇلغانلىقىنى، قىرغىزلار بىلەن بولغان ئۇرۇش نەتىجىسىدە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقان.
& V5 t7 o* q: u/ lمەزكۇر قەلئە ئۇزۇن يىللار تەتقىق قىلىنماي قالغان بولۇپ، 2004-يىلى تۇۋا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى 2005-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇۋانىڭ مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانى تۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن 2007-يىلى موسكۋانىڭ تەستىقلىشى بىلەن بۇ يەردە قايتىدىن ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ۋە ئۆلچەش ئېلىپ بېرىپ، قەلئەنى جۈملىدىن قەلئەدىكى ئوردا-ساراي ۋە ئىبادەتخانا ھەم باشقىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرگە ئېچىشنى قارار قىلغان ھەمدە مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىنغان.' ^0 Z  `0 a9 i1 w& v# p+ I
- S; E! U# P7 z& o3 j/ A
تۇۋادىكى ئۇيغۇر شەھەرلىرى
3 s2 J% E/ c; F4 y- I( K+ ~- ~4 Z& b! {( |8 d
رۇسىيە ئارخېئولوگلىرى تۇۋادا تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن 17 ئۇيغۇر شەھەر خارابىسىنى تاپقان، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقى دەۋرىدە مەزكۇر رايوننىڭ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى زىچ ياشىغان ھەم شەھەر مەدەنىيىتى ياراتقان مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇ شەھەرلەر، تۇۋادىكى تۇران، تېمىر سۇگ، ئۇيۇق قاتارلىق دەريا ۋادىلىرىدىن تېپىلغان ئىكەن.2 J3 C( ^7 R1 J7 ?/ C* n
ئۇيغۇر قاغانلىقى مىلادى 840- يىلى قىرغىزلار بىلەن باشقا تۇۋا قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇملىرىدا يوقالغان بولۇپ، قىرغىزلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلانغاندىن كېيىن تۇۋا بىر مەزگىل قىرغىزلارغا تەۋە بولغان، قىرغىزلارمۇ بۈگۈنكى تۇۋالارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە قاتناشقان.
* i: M, \) U1 W% B" J; r5 iقەدىمكى ئۇيغۇر "پور- باجىن" قەلئەسىنىڭ ۋەيران بولۇشى ئەنە شۇ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ يىمىرىلىپ، شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالى ھەمدە يەتتە سۇ رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ، بۇ يەردىكى يەرلىك قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭى دۆلەتلەرنى بەرپا قىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. مەزكۇر قەلئەنىڭ ۋەيران بولۇشى ھەم قەلئە جايلاشقان كۆلنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە تۇۋا خەلقى ئارىسىدا تۈرلۈك رىۋايەتلەر تارقالغان.2 Q  f$ \7 `9 d6 k7 {0 p/ A" _
تۇۋا قەبىلىلىرى 13-ئەسىردە موڭول ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەسىدە بولغان، كېيىن بىر مەھەل مۇستەقىل ھايات كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئوتمەي جۇڭغارلارغا، ئۇنىڭدىن كېيىن مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىگە بېقىندى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قېتىم قوزغىلاڭلار يۈز بەرگەن.0 Y2 F( H; U3 B7 h. e
ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى مويۇنچۇر قاغان تەرىپىدىن سېلىنغان مەزكۇر ئۇيغۇر قەلئەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە، بۇ جاينىڭ قىزىقارلىق تارىخىي ساياھەتچىلىك نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، زور ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. # y+ i/ G. W5 t! I

$ }8 v2 q$ Z  }4 k$ }1 z9 {% [# S6 ]% i3 t$ F& \
تۇۋالار كىملەر؟9 S9 a. A9 F! L$ C6 q6 o

% M% [) `& B0 I; l6 Kتۇۋالار تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە مەنسۇپ خەلق بولۇپ،تۇۋالار ئۆزلىرىنى ئادەتتە تىۋا ياكى، سويوت، سويون ۋە ئۇرانخاي ۋە ياكى تاينۇ تىۋالار دەپمۇ ئاتايدۇ. تۇۋالار قەبىلە تۇزۇلمىسى بويىچە غەربىي ۋە شەرقى تارماقلارغا بۆلۈنگەن. دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە مۇتلەق كۆپچىلىك ئاھالە بۇددىزىمنىڭ لاما مەزھىپىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا يەنىلا شامانىزمنىڭ قالدۇقلىرى مەلۇم دەرىجىدە ساقلانغان. رۇسىيە ئارخېئولوگلىرىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا بۇنىڭدىن 140-100مىڭلار ئىلگىرى بۇ رايوندا قەدىمكى ئادەملەر ھەركەت قىلغان ئىكەن. ئۇ چاغلاردا تۇۋانىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىسسىق بولۇپ، ھازىرقىدىن پەرقلىق بولغان. مىلادىدىن 4-5 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا تەۋە ئوقيا، تاش قوراللار تەپىلغان. تۇۋا تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە كىرگەندە يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان بولۇپ، ئاھالىلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ، تارىخىي ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىردىن مىلادى 5-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا تۇۋا رايونى ئىلگىرى كېيىن ھۇنلار، سىيانپىلار، جوجانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. ھۇنلارنىڭ بۇ رايونلارنى ئىگىللىشىمۇ مەزكۇر رايوندىكى يەرلىك ئاھالىلارنىڭ ماددى مەدەنىيىتى ھەم ئىرقىي تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ  6-ئەسىردە تۇۋا تۈرك قاغانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن بولۇپ، بۇ رايوندا فېئوداللىق جەمىيەت شەكىللەنگەن. تۈرك قاغانلىقى دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلاردىن ئالىملار كۆك تۈركلەر دەۋرىدە تۇۋا رايونىدىكى ئاھالىلارنىڭ يەنىلا ئاساسلىقى چارۋىچىلىق بىلەن ئەمما ئاز بىر قىسىمىنىڭ دېھقانچىلىق ھەم، پولات تاۋلاش قاتارلىق ئىشلەپ چىقىرىش شەكلى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېنىقلىغان. بۇ چاغلاردا تۇۋا رايونىدا ياشىغان تۈركىي قەبىلىلەر يېزىققا ئىگە بولغان ھەم شۇنىڭدەك تاشلارغا، ۋە باشقا بۇيۇملارغا قەدىمكى تۇرك يېزىقى بىلەن يازما يادىكارلىقلارنى يېزىپ قالدۇرغان.( v( B3 K* v1 t5 v5 I
تۇۋالارنىڭ سانى رۇسىيىنىڭ 2002-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتى بويىچە ئالغاندا 198.4 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن رۇسىيە تەۋەسىدىكى سانى 206.2دىن ئارتۇق. تۇۋالار يەنە رۇسىيىدىن باشقا مەملىكەتلەرگىمۇ تارقالغان. موڭغۇلىيە ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى تەۋەسىدىمۇ ئاز ساندا تۇۋالار ياشايدۇ.+ A% B6 D& s! _3 ^2 n  c# p
تۇۋالارنىڭ يېزىقى سلاۋىيان يېزىقى ئاساسىدىكى تۇۋا يېزىقى بولۇپ، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە مۇتلەق كۆپچىلىك ئاھالە بۇددىزمنىڭ لاما مەزھىپىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا يەنىلا شامانىزمنىڭ قالدۇقلىرى مەلۇم دەرىجىدە ساقلانغان.4 v1 V. l7 {9 n4 R  c
تۇۋالار سان جەھەتتە شىنجاڭنىڭ بىر ناھىيىسىنىڭ ئاھالىسىچىلىك بولۇشىغا قارىماي، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تەركىبىدە جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىغا سازاۋەر بولغان. تۇۋا جۇمھۇرىيىتى ئۆز پرېزىدېنتى، دۆلەت بايرىقى، ئاساسىي قانۇنى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولۇپ، موسكۋا بىلەن فېدېراللىق كېلىشىمىگە قول قويغان. دېمەك، ئۇيغۇرلار بىلەن قەدىمىي تارىخىي ئورتاقلىققا ئىگە تۇۋالار سان جەھەتتە ئۇيغۇرلاردىن تەخمىنەن 40 ھەسسە ئاز بولۇشىغا قارىماي،جۇمھۇرىيەتلىك ھوقۇققا ئېرىشىپ، ئۆز پرېزىدېنتى ۋە ئاساسىي قانۇنىنى ھەمدە دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گېمنىنى بېكىتىشكە مۇۋەپپەق بولغان.$ |8 }1 H4 b4 E5 L7 s

: e$ v, w! l; y* h, t; [. z. o7 w! _0 i
تۇۋالارنىڭ تارىخىي مۇساپىلىرى0 V: g' c$ A8 f- Y! r9 {1 Z

  W- a1 r; Y8 a" F% yئۇلار مۇرەككەپ ئېتنىك تەرەققىيات تارىخى ھەم سىياسى تارىخ جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، قەبىلە تۈزۈلمىسى بويىچە غەربىي ۋە شەرقى تارماقلارغا بۆلۈنگەن.مىلادى 744-يىلى، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆز قاغانلىقىنى تىكلىگەندىن كېيىن، تۇۋا ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن. ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ 100 يىلغا يېقىن تۇۋاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى، بۇ جايدا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەم ماكانلىشىشى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، تۇۋالار يەرلىك تۈركىي قەبىلىلەر بىلەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان. تۇۋالارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى تەتقىق قىلغان كىزلاسوۋ، خۇدىكوۋ، ۋاينەشتېيىن ۋە باشقا رۇس ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە؛ ئۇيغۇرلار تۇۋالارنىڭ شەكىللىنىشىگە قاتناشقان مۇھىم ئېتنىك تەركىپتۇر.# E; i( S) _% U8 c: B, i
رۇسىيە ئارخېئولوگلىرى تۇۋادا تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن 17 ئۇيغۇر شەھرىنىڭ خارابىسىنى تاپقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقى دەۋرىدە مەزكۇر رايوننىڭ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى زىچ ياشىغان ھەم شەھەر مەدەنىيىتى ياراتقان مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇ شەھەرلەر، تۇۋادىكى تۇران، تەمىر سۇگ، ئۇيۇق قاتارلىق دەريا ۋادىلىرىدىن تېپىلغان ئىكەن. شۇڭا ھازىرغا قەدەر تۇۋالار ئارىسىدا ئۇيغۇر، قىرغىز دەپ ئاتىلىدىغان ئۇرۇق ناملىرى ساقلىنىپ قالغان.
; y5 `( s# R2 \8 T$ W& aتۇۋانىڭ يەر مەيدانى 170 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. نوپۇسى، 3005، 500 مىڭدىن ئارتۇق. 8 R$ U/ n& {* P1 K
1914-يىلى تۇۋا رۇسىيىنىڭ ھامىلىقىغا ئۆتكەن، بولشېۋىك ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن 1921-يىلى 14-ئاۋغۇستا تۇۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. رۇسىيە ئىزچىل ھالدا تۇۋا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قوللاپ، ئۇنىڭغا ماددىي، مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەملەرنى كۆرسەتكەن ھەمدە بېسىملارنى ئىشلەتكەن. 1944-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىگە قوشۇۋېلىنغانىغا قەدەر بۇ جۇمھۇرىيەت ئۆز دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېمنى ۋە ئاساسى قانۇنىغا ھەمدە موسكۋادا شۇنىڭدەك موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسىغا ئىگە بولغان ئىدى. مەزكۇر  دۆلەت ستالىن تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ھوقۇقلىرى بىكار قىلىنىپ، ئاپتونوم ئوبلاستقا چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن 1961-يىلى قايتىدىن تۇۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، 1990-يىلى تۇۋا سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن تۇۋا جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆز ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىنى كۆتەرگەن. تۇۋا پرېزىدېنتلىق تۈزۈمدىكى جۇمھۇرىيەت بولۇپ، ئاساسى قانۇنى 1993-يىلى دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. دۆلەتنىڭ ئالى ئورگىنى يەنى قانۇنى ھاكىمىيىتى ئالى خۇرال دەپ ئاتالغان. دۆلەت رەھبىرى پرېزىدېنت دەپ ئاتىلىدۇ.
# Z& J+ S3 ?$ U3 f# `9 B"تۇۋا ئونلايىن" ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۇۋا جۇمھۇرىيىتى پايتەخت قىزىل شەھىرىدىن شىنجاڭنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش يولى ئېچىشنى ئويلاشقان بولۇپ، قىزىل شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگە شەھىرىگە بولغان ئارىلىق موڭغۇلىيە ئارقىلىق ھېسابلىغاندا 1600 كىلومېتىر بولىدىكەن. ئۇلار شىنجاڭدا تۇۋالار بىلەن تىل جەھەتتىن ئوخشاشلىققا ئىگە بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق ئاھالىلارنىڭ بولۇشى، قاتناش يوللىرىنىڭ يىراق ئەمەسلىكى ھەمدە مېھمانخانا، ئالاقە ئىشلىرىنىڭ بەك قىممەت ئەمەسلىكىدەك ئەھۋاللارنى تۇۋا جۇمھۇرىيىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ئامىللار دەپ قارىغان. : n* k9 e7 ^* O* O; o  ~0 D2 {

1 J5 t) T4 }- }8 n# H - ?1 L# M6 v6 C

. v1 _1 l* J7 Q+ {1 @5 x/ ?1 Q$ {; j  S0 N

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗