ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 340|ئىنكاس: 0

كىنومېدىتسىنادىكى يەتتە خاتا قاراشتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

44

يازما

606

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
145 سەر
تۆھپە
189 سەر
تىللا
83 دانە
جەۋھەر
0 دانە
خەۋەر
مېدىتسىنادىكى يەتتە خاتا قاراش
" u6 z$ |0 j. y5 S
  
/ {, F) Z4 ^  h6 i) r3 e. C5 Q# q , d8 O0 f' i: A/ h  }
; W3 T: u5 w7 s8 z
  بىلىمىز، تېلېۋىزور ۋە گېزىتلەردە تەشۋىق قىلىۋاتقان "ئىلىم - پەن بىلىملىرى"نىڭ كۆپىنچىسى خاتا، بۇ خاتالىقلارنىڭ بىزنى ئىشەندۈرۈپ كېلىۋاتقىنىغا نەچچە ئون يىل بولدى. بۇلتۇر 22- دېكابىر ئامېرىكىلىق ئىككى ئالىم ئاخىرى ئورنىدىن دەست تۇرۇپ، "تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددىي مېدىتسىنا بىلىملىرى"دەپ ئاتالغان بۇ خاتالىقلارنىڭ پەردىسىنى يىرتىۋەتتى.... |. W; u* S2 D" L, t
   1. خاتا قاراش: كۈندە سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىش - a" s" _. F. _+ P* C
  "كۈندە سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىش"دېگەن قاراشنىڭ مودا بولغىنىغا نۇرغۇن يىل بولدى، نۇرغۇن ئادەم بۇنى كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندۇردى. بۇ قاراش 1945- يىلى پەيدا بولغان، شۇ چاغدا "يېتىلگەن ئادەم كۈندە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ھەر بىر كالورىيە ئىسسىقلىق بىر مىكرو لىتىر سۇغا موھتاج بولىدۇ"دېيىلگەنىدى، ئەمما كىمدۇر بىرى بۇ قاراشنى "كۈندە سەككىز ئىستاكان سۇ"غا ئايلاندۇرۇۋەتكەن ھەمدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا شۇنداق سىڭگەن. 1 d$ t$ Z7 k; _
   بۇ خاتا قاراشنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەبنى، ئامېرىكىلىق مەشھۇر ئوزۇقشۇناس فرىدىرىك سېتىل پەيدا قىلدى، ئۇ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كىشىلەرنى كۈندە ئالتە ئىستاكاندىن سەككىز ئىستاكانغىچە سۇ ئىچىشكە، بۇنىڭ ئىچىدە "قەھۋە، سۈت، چاي، گازلىق سۇ ۋە پىۋا"بولسىمۇ بولىدىغانلىقىغا ئىلھام بەردى. ئەمەلىيەتتە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئايانكى، كۈندىلىك سۇ ئېچىش مىقدارى كۈندە نورمال ئېچىۋاتقان سۇ بىلەن چەكلەنسىمۇ بولىۋېرىدۇ. زىيادە ئىچىلگەن سۇ بەدەنگە يۈك بولىدۇ، بەلكىم سۇدىن زەھەرلىنىپ قېلىش ئارقىلىق ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىشمۇ بولۇپ قالىدۇ. # r8 e& k" W1 L% X0 l6 Y, w" ~
   2. خاتا قاراش: چوڭ مېڭىنىڭ ئاران% 10ىلا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ6 f- U2 ]2 Z4 o" p+ a7 k1 y7 b
   "ئادەم چوڭ مېڭىنىڭ ئاران % 10ىلا  ئېچىلدى"دېگەن قاراشنىڭ پەيدا بولغىنىغا بىر ئەسىر بولۇپ قالدى، بۇنىڭ بىلەن ئادەم چوڭ مېڭىسىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئېچىش قىزغىنلىق پەيدا بولدى. گەرچە ھازىر چوڭ مېڭە ئىلمىي تەتقىقاتىدا كۈنسېرى يېڭىلىنىش بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قاراشنىڭ يىلتىزى تېخى قۇراي دېمىدى. ئىلگىرى كانادالىق ئالىم بارى  چوڭ مېڭە ئەزالىرىنىڭ ئىشلەش نىسبىتىگە ئائىت تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان، ئەمما ئۇمۇ "چوڭ مېڭىنىڭ ئاران % 10 ى ئېچىلدى"دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن، كىشىلەر بۇ قاراشنىڭ ئىگىسى ئېينىشتېيىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئېيتقانلىقىنى دەلىللەيدىغان پاكىت ھازىرغىچە تېپىلمىدى. , ^1 E3 o9 i  z0 m
   ئەمەلىيەتتىكى چوڭ مېڭە تەتقىقاتىدىن ئايانكى، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئىشلىتىش دەرىجىسى بۇ % 10  تىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. مەسىلەن: چوڭ مېڭىنىڭ ھە رقانداق بىرى زەخىملەنگەن ئادەم ئۇزاققا سوزۇلغان نېرۋا خاراكتېرلىك، ھەرىكەت خاراكتېرلىك تەسىرىگە دۇچار بولىدۇ. چوڭ مېڭىنى تەكشۈرۈش نەتجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، چوڭ مېڭىنىڭ ھەر قانداق بىر بۆلىكىدە توختاپ قېلىش ئېھتىماللىقى يوق. چوڭ مېڭىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارى "رايونلار ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش"ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئوخشاش بولمىغان ھەرىكەتلەر چوڭ مېڭىىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ. قاراتمىلىقى بار تەكشۈرۈشلەر چوڭ مېڭىدىكى% 90رايوننىڭ تېخى ئېچىلمىغانلىقىنى دەلىللەپ بەرگىنى يوق، مالېكۇلىلىق تەتقىقاتلارمۇ چوڭ مېڭىدە ھەرىكەت قىلالمايۋاتقان نېرۋا ھۈجەيلىرىنىڭ بارلىقىنى دەلىللەپ بېرەلمىدى.
3 f; N7 T- y- p5 ^% O4 g3 I    3. خاتا قاراش: ئادەم ئۆلسىمۇ تىرناق، چاچ داۋاملىق ئۆسىدۇ
1 o' g" B* I+ S; \- u/ q- }    بۇ قاراش ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىدىن كەلگەن بولسا كېرەك، بەلكىم ئۇنىڭ ئاساسى بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن. "غەربىي سەپتە ئۇرۇش بولمىدى"نامىلىق كىتابتا يازغۇچى رىماكنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن دوستىنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن، تىرناقلىرى ئۆسۈپ يەرنى تېشىپ چىققانلىقىنى تەسۋىرلىگىنى ھېلىمۇ يادىمىزدا بولسا كېرەك، چۈنكى بۇ تەسۋىر ناھايىتى جانلىق ئىدى.
& r* S1 J& B1 L; J9 w   بىراق ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس كىرگ: "بۇ ھەقىقىي ئاساسىي يوق قاراش، مۇنداق ئىشنىڭ بولغىنىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ"دەيدۇ. ئەمما بۇ قاراشنىڭ سەۋەبى مەلۇم بىر خىل بىئولوگىيىلىك جانلىقتا كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، مانا بۇ ۋە باشقا تېرە كېسەللىكى مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭغا مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ: ئۆلۈم تېرىنى سۇ مەنبەسىدىن ئايرىيدۇ، قۇرغاقچىلىق تېرىنى تارتىشتۇرۇپ قويىدۇ ھەمدە چاچ ۋە تىرناقلارنىڭ ئۇزىراپ كەتكەنلىكىدەك تۇيۇنى بېرىدۇ. چۈنكى چاچ ۋە تىرناقنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئادەم بەدىنىگە سېلىشتۇرۇپ قاراش ئادەملەر ئارىسىغا سىڭگەن، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ، ئادەم بەدىنىدە سۇ قالمىغاندا ھالىتى كىچىكلەپ كېتىدۇ، شۇنداقكەن چاچ ۋە تىرناقنىڭ داۋاملىق ئۆسۈۋېرىشىدەك خاتا تۇيغۇ پەيدا بولماي قالامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە چاچ ۋە تىرناقلارنىڭ ئۆسۈشى ئادەم تېنىدىكى گورمونلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ، ئۆلگەن ئادەمدە بۇ خىل گورموننىڭ داۋاملىق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟!
8 P# a! c( i1 a  Y   4. خاتا قاراش: چاچنى قىرغانسېرى بولۇق، قارا ۋە تىرىك ئۆسىدۇ' ?% S4 R5 F; G/ g6 a& n3 D4 o
   بۇ ئومۇملاشقان بىر خىل قاراش، ئەمەلىيەتتە ئالىملار خېلى بۇرۇنلا بۇنىڭ ئاساسىز ئەپقاچتى قاراش ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بولغان. 1928- يىلى ئىشلەنگەن بىر تەجرىبە ئادەمنىڭ ساقال - بۇرۇتىنى قىرغانسېرى توم ۋە تېز ئۆسىدۇ، دېگەن قاراشنىڭ ئاساسىي يوقلۇقىنى دەلىللەپ بولغان، يەنى ئالىملار: "مەيلى چۈشۈرۈش، كېيىش بولسۇن، مەيلى باشقا شەكىلدىكى چاچ - ساقالنى ئېلىش ھەرىكىتى بولسۇن، ئېلىۋېتىلگىنى ئاللىقاچان ئۆلگەن چاچ تۈكلەر بولىدۇ، پەقەت تېرە ئاستىدىكى چاچ كۆتىكىلا ھايات چاچ"دېگەنىدى. بىزدە يېڭى چىققان چاچ ۋە ساقال - بۇرۇتنىڭ ھەم توم، ھەم قارا ئىكەنلىكىدەك خاتا قاراشنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئۇنى چاچ ۋە ساقال بۇرۇتنىڭ ئىنچىكىلەپ كەتكەن ئۇچى بىلەن سېلىشتۇرۇلىدىغانلىقىمىز سەۋەب بولغان، شۇڭا بىز قارىماققا يېڭى چىققان بۇ چاچ ۋە ساقال - بۇرۇت بىزگە ھەم قارا ۋە جانلىق كۆرۈنىدۇ.
1 z2 ^$ z& d$ ?. z   5. خاتا قاراش: گۇڭگا چىراغ يورۇقىدا كىتاب كۆرۈشنىڭ كۆزگە زىيىنى بار
, T" ~+ Y. D+ s& v' S9 p   بۇ خاتا قاراشنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئاساس بولغان بولسا كېرەك، دېمىسىمۇ گۇڭگا چىراغ نۇرى ئاستىدا كىتاب ئوقۇغاندا ئادەم كۆزىنىڭ جىددىيلىشىش دەرىجىسى ئېشىپ كېتىپ، ئادەم خۇددى چارچاپ كەتكەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق شارائىتتا كۆزىنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنى ھەسىلەپ ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىپ، كۆزىنىڭ يۇمۇلۇش قېتىم سانى ئازىيىدۇ - دە، كۆز چارچاپ كەتكەندەك ئەھۋال كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئەمما ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، بۇ خىل ھالەت ئۇزاققا بارمايدۇ، بىر دەم ئارام ئالسىلا ئەسلىگە كېلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتەلىشى مۇمكىن ئەمەس.
8 n( e4 O& U: F   نۇرغۇن ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كۆز كېسەللىكى مۇتەخەسسىسى گۇڭگا چىراغ نۇرىدا كىتاب ئوقۇغاندا كۆزىنىڭ چارچاپ كەتسىمۇ، لېكىن بۇ خىل چارچاشنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى دەلىللەپ بولدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئېلېكتر توكى ئىجاد قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ شام، ئاي يورۇقى ئاستىدا كىتاب ئوقۇغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس، شۇ چاغدىمۇ يىراق ياكى يېقىننى كۆرەلمەيدىغان كېسەللەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان بىر ئىلمىي پاكىت يوق. بۈگۈنكى كۈندە يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى، بۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ كىتاب كۆرۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزىراپ كەتكەنلىكى بىلەن خىزمەت رېتىمىنىڭ جىددىيلىكى سەۋەب بولغان بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. 3 i0 H# b+ ^" M2 D! e
    6. خاتا قاراش: كۈركە توخۇ گۆشى يېگەن ئادەمنى ئۇيقۇ باسىدۇ
4 a8 d" v7 i! z# F   كۈركە توخۇنىڭ گۆشىدە ئازوت ھىدروكسىدنىڭ بارلىقى بەرھەق، ئىلىم - پەن ساھەسىدە ئازود ---"چارچاش ۋە ئىچ پۇشۇشىنى پەيدا قىلىدىغان ماددا"دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا رەڭلىك ئازوت ھىدروكسىد مېدىتسىنادا تىنچلاندۇرۇش دورىسى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. بەلكىم كۈركە توخۇ گۆشىنى يېگەن ئادەمنى ئۇيغۇ باسىدۇ"دېگەن قاراش مۇشۇنىڭدىن پەيدا بولغان بولسا كېرەك. : a2 F1 `0 I) ~) l: v  j7 t! _5 L' Z
  ئەمەلىيەتتە كۈركە توخۇنىڭ گۆشىدىكى رەڭلىك ئازود ھىدروكسىدنىڭ مىقدارى باشقا ماددىلاردىن كۆپ ئەمەس، كۈركە توخۇ بىلەن كالا گۆشىنىڭ تەركىبىدىكى بۇ خىل ماددا تەڭ دېيەرلىك، ئەمما ئاقسىل ماددىسى كۆپ باشقا يېمەكلىكلەردە، يەنى توخۇ گۆشى، ئېرىمچىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى رەڭلىك ئازود ھىدروكسىدنىڭ مىقدارى كۈركە توخۇنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈن. ئەگەر كۈركە توخۇنىڭ گۆشىنى باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن قوشۇپ يېسەك، تېنىمىزنىڭ كۈركە توخۇ گۆشى تەركىبىدىكى رەڭلىك ئازوت ئوكسىدنى قوبۇل قىلىش مىقدارى تېخىمۇ ئاز بولۇشى مۇمكىن.
+ ?$ N7 e" e2 H; ]( C5 c0 M1 ^   فىرىلوگىيە ئالىملىرى مۇنداق دەپ قارايدۇ: كۈركە توخۇ گۆشىنى يېگەندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان ئۇيقۇ بېسىش ئالامىتىنى چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئوزۇقلىنىپ بولغاندىن كېيىن، قاننىڭ كۆپ قىسىمى ئاشقازانغا توپلىنىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشى ۋە قوبۇل قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. نەتىجىدە چوڭ مېڭە موھتاج بولىدىغان ئوكسىگېن بىلەن قان مىقدارى ئازىيىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئادەمدە چارچاش ۋە ئۇيغۇ بېسىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئۇيغۇ بېسىش ئالامىتى پەقەت كۈرگە توخۇنىڭ ئىستېمال قىلىنىشىدىنلا پەيدا بولمايدۇ، باشقا يېمەكلىكلەرمۇ ئاشۇنداق تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ. % M2 n! E9 K9 y* u
   7. خاتا قاراش: يانفون دوختۇرخانىدا ماگنىت مەيدانى كاشىلىسى پەيدا قىلىدۇ$ ^6 g( |5 b: X' B9 a' v9 g
   2002- يىلى ئامېرىكىدىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بىر تور پونكىتىدا مۇنداق بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى:
. u8 p1 e( R7 Y9 u1 g) N: h "يانفون پەيدا قىلغان تەسىر تۈپەيلىدىن، بىر ئالاھىدە كۈتۈش كېسەلخانىسىدىكى ئەسلىھەلەر كاردىن چىققاچقا، ئاغرىقنىڭ ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كەتكەن". شۇنىڭدىن كېيىن، بىر مېدىتسىنا ژۇرنىلىدا 1993- يىلىدىن بۇيان يۈز بەرگەن 100 داۋالاش ھادىسىسىنى يانفوننىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىقتى. بولۇپمۇ "ۋال تىرىت كوچىسى گېزىتى"پۈتۈن بەت ماقالە ئېلان قىلىپ، يانفوننىڭ داۋالاش ئەسلىھەلىرىگە خاتا سىگنال بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن، داۋالاش ھادىسىلىرى كېلىپ چىققانلىقىنى تەشۋىق قىلغاندىن كېيىن، بۇ ھۆكۈم كىشىلەر بىردەك قوبۇل قىلغان قاراشقا ئايلاندى. - Z6 m3 [- h9 S6 Q: w
   ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق بىر ئىلمىي رىسالىدە ئاغرىقلارنىڭ يانفون سىگنالى داۋالاش ئەسلھەلىرىگە كاشىلا پەيدا قىلغاندىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە پاكىتلىق بايانلار يوق، شۇنداقلا يانفون سىگنالىنىڭ داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى گاچا قىلىپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن خاتا سىگنال پەيدا قىلغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتمۇ يوق. بۇ سۆزىمىزگە ئەنگلىيىلىكلەر ئىشلىگەن تەجرىبىدىن چىقىرىلغان خۇلاسە گۇۋاھ بولۇشى مۇمكىن: "يانفون داۋالاش ئەسلىھەسىدىن بىر مېتىر يىراقلىقتا ئىشلىتىلسە، ئۇنىڭ كاشىلاپەيدا قىلىش نىسبىتى % 4بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئېنىق گەۋدىلەنگىنى% 0.1كىمۇ يەتمەيدۇ"ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيىلىكلەر يەنە مۇنداق تەجرىبە ئىشلىگەن: "16 خىل داۋالاش ئەسلىھەسى بىلەن ئالتە خىل يانفون ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان 510 قېتىملىق سىناقتىن ئايان بولۇشىچە، ئېنىق گەۋدىلەنگەن كاشىلا پەيدا قىلىش نىسبىتى% 1.2 كە يېتىدىكەن". ياۋروپادا ئېلىپ بېرىلغان سىناقتىمۇ: بىر مېتىر دائىرىدە يانفون داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلىشى مۇمكىن، ئەمما تەسىرى بەك ئاز، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى كاردىن چىقىرالىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ ھۆكۈم چىقىرىلدى.
/ A% s5 x" p  k2 f9 \$ U7 S  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋاللار ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق ھۆكۈملەردۇر، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەتتا ئىلمىي سىناق قىلىنمىغان. ئەمما بۇ خىل سەپسەتىلەر كىشىلەر ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى، بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوق پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى سەۋەب بولدى. ھەقىقىي ئالىم ئەمەلىيەتتە ئىلمىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن قاراشلارنىلا كىشىلەرگە تەشۋىق قىلىدۇ، بىز پەقەت كىشىلەردىن تېخىمۇ سەمىمىي بولۇشنىلا ئۈمىد قىلالايمىز!! f8 G) L, Q  }  d$ L& f& P! K4 F
$ u7 e3 L3 W# j. x4 R  P) d. |
   غالىپ قۇربان تەرجىمىسى
- V* ?5 {! X, M4 n& j  1 G& T, e% @2 [1 Q! m% R
مەنبەسى : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 6 e1 Y0 _- c/ {1 N! A
! P: \9 G6 S. `  Q

) J5 K9 W" A) T+ `9 Y, o0 R- j7 A% |
3 I. h- u* a& A+ z- D--------------------------------------------------------------------------------
2 W; h3 b/ M: U& r1 n4 w5 N& h

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗