ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 206|ئىنكاس: 0

دەرىس ئۇيغۇرلاردا ھويلا - ئارام مەدەنىيىتىتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

44

يازما

606

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
145 سەر
تۆھپە
189 سەر
تىللا
83 دانە
جەۋھەر
0 دانە
خەۋەر
ئۇيغۇرلاردا ھويلا - ئارام مەدەنىيىتى 9 F9 d  A6 |0 v3 A$ j
  2 V. k9 S0 L. N# x( N6 V- ^$ Q
مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن

4 G, H& {1 E( `, [% k! u; C+ z! j. ]6 |

* s, ^- @: E6 \# M0 \  F   ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئۆزىگە خاس ئىشلەپچىقىرىش، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، ئۆرپ - ئادەت، ھۈنەر - سەنئەت، تۇرالغۇ ئۆي، ھويلا - ئارام مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرگەن. تۆۋەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلا - ئارام مەدەنىيىتىگە ئائىت بىر نەچچە تەرەپنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.
  d# S, b) S; g+ e   ھويلىدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئادىتى" ~& Y1 b+ |$ E* n1 A& N" W4 q
   ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلىدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئادىتى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئۇيغۇرلار ئۆينى كۈن چىقىش تەرەپكە قارىتىپ سالىدۇ. ھويلىنىڭ كەڭ، ئازادە بولۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ. 3 d' z5 h, d. ?7 k4 \3 Z
   ئۇيغۇرلاردا ھەممە ئائىلىلەر دېگۈدەك ھويلىدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈپ باراڭغا ئېلىپ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ھويلىدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈشنىڭ پايدىسىنى ناھايىتى بۇرۇن چۈشىنىپ يەتكەن، ئۈزۈم بىۋاسىتە ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقاندىن باشقا،، ياز كۈنىدە ئۇنىڭ سايىسى ھويلىغا ناھايىتى ئۆزگىچە زىننەت بېغىشلايدۇ، ھويلا سالقىن بولۇپلا قالماي ئۆي ئىچىمۇ سالقىن بولىدۇ. ھاۋاسىمۇ ساپ بولىدۇ. ياز كۈنلىرىدە ئۈزۈم بارىڭى ئاستىغا كارىۋات قويۇپ ئولتۇرسا ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ، تال باراڭلىق ھويلىغا ئەتىگەندە ئازراق سۇ سېپىپ قويسا ھويلا تولىمۇ سالقىن بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ناھايىتى بۇرۇنلا ھويلىدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈپ ئۇنىڭدىن كۆپ تەرەپلىمە پايدىلىنىپ ھەم ئىستېتىك ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ ئۆزىگە خاس ھويلا - ئارام مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ خىل مەدەنىيەت بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى. 4 Q2 A3 {2 P. D0 r
    ھويلىدا كاۋا، قاپاق ئۆستۈرۈش ئادىتى ئۇيغۇرلار ھويلىدا كاۋا، قاپاق ئۆستۈرۈشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ئەتىياز كىرىشى بىلەن ھەممە ئائىلىلەر ھويلىغا كاۋا، قاپاق تېرىپ ئوبدان پەرۋىش قىلىدۇ، كاۋا، قاپاق پىلەك تارتىپ ئۆسىتىدىغان بولغاچقا، ياز پەسلىدە ھويلىغا ئوبدانلا سايە تاشلايدۇ، كاۋا، قاپاق تېرىلغان ھويلىنىڭ ھاۋاسى ساپ، سالقىن، ھۇزۇرلۇق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كاۋا ياخشى يېمەكلىك بولۇپ ئۇنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ. قاپاق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ۋاستىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ رولىدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغان، قاپاق ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
0 _, D( f) X$ P* W; X- \   ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا كاۋا، قاپاق ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن بەلكى ئۆزىگە خاس ئىستېتىك ئاڭ يېتىلدۈرۈشتىمۇ مۇھىم رول ئويناپ كەلدى.
% v# J* z1 B6 z7 b   ھويلىدا مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش ئادىتى
3 W2 v; m9 j2 M. `9 b   ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئېڭى يېشىللىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ ھويلىسىغا كىرسە مېۋىلىك دەرەخ بولماي قالمايدۇ. ئۇيغۇرلار ھويلىغا كۆپۈنچە ئۈجمە، ئۆرۈك، ياڭاق كۆچىتى تىكىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى ئۈجمە ئەتىياز پەسلىدە، ئۆرۈك ياز پەسلىدە، ياڭاق كۈز پەسلىدە پىشىدۇ، دېمەك ئۈچ پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مېۋىلەردىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار مېۋىلەرنىڭ مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھويلىدا ئوخشاش بولمىغان پەسىللەردە پىشىدىغان مېۋىلىك دەرەخلەرنى يېتىشتۈرۈپ ماددىي ئېھتىياجىنى قامدىغان، ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئادەت ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كەلمەكتە، ھويلىدا مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش ئادىتى ئۇيغۇر ھويلا - ئارام مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىندۇ. + y. v0 A% |, i3 R5 L8 D
   ھويلىدا گۈل ئۆستۈرۈش ئادىتى 7 s# b7 `; P8 m& }0 o0 X8 A
  ئۇيغۇرلار ناھايىتى بۇرۇنلا ھويلىدا گۈل ئۆستۈرۈشنى ئادەت قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلىدا گۈل ئۆستۈرۈش ئەنئەنىسى ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئېڭى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇرلار ھويلىدا ئاق، سېرىق، قىزىل ئېچىلىدىغان گۈللەرنى كۆپرەك ئۆستۈرىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇلار گۈلنى بىۋاسىتە تۇپراققا تېرىپ ئۆستۈرىدۇ. بۇنداق گۈللەر ناھايىتى شوخ، باراقساق ئۆسىدۇ، باش باھاردىن كەچكۈزگىچە ئېچىلىپلا تۇرىدۇ، ئۇيغۇرلار ئاق رەڭنى پاكلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، مويسىپىتلار دائىم ئاق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىدۇ، باشقىلار ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىدا ئاق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ قازا قىلغۇچىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق ئىچىلىدىغان گۈللەرگە ھېرىسمەن بولۇشى دەل بۇ خىل ئىستېتىك ئاڭنىڭ مەھسۇلى. سېرىق، قىزىل رەڭلەرمۇ ئادەتتە مېھىر - مۇھەببەت سۆيگۈنىڭ سىمۋولى. شۇڭا ئۇيغۇرلار سېرىق سەمبەل گۈل، ھەشىقپىچەك گۈل، ئاق لەيلى قاتارلىقلارنى ھويلىغا تېرىپ ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدۇ، ھازىر گۈلنى تەشتەكتە ئۆستۈرۈش بىر خىل ئادەتكە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن سەھرالاردا گۈل يەنىلا ھويلىدا تۇپراققا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. 3 {4 C2 w/ |* |+ F; B% c+ S. {
   سىمۋول خاراكتېرلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش ئادىتى
, k% |: d8 `: Y& k8 B! v9 ~   ئۇيغۇرلاردا سىمۋول خاراكتېرلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش خېلى ئومۇملاشقان، نۇرغۇن ئائىلىلەردە »بوۋام تىككەن دەرەخ، بوۋامنىڭ بوۋىسى تىككەن دەرەخكەن« دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ئاڭلايمىز ۋە قەدىمىي دەرەخلەرنى كۆرىمىز، ماھىيەتتە بۇ خىل دەرەخكە ئۆز ئەجدادلىرىمىزدىن پەخىرلىنىش، ئۇنى ئەسلەش، سېغىنىش، ھۆرمەتلەش ھېسسىياتى سىڭگەن. ئۇيغۇرلار يەنە بىر - بىرىنىڭ بېغىغا، ھويلىسىغا كۆچەت قويۇپ بېرىش، دەرەخلىرىنى ئۇلاپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر - بىرىگە بولغان دوستلۇق ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇيغۇرلار بۇنداق دەرەخنىمۇ ئەتىۋارلاپ ئۆستۈرىدۇ. # q9 U4 b1 s# d4 I* M6 ]
   دېمەك، ئۇيغۇرلاردا سىموۋل خاراكتېرلىك دەرەخ تىكىش ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئادەت ھېسابلىنىدۇ.
. c" z7 B4 Z; q# Q- ? " p7 t! ]( S: p, H; r
1 {9 L6 V+ i( k9 O4 S
- p7 u6 ~( A8 f6 y# t# K" p/ N: V
مەنبەسى : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىچۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗