تۆھپە189
تىللا83
قىزغىنلىق145
UID2027
تېما44
دوست0
خاتىرە0
ئالبوم0
يازما44
تېما44
تىزىملاتقان2014-5-9
性别ئەر
- جۇغلانما
- 606
ئالى ئەزا
 
قىزغىنلىق- 145 سەر
تۆھپە- 189 سەر
تىللا- 83 دانە
جەۋھەر- 0 دانە
|
مائارىپ
مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ (4) : @2 k* j3 c' g/ I
( K$ d) S% n4 X6 O' R* w0 I2 k% W( M0 g# H
+ p" a" N* |9 B( R2 g. V4 X يوقىلىشقا يۈز تۇتىۋاتقان مىللىي خاسلىقىمىز* u- d/ y6 L! l7 ~8 l0 E6 @7 @
6 q. R$ X' @; `/ s3 ~; `( `. z. \: |" ^+ b9 @* K9 J1 C
1. تارىختا ئۇلۇغلۇق تاجىنى كىيگەن مىللەت
; ]; G4 H0 r) s: x«ئۇيغۇر» دېگەن شەۋكەتلىك نام بىلەن تونۇلغان خەلقىمىز نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە ئۇلۇغ مىللەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تارىخىدا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، كۆمۈلمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتە بولسۇن ۋە ياكى ماددىي مەدەنىيەت سەھنىسىدە بولسۇن، جاھان مەدەنىيىتىنىڭ نۇرانە مەشئىلىنى نەچچە مىڭ يىللار جەۋلان قىلدۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نامى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تۇتقان ئورنى ئوتتۇرا ئاسىيادىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شەرق دۇنياسىدا پەخىرلىك ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكى تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇم. ئۇلار ئاشۇنداق پارلاق مەدەنىيىتى ۋە شۆھرىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي خاراكتېرى، مىللىي روھى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ناھايىتى روشەن نامايان قىلغان. بۇ جەھەتتە بىز قەدىمكى ئاتا − بوۋىلىرىمىزنى پەخىر بىلەن تىلغان ئېلىشقا ھەقلىقمىز.# }2 ]4 l( Y. ?8 w' }% h, {# T& i
مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4 − ئەسىردە ئۆتكەن ماكىدونىيە پادىشاھى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين بۈيۈك كۈچ − قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ سەلتەنەت بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىنىڭ تەسەررۇپى ئاستىغا ئېلىشقا تۇتۇش قىلدى ۋە تەرەپ − تەرەپكە يارلىق چۈشۈرۈپ، مەكتۇپ يوللاپ، باشقا ئەللەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى. بۇ مەكتۇپلار ئىچىدە چىن − تۇران پادىشاھىغا يازغان مەكتۇپى ئالاھىدە خاراكتېرلىك ئىدى. جانابىي ئەلىشىر نەۋائى ئۆزىنىڭ «سەددى ئىسكەندەر» ناملىق داستانىدا تارىخىي ۋە رىۋايەتلىك ئامىللارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىسكەندەرنىڭ مەكتۇپىنى مۇنداق بايان قىلىپ بېرىدۇ.) f* b9 I! q1 Y0 J+ u3 F' q6 r! K
«مېنى ئىسكەندەر، دەپ ئاتىشىدۇ، يەتتە ئىقلىمنى ئۆزۈمگە بويسۇندۇرۇش مېنىڭ سۈپىتىم ۋە خۇسۇسىيىتىمدۇر. سېنى <خاقانى چىن> دېيىشىدۇ، تۇران زېمىنى سېنىڭ مەملىكىتىڭ، تۇرانلار بولسا سېنىڭ لەشكەر ۋە پالۋانلىرىڭدۇر …» يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن ئىسكەندەر ئۆزىنىڭ شاھلىق تەختكە چىقىشىنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ بولۇپ، مۇنداق مەسخىرىلىك قۇرلارنى يازغان. «… بۈگۈن ئىران مەملىكىتى ماڭا تەۋە بولدى، ھەممە شاھلار پەرمانىمدا بولدى … ساڭىمۇ ئەگەر بەخت − تەلىيىڭ مەدەت بېرىدىغان بولسا، ئورنىڭدىن تۇرۇپ، پەلەك سۈپەت ئاستانەمگە كەلگىن. قانداق پەرمان قىلسام، سۆزۈمنى ئۇلۇغ دەپ بىلگىن، بوسۇغامدا باش قويۇپ ئايىغىمنى سۆيگىن. ساڭا ۋە بارلىق تاۋابىئاتىڭغا ئىنئام − ئېھسان قىلىپ، مۇرەسسە، مادارا بىلەن لايىقىدا ئىززەت − ھۆرمىتىڭنى قىلىمەن … ئەگەر ئىتائەت قىلماي، جاھىللارچە يول تۇتۇپ، دۈشمەنلىك ۋە گۇناھكارلىقنى ئىختىيار قىلساڭ، ئۇ ھالدا بېشىڭغا بۇ تەتۈر پەلەكتىن نېمە كۈن كەلسە، مەندىن ئاغرىنما، مەندىن مېھرىبانلىق ۋە مۇرەسسە − مادارا كۆزلىمە، قالغان سۆزلەرنى ئەلچى بايان قىلىدۇ، شۇنىڭدىن بىلەرسەن، تامام ۋەسسالام.»3 c/ A. q: ]' V3 ^4 G o% T
يۇقىرىقى تەھدىت ۋە ھاقارەت بىلەن تولغان مەكتۇپنى تاپشۇرۇپ ئالغان خاقانى چىن − تۇران پادىشاھى تەمكىنلىك ۋە ئالىيجانابلىق بىلەن سۇغۇرۇلغان مۇنۇ مەكتۇپنى ئەلچىلەردىن ئەۋەتىپ بېرىپتۇ:
/ q" E4 V9 |# B; i% n2 I- X8 d«ئىسكەندەرنىڭ ئەۋەتكەن بۇ مەكتۇپى زەھەردىن ئاچچىق، قىلىچتىن ئىتتىك تەلەپپۇزدا يېزىلىپتۇ. ئۇ جانابىي ئەلچىلەرگە بۇ خەتنى يېزىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتتا يا ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغان ياكى ئالدىراپ كېتىپ، سۆز ئىبارىلەرنى ئويلىماي، دەڭسەپ باقماي يېزىپ قويغان ئوخشايدۇ، لەشكىرىم كۆپ، خەلقىم باياشاد، ئۇنىڭدىن ھېچبىر قالغۇچىلىكىم يوق. ئۆزىگە تەۋە بولمىغان بىر پادىشاھقا مۇنداق تەلەپپۇزدا مەكتۇپ يېزىش ھېچقانداق رەسىم − قائىدىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش. مۇنداق ئەھۋال كىتابلاردىمۇ ئۇچرىمايدۇ. ئىسكەندەر خېتىدە ئۆزىنى <ھېكىم ۋە دانىشمەن> دەپ كۆككە كۆتۈرۈپ پەخىرلىنىپتۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئەقلى جايىدا بولغان بولسا، بۇنداق سۆزلەرنى دېمىگەن بولاتتى، چۈنكى مۇنداق تەلەپپۇز بىلەن مەكتۇپ يېزىش ئەقىل − ھوشى بار كىشىلەرگە زادى مۇناسىپ ئەمەس. يەنە تېخى <خاقانى چىن ئالدىمغا كەلسۇن> دەپتۇ. ماڭا مۇنداق سۆزنى قىلىشقا بۇ پىرقىراۋاتقان پەلەكمۇ پېتىنالمايدۇ. دارامۇ بىر نەچچە ۋاقىت جاھاندارلىق قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا دوستلۇق، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى بارئىدى. بىر − بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ كەلگەنىدۇق. ئۇمۇ ھېچقاچان ماڭا قارشىلىق ۋە دۈشمەنلىشىشنى قوزغايدىغان مۇنداق تەكلىپنى قويۇپ باقمىغان، ئىسكەندەرنىمۇ ئىككىنچى دارا دەپ بىلىپ، جاھان مۈلكىنىڭ شاھلىرىدىن بىرى دەپ قارايمەن، بىراق ئۇ چىن مەملىكىتىنىڭ باشقا بىر جاھان ئىكەنلىكىنى بىلمەي قاپتۇ. شۇڭا، ئالدىراپ − تىنەپلا يېزىپ ئەۋەتكەن بۇ مەكتۇپقا ئۇنچە ھودۇقۇپ كەتمەيمەن؛ ئۇ گەرچە خەتنى ناھايىتى قاتتىق − يىرىك سۆزلەر بىلەن يازغان بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۇنداق قىلمايمەن. ئەگەر ئۇ دارادەك قائىدە − يوسۇن بىلەن سۆز قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە سۆزلىرىگە خېرىدارلىق قىلغان بولاتتىم. ئەگەر ئۇنىڭ خىيالى مۇشۇ مەكتۇپتىكىدەك بولىدىغان بولسا، ئۆزىنىڭ مىجەز − خۇلقىنى نورمال تۇتمىسا، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن جەڭگى − جېدەلدىن باشقا ئىشنى قىلمايمەن. ئۇ قەيەردە جەڭ مەيدانى تۇۈزسە مەنمۇ شۇ يەرگە يۈرۈش قىلىپ تۇتىشىمەن، ئەگەر دىيارىمغا لەشكەر تارتىپ كەلسە، شەھەر دەرۋازىسىنى يېپىپمۇ قويمايمەن، سىپاھلىرىم بىلەن بۇ ئاسمان ئاستىنى چاڭ − توزانغا تولدۇرۇپ، ئىسكەندەر بىلەن يۈزمۇيۈز ئېلىشىمەن.»
* I4 R' A# A2 z5 D& L4 K4 cئەلچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن يۇقىرىقى جاۋابنى ئاڭلىغان ئىسكەندەر سەلدەك قوشۇنى، دىۋىدەك سەركەردىلىرىنى، ئەۋلىيادەك مەسلىھەتچىلىرىنى باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلغان. تۇران پادىشاھى ئېيتقاندەك ئىسكەندەر تۇران خەلقنى خاتا مۆلچەرلەپ قالغانىدى.9 M2 G! F# j: b2 L7 C: X' ?
تارىخىي خاتىرىلەر ۋە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ئېنىق خاتىرىلەرگە قارىغاندا، ئىسكەندەر چىن زېمىنىنى ئىشغال قىلالمىغان، تۇران پادىشاھىنىڭ ئالىيجاناب تىرىشچانلىقى، تۇران قوشۇنلىرىنىڭ تەڭداشسىز جەڭگىۋارلىقى ئاستىدا ئىسكەندەر سۇلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، زۇلقەرنەين قوشۇنلىرى تۇران زېمىنىغا يېقىنلاشقاندا، تۇران شاھى ئۇنىڭغا قارشى خىللانغان تۆت مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى ئالدىن يۈرەر قىسىم قىلىپ ماڭدۇرغان، ئۇلار زۇلقەرنەيننىڭ ئالدىنقى قىسىملىرى بىلەن باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشقان. ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى ئات ئۈستىدە شۇنداق ئۇستىلىق ۋە چەبدەسلىك بىلەن ھەرىكەت قىلغانكى، ئوقنى ئالدىغا قانداق ئۈزسە، كەينىگىمۇ شۇنداق ماھىرلىق بىلەن ئۈزگەن. ئۆزلىرىگە بولسا ھەرگىز ئوق تەگكۈزمىگەن، بۇنداق چەبدەسلىكنى، جاسارەت ۋە ماھارەتنى، ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پىدا قىلىۋاتقان روھنى كۆرگەن ئىسكەندەر ھەيرەتتە بارمىقىنى چىشلىگەن ھەمدە زوقمەنلىك ۋە قايىللىق بىلەن «ئىنان خوزخورەند» (بۇلار باشقىلارغا بېقىنماي ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يېيەلەيدىغان خەلق ئىكەن، ئۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ) دەپتۇ. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تىلشۇناسلىق قانۇنىيىتى بويىچە تەبىر بېرىشىچە، «خوزخور» بارا − بارا فونىتېكىلىق ئۆزگىرىش ياساش جەريانىدا «ئۇيغۇر»غا ئۆزگەرگەن، دەپ ئىلمىي يەكۈن چىقىرىدۇ.
0 v; w" J) A8 }" x/ O8 lئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئىتىدىكى باتۇرلۇق، زېرەكلىك ۋە ئەخلاقىي − پەزىلىتى ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە روشەن ھالدا نامايان بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۈكسەكلىكى، ئىجادچانلىق روھى، تەرەققىي قىلىش، يېڭىلىققا ئىنتىلىشچانلىقى جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل − پاراسەتلىك خەلق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانىدى. ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى ۋە ئالىيجاناب قەھرىمانلىق روھى، گۈزەل مەنىۋى قىياپىتى بىلەن ئۇلۇغ ئاللانىڭ ۋە ئاللانىڭ ئەلچىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنىڭ قوللىشىغا، يۇقىرى باھاسىغا ۋە نەزەرىگە سازاۋەر بولغان، بۇ خۇسۇستا مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق بىر ھەدىسنى ئىپتىخار بىلەن مىسال ئالىدۇ: «بىز <تۈرك> دېگەن ئىسىمنى ئۇلۇغ تەڭرى ئۆزى قويغان، دېدۇق. چۈنكى، قەشقەرلىك خەلەف ئوغلى تەقۋادار ئىمام ئۇستاز ھۈسەيىننىڭ <ئىبنولفەرقى> دېگەن ئادەمدىن ئاڭلاپ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، <ئىبنۇئەبى ئەددۇنيا> دېگەن نام بىلەن تونۇلغان جەلجارالىق ئۇستاز ئەبۇبەكرى موفىد ئاخىر زامان توغرىسىدا يازغان بىر كىتابىدا پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇنداق بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان: <ئۇلۇغ تەڭرى ئېتىدۇ: مېنىڭ بىر تائىپە قوشۇنۇم بار، ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدىم، ئۇلارنى كۈن چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرەر قوۋمغا غەزەپلەنسەم تۈركلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن>» مەھمۇد قەشقەى يۇقىرىقى ھەدىسنى شەرھلەپ: «بۇ ھال ئۇلارنىڭ باشقا خەلقلەرگە نىسبەتەن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇلارغا تەڭرى ئۆزى ئات قويغان، ئۇلارنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئېگىز، ئەڭ ھاۋالىق جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە «ئۆز قوشۇنۇم» دېگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركلەر كۆركەم، يېقىملىق، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان، ئاددىي − ساددا، كەمتەر، دادىل، مەرد ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سان − ساناقسىز پەزىلەتلەرگە ئىگە. شۇڭا شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
( E' _6 H9 A2 D# A+ N% [% ` U! n0 v5 u7 e7 C+ d$ c% D4 s
«قاچان ئۇنى تۈرك دەپ تونۇسا،
; O4 F7 h; M! s8 t% ~خەلق ئۇنىڭغا شۇنى ئېيتىدۇ.8 i; x6 F- V9 ~% V; J
ئۇنىڭغا ئۇلۇغلۇق تېگىدۇ،
$ z; W; |+ q. yبۇنىڭدىن باشقىسىغا ئاشمايدۇ.»① «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1 − توم، 454 −، 455 − بەتلەر.
' X: g% J9 [& }5 v1 L }2 ?8 a ( E9 _" @/ F& W N
8 w6 p' k0 S5 Y
; E! C8 i. h. U5 n* e& @يۇقىرىقى بايانلار قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماھىيەتلىك مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئىنسانىيەت دۇنياسىدا تۇتقان ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، بەلكى يۇقىرىقى ھەدىس ئۆزىدە يۇغۇرغان چوڭقۇر مەزمۇن بىلەن بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار تەڭرىنىڭ ئۇلۇغلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنداق قوللاش ۋە ئۇلۇغلاشنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئىتىدە مەۋجۇت بولغان يۈكسەك پەزىلىتىنىڭ ۋە مەدەنىيەت ساپا سېلىشتۇرمىسىدا ناھايىتى يۇقىرى تۇرغانلىقىنىڭ خاسىيىتىدىن بولغانلىقى روشەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سىر ئەمەسكى، ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇيغۇرلارغا سېغىنىش، ئۇيغۇرلارغا ئەگىشىش ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتقانلىق ھېسابلىنىپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ يولىنى تۇتۇش ۋە ئۇيغۇرلاردىن مەدەنىيەت ئۆگىنىش، تىل ئۆگىنىش ۋاجىپ قاتارىغا ئۆتكەنىدى.
* }. q* \! n+ `& Nمەھمۇد قەشقەرى بۇ خۇسۇستا مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ:& d9 ?' [ E$ e* l* w: J
«ئىشەنچلىك بىر بۇخارالىق ئالىم بىلەن نىشاپۇرلۇق باشقا بىر ئالىمنىڭ تەڭرى ئەزىز كۆرگەن پەيغەمبىرىمىزدىن دەلىل كەلتۈرۈپ ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئېنىق ئاڭلىغانىدىم: پەيغەمبىرىمىز قىيامەت بەلگىلىرىنى، ئاخىر زامان پىتنىلىرىنى ۋە ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگىنىدە <تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ> دېگەنىكەن.! g; @+ }* e. [7 M& ?1 Q
بۇ ھەدىسكە شۇ ئېيتقۇچى كىشىنىڭ ئۆزى جاۋابكار. بۇ ھەدىس راس بولسا، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش ۋاجىپ بولىدۇ، راست بولمىغان تەقدىردىمۇ، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش زۆرۈرلۈكىنى ئەقىل تەقەززا قىلىدۇ.»② «تۈركىي تىللار دىۋانى» 9 e( d0 m- u/ X; J6 j4 R9 B9 c
0 n3 g5 z$ R% p& X% K- c, n' M% lناھايىتى روشەنكى، قەدىمكى ئۇيغۇرلار رېئال كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە ئەزىزلىنىپ، ھۆرمەتلىنىپ قالماي، بەلكى ئۆزلىرىدىكى يۈكسەك پەزىلەت ۋە ئالىيجاناب مىللىي خاراكتېرى بىلەن دىنىي ئەقىدىلەردىمۇ قەدىرلىك ھەم ھۆرمەتلىك ئورۇن ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان، ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا خەلقى ئالدىدىكى شان − شەرىپىنى مەدەنىيەت جەھەتتە تۇتقان ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقى، شانۇ شەۋكەتلىك ئورنى ۋە پەزىلەتلىك خەلق بولغانلىقىدىن دەپ چۈشەنگەن. شۇڭا، ئۇلار ئۆزلىرىدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىشەنچ بىلەن پەخىرلەنگەن. بىز بۇ يەردە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن ئەسىرىدىن ئۆز دەۋرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خەلقنىڭ پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن تۆۋەندىكى خىتابىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز:
6 Q. d- E9 {9 ]9 m: C5 C«مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرجىدا تۇغدۇرغانلىقىنى كۆردۈم ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆرگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم. تەڭرى ئۇلارنى <تۈرك> دەپ ئاتىدى ۋە سەلتەنەتكە ئىگە قىلدى؛ دەۋرىمىزنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى؛ ئۇلارنى ئىنسانلارغا باش قىلدى؛ ھەق ئىشلاردا ئۇلارنى قوللىدى؛ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەشكەنلەرنى ئەزىز قىلدى ۋە تۈركلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھەممە تىلەكلىرىگە ئېرىشتۈرۈپ، يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى. تۈركلەرنىڭ ئوقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يولىنى مەھكەم تۇتۇش ھەربىر ئەقىل ئېگىسىگە لايىق ۋە مۇناسىپ ئىش بولۇپ قالدى. ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق. كىمكى ئۆز گۇرۇھىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئايرىلىپ، تۈركلەرگە سېغىنىپ كەلسە، تۈركلەر ئۇلارنى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، خەۋپتىن قۇتقۇزىدۇ؛ ئۇلار بىلەن بىللە باشقىلارمۇ پاناھ تاپىدۇ.»① «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1 − توم، 1 −، 2 − بەت.
4 D+ ^9 k* R0 t3 V ; f3 w) v% r- r$ z8 g w0 p
يۇقىرىقى خىتابلار قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قانچىلىك مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى پاكىت تەلەپ قىلمىغۇدەك دەرىجىدە يورۇتۇپ بەرگەن.( F; @! f6 b5 q$ F; C. q+ _* q
2. ئۇيغۇرلار يۈكسەك مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي مىللەت ئىدى; l, l1 L4 a+ u- L3 v9 |
بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرى «قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر لۇشۈن ئەپەندى: «بۇرۇن يول يوق ئىدى، ئادەملەر ماڭغاندىن كېيىن يول پەيدا بولغان» دەپ كۆرسەتكەن. يۇقىرىقى يول ۋە ئىزلار ئادەتتىكى ئىز ۋە يولنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ يولى، ئىنسانىيەت تارىخى بېسىپ ئۆتكەن مەدەنىيەت يولىنى كۆرسىتىدۇ.
c4 A5 `3 Q9 y/ Qتارىختا ئىنسانىيەت تارىخى بېسىپ ئۆتكەن مەدەنىيەت ئىزلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، جۇڭگو، ھىندى، گرېك، ئىران ۋە ئەرەبلەرنىڭ قەدىمكى ئاتا بوۋىلىرى ئىنسانىيەتكە كۆزنى چاقنىتىدىغان ئەڭ باي مىللىي مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى يارىتىپ، جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس پارلاق تۆھپىلىرىنى قوشقانلىقىنى كۆرىمىز./ S1 i3 b& O; u9 c' @
جاھان مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلۇغ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى توغرىسىدا سۆز ئاچىدىغان بولساق، بۇ مەدەنىيەت ھالقىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقى تارىخىي پاكىتلاردىن مەلۇم، شۇڭا پروفېسسور ك. ئا. بىرونىكۋ «ئۇيغۇرلار ئۆتكەن دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇش تارىخىدا چوڭ ئورۇن ئېلىپ كەلگەن بىر خەلق. ئۇيغۇرلار قەدىمكى زامانلاردا يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان شەرق خەلقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن باھالىرىمۇ تارىختىدىكى نۇرغۇن مەدەنىي ئىزلارغا ئاساسەن چىقىرىلغان خۇلاسە ئىدى.+ r% P6 |8 s! T) e- e K/ T8 C; O; J
راست! تارىخ سەھىپىسىگە ئەقىل كۆزىمىز بىلەن قارىغىنىمىزدا، شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرغان «يىپەك يولى»دىن ئىبارەت خەلقئارا ئالتۇن لىنىيە خەلقئارا سودا مەھسۇتلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى ۋە بازىرى بولغانىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل − پاراسىتىدىن ياشنىغان بۇ مۇقەددەس تۇپراق ئاتا قىلغان قىممەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئارتقان تۇنجى كارۋان تۆگىسى بۇ دىياردىن دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرگە بارىدىغان دەسلەپكى يولنى ئاچقانىدى. بۇ يول ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە روناق تېپىپ، گۈللەپ ياشنىشىدا ئەڭگۈشتەرلىك رول ئوينىغانىدى. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى بۇ خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىدە ئالتۇن كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرغانىدى. چۈنكى، ئۇيغۇرلار خېلى قەدىمكى دەۋرلەردىلا تاۋار سودىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي قۇرۇلۇشىدا ئوينايدىغان غايەت مۇھىم تۈرتكىلىك رولىنى ئەقەللىي ھېس قىلىشقانىدى. 11 − ئەسىرنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ سودىگەرلەر تەبىقىسىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتقا ۋە سىياسىي ھاياتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا قويغان: ئۇلار «شەرقتىن غەربكە كېزىپ يۈرۈپ، سەن ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. مىڭ تۈرلۈك تاۋار − دۇردۇن، دۇنيانىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرى شۇلاردا بولىدۇ، جاھان كەزگۈچى سودىگەر بولمىغان بولسا، قارا سۆسەر جۇۋىنى قاچان كىيەلەيتتىڭ، سودىگەر جاھان كېزىپ يۈرمىگەن بولسا ئۈنچە − مارجان، تىزىقلارنى كىم كۆرەلەيتتى؟»
; y/ z |; b5 e) c% p* x, f( n+ Bقەدىمدىن تارتىپ سودا ئىگىلىكىدە قانۇنىيەتلىك ئىككى خىل باغلىنىش مەۋجۇت. بىرى، ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى سىرتقا چىقىرىش، يەنە بىرى، باشقىلارنىڭ ئىلغار مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈش. ئۇيغۇرلار سودا ئىگىلىكىدىكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. چۈنكى، نوقۇل باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقىلا تايانغاندا، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچىدىكى قول سانائەتچىلەرنىڭ ئىلگىرىلەش يولى توسۇلۇپ قالاتتى، ئىستېمالچىلارمۇ زور دەرىجىدە زىيان تارتاتتى. بۇ خىل ئەھۋال سودا ساھەسىدە ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا كۈچلۈك رىقابەت ئېڭىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنداق كۈچلۈك رىقابەت ئۇيغۇر ئۇستىلىرى ۋە سودىگەرلىرى تەبىئىي ئەۋزەللىكتىن، خام ماتېرىيال ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، قول سانائەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى − توقۇمىچىلىق سانائىتى، زەرگەرچىلىك سانائىتى، كېگىز ئىشلەپ چىقىرىش سانائىتى، گىلەمچىلىك سانائىتى، قاش تېشى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى، ئىشلەپ چىقىرىش قوراللىرى سانائىتى قاتارلىقلار جەھەتتە ئۆز ئېھتىياجىدىن ئېشىپ، دۇنيا بازارلىرىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئىگىلىگەنىدى. تارىخىي كىتابلاردا بۇ ھەقتە قىممەتلىك مەلۇماتلار ساقلىنىپ قالغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى دېگەن قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى − يېڭى ئىختىرالىرى توغرىسىدا نۇرغۇن ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن. مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق بىر توقۇلما مەھسۇلاتنى تىلغا ئالىدۇ: «ياتۇق − ئىككى خىل نەرسىدىن توقۇلغان رەخت. ئۇنىڭ ئۆرۈمى يۇڭ يىپتىن، ئارقىغى پاختا يىپتىن بولىدۇ». بۇنداق ئىككى خىل يىپنى ئارىلاشتۇرۇپ رەخت توقۇشنىڭ قانچىلىك تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەسقۇ دەيمەن. يەنە بىر ئۇچۇر: «يالما − يامغۇرلۇق، پارسلار بۇنى تۈركلەردىن ئېلىپ <يەكمە> دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. ئەرەبلەر پارسلاردىن ئېلىپ <يەلمۇق> شەكلىدە قوللىنىدۇ. ھېچكىم بۇ سۆزنى تۈركلەر پارسلاردىن ئالغان دېيەلمەيدۇ. چۈنكى، مەن بۇ سۆزنى ئەڭ يىراق چېگرىدا ياشىغۇچى قارا تۈركلەردىنمۇ ئاڭلىغانىدىم. ئۇلارنىڭ يۇرتىدا قار − يامغۇر كۆپ ياغقاچقا، ئۇلار باشقىلارغا قارىغاندىمۇ يامغۇر يىپىنچىغا كۆپرەك موھتاج ئىدى». ئەمدى ئىشلەپچىقىرىش قورالىدىن بىرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى. مەھمۇد قەشقەرى «ئىرغاق»نى تونۇشتۇرىدۇ. ئۇنى مۇزنى مۇزخانىغا تارتىپ ئەكىرىشتە ئىشلىتىدىغان ئىلگەك، دەپ ئىزاھ بېرىدۇ. يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى كۆرگىنىمىزدە، بىزنىڭ 21 − ئەسىردە ياشاۋاتقان نۇرغۇن مۇزچىلىرىمىزنىڭ مۇزنى گەمىگە ئېلىپ كىرىشتە ياكى مۇز كۆللىرىدىن مۇز تارتىۋاتقاندا ئاشۇنچىلىك بىر ئىلغا ياساپ ئىشلەتمەي، قولى ۋە ئارغامچىلار بىلەن تارتىپ ناھايىتى مۇشەققەت چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. يەنە بىر ئۇچۇر تېخىمۇ بىزگە ئۈلگە ۋە ئىلھام بولۇشى مۇمكىن: «ئاقچاق − ئېغىزغا دورا قۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىچى كاۋاك ئەسۋاب»، ھازىر بىزنىڭ ئاتا − ئانىلىرىمىز بالىغا دورا ئىچكۈزۈشتە ئاشۇنچىلىك بىر ئەسۋابنىڭ يوقلۇقىدىن، دورىنىڭ كۆپىنى بالىنىڭ كىيىم − كېچەكلىرىگە ئىچكۈزۈۋاتقانلىقى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى مۇز تارتىش سايمىنى بىلەن دورا ئىچكۈزۈش ئەسۋابى ھازىرقى زامان پەن − تېخنىكىسىغا تايىنىپ ياسالسا، پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشىشى مۇمكىنغۇ، دېگەن ئارماننى قىلىمىز.
8 C& V9 V- P, `& Y Lقەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۆتمىڭ يىل بۇرۇنقى مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن گۇۋاھلىق بەرگۈچى كىروران ئانا، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ساپايىمىزنى ئەسلىتىدىغان شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئارقا − ئارقىدىن بايقىلىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مىڭ ئۆيلەردىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سەنئەت نەمۇنىلىرى، دۇنيادا كەمدىن − كەم ئۇچرايدىغان «مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرى»، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي ۋە بەدىئى ئىدىئالنىڭ مەسئۇلى بولغان «ئوغۇزنامە»، «قۇتادغۇبىلىك»، «چاھار دىۋان»، «خەمىسە» قاتارلىق دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە نەمۇنىلەر، دۇنيا مۇزىكا − سەنئەت تارىخىدىكى مۆجىزە دەپ تونۇلغان «ئون ئىككى مۇقام»، خەلقىمىزنىڭ ئەقىل − پاراسىتىدىن چاقنىغان مىخ مەتبەئە، قەغەز ئىختىرالىرىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجاد قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا، ئىسلاھ قىلىشقا، تەرەققىي قىلىشقا ماھىر، ئەمگەكچان، باتۇر خەلق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
u; M" ~, A9 D: {( \9 D& o4 V6 uشۇنداق، ئۇيغۇر خەلقى ئەقىل بەيگىسى، ئىختىرا بەيگىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن، بۇنىڭ خاسىيىتى شۇ بولغانكى، بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي خاسلىقى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىنى روشەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەتراپتىكى ئەللەرنىمۇ ئوخشىمىغان شەكىلدە ئۇيغۇرلاشتۇرغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھايات − ماماتلىق بەيگىسىدە غالىپلىق تۇغىنى كۆتۈرگەن ئەجرى بەدىلىگە ھېچبولمىغاندا مەۋجۇتلۇقتىن ئىبارەت ئەڭ شەۋكەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
, @* n& _6 P9 J$ i" c" p5 p3. تارىخىمىزدا مەدەنىيەت جەھەتتە ياتلىشىش ۋە مىللىي خاسلىقنى يوقىتىۋېتىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاچچىق ساۋاقلار
6 ?! a4 c! G( k |+ e«ئادەمنىڭ روھى چۈشسە ئېتى يۈگۈرەلمەيدۇ» دېگەن بىر ھېكمەت بار. ھەقىقىتىنى ئېيتقاندا، ئىنسانلار دۇنياسى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن روھلار دۇنياسى، روھلارنىڭ ئۆزئارا كۈرەش قىلىش جەريانى؛ تارىخ بولسا روھلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇش جەريانى؛ جەمئىيەت بولسا روھنى يېڭىلىشىدىكى سەھنىسى. مانا شۇنداق قارىمۇقارشى روھىيەت ئالىمى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مەۋجۇدىيىتىنىڭ مەنبەسى. ئىنسانلاردا روھ بولمىسا ئىنسانىيەتمۇ بولمايتتى، رەڭگارەڭ روھلار جىلۋىسى بولمىغاندا ئىنسان ئۆز كامالىتىنىڭ نۇرانە مەشئىلىنى يورۇتۇشنىڭ سېھرىي كۈچىدىن مەھرۇم بولۇپ قالاتتى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، روھنىڭ ئەركىن پەرۋاز قىلىشى، روھنىڭ روھ ئۈستىدىكى ئىسيانى مەڭگۈلۈك مۇقەددەس جەريانى. بۇنداق چەكسىز مۇساپە ئىچىدە سەپەر قىلىۋاتقان ئىنسانلار بېشىدىن ئىنتايىن جەلپكار، سېھرىي كۈچكە باي بولغان ئىجابىي روھلارنىڭ يېتەكلىشىنىمۇ، روھنىڭ روھ ئۈستىدىكى دەھشەتلىك، رەھىمسىز شاللىشىنىمۇ كەچۈرۈشكە مەجبۇر. بۇ ھەرگىزمۇ روھلارنىڭ ئۆز ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى تارىخ تەرەققىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك قانۇنىيىتى.
1 c! d4 U3 o* b _5 oتارىخ ئۆزىنىڭ جەلپكار چېھرىنى ناھايىتى نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتتى. تارىخنىڭ ھەم روھنىڭ ھەر قېتىمقى يېڭىلىنىشى مېھمان كۈتكەندەك ئۇنداق سىلىق − سىپايە بولغىنى يوق، بەلكى ئۈمىد بىلەن ئۈمىدسىزلىك، يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كونىدىن قىيالماسلىق، غايە بىلەن رېئاللىق، تەرەققىيات بىلەن مۇتەئەسسىپلىك، ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىق، ھەسرەت بىلەن سۆيۈنۈش، بەھرىمەنلىك بىلەن مەھرۇملۇق ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك روھىيەت پرۇتىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈرەش ئارقىلىق قايتىدىن تۇغۇلغان. تارىختا يۈز بەرگەن ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشلىرى، ئېتىقاد سەھىپىسىدىكى سەھنە ئۆزگەرتىشلەر، ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئوينالغان تراگېدىيىلىك ۋە كومىدىيىلىك ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرقى ھېسابتا تارىخنىڭ ۋە روھنىڭ يېڭىلىنىشىنىڭ مۇقەددىمىسى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي بايقاشلىرى بىلەن تارىختىكى خاتا بىلىش ۋە خاتا ھۆكۈملەرگە جەڭ ئېلان قىلغان ۋە مۇشۇ يولدا رىيازەت چەككەن ھەم دارغا ئېسىلغان. پىلاتون، گالىلى، مەنسۇر ھەللاجى … ۋە تۈمەنلىگەن كىشىلەر «يەر يەنىلا ئايلانماقتا»، «ئىنەل ھەق، مىنەل ھەق» دېگەنگە ئوخشاش ئىسيانلىرى بىلەن دارغا ئېسىلغاندا، بۇ پاجىئەلەرگە شاھىت بولۇپ تۇرغان دەۋرداشلىرى ئۇلارنىڭ چۇقانىنىڭ روھىنىڭ ئىسيانى، ئۇلارنىڭ تراگېدىيىسى روھىنىڭ تراگېدىيىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تېڭىرقىماسلىقى ئۈمىد، ئىشەنچ مۇقەددەسلىكىنىڭ يىمىرىلمەس ئۇچقۇنىنىڭ ئەتىكى جىلۋىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشمىغانىدى. شۇنداق! ئەركىن، مۇقەددەس روھقا مەڭگۈ كىشەن سېلىپ بولغىلى بولمايدۇ. قەلب بوستانىدا يېنىۋاتقان مۇقەددەس پىكىرنى، روھنىڭ يېڭى ئىستەكلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھاكىم مۇتلەقلىق بىلەن قاپلانغان ئاشۇ دەۋرلەردە ئەمدى تۈك چىقىرىۋاتقان بۈركۈتنىڭ قانىتىنى يۇلغانغا باراۋەر ئىش ئىدى. لېكىن، يۇلۇنغان قانات كېيىن بۇلۇتلار باغرىنى يارالايدىغان تېخىمۇ مۇستەھكەم تۆمۈر قاناتقا ئايلانغانىدى.
8 E3 c8 H5 d7 F3 {$ U% Qھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئىلغار ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىلغار روھىمۇ، زەئىپ، چۈشكۈن روھىمۇ، شۇنىڭدەك ئىلغار ئەنئەنىسىمۇ، ھەم قالاق ئەنئەنىسىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شۇنداق، ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئاشۇنداق قارىمۇقارشى روھلار كۈرىشى داۋامىدا بەزىدە غالىپ كەلدى ۋە بەزىدە چۈشكۈن، زەئىپ روھلار غالىپ كېلىپ، ئىلغار روھ چەتتە قىپقالدى ۋە بەزىدە خارلاندى.
# v* `' E" o: c( e! dبىز بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمانلىقى، جاپادىن قورقمايدىغانلىقى، ۋەتەنپەرۋەرلىكى، قۇربان بېرىش روھىغا بايلىقى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش روھىنىڭ يۇقىرىلىقى، مەرىپەتنى سۆيۈش قىزغىنلىقى، ھەققانىيەتنى ياقىلاش مەيدانى، ئەدەپ − ئەخلاق جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى قاتارلىق ئىلغار مىللىي خاسلىقلىرىنى ئېغىزىمىز بېسىلماي تىلغا ئېلىپ ماختاپ كەلدۇق. بىراق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا قانداق چوڭ سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكى، قانداق پسىخىك ئاجىزلىقلىرىنىڭ بارلىقى، ئىستىقبالىنى بەربات قىلىشقا سەۋەب بولغان قانداق ناچار ئىللەتلىرىنىڭ بولغانلىقى، تارىختىن بىزگە مىراس بولۇپ قالغان قانداق − قانداق ئىللەتلىرىمىزنىڭ يەنىلا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇنى قانداق قىلغاندا تۈگەتكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە تېخى تولۇق، ئەتراپلىق ئىزدىنىشكە، تەجرىبە − ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە ئۈلگۈرۈپ بولالمىدۇق. بىراق، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرنىڭ ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق شاھىتلىرى مىللەتنىڭ روھىدا ساقلانغان چىرىتكۈچى باكتىرىيىگە ئوخشاش يامان ناچار ئىللەتلەرنى يۈرەكلىك پاش قىلغان، شۇنداقلا ئۇنداق ناچار، يامان ئىللەتلەرگە قارشى رەھىمسىزلەرچە ئىسيان كۆتۈرۈپ، مىللەتنىڭ روھىنى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەجىرلەرنى قىلغان، شۇنداق قىلىپ ئۇلار مىللەتنى خاراب قىلىدىغان، ھالاكىتىنى تېزلىتىدىغان يامان ئىللەتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارە − تەدبىرلىرى ئۈستىدە بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىشقانىدى.
6 ^# `1 T- Y- r+ i7 − ئەسىردىن بۇرۇنقى تارىخىي تەجرىبە − ساۋاقلارنى مۇپەسسەل ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن تارىخىي خاتىرىلەر ناھايىتى ئاز. «ئورقۇن مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى» ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلىرىگە قويغان دىئاگنوزنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى مەلۇماتى. مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىنىڭ ئاپتورلىرى كۆلتېكىن، بىلگە خاقان، تونيوقۇقلار ئۆز دەۋرىنىڭ مىلودىيىسىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن، ئۆزلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالىغان گىگانت ۋەكىللىرى ۋە ئەزىمەتلىرى ئىدى.
' J* G. f, p- Y2 ]) p6 Fقاراخانىيلار سۇلالىسى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مۇنبىرىدە ئەڭ شانلىق سەھىپە ئاچقان پارلاق دەۋرى. شۇنداق گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان تارىخىي باسقۇچتىمۇ دۆلەت، خەلقنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرىدىغان زىيانلىق ئىللەتلەر باش كۆتۈرۈپ، دۆلەتنى خاراب قىلىش، ۋەتەننى مۇنقەرز قىلىش خەۋپىنى تۇغدۇرغان.
" ~* O9 Z3 f `6 y2 Sبۇنداق يامان كېسەلنى داۋالاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى دەپ بىلگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ باتۇرلار بېگىدەك قورقماس يۈرەك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر تەرەپتىن جەمئىيەتتە باش كۆتۈرگەن ئىللەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى، مەنبەسىنى، ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتنىڭ بۇنداق چىرىتكۈچى مەرەز كېسەلنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسېپىنىمۇ بايقاپ چىققان.6 k6 e6 k+ K4 o4 I
يۈسۈپ خاس ھاجىپ خەلق ئىچىدىكى مەنىۋى بۇزۇلۇشقا، ئاق − قارىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىغا، ھەق بىلەن ناھەقنىڭ ئاستىن − ئۈستۈن بولۇپ كېتىپ بارغانلىقىغا، ئەسلىدىكى پاك روھنىڭ شەخسىيەتچىلىك، تەمەخورلۇق، قۇلچىلىق بىلەن پەسكەسلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىغا قاتتىق ئېچىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋىجدانى ۋە خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى بۇنداق نابۇت بولۇپ كېتىشكە يول قويمايدۇ. ئۇنىڭ پاك روھى دەھشەتلىك تىپىرلايدۇ، ۋىجدان تارىسى ئۇنىڭغا تېخىمۇ قاتتىق جاكا بېرىدۇ − دە، ھۆكۈمدارلارغا ۋە خەلقىگە ھەقلىق يوسۇندا مۇنداق مۇراجىئەت قىلىدۇ:
5 i" U; q- b5 r4 _& u: S# `( Z«ئەي ئالىم، بۈگۈنكى بۇ زامانىڭغا نەزەر سال! ھەممە ئىش − ئەمەللەر تامامەن باشقىچە بولۇپ كەتتى، بىلىملىكلەر خارلاندى، ئەقىللىقلار كېكەچ بولۇپ ئېغىز ئاچالماس بولۇپ قالدى. ئەلدە يارىماس كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى، ياۋاشلار ئازار يەپ بېشىنى كۆتۈرەلمىدى. قاراپ باققىن، مەي بىلەن يۈزىنى يۇيۇپ ناماز تاشلىغانلار مەرد، باتۇر ئاتالدى، پىتنە − پاسات قىلغۇچىلار ئەركەك سانالدى، مەي ئىچمەيدىغان ئوغلانلار خەسىس دەپ ئاتالدى. ئەلدە ھالا يوقالدى، ھەممىدە ھارام ئۈستۈنلۈكنى ئالدى، ھارام يېگۈچىلەرنىڭ كۆڭلىنى قارا كىر بېسىپ كەتتى، ھالالنىڭ نامىلا قالدى، ئۇنى كۆرگىنى بولمايدۇ، ھارام بولسا تالاشتا قالدى، ئۇنىڭغا ھېچكىم تويمىدى. قاراپ كۆر! دۇنيانىڭ قىلىقلىرى تامامەن باشقىچە بولۇپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى تىلىدىن باشقىچە بولۇپ كەتتى. خەلقتىن ۋاپا كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جاپا ئۈستۈنلۈكنى ئالدى. ئىشەنچلىك بىرەر ئادەمنىمۇ ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى. قېرىنداشلار ئارىسىدا يېقىنلىق يىراقلاشتى، ياخشى دوستلارمۇ مېھرىبانلىقتىن كەچتى. كىچىكتە ئەدەپ قالمىدى، ئۇلۇغدا بىلىم سۇسلاشتى. قوپال − نادانلار كۆپىيىپ، سىلىقلار ئازايدى. كىشىلەر ئارىسىدىكى يېقىنلىق پەقەت پۇل ئۈچۈنلا بولدى، ھەقىقەت ئۈچۈن توغرا، ھەق ئىش قىلىدىغانلار قېنى؟ قېنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى كىشى، قېنى يامانلىقتىن توسقۇچى كىشى؟ سودىگەرلەر ئامانەت مەجبۇرىيىتىنى ئۇنۇتتى، ھۈنەرۋەن − ئۇستىلار نەسىھەتلىرىدىن ۋاز كەچتى. بىلىملىكلەر سۆزلىرىنى توغرا سۆزلىيەلمەيدىغان بولدى. خوتۇنلاردىن ھايا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. توغرىلىق يوقالدى، ئۇنىڭ ئورنىنى ئەگرىلىك ئىگىلىدى. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ كەتتى، كىمدە پۇل بولسا شۇنىڭغا باش ئەگدى، مۇسۇلمانلار قارشىلىشىپ بىر − بىرىنىڭ گۆشىنى يېيىشمەكتە، كاپىرلار بولسا ھۇزۇر − ھالاۋەتتە ياشىماقتا. مۇسۇلمانلارنىڭ مال − دۇنياسى تالان − تاراج قىلىندى. ھارامنى ھالالدىن پەرقلەندۈرىدىغان كىشى قېنى؟ كۆر، پىتنە − پاسات شاۋقۇنى قىلچە ئۇخلاتمايدۇ، ئىلمى قۇرئان ئاۋازى قېنى، كۆڭۈل قاتتىقلاشتى، تىل يۇمشىدى، ھەقىقەتنىڭ ئۆزى يوقاپ كەتتى، پۇرقى قالدى. نەزەر سالغىن، ئاتىغا ئوغۇل دادىلىق قىلىۋاتىدۇ، ئوغۇل بەگ بولۇپ، ئاتا قۇل بولدى. كەمبەغەل، تۇل − يېتىملارغا شەپقەتچى يوق، جاھان ئاستىن − ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. بۇنىڭغا ئەجەبلەنگۈچى قالمىدى. ئوغۇل − قىزلار ئاتا ھۆرمىتىنى تاشلىدى. <قېرى> دېگەن نام كىشى ئۈچۈن ھاقارەت بولۇپ قالدى. قانۇن − قائىدىلەر پۈتۈنلەي ئاستىن − ئۈستۈن بولۇپ كەتتى، ئاق بىلەن قارا ئارىلىشىپ كەتتى. بۇنىڭ ھەممىسى قىيامەت ئالامىتىدۇر، ئالامەت كۆرۈلسە كېلىدىغىنى كېلۇر. قۇدرەتلىك تەڭرىم ئىمانىمىزنى ساقلىسۇن، پىتنە، بالا − يامانلىقلارنى ئوتتۇرىدىن كۆتۈرسۇن.»
) D/ d; ^$ j; J! i0 ~& ]! _مانا بۇ فېئودالىزم تۈزۈمى ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر گىگانت جەڭچىنىڭ ئىسيانى. بۇ قەتئىي ئىسيان بىلەن يۈسۈپ دارغا ئېسىلىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق، شاھ ۋە دەۋر ئۇنىڭ ئىسيانىنى قوبۇل تاپتى. ھەققانىيەت ئۈستۈنلۈك قازاندى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ شاھتىن قالسىلا ئەڭ ئالىي ھۆكۈمدارى − ئۇلۇغ خاس ھاجىپلىق شان − شەرىپى بىلەن تارتۇقلاندى.
; ]% I$ u+ u" [2 v6 w w5 jيۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى دەۋردىكى خەتەرلىك مەنىۋى كېسەلنىڭ تۈپ يىلتىزىنى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ كۆرسەتكەن. بىرى، نادانلىق، ئىككىنچى، قانۇن − تۈزۈمنىڭ توغرا، ھەق بولماسلىقى، ئۈچۈنچى، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىق ۋە موھتاجلىق.+ C- G1 f, J' T2 n, l+ }7 N
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى ئۇلۇغ بايقىشى بىلەن قانائەت قىلمايدۇ. ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى مەنىۋى ئىللەتلەرنى داۋالاشنىڭ ئۇلۇغ مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلق ئارىسىدا ئەۋج قىلىشقا يۈز تۇتقان مەنىۋى ئىللەتلەرنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسېپىنى ھەم كۆرسىتىپ بەرگەن:7 [, X0 F' ?' s" U; S: G4 z# f
بىرىنچى رېتسېپ، بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ بارچىسى كېسەلچان كېلىدۇ، بۇ كېسەلنى داۋالىمىسا، ئادەمنىڭ تېزلا روھى ئۆلۈپ كېتىدۇ (1757 − بېيىت)., b/ R& U1 \" m8 c6 ?! a2 f
بىلىمنىڭ مەنىسىنى بىل، بىلىم نېمە دەيدۇ، بىلىملىك ئەردىن ھامان كېسەل يىراقلىشىدۇ (156 − بېيىت).* ^! r1 H% r% T* B1 M/ u
يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۆرسىتىپ بەرگەن مەنىۋى كېسەل، ئىنساننى ئىنسانلىقتىن، ۋىجداندىن، ئىماندىن، ئەقىل − ئىدراكتىن، رېئاللىقنى بىلىش، چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن، ئومۇمەن ياشاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلاتتى. نادانلىق جاھالىتى قەيەردە بولسا، پالاكەت ۋە ئاپەت قابائىتى شۇ يەردە بىخ سۈرەتتى. بىلىمسىزلىك − ئىقتىدارسىلىق ھۆكۈم سۈرگەن جايدا ئادالەتمۇ، ھەققانىيەتمۇ، بەخت − سائادەتمۇ، ئەقىل − ئىدراكمۇ، گۈزەل ئىستىقبالمۇ ئۆز نىشانىدىن ئېزىقىدۇ. كۆزى ئوچۇق قارىغۇنىڭ ئالدىدا پۇتلىكاشاڭ كۆپ بولىدۇ، ئىرادە مۇقەددەسلىكىمۇ، يېڭىلمەس كۈچ − قۇدرەتمۇ، ئېگىلمەس ھەقىقەت تۇيغۇسىمۇ بىلىم شەربىتىدىن سۇغۇرۇلغان مەنىۋى تۇپراقتا ئاندىن ئۆسۈپ − يېتىلىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولالايتتى. چۈنكى، توغرا بىلىش پاراسەتنىڭ قانىتى، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى، مەنىۋى زەئىپلىكنىڭ شىپاسى، ھاياتلىق يىلتىزىنىڭ ئابى ھاياتى بولالايتتى. بىلىپ ياكى بىلمەي قىلىنغان بارلىق رەزىللىكلەر، ئىنسانىيەتسىزلىكلەر توغرا بىلىشتىن مەھرۇم بولغان كىشىلەردىنلا سادىر بولاتتى.
2 D8 _, p* \ {1 p6 }5 V& }) Qئىككىنچى رېتسېپ، توغرا، ئادىل، ھەققانىي قانۇن − تۈزۈم ئەلنى روناق تاپقۇزۇشنىڭ، روھنى ساپلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئۈنۈملۈك رېتسېپى ئىدى. شۇڭا، يۈسۈپ ئەل ئىچىدىن ناھەقچىلىقنى، زوراۋانلىقنى، تەڭسىزلىكنى يوقات، ھەققانىي قانۇننى خەلققە بەر. قانۇندىن ئۇلار بەھرىمەن بولسۇن، توغرا قانۇن سۇغا ئوخشاش چۆلنى بوستان قىلالايدۇ، ئادالەتسىز قانۇن پۈتۈن خانۇمانىڭنى ۋەيران قىلىشقا يارايدۇ، دەپ يەكۈنلەيدۇ. بۇ نۇقتىدا ئەڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى شاھ ئۈستىگە تىرەيدۇ ۋە شاھ يالغۇز قانۇن چىقارغۇچى بولۇپ قالماستىن، ئەڭ ئالدى بىلەن قانۇنغا بويسۇنغۇچى بولۇشى كېرەك، شاھ ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ، يەنىلا قانۇن شاھتىن ئۈستۈن بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەلنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئەلدىن كۆرمە، ئۆزۈڭدىن كۆر، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى ۋە قانۇن − تۈزۈمىڭنى توغرىلا، شۇندىلا خەلق توغرا يولغا ماڭىدۇ.; r5 r, l5 D6 P( H4 t+ [5 S
ئۈچىنچى رېتسېپ، خەلق تۇرمۇشتىن خاتىرجەم بولسۇن. ھەرقانداق ياخشى خۇلقلىق، پاك ۋىجدانلىق، دۇرۇس خۇيلۇق، ساغلام روھلۇق كىشىلەرمۇ قولى قىسىقلىق، موھتاجلىق تۈپەيلىدىن ئۆزىنى بۇزۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھەي شاھ، خەلقىڭنى نامراتلىقتىن، كەمبەغەللىكتىن، ئاچ − يالىڭاچلىقتىن قۇتۇلدۇر، ئۇلارنى باياشاد ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە قىل، شۇندىلا دۆلەت روناق تېپىپ، ئەلدە خاتىرجەملىك قارار تاپىدۇ.
: f0 `* H# p# y' F, f* A" pيۇقىرىقى ئۈچ رېتسېپ، ئۆز دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي رېئاللىققا نىسبەتەن ئەڭ شىپالىق كۆرسەتمىلەر ئىدى. بۇ رېتسېپنىڭ شىپالىق رولىنى ئەسەردە ئەمەلىي كۆرسىتىش بىلەن مەنىۋى جەھەتتىن ئىسپاتلىغان.
7 F. k; @/ L; R# C2 v3 G/ p# }) lتارىخ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرگە قەدەم قويغاندا، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۆزىنى قايتىدىن ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۆزلىرىگە يېڭىدىن باھا بېرىشكە يۈزلەندى. نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزۇن تارىخى مۇساپىدە غاپىللىق، مەجبۇرىيەت ۋە زورلۇق ئاستىدا يول قويۇشقا، قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان نۇرغۇن سەۋەنلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالىدى. ئۆزى ئۈستىدىكى بۇنداق قايتا ئويلىنىش ۋە روھ ئۈستىدىكى ئىسيان ياۋروپادىكى خەلقلەرنى ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىگە ئېلىپ كىرگەنىدى. بۇ باسقۇچتىكى روھلار كۈرىشى ئىنتايىن كەسكىن، دەھشەتلىك ۋە رەھىمسىز بولدى. بۇ روھىي كۈرەشنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، ئالدى بىلەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىنسانىي قىممىتى، جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولىنى تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ خىل يېڭى چۈشەنچە ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى بىلىش، مەھكۇم بولغان، ئالدانغان، خورلانغان روھىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغانىدى. روھنى ئازاد قىلىش يەنىلا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋە مەڭگۈلۈك مەقسىتى بولۇپ قالىدۇ.
& j# N% ?6 T; cدەل ياۋروپا ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىگە كەلگەندە بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ياشاۋاتقان شەرق زۇلمەت ئىسكەنجىسىگە بەنت بولغانىدى. خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك ئىزدىنىشلىرى بەدىلىگە ئېرىشكەن قىسمەن روھىي ئازادلىقى چەكتىن ئاشقان خۇراپاتلىق پاتقىقىدا ئېڭراشقا، قوش زۇلۇم قامچىسى، زورلۇق − زۇمبۇلۇق كىشەنلىرى، روھىيەتكە قىلىنغان دەھشەتلىك بېسىملار ئاستىدا ھاقارەتلىنىشكە، خارلىنىشقا دۇچ كەلدى. مىللەت ئىچىدە سەلبىي ئېقىم ئۈستۈنلۈك قازاندى. نەتىجىدە نەچچە ئەسىرلىك بېسىم، خورلۇق ۋە بۇلغاشقا ئۇچرىغان ساغلام روھ ئۆزىنىڭ ئورنىنى زەئىپ، چۈشكۈن، تېڭىرقىغان، ھالسىزلانغان، ئازغان بىر پۇچەك روھقا بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن مىللەتنىڭ جۇشقۇن، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئۈمىدۋارلىققا تولغان روھى نادان، ئالدامچى، قارا نىيەت، پۇرسەتپەرەس سوپىلارنىڭ توزىقىدا ماغدۇرسىزلاندى ۋە ئەركىن قانات قېقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم ھالەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولدى.
9 Z. a5 d* ^! p) J* |) Z+ ~ }9 A% rبۇنىڭ ئىپادىلىرى نېمە؟ مىللەت ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئادىمىيلىك ئورنىنى، ئادىمىيلىك قىممىتىنى ئۇنتۇپ قالدى، ئەكسىچە، ئۆزلىرىنى بۇ دۇنيادىكى بىر گۇناھكار، ئازغۇن، ھېچقانداق ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان مەجروھ مەخلۇق دەپ تونۇپ، بالدۇرقى قەددىنى تىك تۇتۇپ ماڭىدىغان بۇ خەلق ھەرقاچان پۈكۈلۈپ، تۆت قاتلىنىپ، بېشىنى ئېگىز كۆتۈرەلمەيدىغان، تىكىلىپ بىرسىگە قارىيالمايدىغان، يەرگە يۈرەكلىك دەسسىيەلمەيدىغان بىر بىچارە مېجەزنى يېتىلدۈرۈۋالدى. ئەسلىي قانۇنىيەتتىن ياتلاشتۇرۇلدى. ئەسلىي قانۇنىيەت بويىچە قارىغاندا، ئىنسان بۇ دۇنيانىڭ خەلىپىسى (ئورۇنباسارى) ئىدى، ئادەم دۇنيادىكى بارلىق مەخلۇقلاردىن ۋە بارلىق مەۋجۇدادلاردىن ئەزىز ۋە شەرەپلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىنغانىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئاللا بارلىق ئىنسانلارنى باراۋەر ياراتقانىدى، ھەرگىزمۇ بىرىنى يەنە بىرىگە قۇل قىلىپ بېرىشكە، بىرىنىڭ يەنە بىرىگە قۇللارچە چوقۇنۇشىغا ئەمىر قىلىنغان ئەمەس ئىدى. ئەڭ مۇھىم تەرەپ شۇكى، پۈتۈن ئالەم ۋە زېمىن ئىنسانلارغا بويسۇندۇرۇلۇپ بېرىلگەنىدى، ئۇنى ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ بەرگەنىدى، ئادەمنى بولسا يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن ئەركىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلغانىدى. بىراق، كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلار ئازغۇن يولنى تاللاپ، ئەسلىي ماھىيەتكە خىلاپلىق قىلدى، ئۆزىنىڭ ئەسلىي تەبىئىتىگە ئاسىيلىق قىلدى، ئاللانىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان مەئىشەتلىرىدىن يۈز ئۆرىدى. نەتىجىدە ئاللانىڭ «بىزنى ئۇنۇتقان قوۋمنى بىزمۇ ئۇنتۇيمىز» دېگەن ھۆكمىگە ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇلۇغلۇق ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ، بارا − بارا ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ مىللەت نامىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىش ھالىتىگە بېرىپ قالغانىدى. پۈتۈن دۇنيامۇ ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ كېتىشكە باشلىدى.
+ q7 U+ G( P2 p& ]% lئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ يارقىن ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويۇشقا سەۋەب بولغان يەنە نۇرغۇن تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە روھىي سەۋەبلەرمۇ بار. ئۇنى ئومۇملاشتۇرغاندا، مۇنداق بىر قانچە تەرەپكە يىغىنچاقلاش مۇمكىن: بىرىنچىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھاكىمىيەت تالىشىش ئۇرۇشلىرىدا بۇ زېمىن ئاپەت ئوچۇقىغا ئايلىنىپ قالغان، سىياسىي كۈچلەر، دىنىي مەزھەپلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىدىغان جەڭگى − جېدەل بارگاھىغا ئايلىنىپ قالغان، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى خەلقنىڭ بېلىنى مۈكچەيتكەن، يىلىكىنى قۇرۇتقان. ئۇلار جان ساقلاش ئۈچۈن ھەدەپ ئۇياندىن بۇيانغا قېچىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان، تىنچ − خاتىرجەم تۇرمۇش ئۇلاردىن يۈز ئۆرىگەن.
4 V2 x+ }, V' T4 v$ Lئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنىڭ مۇھىم ئومۇرتقىسى بولغان سودا كارۋان يولى (يىپەك يولى) دېڭىز قاتنىشى ئېچىلغاندىن كېيىن، تەدرىجىي چۆلدەرەپ قالغان، بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىغا زور زىيانلارنى سېلىپلا قالماي، يەنە ناھايىتى ئۇزۇن زامان دۇنيا بىلەن بولغان قويۇق باردى − كەلدى مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ قويدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتە، جۈملىدىن ئىدىئولوگىيە جەھەتتە ئۇزۇن مەزگىل بېكىنمە ھالەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولدى.
# ^ p2 s) i, R; [ئۈچىنچىدىن، مائارىپ ۋەيران بولدى، ئۇيغۇرلار نەچچە ئەسىر ئىزچىل ھالدا ئىلىم − پەندىن چەتنەشتۈرۈلدى. ئىلىم − پەن بىلەن دىن قارىمۇقارشى قىلىپ قويۇلۇپ، پەقەت قىسمەن دىنىي ساۋاتتىن باشقا نەرسىلەرنى ئۆگىنىش گۇناھ دەپ قارالدى. نەتىجىدە پۈتۈن مىللەت مىللەت سۈپىتىدە نادان قالدى. نەتىجىدە مۇقەددەس ئىسلام دىنىمۇ مۇشۇ زېمىندا ئەسلىي ماھىيىتى بۇرمىلىنىپ ھاقارەتكە ئۇچرىدى. ئادىمىيلىك ماھىيىتىنى يوقىتىش ھېسابىغا تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگىمۇ خىلاپلىق قىلىندى. چۈنكى، بىلىش، تەرەققىي قىلىش تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئەڭ قىممەتلىك شەپقىتى ئىدى.7 \! y9 ?" B s0 _8 \" s9 e$ J4 d3 P
بۇنداق نادانلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتنى، مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىللەتلەرنى 18 − ئەسىر ئەدەبىياتىمىزنىڭ ناماياندىلىرىدىن بىرى بولغان سالاھى ئۆزىنىڭ «گۈل ۋە بۇلبۇل» داستانىدا ناھايىتى سىمۋوللۇق ئاساستا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنىدى. ئۇ ئالدامچىلىق، كاززاپلىق، پوچىلىق، نەپسانىيەتچىلىك، مەنىۋى زەئىپلىك بىلەن تولغان رېئاللىقتىن بىزار بولغان، ھۆرلۈككە، پاكلىق بىلەن تولغان دۇنياغا تەشنا بولغان بۇلبۇل ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىدۇ. ئۇنى شۇ دەۋرگە ۋە شۇ دەۋردە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان چۈشكۈن، زەئىپ، ئۆزىدىن مەھرۇم بولغان دۇنياغا قارشى ئىسيانكار قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تېڭىرقىغان، ئالدانغان، زەئىپلەشكلەن، قۇللۇق قەپىسىگە بەنت بولغان، نەپسىگە ئەسىر بولغان روھنى ئازاد قىلماقچى بولىدۇ. ئەسەردە بۇلبۇل سابانىڭ يول باشلىشى بىلەن رەزىللىك بىلەن تولغان قاباھەت دۇنياسىدىن ئايرىلىپ، ھۆرىيەت دۇنياسىغا سەپەر قىلىپ، ھۆرىيەت دۇنياسىنىڭ سىمۋولى بولغان قىزىل گۈل دىيارىغا قەدەم قويۇشىغا دىيانەتسىز باغۋەن بۇلبۇلنى تۇتۇۋېلىپ قەپەسكە سولايدۇ، ئۇ بۇلبۇلنى قەپىسى بىلەن ئۆزىنى «مەرد جاھانى» دەپ ئاتىۋالغان بىر رەھىمسىز، قەلبسىز، روھىسز، ۋىجدانسىز، ئىنسانىي تەبىئەتتىن مەھرۇم بولغان بىر نائەھلىگە سېتىۋېتىدۇ. بۇلبۇل بۇ خورلۇققا قەتئىي كۆنمەيدۇ، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئەركىنلىك روھىنىڭ قۇللۇق قەپىسىگە بەنت قىلىنىشىدىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل بىلىدۇ − دە، ئۆزىنى قەپەسگە ئۇرۇپ ئۆلۈش ئارقىلىقلا روھىنى ئازاد قىلىدۇ. «مەرد جاھانى» بولسا بۇلبۇلنىڭ ئۆلۈمىگە قىلچە ئېچىنمايدۇ، ئۇنىڭ مەقسەت − نىشانىنى، ئۇنىڭ روھىدىكى ئۇلۇغۋارلىقنى ھېس قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ئۇنداق قەلب، ئۇنداق چۈشەنچە ئۇنداق رەھىمدىللىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەن نەرسە نېمە ئىش قىلسۇن. شۇڭا، ئۇ «مەرد جاھانى» بۇلبۇلنى سېتىۋالغان پۇلى ئۈچۈن پەرياد چېكىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئەخمەق بۇ ھەسرەتتىن ئۆز بېشىنى تاشقا ئۇرۇپ، ئون پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرىدۇ.' W* o3 N9 g: l+ r
بۇ ئەسەر ماھىيەتتە ئۆز دەۋرىدىكى دەھشەتلىك تراگېدىيىنىڭ بۇلبۇل پاجىئەسى ئارقىلىق ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى ئىدى. بۇلبۇل گۈزەللىككە، ئەركىنلىككە يۈرەكلىك ئىنتىلگەن، جاھان زۇلمىتىگە جەڭ ئېلان قىلغان، ئۆزىنىڭ روھىنى زۇلمەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىسيانكار ئىدى. ئەپسۇسكى، شۇ تارىخىي رېئاللىقتا جاھىل، مۇتتەھەم، تەپرىقچى، نەپسانىيەتكە ئەسىر بولغان، ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى ئۇنۇتقان ئۇ قارا كۈچلەر ھۆكۈم سوراۋاتقان بۇ زۇلمەت ئوچىقىدا بۇلبۇل ئۈچۈن ياخشى كۈن يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇ دەۋردە بىر تەبىقە تەركى دۇنيالىقنى تەرغىب قىلىپ خەلقنى بىخوتلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار پۇل، مەنسەپ ئۈچۈن ھەرقانداق رەزىللىكنى قىلىشتىن باش تارتمايتتى. يامانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ياخشىلارغا كۈن بولمىغانىدى." F ~9 V: D5 x& ]* d" T N# a- P6 D+ U
شائىر ناھايىتى مۇھىم بىر ئىجتىمائىي قانۇنىيەتنى بايقىغانىدى. تارىختىن بۇيان ياخشىلار ئۈستۈنلۈك قازانسا، ياخشى، ئىلغار مەقسەتلەر ئۈچۈن قۇلايلىق شارائىت تۇغۇلسا، يامانلارنىڭ يولى تارىيىدۇ، ئۇلار مەجبۇرىي ھالدا ئۆزلىرىنىڭ پەسكەشلىكىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەكسىچە، ئەسكى، چىرىك، ياۋۇز كۈچلەرگە كەڭ بازار بولغاندا، ياخشىلارغا يول توسىلىدۇ، ياخشىلار كۆپلەپ ئازاب − ئوقۇبەت، خورلۇق تارتىشقا مەھكۇم بولىدۇ. چۈنكى، ياخشىلارغا كېلىدىغان ئازاب بەك كۈچلۈك بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار جەمئىيەتتىكى ناھەقچىلىك، بۇزۇقچىلىق، ئىنسانلىقتىن مەھرۇم بولۇۋاتقان جەمئىيەتنى ناھايىتى ئوچۇق ھېس قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتنىڭ ھىمايىچىلىرى، ھەقىقەتنى بايقىغۇچىلار بولغاچقا، ھەققانىيەتنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەھشەتلىك ئازاب دېڭىزىدا ئۈزىدۇ. نادان، ئەقىلسىز ئادەملەرلا بۇنداق ئازابنى ھېس قىلمايدۇ، شۇڭا ئۇلاردا قورسىقى ئاچقاننى ھېس قىلىشتىن باشقا ئازاب بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، جاھالەت ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رېئاللىقتا ياخشىلار ھەرقانچە ھەققانىىي بولغان بىلەن رەزىل كۈچلەر بىلەن بولغان كۈرەشتە يالغۇز قالىدۇ − دە، جاھىل كۈچلەرنىڭ ھاقارىتىگە، كەمسىتىشىگە، مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ. مانا بۇ ئازاب ئۈستىگە ئازاب بولىدۇ.
! s2 @7 n$ r5 _8 k ئۆز دەۋرىدىكى نادانلىقنىڭ تراگېدىيىسىنى، خوجىلارنىڭ ساختا (ئەۋلىيا) لىق، ساختا تەقۋادارلىق بىلەن خەلقنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سېلىپ، خەلقنى ھايات مەئىشىتىدىن قول ئۈزۈشكە، زۇلمەت دېڭىزىغا ئۆزلىرىنى بەخشەندە قىلىشقا ھەدەپ ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋالنىڭ ئەسلىي ماھىيىتى بەزى سەزگۈر، ئوقۇمۇشلۇق ئەربابلارنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. مەسىلەن، موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ نازىم تارىخىي رېئالنى پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ «چاڭموزا يۈسۈپخان» داستانىنى يازغانىدى. ئەسەردە ئالداش بىلەن ئالدىنىش ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تراگېدىيىلىك ھەم كومىدىيىلىك ئىجتىمائىي پاجىئە ئىنتايىن ئۆتكۈر ھەجۋى يول بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن. داستاندا يۈسۈپ خوجا ئۆزىنى ئەۋلىيا قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى يوشۇرىدۇ. ئالدانغان نادان خەلق ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ نىجاتكارى ھېسابلاپ، ئۇنىڭ رەزگى تونىنىڭ پېشىنى سۆيۈشتى، ئۇنىڭغا چوقۇنۇش بىلەن ئاللاغا شېرىك كەلتۈرۈش ھېسابىغا ئۇنىڭدىن نىجاتلىق تىلەشتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا مۇرىت بولۇپ، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئالماق بولۇشتى، ھەتتا يۈسۈپ خوجىنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشمەك ئۈچۈن، مەسۇمە قىزلىرىنى نەزىر قىلىپ، ئۇ ئالدامچىغا تۇتۇشتى. يۈسۈپ خوجا بولسا بۇ نادان، ئەخمەق، ھاماقەت خەلق ئېلىپ كەلگەن ئامەتلىرىدىن پەخىرلىنىپ، ئېسىل كىمخاپ تونلارنى كېيىپ، ياسىداق ئۆيگە پەردە تارتىپ «ئەلنىڭ بەختى ئۈچۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتىمەن» دەپ نەزىر قىلىنغان قىزلار بىلەن ئەيش − ئىشرەت ھوزۇرىنى سۈرىۋەرگەن." @/ t0 B! M4 A/ }; }$ A
موللا بىلال يۈسۈپ خوجىنىڭ بۇ ساختا چۈمپەردىسىنى يىرتىپ تاشلاش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆز دەۋرىدىكى خەلقنى گۇمراھلىققا سۆرەپ كىرگەن نادانلىقنىڭ خەلققە كەلتۈرگەن پاجىئەسىنى ھېس قىلدۇرماق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلققە نادانلىقنىڭ ئادەمگە قانچىلىك ھاقارەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، قانچىلىك مەھرۇملۇقلارغا دۇچار قىلىدىغانلىقنى ئۇقتۇرماقچى بولغان. قارىغۇلارچە چوقۇنۇشنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتقان خەلققە خوجىلارنىڭ ساختا ماھىيىتىنى تونۇتۇش بىلەن ئۇلارغا سەگەك، ھوشيار ياشاشنى تەۋسىيە قىلغان.5 M5 q& k$ s6 x, w w' U# a( B
بۇ دەۋردىكى ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش شۇ بولغانكى، خوجا − ئىشانلار ئۆزلىرىنىڭ سېھرىي ئەپسۇنىنى كۈچەپ تەرغىب قىلىۋاتقان ئاشۇ جاھالەتلىك دەۋردە بەزى ئوقۇمۇشلۇق ئەربابلىرىمىزمۇ ئۇلارنىڭ جىن − شاياتۇن دىپىغا ئۇسسۇل ئويناپ، خەلقنى بىخوتلاشتۇرۇشتا مەلۇم رول ئويناپ قالغان./ ?' X H/ x* `3 e
+ X/ A `6 P: \! {& W: n yئەۋلىياغا جان دىلى بىرلە مۇرد بولسا كىشى،# N7 j* U0 D" I8 C
ئىككى ئالەمدە ئانىڭ ئورنى گۇلى گۇلزارىدۇر.
4 O& o% d$ \0 E6 z, I4 ]" m j* ?: X: g6 x0 x
− نەۋبەتى
& x5 @# ^, `& gجاھان بولدى كوپپارلارغا بېھىش،% U8 z" }2 u- A
ئاڭا قىلدى، ئالەمنى راھەت سىرشىت.
9 N) _4 v7 x& g- gجاھان ئاخىرەت بىرلە خەندان ئۇرۇر،0 @# D$ r# m+ d
جاھان ئەھلىئوقباغە زىندان ئېرۇر.
6 ^1 }( q. P8 F* A* d7 ?: c9 v2 I# b( l& d
كىشىگە يېتىشسە جاھان راھەتى،
. P3 [: F9 O, |; Cچېكەر ئاخىرەتتە بەسى مېھنەتى.& Q/ |( j( s" ]) P2 o
كىشى چەكسە ئالەم ئارا زارلىغ،3 x( l% N" }2 Y
قىلۇر ئاقىبەتتە تەڭرى دىلدارلىغ.
# m( X+ H) y" g* r# u' o' @) h8 F# r0 L
# M( h3 }5 D% p" l( g − تورودوش ئاخۇن غەرىبى
- B& f }) j+ K$ L$ K0 ~ h4 b0 Z% Q; n* K$ ^5 f
ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىن بەھرىمەن بولۇشىغا ئىرادە قىلىنغان بۇ چەكسىز ئالەمنىڭ مەئىشىتىنى ھارام دەپ قاراشقا ئېلىپ بارغان چىكىدىن ئاشقان ئازغۇن ئىدىئولوگىيە خەلقىمىزنى قانچىلىك زور مەھرۇملۇقلارغا دۇچار قىلمىغان − ھە! بۇ خىل خاتا ئىدىئولوگىيىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان روھ تا ھازىرغىچە تېخى ئۇنىڭ زەھىرىدىن قۇتۇلالىغىنى يوق.
$ H. _. B3 J8 f/ oشۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئىنتىلىشچان، ئىجادچان، تىرىشچان، كۈرەشچان روھ ئۆلگەن. ئۇلار خوجا − ئىشانلارنىڭ پېشىگە يۈزىنى بىر سۈرتۈۋېلىشنى چەكسىز بەخت − سائادەت ھېسابلاشقان. ئۇلار بەختنىڭ، ھاياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن. بارا − بارا ئۇيغۇرلارنىڭ مەغرۇر خاراكتېرىنىڭ ئورنىنى قۇلچىلىق ئىگىلەپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى «ئات ئۈستىدە جەڭگىۋارلىق كۆرسىتىپ، تىكلىگەن نامىنى ئۇنۇتقان. بۇنىڭدىن ئىككىمىڭ يىللار بۇرۇنلا كىيىملىرىگە دەزمال سېلىپ كىيىدىغان، ئاياغلىرىغا پېتەك سېلىپ كىيىش مەدەنىيىتىگە كىرگەن، قوللىرىدا پەلەي، ئۇچىلىرىدا ساۋۇت − دوبۇلغا، ئاياغلىرىدا خۇرۇم ئۆتۈك، ئېسىل تونلارنىڭ ئۈستىدە يەنە كېپىنەك تون كېيىپ يۈرگەن ئەركەكلىرىمىزنىڭ ئەپتىنى ۋەيرانلىق باسقان. باشلىرىدا مەزھەپلىرىنى ئۇقتۇقتۇرىدىغان ئاق ۋە قارا تەقىي دوپپا ۋە ياكى كۇلا − جەندە، ئۇچىسىدا كېپەنلىك تون، پۇتلىرى يېرىلىپ تىلىم − تىلىم بولۇپ كەتكەن، يالاڭ ئاياغ، رەڭگىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان تىرىك مۇردىغا ئايلىنىپ قالغان. ئاياللىرىمىز تېخىمۇ خورلۇق ئۈستىگە خورلۇق تارتقان، ئۇلارنى ھە دېگەندە ئۆزلىرىنى گۇناھكار ھېسابلاشقا مەجبۇر قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي قىممىتىنى جارى قىلىش ئىمكانىيىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلغان. كىروران ئانا ياشىغان بۇنىڭدىن تۆتمىڭ يىل بۇرۇن پۇتلىرىغا گۈللۈك ئۆتۈك كىيگەن، ئۇچىسىغا قاتلاق گارمۇن ئىشتان كېيىپ يۈرىيدىغان، يۈزلىرىگە ئەڭلىك سۈرتۈپ پەدازنى تاشلىمايدىغان ئانىلار، قاراخانىيلار دەۋرىدە باغرىداق مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۇنيا ئاياللىرىغا باغرىداق مەدەنىيىتىنى ئۆگەتكەن ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ دەۋرگە كەلگەندە قارا چۈمپەردىنىڭ ئىچىدە خورلىنىشقا، ئىنسانىي ئەركىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولۇشقا باشلىغان. خان − پادىشاھلارنىمۇ پىسەنت قىلماي، تىپىپ يىقىتىۋېتىپ، «قىز بىلەن چېلىشما، تۇغمىغان بايتال بىلەن چېپىشما»① مۇشۇ ماقالىنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق ھېكايەت قىلغان: خاقانىيە قىزلىرىدىن بىرى نىكاھ كېچىسى سۇلتان مەسئۇدنى تېپىپ يېقىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن خاقانىيىلىكلەر ئارىسىدا سۇلتان مەسئۇد توغرىلىق بىر ماقال چىقىرىلغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1 − توم، 619 − بەت.»
# R1 b+ S [" n" ^ دېگەندەك تەمسىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئۇيغۇر خوتۇن − قىزلىرى خوجا − ئىشانلارغا نەزىر قىلىپ بېرىدىغان بويۇمغا ئايلىنىپ قالغان.: O, Q5 p3 m& z9 X$ U& C# f7 b
ئومۇمەن، يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ئىجتىمائىي − تارىخىي ۋە ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى ئېزىقىشلار، ئۇزۇنغا سوزۇلغان خورلۇق ۋە ئازاب − ئوقۇبەتلەر، تەلىم − تەربىيىدىن مەھرۇم بولۇپ نادان قېلىشلار، دۇنيادىن بىخەۋەر بېكىنمىچىلىككە ئۆزىنى بەنت قىلىشلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ئىلغار مىللىي خاسلىقىنى دەپنە قىلىشقا يۈزلەندۈرگەن.
! U+ ?3 e) {5 D; dئۇيغۇر خەلقى ئاشۇنداق ھالسىزلانغان، تېڭىرقىغان، ئۆزلىرىنى يوقىتىپ قويغان ھالىتىدە 20 − ئەسىر بوسۇغىسىدىن ئاران − ئاران كىرگەن. بىراق، بۇ دەۋردە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆزى ئېچىلغان، دۇنيا بىلەن ئۇچراشقان، شۇڭا ئۇلار يېڭى بىر كۆز، يېڭى بىر ئىدىئولوگىيە بىلەن ئۆزلىرىگە دىئاگنوز قويۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن 20 − ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە روھنىڭ روھ ئۈستىدىكى ئىسيانى ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئىزدەش، زەئىپلىك دەستىدىن ئېڭراۋاتقان مەجرۇھ روھنى قۇتۇلدۇرۇش دولقۇنىنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. چۈنكى، خۇراپاتلىق توزىقىغا بەنت بولغان، قۇللۇق زەنجىرىدىن قۇتۇلۇشقا ئىمكان تاپالمىغان خەلق نىدا قىلماقتا ئىدى. ئەگەر بۇنداق نادانلىق ۋە ئازغۇنلۇق داۋاملىشىۋەرسە، خەلق ھەرگىزمۇ چىقىش يولىنى ۋە ئىستىقبالىنى تاپالمىغان بولاتتى. بۇ خىل ئېغىر تەقدىرنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرگەن، روھى بالدۇرراق ئويغانغان ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلارنىڭ يۈرىكى ئەلەم زەرداپلىرى بىلەن ئۆرتەندى. ئۇلار ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان، مەنىۋى ئىللەتلەر تورىغا بەنت بولۇپ ئېڭراۋاتقان، جان تالىشىپ تىپىرلاۋاتقان روھنى كېسەلدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئاتاشتى. شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئاقارتىش ھەرىكىتى باشلاندى. خەلققە ھەق − ناھەقنى تونۇتۇش، ۋۇجۇدىدىكى يامان، مەرەز كېسەلنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىشتى. بىز بۇ خۇسۇستا پەقەت ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ 20 − ئەسىرنىڭ 21 − يىللىرى يازغان «ئۇيغۇرۇم» دېگەن دىئاگنوز خاراكتېرلىك شېئىرىدىن ئازغىنە مىسال ئېلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىمىز:4 |+ W" p& h) h4 ]+ F( K! `. F
9 s" j3 b& N, r w+ N+ u( hجاھالەت سەمەرىسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ خاتا باردۇر،' v$ [( J$ N: I) H4 K
ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرسىدە ساپا باردۇر؟, o p0 |! ^9 d- m
$ \/ x0 l& S: ?& U/ K; a! |7 K3 {9 ^...................
+ _* B7 n9 X# ^2 F- h& W6 J- ~5 A' p" L
خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بولۇپ قالسا،
' ]. S) r4 M: O Z# C Cيوشۇرماي بىرگە ئونىنى قوشۇپ چاققانىمىز باردۇر.
9 y# Y, m4 m- W7 z" N- {
! Z* ? m! i1 bخۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم كامدۇر،
, v( J5 F4 M3 w3 ~( Q2 eقوۋلۇق − شۇملۇق بىلەن رەڭمۇرەڭ يالغانىمىز باردۇر., Y. a0 K% K" u. o- k
; D" R0 S1 F5 } ?ئىلىم − پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا،
. K0 D% n. n% I( a$ R# Vمىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.+ d, j; P3 \1 T+ M3 g6 `
2 S1 }8 Q( k; ~
بوۋىلار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،8 E+ z5 U2 p, [1 D$ d
قېلىپ غەپلەت − جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز، پو ئاتقانىمىز باردۇر.! ?6 ]" i3 Y9 h6 K C
' d& c* M1 s% \5 x; h5 C1 }* Gھۈنەر بىلەن سانائەتتە يېتىشتۇق، بولدى ئىش پۈتتى،
3 H, `) `, j* V6 L$ x0 a: Yئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا ھېجىر قۇيغانىمىز باردۇر.' g9 W7 T0 ^" d! P, B
8 B+ d4 \) P- I
...................- R. H7 x4 t3 J5 o3 g$ s, C' I
( J6 r/ {9 H( B8 ]/ kقىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋەيا ئۆزى قىلالماسلىق،. u' ~) V/ k k( r& D9 Q; W$ ~
قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.( `. D- R# ]0 k) b d$ F
: }& b. Y; W2 ?# ?6 \3 f/ c
ئەل يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچە دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،7 o/ V3 t. V1 x* y4 y5 ]
كېلۇر بىر كۈن، ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشايمانىمىز باردۇر. S# j9 {4 s6 y ~% Q. o
( Q% S$ E. S$ I5 B# L
$ L4 p$ Y" g: eئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى، ئۆز پاجىئەسىگە سايە بولۇۋاتقان ئىللەتلەر بۇنىڭدىنمۇ ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلمەس. بۇ تىرىشچانلىقلار يوقۇلۇشقا يۈز تۇتقان مىللىي خاسلىقنى ئويغىتىش، ئۆزلىرىنى قايتا تونۇتۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇنۇشلارنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى.
2 ^7 f3 e' g2 g; o& \" j5 p
" _& r% l. p0 H8 w- G* }1 w3 L1 E8 t , ?; L2 [/ g0 g5 t, L/ l) [
' _' y h# l5 A/ K& c) v h) _3 ?* v
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان - ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار
ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى - تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|